查看完整版本: [-- نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسى ۋە مويەن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسى ۋە مويەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2013-09-12 18:41

نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسى ۋە مويەن

نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسى ۋە مو يەن      x9vSekV  
ئەكبەر قادىر            P.'.KZJ:WD  
ۋەسىيەتنامىنىڭ تولۇق تېكىستى: iT>u&0B-  
«مەنكى ئىمزا قويغۇچى ئالفىرد نوبېل، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنى ئالاھىدە جاكارلايمەن، تۆۋەندىكىسى مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قېپقالغان مال- مۈلۈكلىرىمنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتنامىدۇر: 0s8fF"$  
  بۇ يەردە مەن ۋەسىيەتنامىنى يۈرگۈزگۈچىدىن تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن مېنىڭ ئالماشتۇرۇشتىن كېيىن ئېشىپ قالغان مال- مۈلكۈمنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۆتۈنىمەن. U^}7DJ  
يۇقىرىقى مال- مۈلۈكلەرنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن بىخەتەر، ئىشەنچلىك ساھەگە مەبلەغ قىلىپ سېلىنسۇن، مۇشۇ مەبلەغ بىلەن فوند قۇۇرۇلسۇن، بۇ فوندنىڭ ئۆسۈمى ھەر يىلى ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىلسۇن، بۇ ئۆسۈم مۇنداق بەش ئۈلۈشكە بۆلۈپ تەقسىم قىلىنسۇن
 بىر ئۈۈلشى فىزىكا ئىلمى ساھەسىدە ئەڭ زور بايقاش ياكى ئۆزگەرتىش ئېلىپ كەلگەن كىشىگە مۇكاپات قىىلپ بېرىلسۇن. *QN,w BQ  
 يەنە بىر ئۈلۈشى تىببىي ئىلىم ياكى بىيولوگىيە ئىلمىدا زور بايقاشقا ئېرىشكەن كىشىگە مۇكاپات قىلىپ بېرىلسۇن. JV,h1/a("  
يەنە بىر ئۈلۈشى بولسا ئەدەبىيات ساھەسىدە  غايىۋى مەقسەتدارلىق خاھىشىغا ئىگە بولغان ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان كىشىگە مۇكاپات قىلىپ بېرىلسۇن. H{*rV>%  
 ئەڭ ئاخىرىدىكى ئۈلۈشى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ھەربىي ھازىرلىقلارنى تۈگىتىش ياكى قىسقارتىش، شۇنىڭدەك تىنچلىق يىغىنى تەشكىللەش بىلەن تەشۋىق قىلىش جەھەتتە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ياكى بۇ جەھەتتە زوت تۆھپىسى بولغانلارغا مۇكاپات قىلىپ بېرىلسۇن. X#by Dg  
فىزىكا مۇكاپاتى بىلەن خىمىيە مۇكاپاتىنى ستوكھولمدىكى شۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارقاتسۇن. تىبىي ئىلىم- بىيولوگىيە مۇكاپاتلىرىنى ستوكھولمدىكى كارولىن تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيسى تارقاتسۇن. ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ستوكھولمدىكى  ئاكادېمىيە تارقاتسۇن. تىنچلىق مۇكاپاتىنى نورۋېگىيە پارلامېنتى سايلاپ چىققان بەش كىشىلىك باھالاش ھەيئىتى تارقاتسۇن. مۇكاپاتكا تاللانغان نامزاتلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە قارالمىسۇن. يەنى ئۇ ئەپەندىم ياكى ئۇ خانىم سكاندىنوۋىيەلىك بولسۇن ياكى بولمىسۇن، كىم شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە شۇ مۇكاپاتلانسۇن. مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيكى، مۇكاپاتنى مۇشۇنداق تارقىتىش مېنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەرزۇيۇم... KO`dAB F}  
بۇ مېنىڭ بىردىنبىر كۈچكە ئىگە ۋەسىيەتنامەم، مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئىلگىرى مال- مۈلكۈمنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا قالدۇرغان ھەرقانداق ۋەسىيەتنامەم بايقالسا ئۇ بىردەك ئىناۋەتسىز بولسۇن. » !5'4FUlJ  
ۋەسىيەتنامىدىكى بىرنەچچە مۇھىم ھالقا توغرىسىدا UFZOu%Y  
نوبېلنىڭ ياۋروپادىىك شىۋېتسىيە، نورۋىگىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، شوتلاندىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەتتە زاۋۇتلىرى ھەم كەشپىيات ھوقۇقلىرى بولغان. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەم قانۇنلىرى ئوخشاش بولمىغاچقابۇ مال- مۈۈلكلەرنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ چىقىش ناھايىتى تەستە ئورۇنلانغان ھەمدە 1900- يىلى 6- ئايدا «نوبېل مۇكاپاتى فوندى» قۇرۇلغان. بۇ خىزمەتتىن كېيىن باھالىغۇچىلار كومىتېتى تەشكىل قىلىنىپ، «نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاپ چىقىش نىزامى» تۈزۈلۈشكە باشلىغان. بۇ جەرياندا بارلىق مۇكاپاتلاش قائىدىسى نوبېل قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىنىڭ روھى بويىچە يۈرگۈزۈلىدىغان بولغاچقا، بەزى تەرەپلەردە كېڭەشمىسە بولمايدىغان ،مەسىلىلەر پەيدا بولغان. بۇ مەسىلىلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە مەركەشلىشىدۇ: /j3",N+I  
ۋەسىيەتنامىدە بەش تۈرلۈك مۇكاپاتلا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن شۇ قەدەر زۆرۈر بولغان ماتېماتىكا ئىلمىگە مۇكاپات تەسىس قىلىش زادىلا تىلغا ئېلىنمىغان.  بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنى مۇنداق ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلشقا بولىدىكەن: G]$EIf'  
بىرى، ئەينى يىللاردا نوبېل ياخشى كۆرگەن قىز بىر ماتېماتىكىچى بىلەن بىرلىشىپ نوبېلنى ئالداپ قويغانىكەن. شۇڭا نوبېل بۇ ئىشقا بولغن نارازىىلىقى تۈپەيلى ۋەسىيەتنامىسىدە ماتېماتىكا مۇكاپاتىنى تىلغا ئالمىغان بولۇشى مۈمكىن ئىكەن. Xhyn! &H5  
بۇ قاراشنى ئەلۋەتتە مۇتلەق توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بىر ئالىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئاساسىي سەۋەب بولماسلىقى مۈمكىن. بىز بۇنى ئەڭ مۇھىمى ئەينى  دەۋردىكى تارىخي سەۋەب بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىپ باقايلى. HNc/p4z  
نوبېل بولسا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ پۈتكۈزمىگەن،شۇڭا ئۇ ماتېماتىكا ئىلمىنى ئانچە چوڭقۇر چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇ ئۆمرىدە خىمىيە تەجرىبىسى  ھەم كەشپىياتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بۇنداق كەشپىياتلىرىدا ماتېماتىكىنىڭ ئانچە چوڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان. GJ`._ju  
نوبېل ئۆزى ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرگە بىۋاستە نەپ ئېلىپ كېلىدىغان پەن بىلەن شۇغۇللانغان بولغاچقا، مۇكاپاتنىمۇ مۇشۇنداق پەنلەر ساھەسىگە بېرىشنى  ئويلىغان.  ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ  بايقاش جەھەتتە ئەينى چاغلاردا  فىزىكا ، خىمىيەلەرگە تېخى يەتمەيدىغان ھالىتىى نوبېلنىڭ بۇ پەنگە جىددىي قارىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. Kwm_Y5`A  
نوبېل فىزىكا، خىمىيە ئالىمى بولغاچقا، ئۇ تەبىئىي ھالدا تەجرىبە پەنلىرىنىڭ رولىنى ناھايىتى ئۈستۈن قويغان، تەجرىبە پەنلىرىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇنىڭ مەقسىدى بولغان.  ماتېماتىكا نەزەرىيىۋى پەن بولغاچقا، بۇ پەن نوبېلنىڭ ئالىي مەقسىتى ۋە دىققىتىدىن  سىرتتا  قالغان. FSz<R*2  
ئەينى چاغدا ئىسكاندىنوۋىيە ئارىىلدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا مەخسۇس ماتېماتىكا ئىلمى بويىچە تەسىس قىلىنغان «ئىسكاندىنوۋىيە مۇكاپاتى» دەيدىغان بىر مۇكاپات بار بولغان.  شۇ سەۋەبتىن نوبېل    ماتېماتىكا ئىلمىگە يەنە مۇكاپات تەسىس قىىلشنىڭ ھاجىتى يوق  زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىغان . b LGC  
دېمەك، يۇقىرىدەك ئامىللارنى نوبېلنىڭ ئۆز ۋەسىيەتنامىسىگە ماتېماتىكا مۇكاپاتىنى يازمىغانلىقىنىڭ ئاساىي سەۋەبى دەپ قاراشقا بولىدىكەن، ئەمما، نوبېلنىڭ ياخشى كۆرگەن قىزىنىڭ ماتېماتىكا ئالىمى بىلەن خۇپىيانە بىرلىشىۋېلىپ، ئۆزىىن ئالداپ قويغانلىقى سەۋەبلىك بىر ئۆمۈر توي قىلمىغانلىقى بىر تارىخىي ئەمەلىيەت بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ گۇمانى يەنىلا تولۇق ئايدىڭلىشىپ كەتمىگەن. .x] pJ9  
لېكىن كىشىلەرگە ئايان بولغىنىدەك، نوبېل مۇكاپاتى ھازىر جەمئىي ئالتە تۈر بويىچە تارقىتىلىدۇ. ئەسلىي ۋەسىيەتنامىدە بەش تۈر تەسىس قىلىنغان.  1968- يىىلغا   كەلگەندە شىۋېتسىيە بانكىسى نوبېلدىن ئىبارەت بۇ مەشھۇر ئىقتىسادشۇناشنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، نوبېل مۇكاپاتىغا «نوبېل ئىقتىساد  مۇكاپاتى»  نىمۇ قوشقان بولۇپ، بۇ مۇكاپات سوممىسىنى شىۋېتسىيە بانكىسى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ. o~CEja &(  
ئۇنىڭدىن باشقا نۆۋەتتە خەلقئارادا يەنە  «نوبېل يەر شارى مۇكاپاتى» مۇ بارر بولۇپ، نوبېلنىڭ جەمەت تۇغقانلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ئىقتىساد چىقىرىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان ئىكەن. بۇ مۇكاپات 1996- يىلىدىن باشلاپ يەر شارى كىلىماتىنى قوغداش، مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى تۆھپىكارلارغا بېرىلىۋېتىپتۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ماتېماتىكا مۇكاپاتىنىمۇ قوشسا بولامدۇ- يوق، دېگەن مەسىلە نۆۋەتتىكى قىزىق تېما بولۇۋاتماقتا. hbr3. 
ئىككىنچى، «ۋەسىيەتنامە» دە مۇكاپاتلىنىدىغانلارنىڭ  دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىماسلىق ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ;; {K##^l  
ئەينى چاغلاردا شىۋېتسىيە، دانىيە، نورۋېگىيەدىن ئىبارەت بۇئۈچ دۆلەت ئىسكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىىلدا ئۆزئارا قوشنا دۆلەتلەردىن بولۇپ، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە يېقىن قانداشلىقى ياكى چوڭ جەھەتتىن ئوخشاشلىقى بار ئىدى. شۇڭا نوبېل بۇ مۇكاپاتنى ئىسكاندىنوۋىيە ئارىىلدىكى دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلەپ قويۇش ھەقىقي مەنىدىكى «خەلقئارالىق» بولماي قالىدۇ، دەپ قارىغان.  ياۋروپادىىكى دۆلەتلەرنى ۋە تاۋروپا سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىمۇ مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەقىقىي خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد  قىلغان. شۇڭا ئۇ ئۆز ۋەسىيتنامىسىگە دۆلەت تەۋەلىكىگە چەكلىمە قويماسلىق توغرىسىدا ئالاھىدە سۆز قالدۇرغان. بۇنىڭدىن نوبېلنىڭ پۈتكۈل يەر شارى ئىلىم- پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈدىغان، مىللەت، ئىرق، رايون ئايرىمايدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئالغا بېسىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئالىم ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. tcRJ1:d  
ئۈچىنچى، «ۋەسىيەتنامە» دە «ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە»، «ئەدەبىيات ساھەسىدە» دېگەن سۆز بار. بۇ ئىككى سۆز نوبېل مۇكاپاتىنى ئەسەر تاللاشتا يىل ھەم ئەسەر چەكلىىمسىگە ئىگە قىلىپ قويىدۇ.  Pw +nO  
ئەگەر بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىرىنچىسىنىڭ روھى بويىچە بولغاندا، مۇكاپاتقا پەقەت ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئىجاد قىىلنغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئىچىدىنلا تاللاش كېرەك، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىجاد قىلنغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ۋە مۇنەۋۋەر ئەدىبلەر مۇكاپاتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان ئەدىبلەرگە نىسبەتەن ئۇۋاللىق بولىدۇ. ئەمدى بۇ سۆزنىڭ ئىككىنچىسىنىڭ روھى بويىچە بولغاندا، تاللىنىدىغان ئەسەرلەر پەقەت ئەدەبىي ئىجادىيەت خاراكتېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلەرلا بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا ئەدەبىي ئىجادىيەت خاراكتېرىدە بولمىغان ، ئەمما رېئال تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى بىلەن تەربىيەلەيدىغان بىلىم بېرىدىغان، ئىستېتىك قىزىقىشنى قوزغايدىغان باشقا ئىجادىي ئەسەرلەر، مەسىلەن، پەلسەپىۋى ئەسەرلەر، تارىخيي- ئىجتىمائىي تىپتىكى ئەسەرلەر تاللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئوخشاشلا پايدىلىق رول ئويناۋاتقان مەشھۇر پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، ئۇلارنىڭ بارلىق پەلسەپىۋى- تارىخىي ئەسەرلىرى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدۇ. بۇمۇ ئەلۋەتتە بىر ئادىل بولمىغان ئىش. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالىغۇچىلار بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئوۇلىنىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا بۇ ئىككى سۆزگىمۇ ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر دەپ قارىدى. JKrS;J^97v  
  شۇنداق قىلىپ باھالىغۇچىلار  «نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش نىزامى» نى تۈزگەندە «ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە» دېگەن سۆزنى «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان » دېگەن سۆزگە، «ئەدەبىيات ساھەسىدە» دېگەن سۆزنى «ئەدەبىي قىممىتى بار بولغان ساھەدە» دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتتى. v.4G>00^  
 بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئۆگەرتىلىشى ياكى ئۇقۇم دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئەسەر تاللاشتىكى ۋاقىت چېكى بىلەن ئەسەر خاراكتېرىگە تەڭشەش ئېلىپ كەلدى. مۇكاپاتلاش دائىرىسىنى غەيرى ئەدەبىيات ساھەسىگىچە كېڭەيتتى.  نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلىپ  ئىككىنچى يىلىلا يەنى  1902- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا گېرمانىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ مىڭسىن  (1817- 1903) ئېرىشتى. ئۇنىڭ «رىم تارىخى» ناملىق تارىخىي ئەسىرى مۇكاپاتلاندى. يەنە 1908- يىلى گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ ئوگكىن( 1846- 1996)، 1927- يىلى فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ پوگسىن (1859- 1941) ، 1950- يىلى ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ لوس (1872- 1970)، 1953- يىلى ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىر چېرچىل (1874- 1965) قاتارلىقلارمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت خاراكتېرىگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئۆزىدە ئەدەبىي قىممەت ياراتقان ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. b5Q>e%i#  
باھالىغۇچىلار گەرچە «ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە» دېگەن سۆزنى ئۆزگەرتەلىگەن بولسىمۇ، بۇ سۆز ئىپادە قىلىپ تۇرغان يەنە بىر مەنە _ ھازىر ھايات ياشاپ تۇرغانلارغا بېرىلىدۇ، دېگەن سۆزنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغان. شۇڭا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتلىرى تا ھازىرغىچە ھايات ياشاپ تۇرۇۋاتقان، ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى توختىماي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەدىبلەر ئىچىدىن تاللىنىپ، ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئەدىبلەرگە بېرىش چەكلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ. باھالاش تەرتىپلىرى باشلىنىپ بولۇنغان ۋاقىت ئىچىدە ئەگەر ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كېتىپ قالغان بولسا دەرھال تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلىۋاتىدۇ. .oLV\'HAR  
جۇڭگولۇق يازغۇچىلاردىن لاۋشې بىلەن شېن سوڭۋېنلارمۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن نامزاتلار قاتارىدا باھالىنىۋاتقان مەزگىلدە ۋاپات بولۇپ كېتىپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەي قالغان. لاۋ  شې 1966- يىلى نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. باھالاش جەريانىدا ئاخىرقى بەش نەپەر ئەدىبنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىپ بولغان. نامسىز بېلەت تاشلاش باشلانغاندا لاۋ شېنىڭ ۋاپات بولغانلىق |خەۋىرى تارقالغان. باھالاش  كومىتېتىدىكىلەر بۇ خەۋەرنى دەلىللىگەندىن كېيىن، ئۇنى دەرھال نامسىز بېلەت تاشلا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن. داڭلىق يازغۇچى شېن سوڭۋېنمۇ شۇنداق قىسمەتكە يولۇققان، شېن سوڭۋېننىڭ ئەسەرلىرى خېلى بۇرۇنلا چەت ئەللىك تەرجىمانلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 1987- 1988- يىللىرىدا شېن غوڭۋېننىڭ «شېن سوڭۋېن ئەسەرلىرى توپلىمى»، «چېگرا شەھىرى» شىۋېت تىلىدا تەرجىمە قىلىنپ نەشر قىلىنغان. شېن سوڭۋېن 1987- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى باھالاشتا چۈشۈپ قالدى. 1988-يىلى يەنە بىر قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. بۇ يىلدا ئۇنىڭ يەنە ئىككى ئەسەرلەر توپلىمى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن شېن سوڭۋېن قىزغىنلىقى يەنىمۇ ئاشتى. لېكىن مۇشۇ يىل 5- ئاينىڭ 10- كۈنى شېن سوڭۋېننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقالدى. بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن باھالاش كومىتېتىدىكىلەر شېن سوڭۋېننى ئاخىرقى  نامسىز بېلەت تاشلاش تىزىملىكىگە كىرگۈزمىدى. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش  جەريانىدا بۇنداق ئەھۋاللار  باشقا دۆلەت يازغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ كۆرۈلگەن. ,d*hhe  
تۆتىنچى، نوبېل «ۋەسىيەتنامە»دە  ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تاللىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ «غايىۋى مەقسەتدارلىق خاھىشىغا » ئىگە بولغان «ئەڭ نادىر ئەسەر» بولۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان. Z_S{$D  
نوبېل بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپلا ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرەتتى. ئاز- تولا  شېئىرلارنىمۇ يازغان. نوبېل ۋاپات بولغاندىن كېيىن باشقىلار ئۇنىڭ قول يازمىلىرىنىڭ ئىچىدىن ھەتتا باشلاپ قويغان، تېخى ئاخىرلاشمىغان بىر ھېكايىنىڭ ئارگىنالىنى ئۇچراتقان. دېمەك، نوبېل گەرچە خىمىيە ئالىمى بولسىمۇ، ئەدەبىيات ئىلمىنىڭ چوڭقۇر تەسىر قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئەدەبىياتنىمۇ خىمىيەنى سۆيگەنگە ئوخشاش سۆيگەن. H|wP8uQC  
نوبېل ياۋروپا ئەدەبىياتىدا ئەنئەنىۋى رېئالىزملىق  ئەدەبىيات بىلەن رومانتىزملىق ئەدەبىيات تەڭ گۈللىنىۋاتقان مەزگىللەردە ياشىغان. مۇتەپپەككۇرلارنىڭ ئىنسان ئەركىنلىكىنى  ھەم باراۋەرلىكىنى مەركەز قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان مەرىپەتچىلىك ئىدىيەۋى تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلغان. نوبېل ياشىغاب دەۋردە گېگىلنىڭ چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ بىرىكمىسى بولغان غايىۋى جەمئىيەت ئىستېتىكىسىنىڭ ياۋروپا ئەدەبىياتىدىكى تەسىرى چوڭقۇر ئىدى. بۇ خىل ئىدىيەلەرنىڭ تۈرتكىسىدە شۇ دەۋر ئەدەبىياتىدا ئەركىنلىك،  باراۋەرلىك، مېھىر- مۇھەببەتنى ئۇۇلغلايدىغان، ئىنسانپەرۋەرلىك غايىسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدىغان ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىۋاتاتتى. نوبېل ئىجتىمائىي ئىدېئولوگييە جەھەتتە مۇشۇنداق ئىدىيەلەرنىڭ، بولۇپمۇ گېگىلنىڭ ئىستېتىك تەلىماتلىرىنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەدەبىياتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ تەبىئىي رەۋىشتە غايىۋى خاھىشنى چىقىش قىلغان ئىدى. Kdp($L9r  
شۇڭا «عايىۋىلىك» دېگەن بۇ سۆزنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ قىممەت يادروسى دېيىشكە بولاتتى. 1901- يىلى تۇنجى قېتىملىق نوبېل ئەدەبىيات  مۇكاپاتى فرانسىيەلىك يازغۇچى ھەم شائىر بولدۇمغا بېرىلگەندە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتكەن قويۇق ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن دېموكراتىزملىق غايىسى ئاساس قىلىنغان.  O&|<2Qr  
ۋەسىيەتنامىدە تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىككى ھالقىلىق سۆز ئېنىقكى، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تاللاپ چىقىشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەمدۇر. بۇ ئىككى ھالقىلىق سۆزنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تولىمۇ مۈشكۈل. ئەگەر بۇ ئۆلچەم بىلەن ئەسەر تاللاشقا توغرا كەلسە، نۇرغۇن داڭلىق، مەشھۇر  يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى تاللىنالماسلىقى مۈمكىن.  چۈنكى، ھەممە داڭلىق يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنىڭ غايىۋى مەقسەتدارلىق خاھىشىغا ئىگە بولۇشى ناتايىن.  يەنە كېلىپ بۇ ئۆلچەمنى مەڭگۈ شۇ پېتى يۈرگۈزۈشنىڭ ئۆزى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا بىر تەرەپلىمىلىك تەسىر كۆرسىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئەدىبلەرنى غايىۋى مەقسەتدارلىق تىپىدىكى ئەسەرلەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش تەرەپكە يېتەكلەپ قويۇشى مۈمكىن. بۇ چاغدا ئەدەبىيات ئەمەلىيىتى تۇرمۇشتىكى ناچار، تەرەپلەرنى تەنقىد قىلىدىغان، ئۆتكۈر، رېئال مەسىلىلەرنى ئېچىپ بېرىدىغان، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىرقىي تەرەپلەردىكى نامۇۋاپىق مەسىلىلەرنى پاش قىلىدىغان، كىشىلەر ئارىسىدىكى بولمىغۇر ھادىسە، قىلىقلارنى مەسخىرە  قىلىدىغان  ساتىرىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن چەتنەپ كېتىشى، تەنقىدىي روھتىن ئايرىلىپ قېلىشى مۈمكىن. ئەدەبىيات ساھەسىدە ئەخلاقىي گۈزەللىك ۋە ياخشىلىق، يۈكسەكلىك غايىسى ئىپادىلىنىدىغان ۋە مەدھىيەلىنىدىغان بىرلا تەرەپ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى مۈمكىن. نوبېل ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئادىمى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدە بۇ سۆزنىڭ سالمىقىنى بۇنچە چوڭۇر ئويلاپ كەتمىگەنلىكى ئېنىق. لېكىن باھالىغۇچىلارنىڭ بۇ سۆزنىڭ ئەدەبىي ئىجدىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى ئويلانماسلىقى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلمايمۇ بولمايتتى، چۈنكى قائىدە بويىچە بولغاندا مۇكاپات پۇلىنى نوبېل چىقارغاچقا ئۇنىڭ سۆزى ھېساب بولاتتى. شۇڭا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بۇ ئۆلچەم يەنىلا كۈچكە ئىگە قىلىندى. b l+g7g;  
بەشىنچى، ۋەسىيەتنامىدە تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نورۋېگىيەدىن  تارقىتىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 0.n[_?<(  
نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدە دېيىلگەن ئېنىق تەلەپ بويىچە ھازىرغىچە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى نورۋېگىيە نوبېل تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى باشچىلىقىدىكى بەش كىشىلىك ھەيئەت تارقىتىپ كېلىۋاتىدۇ. z^Ikb(KC  
نوبېلنىڭ بەش تۈرلۈك مۇكاپاتىنىڭ تۆتىنى شىۋېتسىيە تارقىتىپ، ئاخىرقى بىرىنى يەنىلا ئىنسانلار دوستلۇقى ھەم ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئۆتەيدىغان تىنچلىق مۇكاپاتىنى نورۋېگىيەدە تارقىتىشنى ھاۋالە قىلىشىدا ئەينى دەۋردىكى ئالاھىدە تارىخىي ئەمەلىيەت كۆزدە تۇتۇلغان ئىدى. 1813- يىلى نورۋېگىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ، شىۋېتسىيە نورۋېگىيەنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. شۇندىن كېيىن نورۋېگىيە بىلەن شۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا جىدەل- ماجرا توختىماي يۈز بېرىپ تۇرغان. 1905- يىلىغا كەلگەندىلا نورۋېگىيە قايتىدىن مۇستەقىل بولغان. نوبېل ھايات چېغىدا ئىسكاندىنوۋىيە  ئارىلىنىڭ ھەم بۇ ئارالدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقىنى ئارزۇ قىلغان. ئۇ ھەربىي ھازىرلىقلار كۈرىشىگە قارشى تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلغان. جۈملىدىن شىۋېتسىيە بىلەن نورۋېگىيەنىڭ ئەپ- ئىناق بولۇشىنى تىلىگەن. شۇڭا نوبېل ېەسىيەتنامىسىدە تىنچلىق مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. يەنە كېلىپ تىنچلىق مۇكاپاتىنى نورۋېگىيەدە تارقىتىشنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، تىنچلىقنى ھىمايە قىلىدىغان ئىدىيەسىنى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلىگەن. kv3Dn& 
3. ۋەسىيەتنامە روھىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە مويەننىڭ ئەسەرلىرى #m{*]mY@  
شۇنداق قىلىپ بەش يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 1901- يىلىغا كەلگەندە نوبېل ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە يىلىدىن  باشلاپ نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىشقا باشلىدى. &gY) x{  
1901- يىلىدىن تاكى 1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىگىچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۈچۈن تاللىنىدىغان ئوخشاشلا بىر خىل گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ، غايىۋىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان NSB6 2  
بولۇش ئۆلچىمى قويۇلۇپ كەلدى. بۇ يەردىكى غايىۋىلىك ئەدەبىي ئەسەرلەر قوغلىشىدىغان غايىۋى ئۈنۈمدارلىق مەسىلىسى بولماستىن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەتمەكچى بولغان يۈكسەك ئەخلاقىيلىق ۋە ئىدراكىيلىق جەھەتتىكى مەنزىل دەپ قارالدى. شۇڭا بۇ خىل غايىچىلىك ئەسەر تاللاشتا تېما، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى دېگەنلەرگىچە بىر خىل چەكلىمىلىك ئېلىپ كەلدى. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى بەدىئىي جەھەتتىكى  مۇكەممەللىك غايىۋىلىك ئىچىگە كىرگۈزۈلمىدى. شۇنىڭ بىلەن 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەسلىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى كېرەك بولغان شىۋېتسىيەلىك مەشھۇر دىراماتورگ ستېر بىنرىگ (1849- 1912)، نورۋېگىيەنىڭ يېسىن (1828- 1906)، رۇسىيەنىڭ لېف. تولستوي(1828- 1910)، فىرانسىيەنىڭ ئېمىڭ زولا (1840- 1902)  قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئەدىبلىرى بۇ مۇكاپاتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى «غايىۋى خاھىشقا بولغان تەلپۈنۈش» جانلىق گەۋدىلەنمىگەن، جەمئىيەتتتىكى مەلۇم ھادىسىلەرنى تەنقىت قىلغان، ھەجۋى قىلغان، گۈزەل ئەخلاقنى مەدھىيەلىمىگەن، دەپ قارالغان. m3lz#Pm'0  
دېمەك، باھالىغۇچىلارنىڭ ۋەسىيەتنامىدىكى «غايىۋى » دېگەن سۆزگە بولغان مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈشىنىڭ تەسىرىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا مۇكاپات ئۆز تارىخىدا ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا يازغۇچىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئۇلار بىلەن باغلاشتەك شۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدى. بۇ ھال ھازىرغىچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارىخىدىكى ئەپسۇسلۇق بىر بەت بولۇپ قالغان. [c 8=b,EI  
دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ تېما ھەم مەزمۇنىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە، ئەدىبلەرنىڭ ئىپادىلەش ماھارەتلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، 1- دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدا ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشتىكى ئۆلچەملەردە ئاز- تولا ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇنىڭغا بىر تەرەپتىن باھالىغۇچە ئاكادېمىكلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ، ياشلار بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن «غايىۋى خاھىش» ئۇقۇمىدا بۇرۇلۇش بولغانلىقى ئاساسىي سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋردە دەۋر تەلىپى چىقىش قىلىنىپ، ئەسەرلەرگە قويۇق ئىنسانپەرۋەرلىك روھى سىڭدۈرۈلگەن بولۇش تەرىپىمۇ نەزەرگە ئېلىندى. $El-pMq  
نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى باھالىغۇچىلىرىنىڭ ئورۇن ئالمىشىشى، يېڭى بىر ئەۋلاد باھالىغۇچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ئۆلچەملىرىمۇ ئاستا- ئاستا دەۋر روھى ھەم تەلىپىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈردى ھەم مەلۇم تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. يېڭى ئەۋلاد باھالىغۇچىلار نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسىگە  يېڭى نەزەر، يېڭى ئاڭ بىلەن قارىدى. نەتىجىدە ئىلكوت، فوللنىر، ھېمىڭۋاي، نېرودا قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەر ئارقا- ئارقىدىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېىشتى. U+)p'%f;  
20- ئسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ئۆلچەملىرى دەۋر ئۆزگىرىشلىرى بىلەن تەڭ ئۆزگىرىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك بىر روھنى نامايەن قىلدى. ئىلگىرىكى «غايىۋى خاھىشچانلىققا ئىنتىلىش» تەلىپى بىلەن بىللە ئاستا- ئاستا «ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا، شۇنىڭدەك تەربىيەۋى قىممىتى جەھەتتىكى يونىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش» ئۇقۇمىمۇ بارلىققا كەلدى. ئەدىبلەرنىڭ قوللانغان ئەدەبىي ۋاستىلىرىنىڭ يېڭىلىقى، ئىجادچانلىقى، تىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمۇ ئوخشاشلا باھالاشتىكى ئۆلچەملەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئىپادىلەش ماھارىتى ۋە تىل جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچى- شائىرلار بارلىقا كېلىشكە باشلىدى. !rM~   
ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ھەرگىزمۇ بىر يازغۇچى مەيلى نېمىلا تېمىدا ئەسەر يازسۇن پەقەت ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا، ماھارىتىدە، تىلىدا يېڭىلىق يارىتىپ زور ئىزدىنىشنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىلا، ئۇنى نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا تاللاۋېرىشكە بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تاللىنىدىغان ئەسەرلەر چوقۇم نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدە دېيىلگىنىدەك «ئىنسانىيەتكە پايدىىلق بولۇش»  تەك ئەڭ تۈپ ئالدىنقە شەرتنى ھازىرلىغان بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر «مۇنەۋۋەر ئەسەر» بولۇشى كېرەك. ھازىر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تاللىنىدىغان ئەسەرلەرگە بولغان ئۆلچەملەر دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلدى، كېڭەيتىلدى، ئىلگىرىكىدەك تار بىر تەرەپلىمە چۈشەنچىلەر بىلەن قارىلىۋالىدىغان ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىلدى. بۇ ئەلۋەتتە ھەممە بىردەك ئالقىشلايدىغان ئىشتۇر، شۇنداقلا ئەدەبىي ئىجدىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن تاللاشتۇر. لېكىن، تېما جەھەتتە ئەڭ ئاۋۋال ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشتەك تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشتىكى مەڭگۈلۈك ئۆلچەمدۇر. |/*Pimk  
جۇڭگو يازغۇچىسى مويەننىڭ 2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى نوبېل مۇكاپاتىغا تاللانغان ئەسەرلەرگە قارىتا قويۇلۇدىغان ئۆلچەملەردە زور ئىسلاھات بولغان مەزگىلنىڭ نەتىجىسى دەپ  قاراشقا بولىدۇ. يەنى، ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان ئۆلچەمدە يەنە ئەدەبىيلىك تەكىتلىنىپ، يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىي روھىغا مەدەت بېرىش، تىل، يەرلىك مەدەنىيەت، ئەدەبىي شەكىل قاتارلىقلار تېگىشلىك ئېتىبارغا ئېرىشىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىز مويەننىڭ ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، مەزمۇن جەھەتتە تارىخىيلىق بىلەن رېئال مەۋجۇتلۇق تېمىسىنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. خاھىش جەھەتتە چىنلىققا سادىق بولۇش، ئىنساننىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى ۋە ئۆزىنى تونۇشتىكى ئۈمىدسىزلىك ھەم تراگېدىيىلىك ھالەتلىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. تارىخىي ھەم رېئال مەسىلىلەردىن چىقىپ، ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلۇق ئېڭىغا چوڭقۇر نەزەر سېلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مويەن ئەسەرلىرىدە يېتەرلىك تەنقىدىي   خاھىشمۇ بار. ناۋادا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدا يەنىلا ئىلگىرىكىدەك «غايىۋى مەقسەتدارلىق خاھىشىغا ئىگە بولۇش»  ئۆلچىمى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىنىۋەرگەن بولسا، ئۇ ھالدا مويەن ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن بۇ ئۆلچەمگە تولۇق لايىقلىشىپ كېتەلمەسلىكى مۈمكىن ئىدى. خۇددى ئەينى يىللىرى تولستوي بۇ مۇكاپاتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغاندەك بىر خىل ئەپسۇسۇلىنارلىق ئىش قايتا تەكرارلانغان بولاتتى. ئۇ چاغدا بەلكىم كىشىلەرنىڭ بۇ يەردىكى سەۋەنلىكنى يازغۇچىغا ئەمەس، نوبېل مۇكاپاتىنى باھالىغۇچىلارغا قويۇشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. tF0jH+7J-  
بۈگۈنكى كۈندە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش ئۆلچىمى ئەسەرنىڭ خاس مەزمۇنىغا قاراشتىن تەدرىجىي ھالدا ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى نەزەرگە ئېلىشقا كېڭەيدى. ھەتتا مۇنداق ئۆلچەملەر نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاشتا ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتمەكتە. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالىغۇچىلارنىڭ مويەنگە بەرگەن باھا سۆزىدە ئۇنىڭ سېھرىيلىككە تولغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا ئالاھىدە يېڭىلىق ياراتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىسلاھ قىلش نوبېلنىڭ ئارزۇسىغىمۇ ئۇيغۇن. نوبېل ۋەسىيەتنامىسىدە بۇ مۇكاپاتنى رايون چەكلىمىسى بىلەن چەكلەپ قويماسلىقنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇنى خەلقئارالاشتۇرۇشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىنىمۇ  ئىپادىلىگەن. دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ  يەرلىك مەدەنىيىتى، رايون پەرقى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئىپادىلىنىدىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىكى ئۇسلۇب  ھەم خاسلىقلىرىمۇ ئۆزىگە خاس بولىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى ئەللەر ئەدەبىياتىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى دۇنياغا نامايەن قىلىش، بۇنداق ئەسەرلەردىن ئورتاق بەھرلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى خەلقئارالاشتۇرۇش جەريانىدىكى بىر يۈزلىنىش ھېسابلىنىدۇ. WVbrbs4  
   ئومۇمەن ئالغاندا، نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسى نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاشتىكى ئەڭ تۈپكى ۋە ئىلمىيلىكى بىلەن ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ تۇرماقتا. l]R0r{{  
[مەنبە: «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ 2013- يىللىق 2- سانى] *x"80UXL  


查看完整版本: [-- نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسى ۋە مويەن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled