查看完整版本: [-- 13. غەزەل --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> 13. غەزەل [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-08-23 18:22

13. غەزەل


13. غەزەل
ئاماننىساخان
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. ئاماننىساخاننىڭ كىملىكىنى بىلدۈرۈش، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى بىلەن تونۇشۇش.
2. ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئابدۇرەشىدخان بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خەلق قەلبىدىكى ئورنىنى ھېس قىلدۇرۇش
3. غەزەلنىڭ بەدىئىيلىكىنى چۈشىنىش
ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى:
ئاماننىساخاننىڭ بۈيۈك تۆھپىسىنى تونۇپ يېتىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى ئۇلۇغلاشقا يېتەكلەش
ئوقۇتۇش جەريانى:
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشتىن ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارغا مۇقامدىن بېرىلگەن ئارىيەنى ئاڭلاتسا بولىدۇ.
(ئاماننىساخاننىڭ رەسىمى كۆرسىتىلىدۇ)
بىلىۋېلىڭ:
1514- يىلى سەئىدخان 4 مىڭ 700 دىن ئارتۇق لەشكەرنى باشلاپ ئاتۇشقا كېلىپ، زالىملىقى چېكىدىن ئاشقان قانخور پادىشاھ ئابابەكرى مىرزىنى مەغلۇپ قىلىپ، 1514- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى ‹‹قەشقەر سۇلتانلىقى›› نى قۇردى. ئۇزاق ئۆتمەي خانلىق مەركىزىنىڭ يەركەنگە يۆتكىلىشى بىلەن بۇ خانلىقنىڭ نامى ‹‹يەركەن خانلىقى ›› دەپ ئاتالدى. سەئىدخان خانلىقنىڭ تۇنجى سۇلتانى بولدى. شۇڭلاشقا، بۇ خانلىق ‹‹سەئىدىيە خانلىقى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1533- يىلى سەئىدخان كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا ئوغلى ئابدۇرەشىدخان ئولتۇرىدۇ. ئابدۇرەشىدخان ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىل سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەدەنىي ھاياتى ئىنتايىن جانلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ گۈللەنگەن يەنە بىر ‹‹ئالتۇن دەۋر››ى ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇرەشىدخان شىكار قىلىش جەريانىدىكى بىر قېتىملىق ئەل ئىچى خۇپىيانە زىيارىتىدە ئاماننىساخاننى يولۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇزىكا، شېئىرىيەت، خەتتاتلىقتىكى ماھارىتىگە مەپتۇن بولۇپ، ئۆز ئەمرىگە ئالىدۇ.
ئاماننىساخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن، يېزىقچىلىق قىلىش بىلەن بىللە، ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن ‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى››نى رەتلەشكە باشلايدۇ.
بۇ دەۋردە ئابدۇرەشىدخان، ئاماننىساخان، مىرزا مىرەك چالىش، ئايازبىك قۇشچى، مىرزا مەھمۇد جۇراس، مىرزا ھەيدەر، قىدىرخان ياركەندى، مەۋلانە خۇلقى قاتارلىق مەشھۇر سىياسىيونلار، شائىرلار، مۇزىكاشۇناسلار، ئالىم- ئەدىبلەر يېتىشىپ چىققان.
ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس، تالانتلىق شائىرە ئاماننىسا خېنىم دولان (مەكىت)نىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئاماننىسا خېنىم ئۆز ھاياتىدا ‹‹دىۋان نەفىسى››، ‹‹ئەخلاقى جەمىلە›› (گۈزەل ئەخلاق)، ‹‹شۇرۇھۇلقۇلۇب›› (قەلبلەر شاھى) قاتارلىق شېئىر كىتابلىرى، رىسالىلەرنى يازغان. ‹‹ئىشرەت ئەڭگىز›› ناملىق بىر مۇقامنى ئۆزى ئىجاد قىلغان.
1. يۇقىرىقى پارچىنى ئوقۇپ، تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ.
1) سەئىدىيە خانلىقى (      )- يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى (      ) دەسلەپ خانلىقنىڭ مەركىزى (        ) بولغانلىقى ئۈچۈن، يەركەن خانلىقى دەپمۇ ئاتالغان.
2. سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى (       ) تەختكە ئولتۇرىدۇ. ئۇ پادىشاھ بولغان مەزگىل ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ يەنە بىر (             ) ھېسابلىنىدۇ.
3) ئاتاقلىق (     )، تالانتلىق (    ) ئاماننىسا خېنىم (   )نىڭ دەرياسى بويىدىكى (        ) مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
دەرسخانىدىكى مەشىق
2. ئاماننىسا خېنىمنىڭ ئۆز ھاياتىدا قانداق ئىجادىيەتلەرنى ياراتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
3. بۇ غەزەلنى ئاماننىسا خېنىم ئابدۇرەشىدخان بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇنلا يېزىپ ئاھاڭغا سالغان. غەزەلدىكى مەزمۇندىن ئابدۇرەشدخاننىڭ قانداق پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىز؟
4. تۆۋەندىكى مەشىقلەرنى ئىشلەڭ.
1) ساڭا يۈز شۈكۈر، يارەب، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،
فەقىر- مىسكىنگە ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ. ››
دېگەن بېيىتتىكى ‹‹فەقىر- مىسكىن›› (         ) كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹پەناھ›› دېگەن سۆز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق يېزىلىدۇ: (       )
2) بۇ شېئىرنى غەزەل دېيىشىمىزدىكى سەۋەب: (    )
3) ‹‹غەزەل›› دىكى ‹‹تەڭرى تەقەددۇسىغە›› دېگەن بىرىكمىنىڭ مەنىسى: (       )
مۇستەھكەملەش باسقۇچى
4) ئاماننىساخان تەخمىنەن (       )- يىلى تۇغۇلۇپ، (      )- يىلى قازا قىلغان. (    ) ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىدۇر.
5) يەركەن سەئىدىيە خانلىقى (             ) يىللاردا دەۋران سۈرگەن.
6) ئاماننىساخاننىڭ ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇقامىنىڭ نامى (     ) بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى (          ) دېگەنلىك بولىدۇ.
5.  بۇ غەزەلدە ئاماننىساخان ئۆز پىكرىنى نېمە ئۈچۈن تەڭرىگە شۈكۈر ئېيتىش بىلەن باشلايدۇ. بۇنىڭدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟
6. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ناملىرىنى يادقا يېزىپ بېرەلەمسىز؟ يادقا يازالمىسىڭىز ماتېرىياللاردىن ئاختۇرۇپ يېزىڭ.
تاپشۇرۇق
7. ‹‹غەزەل››نى نەسرىي شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ يېزىپ بېقىڭ.
دوسكا لايىھىسى:
غەزەل
ئاماننىساخان
يەركەن سەئىدىيە خانلىقى 1514- يىلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ دادىسى سەئىدخان قۇرغان.
ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئېلىپ بارغان ئىش- پائالىيەتلىرى:
ئاماننىساخان ــ تۆھپىسى ــ ئەسەرلىرى: ‹‹دىۋان نەفىسى››، ‹‹ئەخلاقى جەمىلە›› (گۈزەل ئەخلاق)، ‹‹شۇرۇھۇلقۇلۇب›› (قەلبلەر شاھى) قاتارلىق شېئىر كىتابلىرى، رىسالىلەرنى يازغان. ‹‹ئىشرەت ئەڭگىز›› ناملىق بىر مۇقامنى ئۆزى ئىجاد قىلغان.
‹‹غەزەل››نىڭ يېزىلىش سەۋەبى:
‹‹غەزەل››نىڭ بەدىئىي قىممىتى:
دەرستىن كېيىنكى تەسىرات:

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-23 23:42
دەرس تەييارلىقلىرىغا ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر قىپسىز.

تەشنا005 2013-10-21 13:35
ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر قىپسىز.   

nadiraay 2013-11-13 18:07
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ساقلىۋالدىم.

بابۇر0725 2014-02-14 20:07
ھەقىيقەتەن ئەتراپلىق قوللىنىشچان ياخشى تەييارلىنىپتۇ.قاپا چېكىپسىز رەھمەت سىزگە

گۈلنىھال 2014-02-14 20:23
‏بۇ تەييارلىق ئەستائىدىل تۈزۈلۈپتۇ ، رەھمەت !

   تېكىستى  بارغۇ  دەيمەن ؟

祖丽菲 2014-03-06 16:19
  
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ساقلىۋالدىم.

15894005488 2014-03-16 23:19
          


查看完整版本: [-- 13. غەزەل --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled