查看完整版本: [-- تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ خىمىيە2 (تاللانما)  ئىمتاھان سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> قىزىكا خىمىيە -> تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ خىمىيە2 (تاللانما)  ئىمتاھان سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-09-13 23:38

تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ خىمىيە2 (تاللانما)  ئىمتاھان سۇئالى

تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ خىمىيە2 (تاللانما) دەرسلىكىدىن ئوقۇش نومۇرىنى بېكىتىش ئىمتاھان سۇئالى
ئىسىم-فامىلىسى ¬ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ   سىنىپى:ـــــــــــــــــــــــــ نومۇرى:ــــــــــــــــ
Ⅰتاللاش سۇئاللىرى  (ھەر بىرىگە 3دىن 45نومۇر بېرىلىدۇ)
1.خىمىيە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىلمىي تەجرىبىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلاردىن خاتاسى:
A. ئىلمىي تەجرىبىدە ئۇنۋېرسال ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئويلىشىلمايدۇ.
B. خىمىيە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئىلمىي تەجرىبىنى ئاساس قىلىدۇ.
C. ئىلمىي تەجرىبىدە مۇھىت ئاسراش مەسىلىسى ئويلىشىلمايدۇ.
D. خىمىيە ساناەت ئىشلەپچىقىرىشىدا تەننەرخى، مۇھىت ئاسراش، ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئويلىشىلىدۇ.
2. تۆۋەندىكى سۇلفات كىسلاتا سانائىتىگە ئائىت قاراشلاردىن توغرىسى:
A.كېرەكسىز گازنى ھاك ئىمۇلسىيىسىگە سۈمۈرتۈپ بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
B. SO2 نى SO3 قا ئايلاندۇرۇشتا يۇقۇرى بېسىم، يۇقۇرى تېمپۇراتۇرا ۋە كاتالىزاتور ئىشلىتىلىدۇ.
C. ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بارلىق رېئاكسىيەلەر ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش  رېئاكسىيەسىگە تەۋە .
D. كونتاكت بۆلۈمىگە كىرىدىغان ئارىلاشما گازنى تازىلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
3. تۆۋەندىكىلەردىن ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا تەۋە بولىدىغىنى:
A. NH3 نى كاتالىزلاپ ئوكسىدلاپ NO ئېلىش        B. NO دىن NO2 ئېلىش  
C. N2دىن بەلگىلىك شارائىتتا NH3 سىنتېزلەش    D.  NH3 دىن HNO3 ئېلىش
4. ئاممىياك سىنتېزلەش سانائىتىدە تەكرار مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت:
A.رېئاكسىيە سۈرئىتىنى تېزلىتىش.
B. NH3 نىڭ مۇئازىنەتتىكى قويۇقلىقىنى يۇقۇرى كۆتىرىش.
C. NH3 نىڭ قايناش نۇقتىسىنى تۆۋەنلىتىش.
D. N2  ۋە H2 نىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتىرىش.
5. تۆۋەندىكى رېئاكسىيەلەردىن ئاممىياك-ئىشقار ئۇسۇلى ئارقىلىق سودا ئىشلەپچىقىرىشجەريانىدا يۈز بېرىدىغان رېئاكسىيەەە تەۋە بولمىغىنى:
A.  NH3 + H2O +CO2= NH4HCO3
B.  NaCl + NH4HCO3= NaHCO3↓+ NH4Cl
C.  2NaHCO3==== Na2CO3 + CO2↑+ H2O
D.  2NaHCO3 + Ca(OH)2 = CaCO3 + Na2CO3 + H2O
6. بىرلەشمە سودا ئىشلەش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىگىگە تەۋە بولمىغىنى:
A. خام ئەشيادىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقۇرى   B.ئۈسكۈنىلەرنىڭ چىرىشى ئازايغان.
C.تەننەرخى تۆۋەنلىتىلدى                      D.مۇھىت بۇلغىنىشى ئازايتىلدى.
7.زەمچە سۇ تازىلاشتا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىكى سۇ تازىلاش رولىنى ئوينايدىغان مىكرو زەررىچە:
A.  K+        B. Al3+             C. SO42-         D. Al(OH)3  
8. بىر دۆلەتنىڭ نىفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم:
A.نېفىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى           B. ئېتېننىڭ مەھسۇلات مىقدارى
C.سېنتىتىك تالانىڭ مەھسۇلات مىقدارى  D.سۇلفات كىسلاتاسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى.
9.كۆمۈردىن ئۇنۋېرسال پايدىلىنىشقە تەۋە بولمىغىنى:
A.كۆمۈرنى قۇرۇق ھەيدەش                  B.كۆمۈرنى كۆيدۈرۈش
C.كۆمۈرنى گازلاندۇرۇش                      D.كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇش.
10.تۆۋەندىكى ماتىرياللارنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن توغرا بولمىغىنى:
A.ئاليۇمىن ئوكسىدلىق ساپال ئىككى ياقلىما خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سۈنئى چىش ياسىلىدۇ.
B.سىلىتسىي نىترىدلىق ساپال يۇقۇرى تېمپۇراتۇرىغا چىداملىق بولۇپ، ئاسانلىقچە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دىزېل موتورى ياسىغىلى بولىدۇ.
C.ئوپتىك تالانىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئالاقە ماتىريالىقىلىنىدۇ.
D.سۈنئى ياقۇتنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاليۇمىن ئوكسىدلىق سىلىقلاش ماشىنىسى ياسىلىدۇ.
11. سانائەتتە سېمونت ۋە ئەينەك ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددا:
A. سودا         B. ھاك              C. ھاك تېشى          D. سېغىز توپا
12. پولات تۆمۈر ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ كورروزىيەلەنگەندە مۇسبەت قۇتۇپتا يۈز بېرىدىغان رېئاكسىيە:
A. 2H2O  + O2 +4e-  = 4OH-          B. 2H+  + 2e-  = H2 ↑  
C. 4OH- -  4e-  =2H2O  + O2↑     D. Fe - 2e- = Fe2+
13. تۆۋەندىكى خىمىيىۋى ئوغۇتتىن بىرىكمە ئوغۇتقا تەۋە بولغىنى:
A.KCl        B.NH4NO3      C. Ca(H2PO4)2       D. KNO3
14. تۆۋەندىكى مېتاللوئىد ماتىرياللاردىن يېڭى تىپتىكى مېتاللوئىد ماتىرياللارغا تەۋە بولمىغىنى:
A.SiC             B.Si3N4        C. BN        D. CaSiO3
15. تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلاردىن مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغىنى:
A.فوسفورلۇق سوپۇن پاراشوكى   B.ئىسپىرت       C. فىرېئون        D. سىماپلىق باتارىيە
Ⅱ بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ (ھەر بىرىگە 2دىن جەمى 40 نومۇر بېرىلىدۇ)
1. سۇلفات كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىشتا كونتاكت بۆلۈمىدىن چىققان  SO3  نى  ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ غا سۈمۈرتىلىدۇ، سەۋەبىـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ .
2. ئاممىياك سىنتېزلەش رېئاكسىيە پىرىنسىپى ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ.
ئاممىياك سىنتېزلەشتە ئازوت ۋە ھىدروگېن گازىنى ئالدىن تازىلاشتىكى مەقسەت ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
3. سودا ئىشلەپچىقىرىتا   NaCl + NH4HCO3= NaHCO3↓+ NH4Cl رېئاكسىيە ئارقىلىق ئېلىنغان NaHCO3 نى ئايرىش مەشغۇلاتى ـــــــــــــــــــــــــــــــــ
4.سۇنىڭ تەركىۋىدە ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ۋە ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ كۆپرەك بولغان سۇ قاتتىق سۇ دەپ ئاتىلىدۇ( ئىئون بەلگىسىنى يېزىڭ). مەڭگۈلۈك قاتتىق سۇنى قاينىتىش ئارقىلىق يۇمشاتقىلى  ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ( بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دەپ يېزىڭ).
5.ئۈچ چوڭ مېنرال يېقىلغۇ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ،  ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ، ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ دىن ئىبارەت.
6.تۆمۈر تاۋلاش پىرىنسىپى : يۇقۇرى تېمپۇراتۇرىداــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ دىن پايدىلىنىپ تۆمۈر رودىسىدىن تۆمۈرنى ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ  تۆمۈر ئاددى ماددىسىغا ئايلاندۇرۇش.
7. يۇقۇرى مولېكۇلىلىق ماتېرياللارنى  كېلىش مەنبەسىەە ئاساسەن ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــماتېريال   ۋە ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ماتېريال دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ.
8. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ تۈزۈلىشتىكى چوڭ مولېكۇلا قىزدۇرغاندا يۇمشايدۇ. بەلگىلىك ئېرتكۈچىدە ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ.
9. سوپۇن تەركىۋىدە ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ مايىل رادىكال ۋە ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ مايىل رادىكال بولغانلىقتىن كىيىم كېچەكلەردىكى داغنى چىقىرىدۇ.
10.خىميە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىدا زاۋۇت ئورنىنى بېكىتىشتە، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ مەسىلىسى.


ئەكبەرنىياز 2013-09-21 22:03
ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ ئەستايىدىللىقىغا ۋە جاسارىتىگە ئاپىرىن !!!


查看完整版本: [-- تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ خىمىيە2 (تاللانما)  ئىمتاھان سۇئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled