查看完整版本: [-- 3. يېزىقچىلىق ۋە مەۋجۇدىيەت --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> 3. يېزىقچىلىق ۋە مەۋجۇدىيەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-08-23 18:36

3. يېزىقچىلىق ۋە مەۋجۇدىيەت

C]=E$^ |{  
3. يېزىقچىلىق ۋە مەۋجۇدىيەت Awh"SU Oh0  
مەدداھ ــ ① بازار ۋە كوچا-كويلاردا ئادەم توپلاپ دىنىي مەزمۇنلاردىكى بەزى پەند-نەسىھەت سۆزلىرىنى ياكى تارىخىي قىسسە، جەڭنامىلەرنى سۆزلەيدىغان كىشى: زۇنۇن قادىر كىچىكىدىن باشلاپلا خەلق داستانلىرى ۋە چۆچەكلىرىنى، مەدداھلارنىڭ قىسسە ۋە جەڭنامىلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدى . ② ئاغزى بېسىلماي گەپ قىلىدىغان ، گەپنى تولا قىلىدىغان ئادەم، مەمەدان. CXQ ?P  
شالغۇت ــ ① ئوخشاش بولمىغان تۈر ، ئۇرۇقداش ياكى ئوخشاش بولمىغان سورتتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان ؛ مېتىس : شالغۇت خوراز . شالغۇت زىگوتا . شالغۇت كالا . ② ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانلاردىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تۈر، ئۇرۇقداش ياكى ئىككى خىل سورتنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىققان يېڭى بىر خىل سورت . بۇنىڭدا ئالدىنقى بىر ئەۋلاد سورتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ : شالغۇت ئەجدادى . شالغۇت ئەۋزەللىكى . ③ ئوخشاش بولمىغان ئىرق ياكى مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن تۇغۇلغان : پۇرومى پوپ شالغۇت ئىدى . ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغانىكەن ، چوڭ ئانىسى يەھۇدىينىڭ قېنى ئارىلاشقان بېلگىيىلىك ئايال ئىكەن . blN1Q%m6  
تۈجۈپىلەپ ــ ئەستايىدىللىق بىلەن ،   ئىنچىكىلەپ . ]czy8n$+  
تەسەددۇق ــ تەقدىم ، قۇربان ، پىدا ، سەدىقە ، ئاتاش : تەسەددۇق قىلماق . * يا ئاللا بېگىم! سىلى ئۈچۈن بىر جان ئەمەس ، مىڭ جان بولسىمۇ تەسەددۇق دېسىلە . ]Cz16e&=2  
كىرزىس ــ ① بىردىن ، توساتتىن يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ، قىيىن ۋە مۈشكۈل ئەھۋال ؛ قىيىنچىلىق : سىياسىي كرىزىس . ھۆكۈمەت كرىزىسى . ② ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوشۇقچىلىقى نەتىجىسىدە ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ سۇنۇشىغا ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قىسقىرىشىغا ، ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشىگە ئېلىپ بارىدىغان ئېغىر مۈشكۈل ئەھۋال ، بوھران : سانائەت كرىزىسى . ئىقتىسادىي كرىزىس . eLYFd,?9  
سۇژىت ــ ئېپىك ، لىرىك ياكى دراماتىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغان ، ئۆزئارا باغلانغان ۋە راۋاجلىنىپ بارىدىغان ۋەقەلەر سىستېمىسى . e"CLhaT  
تەئەججۈپ ــ ① ئەجەبلىنىش ، ھەيرانلىق : تەئەججۈپتە قالماق . * ئۇ تەئەججۈپ ئىچىدە بېشىنى ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ قاتتىق قىستى . ② قىزىق ، ئەجەب : تەئەججۈپ! ھازىرلا بار نەرسە بىردەمدىلا يوقالدى - ھە! piG1&*  
مۇستەملىكە ــ كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، ھەربىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ، شۇلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنغان دۆلەت ياكى رايون . Qm.kXlsDI  
چۈشەپ قويماق ــ ئىسكەنجىگە ئالماق ، باغلاپ قويماق ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلماق . ' AAY!{>  
قاڭالتىر ــ قەلەي، تۈنىكە : قاڭالتىردىن مەش ياسىماق. 0hkuBQb\  
پەرۋاز ــ قانات كېرىپ ھەرىكەت قىلىش ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش؛ ئۇچۇش: پەرۋاز قىلماق.* ئاڭلىنىدۇ ئاشۇ خاڭدىن ناخشا ئاۋازى، ناخشىكى ئىشچىلارنىڭ ھايات پەرۋازى. m%V[&"5%e  

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-23 22:18
تەۋپىق ئەپەندى ،ئەجرىڭىزدىن مۇنبەرداشلىرىمىز چوقۇم خوشال بولىدۇ.

ياسىنجان510 2013-10-26 21:43
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر  

ياسىنجان510 2013-10-27 17:38
ئەجرىڭىزگەباركاللا،ئىزدىنىش روھىڭىزغا قايىلمەن.


查看完整版本: [-- 3. يېزىقچىلىق ۋە مەۋجۇدىيەت --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled