查看完整版本: [-- مەن خاتا قىلغاندىمەنمۇ ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> مەن خاتا قىلغاندىمەنمۇ ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلزىبا 2013-09-13 21:06

مەن خاتا قىلغاندىمەنمۇ ؟

7-سائەتتە دەرسىم بار ئىدى ، قوڭغۇراق چىلىشتىن بۇرۇنراق سىنىپنىڭ ئالدىغا  بېرىۋالىدىغان ئادىتىم بار ، شۇڭا تەنەپپۇس توشماستىلا ئالدىراپ ماڭغان ئىدىم .تۇيۇقسىز يان تەرەپتىن : QL2 `X2  
- ھەي ، ****نىڭ  بالىسى  ،ئاناڭنى **** t~BWN  
ئۇرۇشىۋاتقان كىمدۇ ؟  بۇرۇلۇپ قارىسام  ، 8-يىللىقنىڭ  ئىككى ئوقۇغۇچىسى  .ئۇرۇشماپتۇ ،ناھايتى ھوزۇرلىنىپ بىر -بىرى بىلەن چاقچاقلىشىۋىتىپتۇ .مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى .ئەگەر ئۇلار سوقۇشۇپ قىلىپ مۇشۇنداق سەت تىللاشقان بولسا شۇنچىلىك ئاچچىقىم كىلەمتى-ياق بۇنى بىلمەيمەن ، ئەمما يىنىغا باردىم . D&p X0  
-بالام ، ئاناڭ ***مۇ ؟ ;jO+<~YP!  
تىل ئاڭلىغۇچى بالا يەنىلا كۈلگەن چىراي بىلەن ،بىر ئەركىلىگەندەك ، بىر قىيدىغاندەك تەلەپپۇزدا : ] mK{E~Zll  
-يا..ق . Kaaz,C.$^  
- ئەمىسە ، ئۇ ئاناڭنى ھاقارەتلىسە ، نىمىشقا كۈلىسەن ؟ ~yV?*"Hi  
- خانىم ، ئىككىمىز ئوينىشىۋاتقان ،- ئەمدى ئۇنىڭ چىرايىدا ماڭا <<بىر ئوبدان ئوينىشىۋاتساق ،نىمە ئويۇننى بۇزىسەن ؟>>دېگەن ئالامەت بار ئېدى .قارىسام تىللىغۇچىنىڭ چىرايىدىنمۇ <<قانداق ، ئۇ ئاڭلاشقا ئامراق >>دېگەندەك بىر خىل نوچىلىق چىقىپ تۇراتتى ، چىدىيالمىدىم ،قەيەردىن كەلگەن ئاچچىق ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم ، ناھايتى تىزلىكتە ھەر ئىككىسى بىردىن شاپىلاق يەپ ئۈلگۈردى .كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتىغۇ دەيمەن ، ئەمما ناھايتى تىزلىكتە : Qstd;qE~  
- بالام ، ئاناڭ ****ئەمەس ، بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ***ئەمەس ، ئۇ ئاناڭنى ھاقارەتلىسە  يول قويما ، ھىچكىمگە يول قويما .سەنمۇ شۇ ،-  ئەمدى تىللىغۇچىمۇ مېنىڭ  نىمە ئۈچۈن ئاچچىقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدىمۇ ياكى تەستەكنىڭ كۈچىمۇ  بايىقى كۆرەڭلىكتىن ئەسەر يوق تۇراتتى ،- باشقىلارنىڭ ئانىسىنى ھاقارەتلىمە ،ئاناڭنىمۇ باشقىلارغا ھاقارەتلەتكۈزمە ،بىزنىڭ ئانىلىرىمىز  شۇ قەدەر پاك ، شۇ قەدەر  ئۇلۇغ ، سىلەر  دېگەن سۈپەتتن يىراق ، چۈنكى ئۇلار  تۇمارىس ، نۇزۇگۇم ، ئايخان ئانا ،رىزۋانگۈللەر  بىلەن تومۇرداش ، پاك ھەم ئىپپەتلىك ئانىلار ، ئۇلارنى ھاقارەتلىمەڭلار  بولامدۇ بالام ؟!   9e}%2,  
ئۇلار نىڭ نىمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى بىلمەيمەن ، ئۇلارنى كەتكۈزىۋىتىپ قارىسام ، نەق ئىشخانىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان كۈزىتىش ئاپپاراتى ماڭا  توغىرىلاقلىق تۇرمامدۇ ؟ ئۇنىڭسىزمۇ قەتئى بالا  ئۇرۇشقا بولمايدۇ دەيدىغانلار تەرەپدارى تۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىغا قول تەككۈزگىنىم ئۈچۈن ئازابلانغىنىم يەتمىگەندەك ، ماۋۇ  ئىشنى كۆرۈڭ . s OLjT34  
ئەمما قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلدىم دەپ ئويلايمەن ، ئۇلار بەلكىم گەپنى ئۇنتۇسا شاپىلاق يادىدا قالار ، شاپىلاقنى ئۇنتۇسا  گەپ .....

koksangun 2013-09-13 22:49
خاتا قىلىپسىز خانىم...

گۈلزىبا 2013-09-14 19:48
مەنمۇ  بىلەتتىم شۇ ، بىراق ،ئەمما ، لىكىن ...

ئەنۋەرچەرچەن 2013-09-14 22:22
ئانىلارنى ھاقارەتلەشكە ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق.شۇنداقتىمۇ تەربىيە ئۇسۇلىمىزغا دىققەت قىلايلى.

nadiraay 2013-09-16 12:50
مەن سىزنى قوللايمەن. dP]Z:  
تەنبىھ  دېگەننى شۇنداق يادىدىن چىقمىغۇدەك قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۆيىدىكىلەر دەۋا قىلىپ كەلسىمۇ ئاخىرى توغرا قىلىپسىز دەپ قايتىشىدۇ.

مىېھرىما 2013-09-16 15:16
مەن سىزنى قوللايمەن مەن بولساممۇ شۇنداق قىلاتتىم

uzqak 2013-09-16 17:25
بەزىدە مۇشۇنداق ئۆزىنى تۇتالماسلىقلارغا يول قويۇپ قويىمىز. بۇ يازما بىر ئىشنى ئەسلىتىپ قويدى.  بىر قېتىم دەرسخانە ئالدىغا كەلسەم بىر ئوغۇل بىر قىزنى «ج » دەپ ، تىللاپتىكەن . ئاچچىقىم شۇنداق كەلگەن. سىنىپقا كىرىپ شۇ خەتنى دوسكىغا يېزىپ ، WE-+WC!!:  
،ئوپچە ئوقۇڭلار دىسەم ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى . ھەممىدىن قىزىق يېرى ھېلىقى ئوقۇغۇچىنى تۇرغۇزۇپ ئوقۇ دىسەممۇ ئوقالمىدى. ھەتتا ئوقۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇ سۆزلەرنىڭ قانداق ئاغزىغا پاتقانلىقىنى سورۇغاچ ، بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يەشتىم ،گەرچە بەك تەستە چۈشەندۈرسەممۇ  لېكىن شۇندىن كېيىن ئاڭلىمىدىم. «ئا» نى چۈشەندۈرۋېتىپ ھېچقانداق مىللەتتە بىزدەك بۇنداق ئانىنى خورلاپ تۇرۇپ چاقچاق قىلىشىدىغان ، تېخى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان تەتۈرلۈك يوق ! دەپ چۈشەندۈرگىنىم ئېسىمگە كەلدى. ئۇرۇۋەتكەن بولسىڭىز بۇنىمۇ خاتا دېيەلمەيمەن. كېيىن شاپلاق يېگەندىن دەل ۋاقتىدا تەككەن شاپلاق تېخىمۇ قىممەتلىك بولىدۇ .لېكىن ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنى قوغداش ئاساسىدا تەربىيە قېلىڭ! Y$+v "  
ئامان بولۇڭ!

مەرىپەت0999 2013-09-17 11:06
گۈلزىبا قىلغىنىڭىزغا بەك خۇش بولدۇم .خۇددى شۇ ئوقۇغۇچىنى مەن بىر شاپىلاق سالغاندەك.ۋاقتى كەلگەندە شۇنداق قىلىشمۇ زۆرۈر.

ئەكبەرنىياز 2013-09-21 22:00
نىيىتىڭىز توغرا بولسىمۇ ئۇسۇلىڭىز خاتا بولۇپ قاپتۇ ، ئەگەر شۇ بالىلار شۇ چاغدا سىزگە يانغان بولسا قانداق قىلاتتىڭىز ؟ئەڭ ياخشى تەربىيە ئوسۇلى ئىشخانىدا يالغۇز تەربىيە بېرىشمىكىن دەيمەن !؟

tursun 2013-09-23 11:06
ئۇسۇلىمىزغا دىققەتلا قىلساق،كىيىنكى مۇۋەپپىقىيەت بىزگە كۈلۈپ قارايدۇ... [?)He} _L  
كونىلاردا:«ھايۋان تۇيىقىدىن سەمرىيدۇ،ئادەم قۇلىقىدىن...» دەيدىغان ھېكىمەت mxCqN1:#  
بار ئەمەسمۇ...؟ئالدىراقسانلىق قىلماي،ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ،ئۇلار p.vxrk`c  
ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش -ياخشى چارە...!     

ozqan 2013-09-23 11:22
ئىچىڭىزنى تازا بوشىتىپسىز، مەن بولسام ئۇرالمايتتىم ،  بالىلارنى ئۇرۇشنى بەزىدە ئەسلى توغرا دەپ قارىساممۇ مەندە ئۇنداق جۈرئەت يوق ... ئۇرمىغان بىلەن قاتتىق ئازاپلىناتتىم ... بۇرۇنقىلارنىڭ ئۇستىخىنى مېنىڭ ، گۆشى سېنىڭ دەپ موللىغا بەرگىنىنىمۇ بەزىدە توغرىمىكىن دەپ قاراپ قالىمەن ،بەزىدە زادى ئۇرۇۋەتكۈدەك ئىشلار بولىدۇ ، ھەم تەنقىدلەپ ، ھەم ئۇرسىڭىز ، بەلكىم ئۇنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ . مۇشۇ قىلىقىڭىزنى تىللىغان ھەم تىللانغان قايسىلا ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاڭلىسا سىزنى خاتا قىلىپسىز ، دېمەيدۇ ، ئوقۇغۇچىلارمۇ سىز خاتالىقىنى ھەقىقىي كۆرسىتىپ تۇرۇپ ھەر ئىشىنى قىلسىڭىز سىزگە يانمايدۇ ...

ئادىلە5 2013-09-24 11:02
      

مىېھرىما 2013-09-24 15:07
ياق         

tawpek 2013-09-25 18:45
بۇنداق ئىشلارغا مەنمۇ كۆپ ئۇچرىغان ، ئاڭلىماسقا كۆرمەسكە سالغان ۋاقىتلارمۇ بولغان. dn|OY. `|  
>'|Wrz67Z  
كىيىن سىنىپقا كىرىپ كىمىكى شۇنداق گەپ قىلسا ھەرقانچە يىقىنى بولسىمۇ قاپاققا سالمىغان ئادەم ئەمەس، سەن ئۇ گەپنى خۇشاللىق بىلەن قوبول قىلغاچقا خەق سەندىن ئەيمىنمەيلا ئىيتىدۇ  دىگەندەك بىر مۇنچە تەربىيە ئىشلىگەن ئىدىم. ?emYLw  
DS6g_SS3  
ئالدىنقى ھەپتە مەكتەپ پۇتبۇل مەيدانى يان يولىدا بىر چوڭ بالا كىچىكرەك بالىنى يىقىتىپ سىمۇنىت  يولدىلا پۇتىنى سۆرەپ مىڭىپتۇ دەسلەپ يىقىتىشىپ يۈرگەندە چاخچاق ئوخشايدۇ دەپ ئارلاشمىغانتىم كىيىن چاقىرىپ ئەكەلسەم چاخچاق دەيدۇ، كىيىملىرى سىمونىتقا سۈركىلىپ يىرتىق، ئەگەر سىنى ئۇ سۆرەپ مۇشۇنداق ئىشەك قىلىپ مىنگەن بولسا سەنمۇ چاخچاق دەپ چۈشىنەمتىڭ دىسەم. &)#bdt[  
h$rk]UM/Q  
---باياتىن بىرى ئۇ ماڭا مىنىپ مىنى مۇشۇنداق سۆرىگەن قارىسا كىيىملىرىمنىڭ بوپ كەتكىنىگە ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلگەن دەيدۇ. T~b6Zu6  
n>i}O!agg  
كىيىمنى كىم يۇيىدۇ دىگۈممۇ كەلمەي كىتىپ قالدىم.

گۈلزىبا 2013-10-02 21:20
كىيىن سىنىپقا كىرىپ كىمىكى شۇنداق گەپ قىلسا ھەرقانچە يىقىنى بولسىمۇ قاپاققا سالمىغان ئادەم ئەمەس، سەن ئۇ گەپنى خۇشاللىق بىلەن قوبول قىلغاچقا خەق سەندىن ئەيمىنمەيلا ئىيتىدۇ  دىگەندەك بىر مۇنچە تەربىيە ئىشلىگەن ئىدىم.  a5@XD_b  
LGPPyK Nx  
بۇ  گەپلەر  مېنىڭ  گېپىمنىڭ  نەق ئۆزى .

تۆتتاش 2013-10-02 22:04
«ئۇ ئاناڭنى ھاقارەتلىسە  يول قويما » بۇ  گەپنى   ھاقارەتلەنگۈچى ساۋاغداشقا دىيىش ئارقىلىق   ئۇنىڭغا  سىز  نىمە  دىمەكچى؟ قاتتىق  تىللا، ئۇر، پىچاق تىق  دىمەيدىغانسىز، "Iwd-#;$;  
بالىلارنى ئۇرغانلىق خاتا.ياخشى  گەپ  تاشنى ئىرىتەر. bFtzwa5Gc  
بۇندىن  كىيىن دىققەت  قىلايلى. [|{m/`8C  
تەربىيەلەش ئۇسۇلۇمىزنى  ئۆزگەرتەيلى.

گۈلزىبا 2013-10-03 22:27
«ئۇ ئاناڭنى ھاقارەتلىسە  يول قويما » بۇ  گەپنى   ھاقارەتلەنگۈچى ساۋاغداشقا دىيىش ئارقىلىق   ئۇنىڭغا  سىز  نىمە  دىمەكچى؟ قاتتىق  تىللا، ئۇر، پىچاق تىق  دىمەيدىغانسىز، WSV[)-=:  
ياقەي ، ئۇنداق  دېمەيمەن . پەقەت  ئۇلارنى ھاقارەتلەنسە  چىداپ  ئادەتلىنىپ  قالمىسۇن دەيمەن ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ھاقارەتكە  قالىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك ، شۇنداقمۇ ؟

zunuriya 2013-11-01 11:50
بەلكىم بۇ ئەھۋالغا بىز يولۇقساقمۇ شۇنداق قىلار بولغۇيتۇق.

azat 2013-11-01 20:52
ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ سوغۇق قان بولۇڭ خانىم

گۈلزىبا 2013-11-01 22:04
ماقۇل. ئەمما  ئۇنداق  ئىشلار  كىيىن  ئۇچىرىمىدىغۇ .

قەلبىنۇر 2013-12-06 15:56
ئۇسۇلىمىزغا دىققەتلا قىلساق،كىيىنكى مۇۋەپپىقىيەت بىزگە كۈلۈپ قارايدۇ  . بىزنىڭ ۋەزىپىمىز دەل ئوقۇغۇچىلارنى ئادىمىلىك ئەخلاقتىن چىقىش قىلىپ تەربىييە بىرىش. تەربىيە ئۇسۇلىمىز ئەستىن چىقمايدىغان تەربىيەنى ئاساس قىلىمىز. بىراق تەن جازاسىدىن باشقا ئەسدىن چىقمايدىغان تەربىيە ئۇسۇلىمۇ يەنى ئۇنىڭ قارشىدىن چىقىپ تەربىيە بەرسەك ئۇنىڭ ئۇنۇمى ئادىنقىسىغا قارىغاندا يۇقۇرڭ بولامىكىن دەپ ئويلايمان.

مەھەممەتجان 2013-12-10 23:20
H G)c\b  
        مېنىڭچە،ناھايىتى نورمال ئۇسۇل قوللىنىپسىز. n`af2I2  
        بىرىنچىدىن،بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش سىز تەئەللۇق مىللەتنىڭ پىسخىكىسىغا ماس كېلىدۇ. <<:a >)6\  
        ئىككىنچىدىن،بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا،قول ئىشلىتىش ھەم ناھايىتى مۇۋاپىق ھەم جانلىق بولغان ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇلى. OP}8u"\Z  
       ئۈچىنچىدىن،ئانىنى ھاقارەتلىگەنلەر ھەم ھاقارەتلەشكە يول قويغانلارنى ھازىر سىز ئايىغىنىڭىز بىلەن كىيىن تۇرمۇش ھامان ‹‹كاچاتلايدۇ››. )ls<"WTC.  
      يوقۇرىدا بىر قىسىم تورداشلار ياخشى بولغان مەسلىھەتلەرنى بېرىپتۇ،ئۇ پىكىرلەر نەزەرىيە جەھەتتىن بولىدۇ،ئەمما،ئەمەلىيەتكە تازا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ...

قەقنۇس 2013-12-24 01:39
ئەكبەرنىياز:نىيىتىڭىز توغرا بولسىمۇ ئۇسۇلىڭىز خاتا بولۇپ قاپتۇ ، ئەگەر شۇ بالىلار شۇ چاغدا سىزگە يانغان بولسا قانداق قىلاتتىڭىز ؟ئەڭ ياخشى تەربىيە ئوسۇل .. (2013-09-21 22:00) 
9Ij=~p]p  
سىزگە ئوقۇغۇچىللىرىڭىز يېنىپ باققانما ؟ e`pYO]Z  
ئوقۇغۇچۇم يېنىپ قالارمىكىن دەپ قورقامسىز ياكى ئىناۋىتىڭىزنىڭ ئاشۇ سەبىيلەر ئالدىدا ‹ تۆكۈلۈپ › كېتىشىدىن ئەنسىرەمسىز ؟ QxRT%;'Zh]  
ئۇ بالىلار ھەقىقەتەن تاياققا لايىق ئىش سادىر قىلىپتۇ . ئۇلارنىڭ ھاقارەتلەپ ۋە ھاقاراتلەنگۈزىۋاتقىنى - ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان - ئانا ! ra L!}  
توغرا ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ . بۇرۇش - بەلكىم ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىغا خىلاپ بولىشى مۇمكىن ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ... UEZnd8  
ئەمما ئېغىزىدىن ئاشۇ سۆزلەرنى چىقىرىشىپ چاقچاقلاشقان ئوقۇغۇچى - ئىشخانىغا ئەكىرىپ 4 ئېغىز تەربىيە قىلغانغا ئوڭشىلىدىغان ، گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچى ئەمەسمىكىن دەيمىنا .....

قەقنۇس 2013-12-24 01:46
تۆتتاش:«ئۇ ئاناڭنى ھاقارەتلىسە  يول قويما » بۇ  گەپنى   ھاقارەتلەنگۈچى ساۋاغداشقا دىيىش ئارقىلىق   ئۇنىڭغا  سىز  نىمە& .. (2013-10-02 22:04) 
Gx; -1  
بۇ دۇنيادا يول قويماسلىقنىڭ ‹ ئۇرۇش ، پىچاق تىقىش ، تىللاش › تىن باشقا ئۇسۇلى يوقما مۇئەللىم ؟

مەسئودە 2013-12-26 16:24
بۇ شاپىلاققۇ جايىدا تېگىپتۇ.ئىلاھىم كىيىنكى ئىشلىرىڭىزمۇ ئوڭ بولۇپ كېتەر

32094 2013-12-26 23:20
مەن سىزنىڭ قىلغىنىڭىزنى توغرا ياكى خاتا دەپمۇ يۈرمەي ، ئەڭ ياخشىسى بۇ يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئويلاپ قالغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قوياي. 4U*CfdZZ  
1.بىزلەر نېمە ئۈچۈن «ئانا» دېگەن سۆزنىڭ ئولۇغلىغىنى ئانا بولمۇغىچە ھېس قىلالمايمىز؟ xiO10:L4  
2.بىز نېمە ئۈچۈن ئېغىزىمىزدىن چىققان سۆزلەرنىڭ ۋەزنىنى «لوغەت كۆرۈپ يېشىش»كە دۇچار بولىمىز؟ ]Cp`qayct  
3.بىزنىڭ باللىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن تىلىمىزدىكى سەلبىي سۆزلەرنى كۈچىمەيلا ئۆگىنىۋالالايدۇ-يۇ ، بەك ئاددى، ئەمما يېقىشلىق ئەدەپ سۆزلىرىمىز ئېغىزلىرىدىن چىقمايدۇ؟


查看完整版本: [-- مەن خاتا قىلغاندىمەنمۇ ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled