查看完整版本: [-- ئابدىكىرىم ئابلىزغا شىئېرى چاقچاق --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> ئابدىكىرىم ئابلىزغا شىئېرى چاقچاق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-08-29 23:02

ئابدىكىرىم ئابلىزغا شىئېرى چاقچاق

ئابدىكىرىم ئابلىزغا شىئېرى چاقچاق
0u7\*Iy  
دەسلەپ رولغا چىققاندا «مېيىپ ئېكەن پۇتلىرى»؟،
«تۇرپانلىق» دەپ يۈرۈپتۇق، قەشقەر ئېكەن يۇرتلىرى.
WV8?zB1  
«كالتە ئىشتان» دەپ يۈرسەك، «كۇسار كۇ»كەن ئەسلىدە،
باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەي كەپتۇ سىلىنىڭ بۇرۇتلىرى...؟
Q:+cLl&;hB  
مەخسۇس فىلىم كۆرگەندە ئايرىلمىدۇق «مەشرەپ»تىن،
«خۇشبۇي» پۇرار ھەممە يەر، كەمدۇر يۇمشاق تورتلىرى.
\1p_6U7  
«كونا ئاياق» كەيگەندە «-دۇتتار كىمنىڭ !؟...» سورايمىز،
«قاسىم قوشۇق»نەدىدۇر؟... قالدى شىشخال، كورت ...لىرى.
KC`~\sYRN]  
«ھەۋەسكار...»لار قىلماقتا «رول»غا «جىددىي تەييارلىق»،
«ئىسستقۇنىڭ كۈچى» دە بولغاچ دۇئا - دۇرۇتلىرى؟...
N` DLIv8i;  
«قېرىنداشلار» ياراشماس، بىزگە ئەمدى «ساراڭ » لىق،
«سېيىت نوچى» دەك ياشايلى، بولماي شەيتان مۇرتلىرى.
#] @ 
«چۈشەنمىدىم» بىر ئىشنى «قورساق باقماق بەك ئاسان...»،
ئېچىلارمۇ قولايلىق «خالا جاي»نىڭ مۇتلىرى.
x*9CK8o=  
مۇشتلاپ كەلدۇق مەيدىگە، بولغاچ «بىزلەر ئەركىشى»،
دىلمىزدا قالمىسۇن «ھەسەت...» مېتە – قۇرتلىرى.
y,*>+xk,  
«بالۇن» كەبي سۆز تىزىپ، پۈتۈپ قالدى تىلكىم:-
چىقىپ تۇرسۇن ئېتوتنىڭ «مېيپ»لاردەك سورتلىرى.
E/MNz}+  
`xhiG9mz~  
ئاپتۇرى: يېڭىشەھەر ناھىيە تاغارچى يېزا چاقىلىق كەنتتىن قاسىمجان غۇپۇر (دېھقان)

ablatmuhamma 2013-08-29 23:55
ھەجەپ كەلتۈرۈلگەن تىل بار ئىكەن بۇ مىسرالاردا ،قاسىمجان تىلىمىزدى ھەجىۋىي ساھەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپتۇ ، قەلەملەر ھارمىسۇن ، شۇنداق رازى بولدۇم . ئۇيغۇر ساتېراچلىقى تەرەققىي قىلشى كېرەك ، يۈكسىلىشى كېرەك ، قېرىندىشلىرىم ...

ئۇيغۇر 2013-09-01 17:00
ھەي !... ئابدۇكېرىمكام كۆرگەنمىدۇ؟

ئەنۋەرچەرچەن 2013-09-01 21:09
بۇ دېھقان شائىرىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىدىن شۇنداق جانلىق پايدىلىنىپتۇ.

دىلخۇش 2013-09-19 22:42
شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ.قەلەم ئگىلىرى ھارمىغاي

مەرىپەت0999 2013-11-26 11:04
قەلەم ساھىبلىرىغا بەرىكەتلەر يار بولغۇسى!!!!

ئىدىقۇت 2013-12-20 15:24
بۇ دېھقان شائىرىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىدىن شۇنداق جانلىق پايدىلىنىپتۇ.

مىېھرىما 2014-01-20 21:41
ئابدۇكېرىم ئابلىز كۆرسە نىمە بوپ كېتەر. بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. رەھمەت.

قاراخان 2014-01-20 22:14
ياخشى يېزىلىپتۇ، شائىرنىڭ ئۆتكۈر تىلىغا قايىل بولدۇم.


查看完整版本: [-- ئابدىكىرىم ئابلىزغا شىئېرى چاقچاق --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled