查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ئىدىيوملار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ئىدىيوملار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

akbarjan1986 2013-09-16 18:10

ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ئىدىيوملار


1. ئاتالمىغان ئۇقىدىن كۈرەر :-سۇبېكتىپ تىرىشچانلىقنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگەقارىماي ،ئاقىۋەتنىڭ يامان بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئوبىكىتقا ئارتىپ قويماق .
2. ئارا تۇرماق :-بىرونىڭ تەرىپىنى ئالماق ،ھىمايىسى ئاستىغا ئالماق .
3. ئارقىسىغا سىيىۋەتمەك:-سۈزىدىن ھەم ئىرادىسىدىن يېنىۋالماق .
4. ئارىسى بۇزۇلماق :-ئۆز –ئارا مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ياكىيامانلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
5. ئارىسى ئۇچۇق :-ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ئالدى –بەرگى مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنىبىلدۈرىدۇ .
6. ئارىغا چۈشمەك :-كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى بەزىبىر مەسىلىلەرگە ئارىلىشىپ ھەلقىلماق .
7. ئارىغا شامال كىرمەسلىك(ئارىغا قىل سىغماسلىق ) :-ئۆز –ئارا مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنھەم قۇيۇقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ .
8. ئاسمانغا پىچاق ئاتماق :-ھەددىدىن ئاشقان ،كەپسىز ،ئالىجوقىلىقنى بىلدۈرىدۇ .
9. ئاسمانغا كۈتۈرمەك :-ھەددىدىن زىيادە ماختىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
10. ئاسمانغا مۇش ئاتماق :-1)قىلالمايدىغان ئىشنى قىلىمەن دەپ ئۆز كۈچىنىمۆلچەرلىمىگەنلىكنى ،2)ئۈزىدىن كۈچلۈك بولغان ئىككىنچى تەرەپ بىلەن ئېلىشىپ مەغلۇپبۇلۇش ئاقىۋىتىگە قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
11. ئاش بولماق:- ئەسقاتماق ،كارغا كەلمەك .
12. ئاشقا توپا سالماق(ئېشىغا تۇپا چاچماق ) :- بۇ ،باشقىلارنىڭ ئىشىغا پۇتلىكاشاڭبولماق ،زىيانكەشلىك قىلماق .
13. ئاشقا چىۋىن چۈشمەك:-بىرەر ئىشنىڭ ھەل بۇلۇشىغا ئاز قالغاندا ،ئۇئىشقا بىرەرپۇتلىكاشاڭ بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
14. ئاغزى چىڭ :-كىشىلەرگە سىر بەرمەيدىغانلىقىنى ،سىر ساقلىيالايدىغانلىقىنىبىلدۈرىدۇ .
15. ئاغزى بوش :-سىر ساقلىيالمايدىغان كىشىلەرنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قوللىنلىدۇ.
16. ئاغزى بۇرنى قان بولماق :-ئەجەللىك زەربە بىلەن ئەدىۋىنى يىگەنلىكىنىكۆرسىتىدۇ.
17. ئاغزى بۇرنىغا تىقىپ قويماق:-بىرونى سۆزبىلەن تويغۇزۇپ قويماق ،گەپ بىلەندەككىسىنى بەرمەك.
18. ئاغزى بۇزۇق :-ھايا –ئىزانى بىلمەيدىغان ئەدەپسىز كىشىلەرنى سۈپەتلەش ئۈچۈنقوللىنىلىدۇ.
19. ئاغزى پالۋان(ئاغزىدا شەھەر ئالماق ) :-ئاغىزىدىلا بار ،ئەمەليەتتە قولىدىنئىش كەلمەيدىغان كىشىلەرنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
20. ئاغزىدىن ئوت يانماق :-ئەيمەنمەستىن ،تەپ تارتماستىن سۆزلىمەك.
21. ئاغزى قۇلقىغا يەتمەك :-ھەددىدىن ئارتۇق خوشال بولماق ھاياجانلانماق .
22. ئاغزى قىچىشماق :-ئىچىدە گەپ ياتماسلىقنى ،ئاڭلىغان بىلگىنىنى باشقىلارغادىگۈسى كىلىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
23. ئاغزىغا تاش :-بۇ ،شۇملۇق ،بەخىتسىزلىك تىلىگۈچىلەرگە قارىتا سۆزلىنىدىغانلەنەت سۆزى
24. ئاغزىنى ئۈشۈتمەك :-بۇ ،شۇملۇق ،بالايى –ئاپەت تىلىمەك.
25. ئاغزىنى ياغلىماق :-ھارام نىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماددى نەرسىلەر بىلەنباشقىلارنى چىرىتمەك .
26. ئاغزى ئىتتىك :-ئويلانماستىن سۆزلەپ قويماق ھېچ ئويلانماستىن سۆزلەپ قۇيۇپ،ئاخىرى پۇشايمان قىلىدىغان ئادەملەرنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ .
27. ئاق تاغلىق ،قارا تاغلىق بۇلۇپ كەتمەك :-ئىككى ئادەم ياكى گۇروھ ئوتتۇرسىدىكىئىتتىپاقلىقنىڭ كىلىشتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتمەك .
28. ئاق ساقاللىق قىلماق :-باشقىلارنى ئىشىغا ئارلىشىۋالماق باشقىلارنىڭ ئىشىغائارلىشىۋېلىشنى ياخشى كۈرىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ .
29. ئالدام خالتىغا چۈشمەك :-بىرونىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەك .
30. ئالدىدىن توغرا ئۆتمەك "-ھۆرمەتكە لايىق ئادەملەرگە نىسپەتەنھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
31. ئالقاندا كۈتۈرمەك (باشتا كۈتەرمەك ):-يۈكسەك دەرىجىدە ئىززەت –ھىۆرمىتىنىقىلماق .
32. ئامۇت ئالغان خۇرجۇندەك :-بىرەر ئىسقا پۇزۇتسىيە بىلدۈرمەي جىم تۇرىۋالماق
33. ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىگەن :-تەلەيسىزلىك ،ئىشى ئوڭغا تارتمىغانلىق،شور پىشانە قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ
34. ئانىسىنى كۆزىگە كۆرسەتمەك :-كىلىشتۈرۈپ ئەدىۋىنى بىرىپ ،توۋىسىنى چىقارماق.
35. ئايىغى ئۈزۈلمەسلىك :-كىلىم –كېتىم ئىشلىرى داۋاملىق بۇلۇپ تۇرماق.
36. ئايىقى ياراشماق :-بارغانلا يىرىگە ياخشىلىق ئاتا قىلماق. .
37. ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا :-يىراق كەلگۈسىدىكى مەنپەئەتتىن ھازىرقىكۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .(تەمسىل)
38. بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقماق :-بىر ئىشنى قىلىپ ئىككى خىل نەتىيجىگەئىرىشمەك
39. ئەرۋايى ئۇچماق :-قورقۇش ،غەزەپ،ھودۇقۇش قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدۇ .
40. بىر ياقىدىن باش چىقىرىش (بىر يەڭدىن قول چىقىرىش ):-ئىتتىپاقلىشىش ،بىرلىشىش.
41. بارمىقىنى چىشلىمەك :-بۇ ھەسرەت –نادامەت ،پۇشايماندا قالماق.
42. بازار تاپماق :-جامائەت پىكرىگە ئىگە بولماق ،قوللاپ –قۇۋەتلەشكە ئىگەبولماق(سەلبى ئادەملەر ئۈچۈن ).
43. بازارغا سالماق :-:–باشقىلار ئالدىدا كۆز قىلماق.
44. بازىرى كاسات:-بۇ قوللاش –قۇۋۋەتلەشكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
45. باش ئاغرىتماق :-ئاۋارە قىلغانلىقنى ،كۆڭۈلگە ئارام بەرمىگەنلىكنى بىلدۈرۈشئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
46. باش ئاغرىقى تېپىۋالماق :-ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالماق.
47. باش ئەگمەك :-بويسۇنماق ،ئىتائەت قىلماق.
48. باش بېقىشماق :-بىر نەچچە ئادەمنىڭ غەيۋەت –شىكايەتكە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
49. باش تارتماق :-رەت قىلغانلىقنى ،ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكنى ،مەسئۇليەتتىن ئۆزىنىقاچۇرغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.رەت قىلماق ،مەسئۇليەتتىن قاچماق
50. باشتىن ئىسسىق –سوغۇق ئۆتمەك :-تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل ئاچچىق –چۈچۈكىنى تېتىپ كۆپتەجرىبىگە ئىگە بۇلۇپ كەتمەك ،نۇرغۇن سەرگۈزەشتىلەرگە ئىگە بولماق.
51. باش چۈكۈرمەك :-بىر ئىشنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئىزدەنگەنلىكىنى ،بىر ئىشبىڭ تىگى–تەكتىگە يىتىش ئۈچۈن چوڭقۇرلاپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
52. باش ساقايماق :-ئاۋارچىلىق ،تاپا-تەنە ۋە غەم ئەندىشىدىن خالاس بولماق.
53. باشقا پىت سېلىۋالماق :-ئۈزىگە ئۇرۇنسىز ئاۋارىچىلىق تېپىۋالماق. .
54. سۇغۇق سۇ سەپمەك :-بىرونىڭ ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقىغا زەربە بەرمەك.
55. باشقا كۈن چۈشمەك :- قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ قالماق.
56. باشقا كىيمەك :-كۈكەمىلىك قىلماق ،غەلۋىسى جاھاننى بىر ئالماق.
57. باش قاتماق :-ئۇزاق ئويلاپ ئىنىق بىر پىكىرگە كىلەلمەسلىك ،گاڭگىراپ قالماق.
58. باش كۆتىرەلمەسلىك :-بەزىبىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقى تۈپەيلى باشقىلارئالدىدا خىجالەتتە قالماق.
59. باشنىڭ ئىچىمۇ قاتماق ،تېشىمۇ قاتماق :-بىرەر ئىش ياكى مەسىلىنى بىر ياقلىققىلىشتا قانداق قىلارىنى بىلمەي قىينالماق.
60. باشنى ئۇچاق ئېتىۋەتمەك:-قاتتىق تاپا –تەنىگە ،ئەيىپلەشكە قالماق.
61. باشنى ساقايتىپ قويماق :-بىرونىڭ مۈشكىلاتىنى ھەل قىلىپ قويماق .
62. باشنى ئىچىگە تىقىۋالماق :-بىرەر ئىشقا نىسپەتەن پوزۇتسىيە بىلدۈرمەي يۈرمەك،يەنى ئۇ ئىشتىن ھېچ خەۋىرى يوقتەك، ئۇ ئىشنىڭ ئۈزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەكيۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
63. باش ياستۇققا يەتكەندە :-بىرەر كىسەلگە دۇچار بۇلۇپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالماق.
64. بوينى قاتتىق :-ئاداۋىتى قاتىقلىقىنى ،گەدەنكەشلىكنى بىلدۈرىدۇ.
65. بوينى قىسلىپ قالماق :-غېرىپسىنىپ قالماق.
66. بوينى قىلدا باغلاقلىق :-مەسىلە ئايدىڭلاشقان تەقدىردە ھەر قانداقجاۋاپكارلىققا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
67. بۇرنىدىن يىتىلىمەك:-بىرونى ئۆز ئىلكىگە ئېلۋالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
68. بۇرنىغا سۇ كىرمەك( بۇرنىغا يىمەك ) :- ئاچچىق ساۋاققا ئىگە بولماق .
69. بۇرنىغا يىپ(چۈلۈك) ئۆتكۈزمەك :-باشقىلارنىڭ ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكىنىبىلدۈرىدۇ .
70. :-بۇرنىنىڭ ئۇچچىنى كۆرمەك:-يىراق كەلگۈسىنى ئويلىماي ،ھازىرنىلا ئويلاش.
71. دوپپىسىغا جىگدە سالماق :- باشقىلارنى ئالدىماق .
72. بېشىدا ئوت كۆيمەك:-بىرەر نەرسىنىڭ ناھايتى ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ،يەنى ئۇنەرسىنى باشقا بىر يەرگە ئىشلىتىش ياكى باشقا بىرىگە بىرىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنىبىلدۈرىدۇ.
73. بېشىنى يىمەك:-ئۆزى قىلغان يامانلىقنىڭ جازاسىنى كۆرمەك. .
74. بېلى سۇنماق :-ھەيۋىسىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
75. بېلىگە تەپمەك:-بىرونىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىغا زەربە بەرمەك.
76. بۇرتىغا چالما تىزماق :-ئەخمەق قىلماق ،ئالدىماق
77. بىر تاياقتا ھەيدىمەك :-پەرىقلىق مۇئامىلە قىلماي ،قارا –قۇيۇق مۇئامىلەقىلماق.
78. پاختا ئاتماق :-ئىشنى كۆپتۈرگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ.
79. پوقىنى ئېرىغدىماق :-ئۈزىنىڭ خاتالىق ۋە گۇناھلىرىدىن خالاس بۇلۇپ ئادەمبۇلۇشقا باشلىماق.
80. پوق يىمەك :-بىلىپ بىلمەي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويماق.
81. پۇت تىرەپ تۇرماق :-ئاخىرغا قەدەر بەرداشلىق بەرمەك.
82. پۇتقا پۇت ،قولغا قول بولماق :-بىروۋنىڭ ناھايتى ياخشى ياردەمچىلىك رولئوينىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
83. پۇتقا (ھۆل)خىش قويماق :-بىرونى ئۇرۇنسىز ماختاپ ئۈزىنىڭ ھارام نىيىتى ئۈچۈنۋاستە قىلماقچى بولغانلىقىنى ،شۇنداقلا بىرونى ئۇرۇنسىز ماختاپ يامان يولغاسۆرىمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
84. پۇت –قۇلىنى چۈشەپ قويماق :-بىر ئىشتا چەكلىمىگە ئۇچراپ قالماق .
85. پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك(بۇلۇپ كەتمەك) :-نىمە قىلىشنى بىلمەي ھۇدۇقۇپ كەتمەك.
86. پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق :-قېرىپ ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
87. پىشىنى تۇتماق :-بىرونىڭ ئىزىدىن ماڭغانلىقىنى ،باشپاناغا ئىگە بولغانلىقىنىبىلدۈرىدۇ.
88. پېشىنى قاقماق :-قېيدىغانلىقنى ،رەت قىلغانلىقنى ،قول ئۈزگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ.
89. پىتنىڭ ئۈچىىيىگە ھېسىپ قۇيۇپ يەيدىغان :-ناھايتى پىخسىق ئادەملەرنى تەسۋىرلەشئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
90. تاپىنى تۈشۈك :-بارمايدىغان يىرى ،كىرمەيدىغان ئۆيى يوق كىسىلەرنى سۈپەتلەشئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
91. تاپىنىنى يالىماق :-ياخشىچاق بۇلۇش، خۇشامەت قىلماق.
92. تاشتىن ياغ چىقىرىدىغان :-ئۈتۈپ كەتكەن بېخىل ئادەملەرنى سۈپەتلەش ئۈچۈنقوللىنىلىدۇ.
93. تاشنى تاياققا تاڭماق :-كۆڭۈل مايىللىقى ،ئىختىيارلىقى بولمىغان نەرسىنىباشقىلارغا زورلاپ تاڭماق.
94. تاش يەپ ،قۇم چىچىدىغان :-ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
95. تاش يۈرەك :-ناھايتى رەھىمسىز.
96. تاغنى تالقان قىلماق :-ھەرقانداق زور ۋە ئېغىر ئىشنى بىجىرىش قولدىن كەلمەك
97. تاغنى ئۆرۈپ بەرگەندەك :-قىلغان ئازراق ئىشىنى مىننەت قىلغانلىقنى ،قىلىنغانبۇ ئىشنىڭ چاغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
98. تاۋۇزى قولتىقىدىن چۈشۈپ كەتمەك(تەخسىسى چېقىلىپ كەتمەك ) :-ھارام نىيەتبوشقا(بىكارغا ) كەتمەك .
99. تەخسە كۈتۈرمەك:-ياخشىچاق بۇلۇش ئۈچۈن قىلىنغان خۇشامەتنى بىلدۈرىدۇ.
100. تەرىتى بوش :-ئىرادە ،ئىشەنچىسى ئاجىز ياكى ئىرادە ،ئىشەنچىسى يوق .
101. توپىلاڭدا توقاچ ئوغىرلىماق :-مەلۇم بىر پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ياكى پۇرسەتنىسۈيئىستىمال قىلىپ بىرەر نەرسىگە ئىگە بۇلىۋالماق.
102. تۇخۇ يۈرەك :-ئۈتۈپ كەتكەن قورقۇنچاق ئادەملەرنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قوللىنىىلىدۇ.
103. توزاققا چۈشمەك :-بىرونىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ كەتمەك .
104. توزاق قۇرماق :-باشقىلار ئۈچۈن سۈيقەستلىك پىلان ئىشلەتمەك.
105. تۇمۇرىنى تۇتماق :-بىرونىڭ پۇزۇتسىيىسى ،پىكرنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماق.
106. تويدىن كىيىن ناغرا چالماق :-بىر ئىش ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭداغدۇغىسىنى قىلماق.
107. تۇخۇمدىن تۈك ئۈندىرىدىغان (ئۈندۈرۈش):-بىرودىن قەستەن كەمچىلىكئىزدەش.قەستەن چاتاق تېپىش
108. تۇزىنى يەپ تۇزلىقىغا چىچماق :-ياخشىلىقنى كۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا يامانلىققىلماق ،ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
109. تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق:-بىرەر ئىشنىڭ سەرت –شارائىتى پىشقان ،ۋاقتى –سائىتىكەلگەن ئىكەن پۇرسەتنى كىچىكتۈرمەي شۇئان قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.
110. تېرە تاراقشىتماق :-ھەيۋە ،پوپوزا بىلەن كىشىنى قورقۇتماق..
111. تېرىسىگە پاتماي كەتمەك :-1)تولىمۇ سەمرىپ كەتمەك 2)ھەدىدىن ئارتۇق خۇشالبولماق.3)تەكەببۇرلۇق قىلماق.
112. تېشى پال-پال ،ئىچى غال-غال:-كۈرنىشى بىلەن ئەمەليىتى بىردەك ئەمەسلىكنىبىلدۈرىدۇ.
113. تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەك :-يامان نىيەت بىكەن باشقىلاردىن ئەيىپ تېپىشقاھەركەت قىلىش .
114. تىرنىغىنى تاتىلاپ تۇرماق :-ئۆتكۈزۈپ قويغان كەمچىلىكى ئۈچۈن خىجالەت بولماق.
115. تىل تەككۈزمەك :-بىروغا ھاقارەت كەلتۈرمەك.
116. تىلى تۇتۇق :-داۋلىسى يوقلىقىنى ،ئەيىپلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
117. تىلى كۆيمەك :-سۆزلەشكە پېتىنالمايدىغانلىقىنى ،دىيىشكە ھېچ ھەققى يوقلىقىنىبىلدۈرىدۇ.
118. تىلىڭغا تاش :-شۇملۇق تىلىگۈچىلەرگە نارازى بۇلۇپ سۆزلىنىدىغان سۆز
119. تىلىنى چاينىماق :-دىيىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق .
120. جىگدە پۇراپ قالماق :-بالىلار بالاغەتكە يىتىپ مۇھەببەت ھىسى ئويغانغانلىقنىبىلدۈرىدۇ
121. جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا :-ئاساسى مەقسەتنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
122. چاپان كۆتەرمەك :-ياخشىچاق بۇلۇش ئۈچۈن خۇشامەت قىلماق.
123. چاشقانغا كىپەك ئالدۇرمايدىغان :-ئۈتۈپ كەتكەن پىخسىق ئادەملەرنى سۈپەتلەشئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
124. چاۋىسىنى چىتقا يايماق :-خەلقى ئالەم ئالدىدا پاش قىلۋەتمەك ئاشكارە قىلىپرەسۋاسىنى چىقارغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
125. چۈجىنى كۈزدە سانىماق :-بىرەر ئىشنىڭ نەتىيجىسىگە ھازىرقىغا قارپلا باھابەرمەي ئاخىرغا قاراش .
126. چېچەك چىقىپ قالماق :-بىر ئىش ھەل بۇلۇشقا يۈزلەنگەندە بۇنىڭغا بىرپۇتلىكاشاڭ (مەسىلە)پەيدا بولماق.
127. خالتا كوچىغا كىرىپ قالماق :-تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقنى ،قۇتۇلغىلىبولمايدىغان قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
128. خەقنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماق :- باشقىلارنىڭ قۇترىتىشى بويىچە ئىش كۆرمەك.
129. داپ تارڭلىغان ،ئىشەك ھاڭرىغان يەردە يۈرمەك :-بۇ بەڭۋاش ،ھەر يەرنى كىزىپيۈرىيدىغان ئادەملەرنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ .
130. دوزاققا شۇتا بۇلىدىغان :-بۇ ھىساپسىز ئېگىز ئادەملەرنى سۈرەتلەش ئۈچۈنقوللىنىلىدۇ.
131. دۇمباق يارماق :-بۇ باشقىلارغا دىيىش ھاجەتسىز بىر ئىشنى ئاشكارە قىلىپسۆزلىگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ ئىشنى .
132. دۇمبىقى يېرىلىپ كەتمەك :-سۈيقەستلىك پىلانى بىتچىت بولماق.
133. دىلى چىگىلمەك :-كۆڭلى ئاغرىپ قالماق
134. دىلى سۇنۇق :-مەيۈسلۈكنى ،كۆڭلى يېرىملىقنى بىلدۈرىدۇ .
135. دىلى يۇمشاق :-رەھىمدىللىكنى بىلدۈرىدۇ.
136. زاكىسىدا قېرىپ قالغان :-ئۆزى كىچىك بولسىمۇ ئەقلى –ھۇشى جايىدا ،ھۇشيار،زىرەك بالىلارنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
137. زەردىسى قاينىماق :قاتتىق ئاچچىقى كەلمەك .
138. زۇۋلىسىنى چوڭ ئۈزگەن :-ئەزەلدىن ئامەتلىك ،بەخىتلىك
139. سامان ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتمەك :-يۇشۇرۇن ھالدا سۈيقەستلىك ھەركەتتە بولماق.
140. سامانلىقنىڭ ئاچقۇچى تىگىپ قالماق :-ئۈزى مەسئۇل بۇلىدىغان كىچىككىنە بىرخىزمەتكە ئىگە بولغاندىن كىيىن چوڭچىلىق قىلماقنى بىلدۈرىدۇ.
141. سانىماي سەككىز دىمە :-تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ،بىر نەرسىگە باھا بىرىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
142. ساۋاپنىڭ كۆتى تۈشۈك :-بىروغا ياخشىلىق قىلىپ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن يامانلىقكۆرگەنلىكنى ياكى بىرەر تاپا-تەنىگە قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
143. سۇغۇقسۇ سەپمەك :-بىرونىڭ ئاكتىپلىقىغا ،قىزغىنلىقىغا زەربە بەرمەك
144. سۇغۇق قول تەگمەك :-بىر نەرسىنى ئوغرى ئالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
145. سۇنى لېيىتىپ بىلىق تۇتماق :-ئۆز مۇددىئاسىغا يىتىش ئۈچۈن بىرەر ۋەزىيەتيارىتىپ ،ئۇنىڭدىن نەپ ئالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ .
146. سۆز يورغىلاتماق :-ئۆز گىپىنى راست دەپ تۇرىۋالماق .
147. قاپىغىدىن مۇز ياغماق :-تەلەتى سۈرۈن ،كىشىلەرگە ئىللىق چىراي ئاچمايدىغان
148. قارا باسماق :-بىرەر كىلىشمەسلىككە دۇچ كەلمەك.
149. قاغا پوق يىمەستە :-ۋاقىتنىڭ بەك ئەتتىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
150. قالغان ئىشقا قار ياغار :-ھەر قانداق ئىشنى ۋاقتىدا قىلىپ تۈگىتىشلازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.
151. قانات قۇيرۇقى يىتىلىپ قالماق :-پىشىپ يىتىلمەك .
152. قەدەمنى ساناپ باسماق :ناھايتى ئىھتىياتچان بولماق .
153. قولتىقىغا كىرىۋالماق :-باشقىلارغا يۈلىنىۋالماق .
154. قولنىڭ ئۇچچىدا قىلماق :-بىرەر ئىشنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىمەسلىك .
155. قولى ئەگرى :-كىشىلەرنىڭ ئۇششاق –چۈششەڭ نەرسىللىرىنى ئېلۋالىدىغان(ئوغرىىلىق قىلىدىغان )ئادەملەرنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
156. قولى تاتلىق :-تاماقنى مەزلىك ئىتىدىغان ئادەملەرنى سۈپەتلەش ئۈچۈنقوللىنىلىدۇ.
157. قولى قىسقا :-پۇلى كەم بۇلۇپ قالماق ،نامرات بۇلۇپ قالماق .
158. قولى گۈل :-قولىدىن ئىش كىلىدىغان ،ئەتراپلىق ماھارەتكە ئىگە .
159. قولى ئۇچۇق : -مەرت،سېخى .
160. قولى ئۇزۇن :-كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا قۇربى يىتىدىغان .
161. قارمىقىغا ئىلىۋالماق :-ئۈزىگە قارىتىۋالماق ،ئۆزىگە بېقىندۇرۋالماق .
162. قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولماق :-ئەمەلىي ھۇقۇقى بولمىغان بىرەر ئىشقاباشلامچىلىق قىلماق .
163. قولىقى ئۇزۇن(قۇلىقى تۈشۈك ) :-ھەممىدىن خەۋەردار ،ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرىدىغان.
164. قۇلىقى يۇمشاق :-گەپ ئاڭلايدىغان .
165. قۇلۇقىنى يۇپۇرۇپ يۈرمەك :-بىر ئىشتىن ھېچ خەۋىرى يوقتەك يۈرۈش .
166. قۇيرۇقىنى قۇم باسماق :-بىر ئادەمنىڭ دۇنيادا نام-نىشانى قالماسلىق .
167. قۇيرۇقىنى تۇتقۇزماسلىق :-باشقىلارغا خاتالىقىنى بىلدۈرمەسلىك .
168. قۇيرۇقىنى خادا قىلماق :-قېچىپ كەتمەك.
169. قىردىن ئاشالماسلىق :-تۇرمۇشتا ،ئوقەتتە روناق تاپمىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
170. قىلنى قىرىققا يارماق :-بىر ئىشنى ناھايتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەش .
171. قۇلىقى پىشماق :-ئادەتلىنىپ قالماق ،كۈنۈپ كەتمەك .
172. كونا خاماننى سورىماق :-ئۈتۈپ كەتكە ئىشنى تەگەپ ،يىڭىدىن ئىش پەيدا قىلماق .
173. كۆز باغلىماق :-ھىلە ئىشلەتمەك كۆز باغلىنىش :-ئالدىنىش
174. كۆز باغلىنىپتۇ :- گۇگۇم ،نەرسىلەرنى ئىنىق كۆرگىلى بولمايدىغان ۋاقىت
173كۆز بۇيىماق :-بىر ئىشنى ئەپلەپ –سەپلەپ ئۆتكۈزۋەتمەك
174.كۆز قارنى توق :- مال-دۇنيا ۋە باشقا نەرسىلەرگە ھېرىس ئەمەس .
175.كۆز قۇلاق بولماق :-ھالىدىن خەۋەر ئالماق ،نازارەت قىلىپ تۇرماق .
176.كۆزى ئاچ :-نەپسى يامان ،تاماخور
177.كۆزى كىچىك :-بېخىل ،پىخسىق
178.كۆزىنى ئېچىپ قويماق :-يىڭىلىقلارنى كۆرسىتىپ قويماق ،سەگەكلەشتۈرۈپ قويماق .
179كۆككە سورىۋەتمەك :-بىر نەرسىنى ئۇرۇنسىز سەرىپ قىلماق .
180.كۆڭۈلچەكنى كۆتى ئۇچۇق :-باشقىلارنىڭ رايىنى دەپ ئۈزى زىيان تارتماق
181.كۆڭلى پۈتۈن :-غەم ،ئەندىشىسىز
182.كۆڭلى تۈز :-ئاقكۆڭۈل، سەمىيمى
183.كۆۋرۈكتىن ئۈتىۋالغۇچە :-بىرەر ئۆتكەلدىن ئۈتىۋېلىپلا ئۆز بىلگىنىنى قىلىش .
185.:-كۈلىنى كۆككە سورىماق :-پۈتۈنلەي يوق قىلماق ،يىمىرىپ تاشلىماق .
186:-كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرمەك :-1)ھايات قالماق ،داۋاملىق ياشىماق 2)تۇرمۇشىياخشىلانماق .
187:-كۈننى ئىتەك بىلەن توسقىلى بولماس :-ھەر قانداق يول بىلەن ھەقىقەتنى يۇشۇرۇپقالغىلى بولمايدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
188.گەپ تەشمەك :-مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويماق .
189.گەپنىڭ بىلىگە تەپمەك :-داۋام قىلىۋاتقان سۆزگە لوقما سېلىپ توختىتىپ قويماق .
190.گەپنى بىر قىلۋالماق :-ئۆز –ئارا تىل بىرىكتۈرۋالماق .
191.گەپنى ئېلىپ قاچماق :-تىمىدىن يىراقلىشىپ كەتمەك ،مەسئۇليەتتىن قاچماق .
192.گەدەنگە ئالماق :-قىلمىش –ئەتمىشىگە ئىقرار بولماق .
193.لېۋىنى چىشلىمەك :-بەرداشلىق بەرمەك .
194:-مازارغا چالما ئاتماق :-ئۇلۇغ كىشىلەرگە بىھۆرمەتلىك قىلماق .
195.مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرمەك :-شەيئىلەرنىڭ ئوبېكتىپ قانۇنيىتىگە خىلاپلىق قىلىش.
196.مۈڭگۈز چىقارماق :-يىڭى قىلىق (ناچار قىلىق ) چىقارماق .
197.مېغىزىنى چاقماق :-ھۇزۇر –ھالاۋىتىنى سۈرمەك .
198.ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماق :-قۇتراتقۇلۇق قىلماق ،ۋەسۋەسىگە سالماق.
199.ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماق :-زىدىيەتنىڭ چوڭىيىشى ئۈچۈن قۇتراتقۇلۇق قىلماق .
200.ئورنى ئىسسىماسلىق :-خىزمەت ئورنى ياكى تۇرالغۇ ئورنىنىڭ تۇلا ئۆزگىرىپتۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
201.ئوغىسى قاينىماق :-قاتتىق ئاچچىقى كەلمەك .
202ئۇقۇرى ئېگىز :-نەزىرى ئۈستۈن ،ھالى چوڭ
203.ئۇدۇنيالىق ،بۇ دۇنيالىق بۇلۇشۇپ كەتمەك:-ئىككى شەخىس ئوتتۇرسىدىكىئىتتىپاقسىزلىقنىڭ كىلىشتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
204.ئۇمۇچى قايناپ تۇرماق :-تۇرمۇشنىڭ قەدىر –ئەھۋال ئۈتىۋاتقانلىقىنى ،كىشىگەموھتاج
ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
205.ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ:-بىرونىڭ قىلغىنى بىلەن ئۈزىنى باپلاش .(تەمسىل)
206.ئۇيقۇسىنى ئېچىپ قويماق :-بىروغا تەنقىد ياكى تەنبىھ بىرىپ مىڭىسىنىسەگەكلەشتۈرۈپ قويماق .
207.چاپىقىنى ئالىمەن دەپ ،قارىغۇ قىلىپ قويماق :-بىر ئىشنى تۈزىتىمەن دەپ بۇزۇپقويماق .
208.ئۆپكىسىنى بېسىۋالماق :-ھاياجانغا بىرىلمەي ،ئۈزىنى تۇتۇۋالماق .
209.ئۆپكىسى ئۆرۈلمەك:-كۆڭۈل يېرىملىقى تۈپەيلىدىن يىغلىغۇسى كەلمەك .
210.ئۆپكىسى يوق(ئۆپكىسى دۈمبىسىدە ) :-ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان ،ئاسانلاھاياجانلىنىدىغان .
211.ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپماق :-ئۆز –ئۈزىگە زەررە يەتكۈزمەك ،ئۆزىنى –ئۈزىھالاكەتكە تۇتۇپ بەرمەك .
212.ئۆز سايىسىدىن ئۈركۈمەك :-ئۆز- ئۆز ىدىن خۇدۈكسىنىپ يۈرمەك .
213.ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورىماق :-ئۆز قەۋمى ياكى ئۇرۇغ-تۇغقان ،يېقىنلىرىئارقىلىق ئۆزىنى ئەدەپلىمەك.
214.ئۆزىنى سورىماق :-ئۆزىنى بىلمەك ،ئاڭلىق بولماق .
215.ئۆلگەندىن كىيىن ياسىن ئۇقۇماق :-ئىشتىن بۇرۇن چارە -ئامال قىلماي ،ئىش ئۈتۈپكەتكەندىن كىيىن چارە -ئامال ئىزدەش .
216.ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك :-بىر كىلىشمەسلىك ،كۆڭۈلسىزلىك ئۈستىگە باشقا بىركىلىشمەسلىك كەلمەك .
217.ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرماق :-ئۈستۈنلىك تالاشماق .
218.ئۈزەڭگىدىن چۈشمەسلىك :-بۇرۇنقى ئۇرۇن –مەتىۋىسىدىن ئايرىلغانبولسىمۇ،مەنمەنلىكىنى(ھالى چوڭلۇقنى ) تاشلىماشلىق .
219.ۋېنتىسى كەم :-بىرونىڭ ئەقىل –پاراسىتىنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ.
220.ئېتى ئۇلۇغ ،سۇپرىسى قۇرۇق :-قۇرۇق نامىلا بار ،ئەمەليەتتە ھېچنەرسىسى يوق .
.221ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپمەك :-قۇتراتقۇلۇق قىلىپ كۆڭلىنى تېخىمۇ بىئارام قىلماق.
222.ئىچقىيۇن –تاشقىيۇن بۇلۇپ كەتمەك :-ئاپاق –چاپاق بۇلۇپ كەتمەك
223.ئىچى ئارداپ كەتمەك :-ئىچىگە دەرت –ئەەم تۇلۇپ كەتمەك
224.ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغا ن :-باشقىلارنى كۈرەلمەيدىغان ،ئىچى ياما ن.
225.قورسىىغا جىن كىرمەك :-باشقىچە ئويغا كەلمەك .
226.ئىشتانغا چىقىرۋەتمەك :-1)قاتتىق قۇرقماق 2) قاتىق ئاچچىقلانماق .
227.ئىكى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق :-ئۆمرىنىڭ ساناقلىق ۋاقتى قالماق
228.يارىنىڭ ئۈستىگە تۇز سەپمەك :-دەرت ئۈستىگە دەرت كەلتۈرمەك
229.ياغ چاينىماق :-تۇرمۇشى راھەتتە ئۆتمەك .
230ياقىسىنى تۇتماق :-بىر ئىشقا نىسپەتەن ھەيران قالماق .
231.يەرگە قاراتماق :-خىجىل قىلماق
232.يانتاياق بولماق :-بىروۋنىڭ ئەسكى ئىشلىرى ئۈچۈن ياردەمدە بولماق .
233.يولدىن چىقارماق :-بىروۋنى ئازدۇرماق
234.يۇمشاق قوللۇق قىلماق :-رەھىمدىللىك قىلماق
235.يۇمۇلاق تاۋۇز :-مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق ،تۇراقسىز
236.يۈرىگى پۈتۈن :-خاتىرجەم
237.يۈرىكى زىدە بولماق :-ئىچى دەرت –ئەلەمگە تولماق .
238.يۈرىگى سۇ :-ئەنسىرەش ،ئەندىشە قىلماق .
239.يۈرىكى ئورنىغا چۈشمەك :-خاتىرجەم بولماق .
240.يۈرىكى ئېچىشماق :-ئىچى ئاغرىماق
241.يۈز تاپماق :-ئابروي –ئىناۋەتكە ئىگە بولماق
242.يۈزى تۈكۈلمەك :-ئابرويى يوققا چىقماق
243.يۈزىدە تۈكى بار :-سۆز ۋە ھەركەتتە باشقىلارنىڭ يۈز –خاتىرىسىنى قىلمايدىغان .
244.يۈزى يۇرۇق :-خىجالەتتە قالىدىغان يىرى يوق
245.يېغىرىغا تەگمەك :-بىرونىڭ زىتىغا تەگمەك
246.يېغىرىنى ئېچىۋەتمەك :-بىرونىڭ ھەممە ئەسكىلىكىنى خەلق ئالەم ئالدىدا ئاشكارەقىلماق .
247يېلى چىقىپ كەتمەك :-ئىرادىسى بوشاپ كەتمەك .
248.يېنى چىڭ :-ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى
249:-يىلتىز تارتماق :-يەرلەشمەك ،ئۆزلەشمەك .
250.يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى بەرمەك :-قىلمىغان ئىشى ئۈچۈن جاۋاپكار بولماق
251.ياغاچ قولاق :-گەپ ئاڭلىمايدىغان.
252 . كۆز تەگمەك:-بىرەر پالاكەتكە يۇلۇقۇش .
253.قارمىقىغا ئىلىۋالماق :-بىرەر ئىشتا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالماق .ئۆزىگەمايىل قىلماق
254.گۈھەرنى تاشقا ئۇرماق :-قەدىرلەشكە تىگىشلىك قىممەتلىك نەرسىنى (ھاياتنى،ۋاقىتنى ،ياشلىقنى ...)قەدىرلىمەي بىخۇدلىق قىلىش .
255.ماي تارتماق :-خاپا بولماق
255.ئاتام ئېيتقان بايىقى :-يەنە دىسەم يەنە شۇ
256.قىزىل كۆز :-باشقىلارنى ئالدايدىغان ،ساختىپەز
257تۇيۇقى سىقىرماق :-ئۆز –ئۆزىدىن گۇمان قىلىپ دەككە –دۈككۈدە قالماق .
258.پېيىنى قىرىقماق :-ئەسلىگە كىلەلمەيدىغان دەرىجىدە ئەدىپىنى بەرمەك .
259.دولىسى ئاپتاپ كۆرمەك :-ياخشى كۈن كۆرمەك
260:- ئوڭ كۈزىد ەقارىماق :-ياخشى نەزەردە قارىماق ،ھالىدىن خەۋەر ئالماق .
261.ئارپىسىنى خام ئورغاندەك :-نىمە يامانلىق قىلدى ،نىمە يامانلىق قىلغاندىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
262.قاق سەنەم بولماق :-بارلىق بىساتى(پۇل-مال )دىن ئايرىلماق .
263 ئىچى كۈچلۈك :-ھەر قانداق دەرد-ئەلەم بولسا ئىچىگە يۇتۇپ ،سىرتقاچىقارمايدىغان
264.قۇشقۇنغا ئولتۇرۋالماق :-1)سۆرەلمىلىك قىلماق .2)بىر ئىشتىن يېنىۋالماق
265.قىزىل پاچاق ؛-ئاكتىپ
266.ئىشتىن چىچەك چىقىش :-ئىشتىن بىرەر چاتاق چىقىش .
267:-ساقال تارغىقى :-باشقىلارنىڭ گىپىگە ئارلىشۋېلىش
268.پىت ئۈچەي:-چىدىماس ،ھەسەتخور
269.مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرمەك :-شەيئىلەرنىڭ ئۇبىكتىپ قانۇنيىتىگە خىلاپ ئىشكۆرمەك
270.ئۆپكىسى دۈمبىسىدە :-ئاسانلا ھاياجانلىنىدىغان ،ئاسان ئاچچىقلاپ قالىدىغان
271.ئېغىز غېرىچلىماق :-بىلەرمەنلىك قىلىپ باشقىلارنىڭ گىپىگە لوقما سېلىش .
272.ئالدى پەش :-بەك ئالدىراقسان .
273.بېشىغا سۇ قۇيىۋەتمەك :-پۇل ۋە باشقا نەرسىنى ئۇرۇنسىز يەرگە ئىشلىتىپ زاياقىلماق .


ئەنۋەرچەرچەن 2013-09-16 23:18
بەكمۇ ياخشى ماتىريالدىن بىرنى يوللاپسىز،كۆپ رەخمەت.

كىچىككىنە تەكلىپ: مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز.

ئەكبەرنىياز 2013-09-22 19:49
بۇناھايىتى ئېسىل ئەمگەك بوپتۇ . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

مىېھرىما 2013-09-22 21:30
قولىڭىز دەرىت كۆرمىسۈن

mikray418 2013-09-23 20:44
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !

mikray418 2013-09-23 20:45
    

لىللا 2013-09-25 17:55
پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى ماتېرىيالكەن،ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا مۇھىملىرىنى يازغۇزۇپ قويساق بولغۇدەك.

قارلىغاچ 2013-10-22 18:09
قەدىرلىك دوسىتلار دەرىس دىتاللىرىنى قانداق كۆرىمەن

nuri 2013-10-29 23:40
چۈشۈرىۋالدىم.

ياسىنجان510 2013-10-30 14:57
ئىزدىنىشچان روھىڭىزغا باركاللا .


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ئىدىيوملار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled