tawpek |
2013-08-23 18:26 |
15. ‹‹غەزەلىيات››تىن پارچە
15. ‹‹غەزەلىيات››تىن پارچە بىلال نازىم ئوقۇتۇش نىشانى: 1. بىلال نازىمنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرۈش، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى دىشۋارچىلىقلارنى چۈشىنىش 2. ئەسەردە سىڭدۈرۈلگەن پىغان، ھەسرەتنى ھېس قىلىش 3. غەزەلنىڭ بەدىئىيلىكىنى چۈشىنىش ھېسسىيات- پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى: موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپنىڭ ئىجادىيىتى، تۇرمۇشى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ئېسىل روھىدىن، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئىلھام ئېلىش. ئوقۇتۇش جەريانى: بىز كلاسسىكلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئېسىل شېئىرلاردىن ھوزۇرلىنىپ، ئۇلارنىڭ تارتقان مۇشەققەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىپ كەلدۇق. تۆۋەندە ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن ئەمگەكلىرى ئارقىلىق خەلق قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇدىغان، تۇرمۇشى جاپالىق ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا تېگىشلىك قەدىرلىنىشكە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغان يەنە بىر ئۇلۇغ زات بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. 1. ئاپتور ھەققىدە: بىلال نازىم ــ تەخمىنەن 1825-يىلى غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان ئۇنىڭ تۇلۇق ئىسمى موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ تەخەللۇسى نازىم 1899-يىلى قازاقىستاندىكى ياركەنتتە ۋاپات بولغان ئۇنىڭ ‹‹غەزەليات››، ‹‹نۇزۇگۇم››، ‹‹چاڭموزا يۈسۇپ خان››، ‹‹غازات دەر مۇلكى چىن›› قاتارلىق داستانلىرى بار. 2. ئەسەرنىڭ ئەسلىيسى بىلەن يەشمىسىنى روللارغا بۆلۈپ ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. (مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ شېئىرنىڭ ئەسلىسى بىلەن يەشمىسىنى سېلىشتۇرۇپ دېكلاماتسىيە قىلىڭ.) 3. ‹‹غەزەليات›› دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈش 4. بۇ غەزەلنىڭ ئەسلىيسىدە سىز مەنىسىنى ئۇقالىغان ياكى تەخمىنەن پەرەز قىلالىغان قانداق سۆزلەر ئۇچرىدى؟ 5. قاپىيىداش بولۇپ كېلىۋاتقان سۆزلەرنى سىزىپ بېرىڭ. 6. ‹‹بىۋەفا گەردۇن ئەفلاك يۈرەكىنى قىلىپتۇ چاك، قىلىپتۇ زەھەر ئاغۇشت ھەركۈن ئىچەر ئاشىمنى›› دېگەن مىسرانىڭ يەشمىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ. 7. شېئىردىكى شائىرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ۋە كەيپىياتى كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن مىسرالارنى تېپىپ مەزمۇنىنى بايان قىلىپ بېرىڭ. شائىر نېمە ئۈچۈن ‹‹كىشىلەر قەدرىمنى بىلمەيدۇ (مەن) ۋەتەننىڭ گۆھىرى دەيدۇ؟ سىزنىڭچە مۇشۇنداق دېيىش مۇۋاپىقمۇ؟ ئەسەردە قانداق ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەر قوللىنىلغان؟ تاپشۇرۇق: 1.شائىر بىلەن زامانداش يەنە قايسى مەشھۇر كىشىلەرنى بىلىسىز ؟ 2.شائىرنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ كېلىڭ . دوسكا لايىھىسى: ‹‹غەزەلىيات››تىن پارچە بىلال نازىم بىلال نازىم ــ تەخمىنەن 1825-يىلى غۇلجا. تۇلۇق ئىسمى موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ، تەخەللۇسى نازىم. 1899-يىلى قازاقىستاندىكى ياركەنتتە ۋاپات بولغان. ئەسەرلىرى: ‹‹غەزەليات››، ‹‹نۇزۇگۇم››، ‹‹چاڭموزا يۈسۇپ خان››، ‹‹غازات دەر مۇلكى چىن›› غەزەليات ـــ شائىرنىڭ ھېسسىياتى يېڭى سۆزلەر: پىغان، ئۈمىدۋارلىق ۋەتەننىڭ گۆھىرى ـ نازىم دەرستىن كېيىنكى تەسىرات:
|
|