查看完整版本: [-- ياشلىق مەزگىلىدىكى جىنسىيەتكە دائىر پىسخىكىلىق مەسىلە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پەرزەنىت تەربىيسى -> ياشلىق مەزگىلىدىكى جىنسىيەتكە دائىر پىسخىكىلىق مەسىلە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۆمەرجان1 2013-09-14 12:36

ياشلىق مەزگىلىدىكى جىنسىيەتكە دائىر پىسخىكىلىق مەسىلە

ياشلىق مەزگىلىدىكى جىنسىيەتكە دائىر پىسخىكىلىق مەسىلىلەر b5p;)#  
b6g9!  
بىرىنچى، ياشلىق مەزگىلىدىكى جىنسىيەتكە دائىر پىسخىكىلىق مەسىلە توغرىسىدا بايان 7DW-brd   
     ياشلىق مەزگىلدىكى جىنسىيەتكە دائىر پىسخىكىلىق مەسىلىلەر دېگىنىمىز،  يەككىنىڭ ياشلىق مەزگىلىدە  يولۇقىدىغان جىسمانىي جەھەتتىن جىنسى ئۆزگىرىشى ۋە جىنس قىلمىشىغا ئالاقىدار پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ياكى قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يات جىنىسلىقلاربىلەن بولغان ئالاقىگە ئالاقىدار پىسخىكىلىق مەسىلىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. R^E-9S\@  
        ياشلىق مەزگىلى ئىنسان ھاياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەزگىل، شۇنداقلا ئۆسمۈرلۈكتىن ياشلىق مەزگىلگە ئۆتۈشتىكى بىر ئۆتكۈنچى دەۋر. خەلقارالىق سەھىيە تەشكىلاتى 10 ياشتىن تارتىپ 20 ياشقىچە بولغان ئارىلىقنى ياشلىق مەزگىلى دەپ بېكىتكەن. دۆلىتىمىزدە، بۇ مەزگىل ئاساسەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان مەزگىل. بۇ مەزگىلدە ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ سىرتقى بەدەن شەكلىدىن ئىچكى ئورگانىزىمىغىچە تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ جىنسى ئەزالىرى ۋە جىنسى مېخاينىزىملىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىپ پىشىپ يېتىلىدۇ، بۇ خىل تېز سۈرئەتتىكى ئۆزگىرىش ئۇلارغا بىر قاتار پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. Ux,dj8=o  
                  ياشلىق مەزگىلىدىكى جىنسىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى DL_M#c`<  
1. جىنسى پىسخىكىنىڭ غۇۋالىقى ۋە سىرلىقلىقى. xAsy07J?  
2. جىنسى ئاڭنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە ئىپادىلىنىشىدىكى نىقاپچانلىقى. Mi!ak  
3. جىنسى پىسخىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى ۋە بۇرۇقتۇملۇقلىقى. z ISy\uka  
4. قىز–ئوغۇللار جىنسى پىسخىكىسىنىڭ پەرقلىنىشچانلىقى. a 8jG')zg  
ئىككىنچى، مەسىلىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى  `Q^Vm3h  
    1. فىزىيولوگىيە جەھەتتە جىنسى ئۆزگىرىشكە بولغان نادانلىق ۋە نامۇۋاپىق قىلمىشلار. =66,$~g{  
      فىزىيولوگىيە جەھەتتىن جىنسى ئۆزگىرىشكە بولغان نادانلىق ۋە نامۇۋاپىق قىلمىشنىڭ ئوخشىمىغان كىشىدە ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىش شەكلى بولىدۇ، ئوغۇللار بىلەن قىزلاردا ئىپادىلىنىشىمۇ زور پەرقلىنىدۇ، لېكىن يەنە بەزى جەھەتلەردىن ئورتاقلىققا ئىگە. ~m'8BK  
      1) قىزلاردىكى ئىپادىلەر: a'@?c_y;$  
    بىر قىسىم قىزلار ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ تېز سۈرئەتتىكى تەرەققىياتىدىن ئالاقزادە بولىدۇ؛ بىر قىسىملىرى ئۆزىنىڭ كۆكسىنىڭ كۆپۈپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ باغلايدۇ؛ بىر قىسىملىرى ئۆزىنىڭ كۆكسىنىڭ كىچىكلىدىن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسىدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چوڭلار كىيىدىغان كۆپتۈرمە سېلىنغا لىپتىكلارنى ئېلىپ كىيىدۇ. بولۇپمۇ مۇنچىغا كىرگەندە باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ بىر قىسىملىرى تۈنجى قېتىم ھېيز كەلگەندە قان بەك كۆپ كېلىپ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەيدۇ. ھەتتە بەزىلىرى، ھېيز كېلىشنى «نەس باستى»  دەپ قارايدۇ؛ بىر قىسىملىرى تۈنجى قېتىم ھېيز كەلگەندىن كېيىنكى قورساق ئاغرىغى ۋە ھېيزنىڭ نورمالسىزلىقىدن ئەنسىرەيدۇ ۋە قورقىدۇ. :n?}G0y  
      2) ئوغۇللاردىكى ئىپادىلەر: y /?;s]>b  
       بىر قىسىم ئوغۇللار باشقىلارغا "كېلىشكەن يىگىت" ئوبرازنى قالدۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىدۇ. ساقال بۇرۇتىنى ئۆزىنىڭ چىرايلىق بەستىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قاراپ، ئامال بار ساقال بۇرۇتىنى يۇلىۋېتىدۇ ياكى خىمىيىۋى دورىلارنى قوللىنىپ يوقىتىدۇ؛ بىر قىسىم ئوغۇللار تۈنجى قېتىم ئېھتىلام بولغاندا ئالاقىزادە بولۇپ كېتىدۇ. كېسەل بولۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ئەنسىرەيدۇ؛ يەنە بىر قىسىم ئوغۇللار "بىر تېمىم ئىسپىرما دېگەن ئون تېمىم قانغا باراۋەر" دېگەن قاراشتا بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئېھتىلام بۇلغانلىقتىن، ئۆمرىنىڭ قىسقىراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ;/nR[sibN  
      3) ئوغۇل قىزلاردىكى ئورتاق ئىپادىلەر: |}roR{gc|  
      دەسلەپتە "دانىخورەك" مەسىلىسىگە ئىلمىي قاراشتا بولمىغاچقا ۋە ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغاچقا، بىر قىسىم ئۇقۇغۇچىلار قولى بىلەن سىقىۋېتىپ، يۈزىدە داغلار قېلىپ قالىدۇ؛ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار "رېتسىپ" دورىلىرىنى ئىشلىتىپ تېرىسىنى بۇزىۋالىدۇ؛ بىر قىىسم ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىنى كۈچلۈك تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، جىنسىي ھەۋەسكە توغرا قاراشتا بولماي ۋە ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا ئانانىزىم قىلىش (قول زىناسى)، جىنسىي تەسەۋۋۇردا بولۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى ۋە گۇناھكارلىق تۇيغىسىدا بولىدۇ؛ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار سېرىق كىنو-فىلىملارنى، سېرىق تور بەتلىرىنى ۋە سېرىق كىتابلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنسى ھەۋىسى ۋە جىنسىيەتكە دائىر بىلىملەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ يۇلى قىلىۋالىدۇ. oo) P(_"u  
      2. يات جىنىسلىقلار ئارا ئالاقىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە &~Qi+b0!  
      1) يات جىنىسلىقلار ئارا ئالاقە قىلىش قىيىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسى w9h`8pt  
      بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا بىر جەھەتتىن يات جىنىسلىقلارغا يېقىنلىشىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلاردا جىددىيلىك ۋە قورقۇنچ بولىدۇ. بۇ خىل زىددىيەت ئۇلاردا تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا جىددىيلىشىدىغان، كەم سۆز، قىلمىشى غەيرىي، مۇرەككەپ كەيپىياتتا بولىدۇ؛ ھەتتا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ، يات جىنىسلىقلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ؛ مانا بۇلار ئۇلارنىڭ يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىشىدا تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنى ۋە مەغلۇبىيەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاخىرىدا يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقۇدىغان پىسخىكا شەكىللىنىدۇ. يات جىنىسلىقلاردىن قورقۇش كېسىلى يۇقىرىقى ئاھۋاللارنىڭ ئېغىرلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل پىسخىكىلىق كېسەللىك. 3~v' Ev  
       2) يات جىنىسلىقلارغا بولغان ھېسسىيات مەسىلىسى #Duz|F+%  
        ياشلىق مەزگىلىدىكى ھېسسىيات مەسىلىسىنى تاق يۆلىنىشلىك ياخشى كۆرۈش (مەجنۇنلۇق) ۋە بالدۇر مۇھەببەتلىشىشدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋالغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن. !;EG 
ياشلىق مەزگىلىدىكى جىنسى پىسخىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى 8Ac5K!  
1–باسقۇچ، يات جىنىسلىقلارنىڭ يىراقلىشىشى: ياشلىقنىڭ دەسلىپىدە، فىزولوگىيەلىك جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىككى جىنىسنىڭ پەرقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۇلار بىر يەردە تۇرغاندا خىجىللىق، خاتىرجەمسىزلىك، تەشۋىش قاتارلىق كەيپىياتلار چۇلغۇۋالىدۇ. شۇڭا، بىر–بىرىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشقا باشلايدۇ. GddP)l{uCF  
2–باسقۇچ، يات جىنىسلىقلار يېقىنلىشىش دەۋرى: ياشلىقنىڭ ئوتتۇرا دەۋرلىرىگە كىرگەندە، قىز–ئوغۇللار ئۆز–ئارا بىر–بىرىگە نىشانسىز، غۇۋا بولغان تەلپۈنۈشكە باشلايدۇ. قىز–ئوغۇللار كۆپرەك بىللە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى خالايدۇ. ھېسسىيات جەھەتتە ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، ھېسسىياتى ئاسان تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ، ئاسان ئازارلىنىدۇ. +*/XfPlr|  
3–باسقۇچ، ئىككى جىنىسلىقلار مۇھەببەتلىشىش دەۋرى: ياشلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە قەدەم قويغاندا، قىز–ئوغۇللار ئۆز ھېسسىياتىنى مەلۇم بىر يات جىنىسلىققا مەركەزلەشتۈرىدۇ، ئادەتتىكى جىنسى ئاڭ ئېنىق مۇھەببەتلىشىشكە تەرەققىي قىلىدۇ. ئوغۇللار ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەند قىلىش ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر يوشۇرۇش ئارقىلىق قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتسا، قىزلار ياسىنىش، ئۇياتچانلىق، تارتىنچاقلىق، ئۆز ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يۇشۇرۇش، قەستەن قىيناشلار ئارقىلىق روھى جەھەتتىكى خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ. hes$LH  
ئۈچىنچى، ئاساسى يېتەكلەش پوزىتسىيەسى i%RN0UO^  
    1. شەرتسىز قوبۇل قىلىش ۋە ھۆرمەتلەش، يېتەكلىگۈچىنىڭ ھەيران قالغانلىق، يىرگىنگەنلىك، غەزەپلەنگەنلىكتەك كەيپىياتلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق كېرەك. )y8 u+5^  
    2. جىنسى پىسخىكا مەسىلىسىنى ئەخلاق-پەزىلەتتە ناچار بولۇش بىلەن تەڭ قاراشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. |j3fS[.$  
    3. «جىنسىيەت» مەسىلىسىگە يېتەكلىگۈچى ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇش، مەسىلىنى يۇشۇرۇش، ئەپقېچىشتەك پوزىتسىيەدە بولماسلىق كېرەك. HHd;<%q  
       4. بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئەھۋالىغا بەك سەزگۈر بولۇپ كېتىشكە ياكى قوپال مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. -1^dOG6*  
  5. ياشلىق مەزگىلدىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، ئەمما ئۇنىڭغا يول قويماسلىق كېرەك. xz9x t  
      6. "مۇھەببەت" بىلەن "دوستلۇق" نىڭ چەك-چېگرىسىنى ئايرىش كېرەك. dw6U}  
تۆتىنچى، ئاساسىي يېتەكلەش ئۇسۇلى ~o"VZp  
       1. جىسمانىي جەھەتتىن جىنسى ئۆزگىرىشكە بولغان نادانلىق ۋە نامۇۋاپىق قىلمىشقا قارىتا يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش. % Q| >t~  
       بۇ خىلدىكى مەسىلىگە قارىتا يېتەكچى ھۆرمەتلەش ۋە قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى،  ھېسسىياتىنى تۆكۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىدە بار بولغان مەسىلىنىڭ ۋە تۈگۈنىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب جىنسىيەتكە، جىنسى پىسخىكىسغا ۋە سەھىيە ساقلىقنى ساقلاشقا دائىر بىلىمىنىڭ كەمچىللىكىدىن ئىكەنلىكىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئاندىن قارشى تەرەپكە ئالاقىدار ئىلمىي بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇشى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى ئادەتتىكى قانۇنىيەتلەرنى ۋە ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارىتا بىلىمگە ئىگە قىلىپ، ئۆز بەدىنىدىكى ۋە پىسخىكىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا چۈشىنىشكە ئىگە قىلىش كېرەك. Q[5j5vry  
1) كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى: AC`4n|,zJ;  
        بۇ خىل ئۇسۇلدا، ياش–ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى جىنسىيەت فىزولوگىيەسى ۋە پىسخىكىسىغا ئالاقىدار كىتابلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شۇ توغرىسىدىكى بىلىمىنى ئاشۇرۇش. قول زىناسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ھەددىدىن ئارتۇق قول زىناسى قىلىشنىڭ زىيىنىنى، ئۆزىنىڭ جىنسى ئىنكاسىنى تىزگىنلەشنى، جىنسىي ھەۋەستىن قۇتۇلۇشنىڭ تۈپ ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەش كېرەك. ?_hKhn%K9  
2) بوشاشتۇرۇش ئۇسۇلى. fgzkc"ReK  
       بۇ خىل ئۇسۇلدا، كۈندۈزى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ياكى جىسمانى ئەمگەككە كۆپرەك قاتنىشىپ بېرىش، كەچلىكى گىمناستىكا ئويناش ئاندىن كېيىن سوغۇق سۇدا مۇنچىغا چۈشۈش ئارقىلىق جىنسى ئەزالارنىڭ سەزگۈرلىكىنى تۆۋەنلىتىش.  >gQJ6q  
3) سەسكەندۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلى: rt5FecX\  
       بۇ خىل ئۇسۇلدا جىنسى خىيالدا بولغاندا ياكى ئانانىزىم قىلىش ھەۋىسى قوزغالغاندا ئاچچىق دورا يىيىش ياكى قولغا سېلىۋالغان رېزىنكىنى، قايتا–قايتا كۈچەپ تارتىپ قۇيىۋېتىش ئارقىلىق ئاغرىق ھېس قىلىش ۋە ئاچچىق ياكى ئاغرىق ئارقىلىق دەخلى قىلىش. بۇ خىل دەخلى قىلىش بىرقانچە قېتىم داۋاملاشقاندىن كېيىن ھەر قېتىم شۇ خىل ھەۋىسى كەلگەندە كىشىگە ئاچچىق تەم بىلىنىدۇ، شۇ ئارقىلىق ھەۋىسى بارا– بارا ئاجىزلايدۇ. (Nzup 3j  
"دانىخورەك" نى داۋالاش 5" 5tY  
▲بىئاراملىقنى تۈگۈتۈپ، كەيپىياتنى ياخشىلاش. 7FQ&LF46  
▲ئاۋارىچىلىقتىن قورقماي، تېرىنى كۈندە پاكىز تازىلاپ تۇرۇش. _zuaImJ0o  
▲يىمەك–ئىچمەككە دىققەت قىلىپ، مايلىق، تاتلىق، ئاچچىق قاتارلىق كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، مېۋە–چېۋە، كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، كۆپ سۇ ئىچىش. Rw j4  
       2. يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا قىيىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىگە قارىتا يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش r4X0. mPY*  
      بۇ خىلدىكى يېتەكلەش ئوبېكتىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇقۇملارنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. -' q#u C  
       1) يېتەكلەش ئوبېكتىغا يات جىنىسلىقلارغا بولغان قىزىقىشى ياكى ھەۋىسىنىڭ نورمالنى ھادىسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. V*}xlxSL  
   2) ياشلىق مەزگىلىدە ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ يات جىنىسلىقلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جىددىيلىشىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش. t[dOWgHi  
      3) يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا جىددىيلىشىش، ئالاقىدىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەتتىن كېلىپ چىققان بولماستىن بەلكى ئۆزىدىكى خاتا قاراشنىڭ تەسىرىدىن يەنى قارشى تەرەپكە مۇكەممەل تەسىرات قالدۇرۇش ئىستىكىدە بولغانلىقتىن شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش. D90.z"N\i9  
▲تاپشۇرۇق: تۆۋەندىكى سۇئالنى سىز ئىشىنىدىغان 5 ساۋاقداش ياكى دوستىڭىزدىن سوراڭ (مۇمكىن بولسا، ئەڭ ياخشىسى يات جىنىسلىقلاردىن): ()Tl\  
1، مەن يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقىدە، يۈزۈم بەك قىزىرىپ كېتەمدۇ؟ L6>;"]:f`  
2، سىزچە مەن يات جىنىسلىقلار بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا، ئۆزەمنى ناھايىتى ئوڭايسىز ھېس قىلىمەنمۇ؟ w<qn@f  
3، سىزچە مەن يات جىنىسلىقلار بىلەن كەمدىن–كەم ئالاقە قىلىمەنمۇ؟ 3Ygt!  
4، سىزچە مېنىڭ يات جىنىسلىقلار ياقتۇرىدىغان قانداق ئارتۇقچىلىقلىرىم بار؟ IasWm/  
      يېتەكلەش ئوبىكتى يۇقىرىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە، يات جىنىسلىقلار بىلەن بولغان ئالاقىدە ئۆزىنى ئارتۇقچە تارتىنچاق ھېس قىلىشنىڭ ئاساسەن يېتەكلەش ئوبىكتىنىڭ سوبىكتىپ ئېڭىدا كۆپرەك ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق ساغلام بولغان مۇناسىۋەت قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەش:  Zk={3Y  
▲ تەبىئىي بولۇش—گۈزەللىكتۇر. UPE9e    
      يات جىنىسلىقلار بىلەن بولغان ئالاقىدە، سۆز–ھەركەتتە تەبىئىى، ئەركىن– ئازادە بولۇش، بەك قورۇنۇپ كېتىش تۈپەيلىدىن لام–جىم دېمەي تۇرىۋېلىش ياكى ئۆزىنى ھەددىدىن ئازادە ھېس قىلغانلىقتىن، ۋالاقلاپ سۆزلەشنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق ئەمەس. Zy J-}[z  
▲لايىغىدا بولۇش. *v}3So  
       يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى ھەم رەت قىلماسلىق، ئۆزىنى قاچۇرماسلىق ھەم يات جىنىسلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك. بولۇپمۇ بەلگىلىك بىر يات جىنىس بىلەن مۇناسىۋەتنى ئالاھىدە يېقىن قىلىۋالماسلىق كېرەك. ھەم بەك قىزغىن سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك، ھەم سوغۇق گەپلەر بىلەن يات جىنىسلىقلارغا ئازار بەرمەسلىك. &tjv.t  
▲ ساۋاقداشلار ئارا ساپ بولغان دوستلۇقنى ئالاقە مەقسىدى قىلىش. @p\te7(P%  
▲مەلۇم خۇسۇسى ئارىلىقنى ساقلاپ قېلىش. !l7D1i~  
      خۇسۇسى ئارىلىق دېگەنلىك، ئۆز ئەتراپىدا مەلۇم بوشلۇقنى ساقلاپ قېلىش، يات جىنىسلىقلار بىلەن بولغان ئالاقىدا، باشقىلارنىڭ خۇسۇسى ئىگىلىك تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرمەسلىك، بەدەن ئۇچرىشىشى بولۇشتىن ساقلىنىش. .S6u{B  
        3. يات جىنىسلىقلارغا بولغان ھېسسىيات مەسىلىسىگە قارىتا يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش ]nQC  
1) ھېسسىيات مەسىلىسىنىڭ يىپ ئۇچىنى بايقاش   r.vezsH  
        بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن ياكى مەجنۇن بولغان بالىلاردا، ئۆگىنىش، ئەمگەك، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردە ئىپادىسى نورمالسىزلىشىدۇ؛ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؛ دائىم دەرس تاشلاش، كېچىكىش، بالدۇر قايتىش، مەكتەپتىن قېچىش، كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ روھى ھالىتى تۇراقسىز، خاتىرجەمسىزلىنىش، ھاڭۋېقىپ قېلىش؛ ياسانچۇقلۇق، چاچ پاسۇنىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتەك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. kKHGcm^r  
2)سۆھبەتلىشىش 92";?Xk  
  بالدۇر مۇھەببەتلىشىش بىر سەزگۈر مەسىلە بولغاچقا، ئالدى بىلەن يېتەكلىگۈچى يېتەكلەش ئوبىكتى بىلەن ئۆز–ئارا ئىشەنچنى تۇرغۇزۇش، مەخپىيەتلىكنى ساقلايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىشتا، مەخپىيەتلىكنى چوقۇم ساقلاش كېرەك. سۆزلەشكەندە، ئۇدۇل مەسىلىنىڭ ئۆزىنى ئوتتۇرىغا چىقارماسلىق، بولۇپمۇ "بالدۇر مۇھەببەتلىشىش"، "مۇھەببەتلىشىش" دېگەندەك سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بالدۇر مۇھەببەتلەشكەنلەردە، قارشىلىشىش، ئەنسىزلىنىش، ئۆچەكىشىش دېگەندەك كەيپىيات ھالەتلىرى كۈرىلىدۇ. OGGuVY  
         ئادەتتە، مەجنۇن بولۇپ قالغان بالىلاردىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم سوراش مۇددىئاسى كۈچلۈك بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا، يېتەكلەش ئوبىكتىدىن تۆۋەندىكىدەك سۇئاللارنى سوراشقا بولىدۇ: sI% =G3o=  
▲ئوقۇتقۇچىدىن ئاڭلىسام، يېقىندىن بۇيان نەتىجىڭىز بەك چۈشۈپ كېتىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ >VE!3'/'  
▲ئاڭلىسام سىلەرنىڭ سىنىپتا مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار بار ئىكەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ سىز قوللامسىز ياكى قارشى تۇرامسىز؟ e"u89acp  
▲سىزچە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇھەببەتلەشسە قانداق ياخشى تەرەپلىرى بار؟ ئۇنىڭ ناچار تەرەپلىرى قانداق؟ eI:;l];G9  
▲سىز دائىم ××× ساۋاقداش بىلەن بىرگە يۈرىدىكەنسىلە، سىزچە ئۇ قانداق بىر دوست؟  o8h1  
▲بەزىلەر سىزنى ××× بىلەن مۇھەببەتلىشىدىكەن دەپ قارايدىكەن، ئۇلارنىڭ دىگىنى راستمۇ؟ سىزنىڭ ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار؟ V.H<KyaJ  
يېتەكلىگۈچى بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن ياكى مەجنۇن بولۇپ قالغانلارنى يېتەكلەشتە، ئۇلارنى چۈشىنىش، ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئاڭلىق ھالدا يېتەكلەپ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش كېرەك: d :%!)s  
▲قىز–ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار مەلۇم ياشقا كەلگەندە، يات جىنىسلىقلارغا قىزىقىش پەيدا بولۇش، بۇ بىر تەبى ئەھۋال ھەم نورمال پىسخىكىلىق ھالەت، بۇ خىل ئەھۋالنى ھەممە ئادەم چۈشۈنىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىككى جىنىستىكى ساۋاقداشلار ئوتتۇرىسىدا، ئۆز–ئارا غەمخورلۇق قىلىش، ئۆز–ئارا كۈيۈنۈش، ئۆز–ئارا ھۆرمەت قىلىش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەشتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قوللاش كېرەك. mq!_/3  
▲مۇھەببەت— نىكا مۇناسىۋىتىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. مۇھەببەتلەشكەن ئىككى تەرەپ مەلۇم ماددى ئاساسقا ئېھتىياجلىق، نۇرغۇن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى، كەچۈرمىشى، زېھنى، قابىلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تېخى مۇھەببەتلىشىشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغان، ياشلىق دەۋرىدىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىش، بەلكىم پەقەت قىزىقىش ۋە ياخشى تەسىردە بولغانلىقتىنلا پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق كەلگۈسى يول يىراق، ئۆزگىرىدىغان ئامىللارنى قىياس قىلىش تەس، بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلىشى ناھايىتى قىيىن. +u[?8D7Y  
▲باھاردا— باھارنىڭ ئىشىنى، يازدا—يازنىڭ ئىشىنى قىلىش، يازدا قىلىدىغان ئىشنى باھاردا قىلىۋالساق، ئۇنىڭ زىيىنى كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى، قارشى تۇرۇشى تۈپەيلىدىن، باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن، نەزەر دائىرىمىز تارىيىپ، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشقا پايدىسىز بولىدۇ. hn p-x3  
▲ئۆگىنىش— كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ۋەزىپە، كەسپكە ئاساس سالىدىغان ۋاقىت. ئۆگىنىشنى ياخشى ئېلىپ بارمىغاندا، باشقا ھەممىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. مۇھەببەتلىشىش ئادەتتە ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەرستە دىققىتى چېچىلىدۇ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدۇ، زېھنىمۇ بىھۇدە زايا بولىدۇ. مۇھەببەتلىشىمەن دەپ، ئۇقۇشتىن قېلىش، ئەرزىمەيدۇ. مۇھەببەتنى دەپ ھەممىدىن كىچىمەن دىيىش، ناھايىتى بىمەنىلىك ۋە نادانلىقتۇر. ^a?H "  
▲بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشتا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، بالدۇر مۇھەببەتلىشىش دائىم مىۋىسىز چېچەككە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ دائىم ئايرىم– ئايرىم يوللارغا ماڭىدۇ. ھازىرقى جەمىيەتتە ھېسسىيات دائىم دەۋرنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئاشىق– مەشۇقلارنىڭ مۇھەببىتى دائىم بىر تۈتەككە ئايلىنىپ قالىدۇ. DAHQ7#qfQC  
يېتەكلەش ئىككى تەرەپنىڭ مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئۆزگەرتىش بىلەن ئاخىرلاشسا بولىدۇ. مۇنداق تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ: H6!  
▲تاپشۇرۇق: مۇكەممەللىكنى بۇزىدىغان توزاق: ,^d!K(xb  
يېتەلەش سۆزى: دۇنيادا يۈز پىرسەنتلىك ساپ ئالتۇن بولمىغىنىدەك، ئەيىبسىز ئادەممۇ بولمايدۇ. سىز ياخشى كۆرىدىغان ئەشۇ قىز (ياكى ئوغۇل) نىڭ يىتەرسىزلىكى (ئەيىبى) نېمە؟ ئۇنىڭدىكى ئەيىب– نۇقسانلاردىن 10نى تېپىپ چىقىڭ. d%C :%d  
▲تەكشۈرۈش: مۇزاكىرە ئارقىلىق، يېتەكلەش ئوبىكتىنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىى ئوبىكتىپ باھالاشقا يېتەكلەش، قارشى تەرەپنىڭمۇ يىتەرسىزلىكلىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، قارشى تەرەپنىڭ يېتەكلەش ئوبىكتى كۆڭلىدىكى "مۇكەممەل" ئوبرازىنى بۇزۇپ تاشلاش؛ ;+W9EbY2  
يېتەكلەش ئوبىكتىنى ئەگەر كەلگۈسىدە قارشى تەرەپ بىلەن تۇي قىلىپ، ھەر كۈنى بىللە تۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، قارشى تەرەپنىڭ يۇقىرىقى ئەيىبلىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان قىلالامايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرۇش؛ مۇزاكىرە ئارقىلىق، يېتەكلەش ئوبىكتىنى مۇھەببەت–نىكاھنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەكلىكى، نۇرغۇن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى تونۇتۇش. {%cm;o[7o  
  مۇۋاپىق ئۇسۇلدا باشقىلارنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەن مۇھەببىتىنى رەت قىلىش I nCo[ 8SI  
▲قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغىمۇ ھۆرمەت قىلىش. مۇھەببەتلىشىش ئىككىلا تەرەپنىڭ ھېسسىياتى بىردەك بولغاندا شەكىللىنىدۇ. يالغۇز بىر تەرەپتە شۇ خىل تۇيغۇ شەكىللەنگەنلىك تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىش، ئۆز ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقتۇر. ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلغانلىق، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا باشقىلارغىمۇ ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر. N-9qNL SP  
▲سەمىمىلىك بىلەن رەت قىلىش. سىز رەت قىلغاندىن كېيىنمۇ قارشى تەرەپ داۋاملىق ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، ئەمما سىزنىڭ ھازىر مۇھەببەتلىشىش خىيالىڭىز يوق ئەھۋالدا، قارشى تەرەپكە سەمىمىلىك بىلەن، بۇ پىكرىڭىزنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ. L^Q q[>  
▲ئەڭ ياخشى رەت قىلىش—سىزنىڭ سۆز–ھەركېتىڭىزدۇر. باشقىلار بىلەن ئالاقە جەريانىدا، يۈرۈش–تۇرۇشقا دىققەت قىلىش، بەك خالىغانچە بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش. يات جىنىستىكىلەر بىلەن ئىمكانقەدەر ئۇزۇن ۋاقىت يالغۇز تۇرۇشتىن ساقلىنىش؛ باشقىلارنىڭ سىزنى سىناش خاراكتېرلىك گەپ سۆزلىرىگە سەزگۈرلۈكىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز؛ سىزنى يالغۇز بىللە كىنو كۆرۈشكە، مۇزىكا ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلسا ياكى باغاقچە يازغانلاردا، ئېنىق رەت قىلىش كېرەك. mE+  

ئەنۋەرچەرچەن 2013-09-14 12:58
بەك ياخشىكەن

ئەكبەرنىياز 2013-09-22 18:03
9-يىللىقنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە "قىزىمغا خەت " دەيدىغان بىر دەرس بار . يۇقارقى ماتىريالنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى دەرس دېتالى قىلساق بەك ياخشى بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم . كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!


查看完整版本: [-- ياشلىق مەزگىلىدىكى جىنسىيەتكە دائىر پىسخىكىلىق مەسىلە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled