ئۇيغۇر تىلىدىن كىچىك پايدىلىنىش ماتىريالى
ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار ئۇيغۇر تىلىدا جەمئىي 32 تاۋۇش، 32 ھەرپ بار، ئۇلار: ئا ئە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ ئو ئۇ ئۆ ئۈ ۋ ئې ئى ي ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق تاۋۇشلار ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراش-ئۇچرىماسلىقىغا قاراپ سوزۇق تاۋۇشلار ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا 8 سوزۇق تاۋۇش بار .ئۇلار: ئا ئە ئې ئې ئو ئۇ ئۆ ئۈ تىل ئورنى / لەۋ ھالىتى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار ئۆ ئۈ ئە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار ئو ئۇ ئا ئارا سوزۇق تاۋۇشلار ئې ئى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا جەمئي 24ئۈزۈك تاۋۇش بار.ئۇلار: ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق گ ك ڭ ل م ن ھ ۋ ي تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش – تىترىمەسلىكىگە ئاساسەن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ۋە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش 15ئۇلار:ب ، د ، گ ، ج ، ل ، م ، ن ، ڭ ، ر ، ۋ ، ز ، ژ ، ي ، غ ، ھ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش9 ئۇلار: پ ، ت ، ك ، ق ، چ ، س ، ش ، خ ، ف ئۇيغۇر تىلىدىكى تۆت تاۋۇشتىن تۇزۇلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەر ئاست، ئانت، ئەپت، ئەرز، ئەرش، ئەرك، ئەكس، ئەمر، ئەھل، ئەۋج، ئەيش، بەخت، بەخش، بەرق، بەرگ، بەست، بەند، بەھر، بۇرج، بۇرچ، پارس، پەرت، پەرز، پەرق، پەزل، پەند، پەيت، پەيز، پەيل، پوست، پۇشت، تارت، تاكت، تەپت، تەخت، تەرك، تورت،تورق، تۈرك، جەلب، جىنس،چورت،چىرس، خارت، خەلق، خەۋپ، خەير، خۇلق، داڭق، دەرد، دەرس، دەشت، دەۋر، دوست، ،راست، رەخت، رەنج، زەرب، سەۋر، سەير، سورت، شارت، شەرت، شەرق، شەرم، شەرھ، شەيخ، شپات، شتاپ، شتات، غەرب، غەرق، غۇرت، قارت، قەتل، قەھر، قەيت، قەلب،قەنت، قەرز، قەست، قوۋم،قۇرب، گۇرس، گىرب، لەۋز، مارت، مارس، مەرد، مەست، مەڭز، مەۋج، مۇشت، نەپس، نەرخ، نەزم، نەسر، نەشر، نىسپ(تۇن نىسپى)، ھايت،ھەجۋ، ھەرپ، ھۆسن، ئشق، ھېيت، ئۆرپ-ئادەت، ئۈست، ئىرق (موڭغۇل ئىرقى )، يۇرت، كەنت، كۆكس، كۇرس،كۇرت، كەين، كران،كەيپ ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش چۈشۈپ قالىدىغان سۆزلەر 1.ئەجىر(ئەجرى) 2 .ئەقىل(ئەقلى) 3.بۇرۇن (بۇرنۇڭ) 4.پەخىر(پەخرى) 5.پەسىل (پەسلى) 6.پىكىر (پىكرى) 7.جىسىم (جىسمى) 8. زېھىن (زېھنى) 9.شەكىل (شەكلى) 10.مېھىر (مېھرى) 11.مىكىر (مىكرى) 12.ئوغۇل (ئوغلى) 13.ئۆمۈر (ئۆمرى) 14.ۋاقىت (ۋاقتى) 15.ۋەسىل (ۋەسلى) 16.ئىلىم (ئىلمى) 17.ئىسىم (ئىسمى) 18.قىسىم (قىسمى) 19.قويۇن (قوينى) 20.سىڭىل (سىڭلى) 21.ھۆكۈم (ھۆكمى) 22.كۆڭۈل (كۆڭلى) 23.ئورۇن (ئورنۇم) 24.سېھىر (سېھرى) 25.چىھىر (چىھرى) 26.قەدىر (قەدرى) 27.كەسىپ (كەسپى) 28.جەبىر (جەبرى) 29.زۇلۇم (زۇلمى) 30.ھەجىم (ھەجمى) 31.بويۇن (بوينى) 32.مۈلۈك (مۈلكى) 33.رەھىم (رەھمى) 34.رىزىق (رىزقى) 35.ۋەزىن (ۋەزنى) 36.نەسىل( نەسلى) 37. ئاغىز (ئاغزى) 38. باغىر ( باغرى ) 39. ئىلىك(ئىلكى) 40. قارىن (قارنى) ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش قوشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر : باھا-باھايىم ، پەلتۇ-پەلتۇيۇم پولۇ-پولۇيۇم ، تىللا-تىللايىم ، دۇئا –دۇئايىم ، سۇ-سۈيى ، سۇلۇ –سۇلۇيۇم ، غىزا-غىزايىم ، كولباسا-كولباسايىم ، كىرا-كىرايىم ، گاڭبى-گاڭبىيىم ، ماتا-ماتايىم ، مۇميا–مۇميايىم ، مىسرا-مىسرايىڭ، ئوقيا-ئوقيايىم، ئىشتاھا –ئىشتاھايىم ئىلتىجا – ئىلتىجايىم ، ئىمزا-ئىمزايىم ، ئىملا –ئىملايىم ، ئىنشا –ئىنشايىم ئىما-ئىمايىم ، ئوقيا –ئوقيايىم ، يامبۇ –يامبۇيۇم ، توخۇ -توخۇيۇم ، ئارزۇ -ئارزۇيۇم ، جازا -جازايىم ،يەئىلدى - يېيىلدى . دەئىلىدى -دېيىلدى ، يۇئۇلدى -يۇيۇلدى ، دە-دېيىش ، يە -يېيىش ، يۇ -يۇيۇش ،
|