tawpek |
2013-08-23 18:32 |
ئانا يۇرت(ئىزاھات)
q+-Bl ئانا يۇرت SLG3u;Ab دىداكتىك ئەسەر ــ پەلسەپىۋى ، ئەخلاقىي، ئىلمىي، پىداگوگىكىلىق پىكىر ۋە نەسىھەتلەرنى ئەدەبىي شەكىلدە ئىپادىلەيدىعان ئەسەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ ، بۇخىلدىكى ئەسەرلەر نەسرىي شەكىلدىمۇ ، نەزمىي شەكىلدىمۇ ئىپادىلىنىشى مۇمكىن . 0Bpix|mq زوردۇن سابىر ــ 1937-يىلى تۇغۇلغان، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر يازعۇچىسى، غۇلجا ناھىيسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. !Z6GID})p بەدىئىي ــ ۋەقەلىكنى نەپىس سەنئەت ۋاسىتىلىرى، ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان، ئەدەبىيلىككە ئىگە: م: مەن ماقالە- خەۋەرلەرگە قارىغاندا بەدىئىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق. 'J`%[,@V تەبىقە ــ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئارقىسىدا بۆلۈنگەن قاتلام ، جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمى ، بىر بۆلىكى : پارتىيىمىز ھەر تەبىقە خەلقى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ . G*|2qX"o خەتنە توي ــ مۇسۇلمانلار ۋە بەزى خەلقلەردە تازىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئوغۇل بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇچ قىسمىدىكى تېرىسىنى قىسمەن كېسىش ياكى كەستۈرۈش : خەتنە قىلماق . بۇنى مۇبارەكلەپ ئۉتكۅزىلدىعان مەرىكە، سۈننەت توي . ^r چەكمەن چاپان ــ پىششىق ئېگىرىلگەن پاختا ياكى يۇڭ يىپتىن پۇختا ، سىلىق قىلىپ توقۇلغان يەرلىك رەختتىن تىكىلگەن چاپان . (Js'(tBhiU چەمبەخ ــ ھەمراھلىرى، قرىنداشلىرى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى . 9*%Uoy: زىغىر پاخىلى ــ بىر خىل دانلىق زىرائەتنىڭ دېنىدىن ئايرىلۋېتىپ قالغان غولى، سامىنى . oh5fNx دەملىك ــ نەپىسى ، دېمى بار ، تىرىك ، جانلىق : ئاللا يارىم سەن بۇ يەردە بارىكەندۇقسەن ، دەملىكمىكىن دەمسىزمىكىن بارىكەندۇقسەن . 10JxfDceD سەپرا ــ ① سارغۇچ رەڭلىك ، تەمى ئاچچىق ، ئۆتكۈر سۇيۇقلۇق . ئۇ جىگەردە ئىشلىنىپ ئۆت خالتىسىغا چۈشۈپ قويۇقلىشىدۇ . ئۇ مايلارنى پارچىلاپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ . سەپرا خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەر روھىي جەھەتتە ئىتتىك ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ، كۆز ئېقى ۋە تىلى سارغۇچ ، ئۇيقۇسى كەم بولىدۇ . ② قەي ، قۇسۇق : سەپرا قىلماق . ③ ئاسانلا ئاچچىقلاپ قالىدىغان ، چېچىلغاق ، تېرىككەك : قاتتىق يىللارمۇ ئۆتتى . قابىل دېھقان جامى سەپرا بوۋايغا ئايلاندى . zX!zG< رومان ــ ھەجمىەككەپ سيۇژىتلىق ، ئادەتتە پروزا شەكلى بىلەن يېزىلىدىغان ئەدەبىي ئەسەر : «ئىز» رومانى بۈگۈنكى ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى . 'W~O? ئەدەبىي تىل ــ بەلگىلىك بىر مىللەت خەلقىنىڭ ئېغىز تىلنى ئاساس قىلىپ ئۇزاق تارىخىي دەۋر جەريانىدا شەكىللەنگەن ، پىششىقلانغان ، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئەدەبىي ئەسەرلەر ، گېزىت - ژۇرناللار ، كىتاب ، ماتېرىياللار ، خەت - ئالاقە ۋە رادىئولاردا ئىشلىتىدىغان ئورتاق تىلى . eD* "#O)W ئەدەبىي زوق ــ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن كىشىدە پەيدا بولىدىغان تەسىرات. ئۇ بىر پۈتۈن ئەسەر ئۈستىدىمۇ، ئايرىم پېرسۇناژ ئۈستىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن . >Z?3dM~ [ ئەدەبىي ئوبزور ــ ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ئۈستىدە ، ئەدەبىيات-سەنئەت قانۇنيىتىنى يىتەكچى قىلىپ باھالاش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغان ماقالە ، ئەدەبىي تەنقىدىي ماقالە . M[0@3"}} ئەدىب ــ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى ؛ يازغۇچى ، شائىر ، قەلەمكەش : ئۇ داڭلىق ئالىملار ، ئەدىبلەر توغرىسىدا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى . tWi@_Rlx; ئەسەر ــ ① بىرەر نەرسىدىن قالغان ياكى ئۇنىڭدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگە ، ئىز ؛ ئالامەت :تېۋىپ ئۇنىڭ تومۇرىنى ھەرقانچە تۇتۇپ باققان بولسىمۇ ، ھېچقانداق كېسەللىكنىڭ ئەسىرىنى سېزەلمەپتۇ . ② تەسىر : سېنىڭ سۆزۈڭ ماڭا ئەسەر قىلدى . ③ كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان نېرۋا ئاجىزلىق ئالامىتى : ئەسىرى بار ئادەم . ئەسىرى تۇتماق . !9i,V{$c`" سۇژىت ــ ئېپىك ، لىرىك ياكى دراماتىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغان ، ئۆزئارا باغلانغان ۋە راۋاجلىنىپ بارىدىغان ۋەقەلەر سىستېمىسى . KX9+*YY, بامدات ــ ① تاڭ سەھەردە ، كۆن چىقىشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان بىرىنچى ناماز : بامدات ئوقۇماق . ② تاڭ سەھەر پەيتى ، بامدات نامىزى ئوقۇلىدىغان پەيت ، قاق سەھەر : سايىت : - ئەتە بامدات بىلەن يولغا چىقىپ كەتسەكمىكىن ، - دېدى داۋۇتقا . MOyQ4<_ ئىنجىق ــ ① بىرەر يەر ئاغرىغاندا ياكى بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئاجىز كەلگەندىكى كۈچىنىش ، چىڭقىلىش : قان سادەتخاننىڭ ماغدۇرسىز ۋۇجۇدىغا كۈچ بېغىشلىدى . ئىنجىق ، تولغاق باشلاندى . ② ئىشنى غاچ-غاچ قىلمايدىغان ، ھەرىكىتى ئاستا ؛ مىس-مىس : ئىنجىق ئادەم . ئىنجىق ئايال . ئۇ ئىنجىقنى نەدىنمۇ تاپقانسەن ؟ c{j0A;XMS مەزىن ــ مەسچىتلەردە ئەزان ئېيتىپ جامائەتنى نامازغا چاقىرغۇچى كىشى: ئەتراپتا مەزىننىڭ ئاۋازىدىن بۆلەك ھېچقانداق سادامۇ ئاڭلانمايتتى . E'e#axF; بورىچى ــ بورا توقۇش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى . 7vV3"uns تۈرگۈن يىگىت ــ قورقماس ، يۈرەكلىك ، جۈرئەتلىك ، دادىل يىگىت ئاشپەز يولۋاستەك تۈرگۈن ئادەم بۇلغىنى بىلەن ، كۆڭلى پاختىدەك يۇمشاق ئىدى . - ئۈرۈمچىلىك نۇجۇپ دېگەن مەن بولىمەن! - دېدى ئۇ تۈرگۈن سۆزلەپ . Tc@r#!.m ئۈكە ــ ھۇقۇشنىڭ پېيى ، بۇ خىل پەينى بەزى تۈركىي مىللەتلەر ئاياللىرى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە بۆكىنىڭ ئالدى تەرىپىگە قادىۋالىدۇ : ئۈكە تاقىماق . X#(?V[F] غۇنان ئات ــ ئىككى ياشلىق ئات . k: جىغان ــ جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى دەرەخ . گۈلى ئازراق سېرىق بولىدۇ ؛ مېۋىسى سوقىچاق ، كىچىك ۋە سۇلۇق بولۇپ تەمى چۈچۈمەل كېلىدۇ . (hVhzw"~ قىرغاۋۇل ــ بىر خىل قۇش . شەكلى توخۇغا ئوخشاپ كېتىدۇ . ئەركىكىنىڭ قۇيرۇقى ئۇزۇن ، پەيلىرى چىرايلىق بولۇپ ، كۆپىنچە قىزغۇچ ياكى توق يېشىل كېلىدۇ ، پارقىرايدۇ ؛ چىشىسىنىڭ قۇيرۇقى قىسقىراق كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ . يۈگۈرۈشكە ماھىر بولۇپ ، ئۇزۇنغا ئۇچالمايدۇ . قۇيرۇق پەيلىرى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ . ئۇ يەنە «ياۋا توخۇ» ، «تاغ توخۇسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ . B[Uvj~g جەرەن ــ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . تۈكلىرى ئاق سېرىق ، پارقىرايدۇ ؛ مۈڭگۈزى قىسقا ۋە سەل ئەگرى ، قۇيرۇقى قىسقا ، تۆت ئايىغى ئىنچىكە كېلىدۇ ؛ چۆللەردە ياشايدۇ ، گۆشى مەززىلىك ، تېرىسىدىن كىيىم تىكىشكە بولىدۇ . Jk|c!,! قاما ــ ① سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . بېشى كەڭ ھەم ياپىلاق ، قۇيرۇقى ئۇزۇن ، تۆت پۇتى قىسقا كېلىدۇ . بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بولىدۇ . تۈكلىرىنىڭ رەڭگى قوڭۇر بولۇپ ، زىچ ، يۇمشاق ۋە پارقىراق كېلىدۇ . تېرىسى ئەتىۋارلىق . ئۇنىڭدىن كىيىم ياقىسى ۋە باش كىيىملىرىنى تىكىشكە بولىدۇ . ② شۇ خىل ھايۋاننىڭ تېرىسى . @Wy>4B^ ئولجا ــ ① ئۇرۇش - جەڭلەردە قارشى تەرەپتىن تارتىۋېلىنغان ، غەنىيمەت ئېلىنغان بۇيۇم ، نەرسە : ئولجا ئالماق . ② شىكار ، ئوۋغا چىققاندا ئوۋلىغان نەرسە ، ئوۋ . d)(61 سوقا ــ ① بەك يۇمىلاقمۇ ، ئۇزۇنمۇ ئەمەس ، تۇخۇم شەكلىدىكى : سوقا چىلان. سوقا تاش. ② سۇ، قول، پۇت ياكى توك ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، شالنى ئاقلايدىغان ھاۋانچا شەكىللىك قۇرۇلما. ③ ساپان ju(&v*KA ھەج ــ مۇسۇلمانلارنىڭ مەككە شەھىرىگە بېرىپ ، زۇلھەججە ئېيىدا بەلگىلەنگەن قائىدە ۋە ئادەتلەرگە ئەمەل قىلغان ھالدا كەبىنى تاۋاپ ۋە زىيارەت قىلىشى : ھەج قىلماق . ھەجگە بارماق . ھەج سەپىرى . s+?r4t3H! چىبەرقۇت ــ پاختىدىن ئوڭ يۈزىگە موي چىقىرىپ توقۇلىدىغان يوللۇق رەخت : قارا چىبەرقۇت . ∥چىبەرقۇت چاپان . ~X;r}l=k< ئارقان ــ ئارغامچا : مەن قىرغاقنى بويلاپ ، قىزغا قارىتىپ ئارقان تاشلىدىم . i}Ea>bi{N ھەمداستىخان ــ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇش . #tG
/{R سەركە ــ ① پىچىلغان ئەركەك ئۆچكە : قوينى سەركە باشلايدۇ ، ئويۇننى ئەركە ( ماقال ) . ② جەرەننىڭ ئەركىكى ، ئەركەك جەرەن : جەرەن سەركىسى ئۇدۇلدىكى ئانچە ئېگىز بولمىغان تاقىر تاغ تەرەپكە يول ئالدى . ③ باشقىلارنى يېتەكلىگۈچى ؛ يولباشچى : ئالىم ئۇلارنىڭ سەركىسى ئىكەن . بىز ئالدى بىلەن ئۇنى تېپىپ سۆزلىشەيلى . E@QsuS2& تېقىمدىماق ــ ① ئۇلاغ ئۈستىدە تۇرۇپ ، بىرەر نەرسىنى تېقىمى ئاستىغا باسماق ، قىستۇرماق . ② ئات - ئۇلاغنى تېقىمى بىلەن دېۋىتىپ ھەيدىمەك : ئېتىڭنى پات-پات تېقىمداپ قوي ، سەل ئىتتىكلىمىسەك كۈن ئولتۇرغۇچە يېتىپ بارالمايمىز . sAS\-c'6 ساپساپچى ــ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ئەپلەپ - سەپلەپ باشقىلارنى ئالدايدىغان ، ساختىپەز ، قىزىل كۆز ئادەم : پاسار ئوتىنىڭ كۈلى چوڭ ، ساپساپچىنىڭ گېپى چوڭ (ماقال) . dix\hqZ بەيگە ئېتى ــ ئات بەيگىسىدە مەخسۇس ئىشلىتىلدىغان ئات. ~d_Z?Z تەلكە ــ غۇلجا بىلەن بۆرتالانىڭ ئارىسىدىكى تاغ نامى . ("o سانجاق ــ ① بايراق ، تۇغ . ② مىغ - مىغ ، زىچ : بىردىن يېرىم كېچىدە، چىقتى بوران شىددەتتە . دەھشەت سالدى ، باغدىكى سانجاق مېۋە، كۆچەتكە. \tLJ( <8 كۈرەك جۇۋا ــ قىسقا جۇۋا. bmna*!l^M بەرنا ــ يېزت . ياش ، نەۋقىران ؛ گۈزەل ، قەددى - قامىتى كېلىشكەن : بۈگۈن ئالدىمغا ھەممە بەرنا يىگىتلەر يىغىلىدىغانغا ئوخشايدۇغۇ؟ x_{ua0BLDf چۇقان ــ ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋاز ؛ سۈرەن : چۇقان سالماق . چۇقان كۆتۈرمەك . CF>k_\/Bj خۇشامەت ــ بىرەر كىشىگە تەمەگەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىش ، غەيرىي مۇددىئا بىلەن ياخشى كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنۇش، ماختاش ۋە شۇ خىل ئۇسۇلدا قىلىنغان مۇئامىلە:خۇشامەت قىلماق. زېرەك كىشى خۇشامەتنى دوست تۇتماس(ماقال).ئۇ مەخسۇتنىڭ خۇشامەت سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىققا، ئۇنىڭغا قارىماسلىققا تىرىشاتتى. qrO]t\ تورۇق ئات ــ قارامتۇل قىزىل، قىزغۇچ رەڭدە كەلگەن ئات . #*#4vMk< شاڭيۇ ــ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى تۈزۈمدە ھازىرقى يېزا باشلىقىغا تەڭ مەمۇرىي ئەمەل ۋە شۇنداق ئەمەلگە ئېرىشكەن ئادەم ، مۇنداق ئەمەلدارنى ھۆكۈمەت شۇ يەرلىك خەلقتىن بەلگىلەيدىغان بولۇپ ، شاڭيو بىر يېزىنى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن باشقۇراتتى . %l[Cm4 خۇرجا ــ خالايىق ، كۆپچىلىك . h1G]w/.ws لەۋەي ــ ① باشقىلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان چاقىرىققا «ھە ، ھەئە ، خوش» دېگەن مەنىلەردىكى ھۆرمەت جاۋابى : - مۇھەممەدجان ! - دېدى دادىسى بالىسىنى چاقىرىپ ،- لەۋەي دادا ، - دېدى ئوغلى ھايال قىلمايلا . ② «نېمە ، نېمە دەيسەن» دېگەن مەنىدىكى سوراقنى بىلدۈرىدۇ :لەۋەي ، يەنە بىر قېتىم دەڭا.
4?g~GI3 خادىك ــ تۆت چاقلىق ، مەخسۇس ئادەم توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئات ھارۋىسى . ئۇنىڭغا كۆپىنچە بىر ياكى ئىككى ئات قوشۇلىدۇ . $1.iMHb
ئاللاھۇ ئەكبەر ــ بىرەر نەرسىنى ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن ، دۇئادىن كېيىن ئېيتىلىدىغان ئادەت سۆزى . j[m\;3Sp يۇلقۇنۇش ــ ئالدىغا ئېتىلىش ، ئالدىغا كۈچەش. #B"ki{Se* ئالامان ــ توپ ، قوشۇن . m7z/@b[ ئىندىۋىد ـــ ئۆزىگە مۇستەقىل ھەربىر تىرىك نەرسە (يەنى ئورگانىزم ، جانىۋار ياكى ئۆسۈملۈك) . wd~e3%JM ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ــ ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ 1944-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي- دېموكراتىك قوراللىق كۈرىشى. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئېنقىلابىنىڭ بىر قىسمىدۇر. م: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مىللىي ئىنقىلابچىلىرىمىز ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى ياراتقان. g$
ZgR)q ئىستېتىكا ــ تەبىئەت دۇنياسى ، جەمئىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى گۈزەللىكنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئۇ ئاساسلىقى گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى ، سەنئەت بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى ، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ . idvEE6I@ چىگىش ــ ① «چىگمەك» پېئىلىنىڭ يەنە بىر خىل ئىسىمدىشى : ئۇ بالا مەكتەپ يېشىغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ، ھەتتا ئاياغ بوغقۇچلىرىنى چىگىشنىمۇ بىلمەيتتى . ② يىپ بوغقۇچ ، چاچ ، ئارغامچا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ چىگىلگەن جايى : يىپنىڭ چىگىشىنى يەشمەك . ③ ئىرماش- چىرماش بولۇپ قالغان ، چىرماشقان : چىگىش چاچ . ④ قىيىن، تەس ، مۈشكۈل ، مۇرەككەپ : تاشۋاينىڭ دەردى ھەر ئىككىيلەن ئۈچۈن ، ئىنتايىن چىگىش بىر مەسىلە بولۇپ تۇيۇلدى . }C"EkT!F نىيەت ــ كۆڭۈلدىكى ئارزۇ-ئىستەك مەقسەت ؛ ئوي - خىيال : مەن ئۇنىڭ تېخى مۇنداق نىيىتى بارلىقىنى بىلمەپتىمەن . Ooc,R( نادامەت ــ ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن روھى جەھەتتىن پەيدا بولغان ئازاب ، بىئاراملىق ، پۇشايمان ، ئۆكۈنچ ، ئەپسۇس : نادامەت چەكمەك . نادامەت قىلماق . GuQ3$B3j ئاڭ ــ ① پىكىر قىلىش قابىلىيىتى ، ئەقىل-ئىدراك : ئادەمنىڭ ئېڭى ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ . ② ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچە ؛ سەزگۈرلۈك : سىياسىي ئاڭ . سىنىپىي ئاڭ . ③ روھىي دۇنيا ، مەنىۋىلىك : ماددا بىرلەمچى ، ئاڭ ئىككىلەمچى . ④ نۇقتىئىنەزەر : سوتسىيالىستىك ئاڭ . كوممۇنىستىك ئاڭ . $.R$I&U 0gm+R3;k^
|
|