گۈلزىبا |
2013-09-14 20:31 |
سادىغاڭ كىتەي كەسپى مەكتەپلەر ، بىزنى قىينىماڭلارچۇ ؟
بىزنىڭ مەكتەپتە سىنىپ مۇدىرى بولۇش شەرىپىدىن بەكرەك مۈشكۈلى ئىغىر ئىش . چۈنكى باشلىقىمىز ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارنى <<سىنىپ بىرىمەن >> دەپ قورقىتىدۇ .s:3]، ئەمما زور كۆپچىلىك ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا مەسئۇلىيەتچان ، سىنىپنى ياخشى باشقۇرۇپ كىتىۋىرىدۇ ، ئەمما ئوقۇغۇچىلىرى 9-يىللىققا چىقىش بىلەنلا ئۇلارنى ئىغىر غەم باسىدۇ ، بۇنى ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا قىيالماسلىق دەپ قالماڭ . بۇ نەچچە يىلدىن بىرى ئوقۇتقۇچىلارغا ئىغىر روھى بىسىم ئەكىلىۋاتقان كەسپى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈش غىمى ! j'Fni4; مەكتىپىمىزدىن ھەر يىلى 300دىن 500گىچە ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ ، بۇلارنىڭ ناھايتى ئاز ساندىكىسىنى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتكۈزىۋاتىمىز ، يەنە بىر قىسىمى تىببى تىخنىكۇملاردا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن ، ئەمما بۇنداق مەكتەپلەرگە ئۆتمەك بىر قەدەر قىيىن بولغاچقا بۇ تەلەي ھەممىسىگە نىسىپ بولمايدىكەن . يەنە بىر قىسمى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشنى تاللايدىكەن ، . 7z}NI,R}1 ئەمما ھەر يىلى 5-ئاي كىرە- كىرمەيلا كەسپى مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات قەغىزى مەكتەپلەرنى قاپلايدۇ ، يۇقىرىدىنمۇ سان چۈشۈرۈپ بىرىدىكەن ، ھەتتا 50 ئوقۇغۇچىسى بار سىنىپ مۇدىرى چوقۇم 48نى كەسپى مەكتەپلەرگە ئەۋەتمىسە بۇ سان توشماي ، چوڭ يىغىندا باشلىقىمىز تەنقىدلىنىدىكەن . z;T?2~g! ئاتا- ئانىلارغا قارىسىڭىز ئۇلار بىر بولسا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتۇشنى تاللايدىكەن ، يەنە بىر قىسىملىرى بالىلىرىنى بىرەر تىجارەتنىڭ پىشىنى تۇتسا ، پۇل تاپسا دەيدىكەن ، يەنە بىر قىسىملىرى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈن ، مۇشۇ باللىرىنىڭ ئوقۇشىنىڭ پۈتۈشىنىلا كۈتۈپ تۇرغانلار ئىكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى يىللىرى ئوقۇتقۇچىلار كىرا پۇللىرىنى ئۆز يىنىدىن چىقىرىپ ، ناھايتى شىرىن ۋەدىلەرنى بېرىپ يولغا سالغان بىر قىسىم << بەز قۇلاق >>ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ قايتىپ كىلىۋاتقاچقا ، ئاتا- ئانىلارنىڭ كەسپى مەكتەپلەرگە ئەۋەتكۈسى يوقكەن . ~x2azY2DP مانا 5- ئايدىن باشلاپ 4 ئايغا يىقىن بوپتۇ . بۇ يىل ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار ھەر كۈنى كەنىتمۇ كەنىت ، مەھەللىمۇ مەھەللە بىرىپ ، ئاتا- ئانىلارغا ، ئوقۇغۇچىلىرىغا بىچارىلەرچە يالۋۇرماقتا ، بالىلىرىنى كەسپى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىشنى ئۆتۈنمەكتە ...ئەمما بۇ سان تىخى توشمايۋىتىپتۇ . bO9X;}\6 شۇڭا كەسپى مەكتەپلەرگە سوئالىىمىز : hDCR>G 1. نىمە ئۈچۈن سىلەر (ئەمەلىيەتتە بىز ) تەشۋىق قىلغانسىرى، ئوقۇغۇچىلار سىلەردىن بەكرەك تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشنى خالايدۇ ؟ up1kg>i%" 2.نىمە ئۈچۈن بىز يالۋۇرۇپ ، يىلىنىپ ، مىڭ تەسلىكتە ئەۋەتكەن بالىلار مەكتىپىڭلاردىن قاچىدۇ ؟ ئۇلارنى قېچىشتىن توسۇش ئۈچۈن يەنە بىز ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىمىز ؟ سىلەرچە بىزنىڭ باشقا قىلىدىغان ئىشىمىز يوقمۇ ؟ ^)TZHc2a[ 3. نىمە ئۈچۈن ھەركىم ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلمايدۇ ؟ سىلەر مەكتىپىڭلارغا ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئۆزۈڭلار سۆھبەتلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايسىلەر ؟ U 1
vZr{\ 4.ئۈچ يىلدىن ئاشتىغۇ دەيمەن ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىڭلارنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىپمۇ بولغاندۇ ، نىمە ئۈچۈن ئۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلمايسىلەر ؟ بۇنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولاتتىغۇ ؟ بەلكىم ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى مەكتىپىڭلارغا ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆچىرەت بولۇپ ، مەكتىپىڭلار تالاشتا قالار ئىدى . I'}&s|6 قىسقىسى سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالايلى ،سىنىپ مۇدىرى بولۇش گۇناھ ئەمەس . بىز ئۇنداق ئۆيمۇ - ئۆي يۈرۈپ ، يالۋۇرۇپ يۈرمەيلى ، تەڭلىكتە قالمايلى .مەكتىپىڭلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقاتقا تىخىمۇ كۈچەڭلار ، تىلىۋۇزۇرلاردا ، تورلاردا ،رادىئۇلاردا كۈچەپ ئېلان بېرىڭلار ،بەلكىم ئۈنۈمى بولۇپمۇ قالار . |
|