查看完整版本: [-- ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(6) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(6) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-08-23 18:04

ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(6)

ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(6) ZP%^.wxC  
ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:   o`RTvG Xk  
1.ئىپىك ئەسەرلەر خىلمۇخىل پېرسۇناژلارنى ھەر تەرەپتىن ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ.ئىپىك ئەسەرلەر سەھنە ئەسەرلىرىگە ئوخشاش ۋاقىت،ئورۇن،مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ،ئۇنىڭدا پېرسۇناژ تىلى ۋە بايان قىلغۇچى تىلىدىن ئوخشاش پايدىلىنىپ،ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان پېرسۇناژنىڭ سىرتقى قىياپىتى،پىسخىك ھالىتى،دىئالوگى ،ئۆرپ-ئادىتى ۋە سەرگۈزەشتىلىرىنى شېئىر،دىرامىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.ئىپىك ئەسەر ھەقىقىي ئادەم،ھەقىقىي ۋەقەلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.   $: Qi9N   
2.ئىپىك ئەسەرلەر تېخىمۇ مۇكەممەل،تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان سيۇژېتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.لىرىك شېئىرلاردا سيۇژېت بولمايدۇ،ئىپىك شېئىرلاردا سيۇژېت بولسىمۇ،ئاددىي بولىدۇ.دىراما بىلەن ئىپىك ئەسەرلەردە سيۇژېت بولسىمۇ،دىرامىغا قارىغاندا ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ سيۇژېتى تېخىمۇ مۇرەككەپ،خىلمۇخىل،ئەگىر-توقاي،مۇكەممەل بولىدۇ.   II~D66 bF  
3.ئىپىك ئەسەرلەر ھەرخىل مۇرەككەپ مۇھىتنى كونكىرېت تەسۋىرلىيەـ  لەيدۇ.مۇھىت-ئىجدىمائىي مۇھىت ۋە تەبئىي مۇھىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ   تىپىك پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن، سيۇژېت ئورۇنلاشتۇـ  رۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە مۇھىتنى تەسۋىرلەش لازىم.چۈنكى ئەسەردىكى پېرسۇناژمۇ رېئال ئادەملەرگە ئوخشاش مۇئەييەن مۇھىتتا ھايات كەچۈرىدۇ.ئىپىك ئەسەردىكى مۇھىت تەسۋىرى ئىنتايىن مۇھىم.مۇئەييەن دەۋر ۋە كونكىرېت مۇھىتتىن ئايرىلغاندا، پېرسۇناژلار خاراكتىرى تولۇق راۋاجلىنالمايلا قالماستىن،بەلكى ئەسەرمۇ چىنلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ.   5[/ *UtB  
   ئىپىك ئەسەرلەرنى بىرىنچى شەخس تىلىدىمۇ،ئۈچىنچى شەخس تىلى بىلەنمۇ بايان قىلىشقا بولىدۇ.   5,?9#n\E,  
1.ئىپىك ئەسەرلەر قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟   PkG+`N  
     ئىپىك ئەسەرنى تۈرگە بۆلۈش ئۇسۇلى خىلمۇخىل بولۇپ، تېمىسىنىڭ دەۋرى بويىچە تارىخىي ئىپىك ئەسەرلەر، ھازىرقى زامان ئىپىك ئەسەرلىرى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ ئىپىك ئەسەرلەر يەنە ماتىرىيال تاللاش نۇقتىسى، ئەكس ئەتتۈرىلىدىغان تۇرمۇش دائىرىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، سەھىپىسىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، ھەجىمىنىڭ چوڭ كىچىكلىـ   ـكى، پېرسۇناژلىرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، سيۇژىتلىرىنىڭ ئاددىي-مۇرەككەپـ  ـلىكىگە قاراپ ھېكـايە،پوۋېسـت،رومـان دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.   37lmB '~  
     ئىپىك ئەسەرلەر كۆپىنچە نەسرىي شەكىلدە يېزىلىدۇ. شېئىرىي شەكىلدە يېزىلىدىغان ئىپىك شېئىرلاردىمۇ ئىپىك ئەسەرنىڭ ئامىللىرى بولىدۇ.   y@_4OkR@  
/bbs/read.php?tid=7180          

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-23 23:40
تېمىلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن قىممىتى بار ئىكەن.

natiwan 2013-08-26 10:54
ياخشى تېمىكەن


查看完整版本: [-- ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(6) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled