查看完整版本: [-- يـۈگـەنسىـز سـۆيگـۈ (كەچـۈر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> يـۈگـەنسىـز سـۆيگـۈ (كەچـۈر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kaqur 2013-08-20 21:45

يـۈگـەنسىـز سـۆيگـۈ (كەچـۈر)

مۇھەببەت يولىدا تېڭىرقىغان قىزلارغا بېغىشلايمەن ۋە بارلىق قىز - يىگىتنىڭ قەلبىگە ئىنساپ تىلەيمەن.
n16, u$|  
l hJT&  
يۈگەنسىز سۆيگۈ
uiM*!ge  
باھارنىڭ ئاپتىپىغا ئۆزۈمنى قاقلاپ، بارلىق دەرد – ئازابىمنى ئۆز – ئۆزۈمگە سازايى قىلىۋاتىمەن، لەختە – لەختە بولغان يۈرىكىمگە قايتىدىن كۈلۈپ شۇ باغچىدا خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولماقتىمەن. ئەنە ئاۋۇ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان سېرىق چاچلىق، كۈلكىسى شۇنچە جەزبىدار، چىرايلىق قىز تېخى تۈنۈگۈن مېنى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتكەن قىزغا نېمانچە ئوخشايدۇ – ھە. راست، ئەتراپىمدا بۇنداق قىزلار كۆپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا قورققانغا قوش كۆرۈنگەندەك ماڭا ھەممىلا قىز شۇنىڭدەكلا كۆرۈنىدۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ ئەمەس، ئۇنى چىرايلىق قىز دەيمەن تېخى. ئەمما ئۇ ماڭا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ، نۆۋىتى كەلسە بوغۇپلا ئۆلتۈرۈپ قويغۇسى، ئۆز تۇرمۇشىدىن بىر تېپىك بىلەنلا ھەيدىۋەتكۈسى كېلىدۇ. ھەي... چىرايلىق قىز، ئازابلىق ئۆتمۈش، مەن يۇيۇپمۇ ئۆچۈرەلمەس ھېكايە.
'Pr (7 ^  
1
'mG[#M/Y  
ئەزەلدىن مەكتەپكە بېرىشقا ئالدىرىمايدىغان مەن مانا بۈگۈنمۇ كېچىككىلى ئازلا قالدىم... ۋاقىت ئادەتتىكىدىنمۇ بەكىرەك تېز ئۆتمەكتە. ئاھ... ئىككىگە ئون بەش مىنۇت قالدى، تېز بولاي... تېخى ئاياغلىرىمنى كىيمىدىم، چاچلىرىمنى تارىمىدىم، بول، تېز بول.... ئۆزۈمنى ئالدىرىتىۋاتىمەن... ئون ئۈچ، ئون ئىككى... ئىشلىرىمنى ئەڭ تېز سۈرەتتە تۈگەتكەن بولساممۇ يەنە ئىككىگە ئون مىنۇت قالغاندا پۇتۇمنى ئارانلا ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاتتىم. «تۈگەشتىم، تۈگەشتىم... بۇ سۆرۈن تەلەت فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز يەنە بىرەر سائەت ئۆرە تۇرۇپ دەرس ئاڭلىتارمۇ ئەمدى...» ئەڭ تېز سۈرەت بىلەن، كۆزلىرىمنى بىرەر قۇرۇق ماشىنىغا تىككەنچە لىققىدە ئادەمگە تولغان يولدا كېتىۋاتىمەن. كەينىمدىن يېنىككىنە ماشىنا سىگنالى ئاڭلاندى... «ئىشتە... يوغان بىر نېمە ھەيدىۋالغاندەك، شۇنچە كەڭ يول تۇرمامدۇ مەن بىلەن يول تالاشمىسىمۇ» دەپ غۇدىرىغىنىمچە بېشىمنى سىگنال ئۇرغان ماشىنىغا بۇرىدىم. كېلىشكەن دېيىشكە بولمىسىمۇ مېھرى ئىسسىق، قارا قاشلىق، قاڭشارلىق يىگىت ماشىنا دېرىزىسىدىن ماڭا قاراپ تۇراتتى، بۇ شەھەرنىڭ كىچىكلىكىدە بۇ يىگىتنى بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن بولساممۇ، بۇنداق قارىشىشىمىز تۇنجى ئىدى. cm]8m_!  
- سىڭلىم، ماشىنا كېرەكمۇ؟ چىقىۋېلىڭ. h#'(UZ  
شۇنداق، مەن ئالدىراۋاتاتتىم. تاكسى تاپالمىغاندا قارا تاكسىغا چىقساممۇ نېمە بولماقچى، كېچىككەندىن ياخشىغۇ ئاخىر. ئارتۇق خىياللاردا بولۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، ئۆزىنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىتىۋەتكەن بىرىنىڭ ماشىنىسىغا ئاچچىقلاپ چىققاندەك قاپاقنى تۈرگىنىمچە شوپۇرنىڭ كەينىدىكى ئورۇنغا ئولتۇردۇم. پىيادە ماڭسام ئون نەچچە مىنۇتلۇق يول بولغىنى بىلەن ماشىنىدا بىردەملىك ئىشقۇ. سائەتكە تىكىلىپ ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىز پاراڭسىز ھالدا مەكتەپكە كېلىشىمىزگە بايىدىن بېرى تەييارلاپ قويغان بەش كوينى ھېلىقى ئاكاشقا تەڭلىگەچ ماشىنا ئىشىكىنى ئاچتىم. +'JM:};1X8  
- نېمە پۇل بۇ، سىڭلىم؟ J{\S+O2,*  
- ۋۇي، ماشىنىنىڭ پۇلى. نەچچە ئەمسە، تېز بولۇڭە ئاكا، دەرسكە كېچىكتىم. z(K[i?&  
- بىرى سىزگە بۇنى قارا ماشىنا دېدىمۇ. قارىسام بەك ئالدىراپ كېتىۋېتىپتىكەنسىز، شۇڭا ئەكىلىپ قويدۇم. ئىشلەيدىغان يېرىممۇ مۇشۇ ئەتراپتا ئىدى. TV0(uMZ0+'  
- ھە.. رەھمەت ئەمسە. اللاھقا ئامانەت. 7bCTR2e\@w  
- خوش، ياخشى ئوقۇڭ. T&X*[ kP  
توۋا، ئەجەب قىزىق ئاكاشكىنا... مېنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىمنى نەدىن بىلەر... مەنمۇ ساراڭ، قانچىلىك ئۇيغۇر بار ئىدى بۇ شەھەردە، بىر – بىرىنىڭ نېمىسىنى بىلمەيدۇ، يەنە كېلىپ ئۆيىمىز بىر مەھەللىدە ئىكەن، ئۆزىمۇ مۇشۇ ئەتراپتا ئىشلەيدىكەن، بىلىشى تەبىئىي ئەھۋالغۇ. بىراق، نېمانچە ياخشىلىق قىلىدۇ... سىرتىمدا ئارانلا «رەھمەت» دەپ قويغىنىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ قانداق ھېسلارغا چۆمۈۋاتقانلىقىمنى بىر مەن، بىر اللاھلا بىلەتتى. خىياللىرىمنى قوڭغۇراق ئاۋازى بۇزۇۋەتتى، ئاھ خۇدا.... يەنە كېچىكىپتىمەن.... پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سىنىپقا قاراپ يۈگۈردۈم. 91}QuYv/_  
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا ئوقۇتقۇچىمىز مۇھىم مەزمۇنلارنى قايتا بىر قۇر سۆزلەپ بېرىپلا بولدى قىلاتتى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىنتىزامغا تەشكىللەش، سۇئال سوراش، دوسكىغا چىقىرىش دېگەندەك ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، خىياللىرىمنى ھېچقانداق بىر كىشى بۇزالمايتتى. كۆز ئالدىمدا پۈتۈنلەي ھېلىقى مەن تالاي قېتىم كۆرگەن ئەمما تۇنجى رەت كۆرۈشكەن يىگىتنىڭ سىماسى، قۇلاق تۈۋۈمدە ئۇنىڭ كىشى يۈرىكىنى شۇررىدە ئېرىتىۋەتكۈدەك ئاۋازى... تاتلىق خىياللار بىلەن قۇچاقلىشىپ قوڭغۇراق ئاۋازىغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن. b.Z K1  
- ياخشى قىز،ئۆگىنىش قىلامسەن سىنىپتا؟ 2< w/GX.  
- توۋا دېگىنە... مەن دەرس قارايدىغان ئادەممۇ؟ ]aXCi"fMs  
- بىرەرسىنى ساقلامتىڭ؟ B&+V%~/  
- ياق، - شۇندىلا قوڭغۇراق چالغىنىنى بىلىپ، كىتابلىرىمنى رەتلەشكە تۇتۇندۇم. G6]M~: 
- ھە... يۈرە ئەمسە، بىللە ماڭايلى. B/c_pRl;  
گەپ قىلۋاتقىنى بەش يىللىق دوستۇم، يول ھەمراھىم لەيلى ئىدى. بىر يىلدىن بېرى ئارىمىزدىكى ئۇنىڭغا ئېنىق، ماڭا يوشۇرۇن ئىشلاردىن ئانچە – مۇنچە خەۋەر تېپىپ قالغانلىقىم سەۋەبلىك ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك قاپاق ئاچماس، سىرلىرىمنى تۆكمەس بولۇپ قالغان ئىدىم. لېكىن مۇشۇنداق مەكتەپتىن قايتقان ۋاقىتلاردا دائىم كۈلكە – چاقچاق بىلەن بىللە قايتىشىپ قالاتتۇق. w91{''sK  
يول بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم، دۇنيا ماڭا ھال رەڭ كۆرۈنىۋاتاتتى، بوي – تۇرىقى بايىقى يىگىت بىلەن ئوخشاش كىشىنىڭ ھەممىسىلا شۇ ئاكاشتەك كۆرۈنۈپ، يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەكلا سوقاتتى. بىكاردىن – بىكارلا ھىجاراپمۇ قوياتتىم تېخى، بۇ ھالىم لەيلىنى ئەنسىرىتىپ قويدىمىكىن: `.>2h}op  
- كېسىلىڭ يەنە قوزغاپ قالدىمۇ، نېمە بولدۇڭ؟ - دېدى.  
- ھېچنىمە. l;b5v]~  
مەندىن گەپ ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدى بولغاي، ئۆزى بىلەن ئۆزى ناخشا ئېيتىپ جىم ماڭدى، مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا مۇھەببەتلىشىپ ئۆيۈمگىمۇ كېلىۋالدىم. لەيلى بىلەن خوشلاشقان – خوشلاشمىغىنىمنى بىلمەيمەن، لېكىن شۇ كۈندىكى بەش مىنۇتلۇق كۆرۈشۈش مېنى قويغان – تۇتقىنىنى بىلمەس بىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئۆزۈمدىكى بۇ خىل ھېسقا ئېنىقلىما بەرمەكچى بولاتتىم، بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىشقا ئەسلا ئىشەنمەيدىغان مەندەك قىز ئۈچۈن بۇنى مۇھەببەت دەپ ئېتىراپ قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمسە بۇ زادى قانداق ھېس؟ مىننەتدارلىقمۇ، ھەۋەس قىلىشمۇ؟ گادىرماچ خىياللار مېنى قىينايتتى، ئۇخلاش، تاماق يېيىش، يول مېڭىشنى بىلىدىغان ئۆلۈك بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالغان ئىدىم. ]SFB_5Gb  
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، كۆزلىرىم ئۇ سىمانى قايتا رەت ئۇچراتمىدى، ئاتا – ئانام زورلىسا ئاران ئۆيدىن چىقىدىغان بېكىنمە قىزدىن، بىكار بولسىلا سىرتقا چىقىپ مەھەللە ئەتراپىنى ئايلىنىدىغان قىزغا ئايلاندىم. ئۆيدىكىلەرمۇ ئىمتىھانغا يېقىنلاپ قالغاندىن كېيىن كۆڭلىنى ئېچىۋالسۇن، دەپ كۆپ گەپ قىلمىدى. ئاخىر ئۆز – ئۆزۈمنى گەپكە كىرگۈزمەك بولدۇم، ئۇ كۈننى چۈشۈم دەپلا ئۆتكۈزىۋېتىشىم كېرەك، بۇنداق دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتكەندەك ئىش قىلىشىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى، كۈندىلا مەھەللە ئەتراپىدا يۈرسەممۇ، ئۇ مېنى كۆرسىمۇ ماشىنىسىنى قايتا توختىتىپ ماڭا سالام قىلامدۇ؟ ماڭا دەيدىغان نېمە گېپى بار ئىدى؟ مەن پەقەتلا ئۇنىڭ مەھەللىدېشى، ئۇ ياخشى نىيەتتە ماشىنىسىغا سېلىۋالغان مەكتىپىگە ئالدىراپ كېتىۋاتقان بىر قىز. بەلكىم، ئۇنداق ئالدىراۋاتقان قىزلاردىن تالىيى ئۇ ياخشى يىگىتنىڭ ماشىنىسىغا ھەقسىز ئولتۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەندۇ... %o.{h  
ئۇنى ئويلىماسلىق ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىم بىلەن دەرس قارىدىم، ئۇنى ئويلىشىمنى پەقەتلا ئۇنىڭغا تۈزۈكرەك رەھمەت ئېيتالمىغىنىمغا بولغان خىجىللىق، ئوچۇق چىراي ئاچمىغىنىمغا بولغان ئۆكۈنۈش دەپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم، بۇرۇنلاردا ئۆزۈم يالغۇز چىقىپ سەيلە قىلسام، ئەمدى كۈندە كەچتە ئاپام بىلەن مەھەللە ئەتراپىنى، باغچىلارنى ئايلىنىدىغان بولدۇم. ھەقىقەتەن، مەندە ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدىغان سىماسى بارا – بارا سۇسلاۋاتاتتى، يېقىملىق ئاۋازىمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلىماس بولدى. مەن بۇ خىل ھېسسىياتىمنىڭ مۇھەببەت ئەمەسلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندىم. GCkc[]2p  
تۇرمۇشۇم ئىزىغا چۈشكەندەك بولدى، يەنە ئىلگىرىكىدەك ئۆي بىلەن مەكتەپ ئارىسىدا قاتراپ يۈرىدىغان كۈلگۈنچەك قىزغا ئايلاندىم. ئايسىز بىر ئاخشام ھۇجرامدىكى بارلىق چىراغلارنى يېقىپ قويۇپ قەھۋە ئىچكەچ خىيال سۈرىۋاتقان ئىدىم تۇيۇقسىز كەلگەن ئۇچۇر ئارامىمنى بۇزدى. O\q|b#q}/  
«ئەتە چۈشتىن كېيىن دەرستىن چۈشۈپ سىنىپتا ئالگېبرا ئۆگىنەي دېگەن ئىدىم، ياردەم قىلامسەن؟» GX4# IRq  
فىدات...؟! ئۇ بىزنىڭ مەكتەپكە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ئۈچۈن يۆتكۈلۈپ كەلگەن يېڭى ساۋاقدېشىم. سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلار بىلەن ئوقۇغۇلى ئاساسەن ئون يىلدىن ئاشقاچقىمۇ، ئۇ دەسلەپ بىزنىڭ سىنىپقا كىرگەندە پەقەتلا ئۆزلىشەلمىگەن، گەرچە ئوغۇللار بىر – بىرى بىلەن ئاسانلا ئاغىينە بولۇپ كەتسىمۇ پەقەت بىر نەچچىسىگىلا كونا تونۇشلاردەك گەپ قىلىپ، باشقىلارغا يەنىلا تەكەللۇپىنى ساقلاپ قالغانتى. سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن پارتىداش بولۇپ قالغىلىمۇ ئۈچ ئايدىن ئېشىپتۇ، ھەر ئىككىمىزنىڭ مىجەزىدە ئازراق «ساراڭلىق» بولغاچقىمىكىن ئاسانلا چىقىشىپ كەتتۇق. فىدات فىزىكا، خېمىيە، تىل - ئەدەبىياتتا ئاجايىپ ياخشى بولغىنى بىلەن ماتېماتىكىغا كەلگەندە ھورۇنلۇق قىلامدۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ تاڭ كاللىسى سەل قاتماللىشىپ قالىدۇ. j$4To t  
«ئالدىن زاكاس قىلىشمۇ بۇ؟ ماقۇل» دەپ ئۇچۇر قايتۇرىۋېتىپلا ئۇيقۇ دەرياسىغا غەرق بولدۇم. ھېلىقى مەن ئىسمىنىمۇ بىلمەس يىگىتكە بولغان سېغىنىشىم خېلىلا بېسىقىپ قېلىۋاتقان ئىدى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن، ھېچ بولمىغاندا ئۆزۈمنى قايتا ئىزدىشىم ئۇتۇقلۇق بولدى، بۇ خەتەرلىك يولدىن ئاخىر قايتىپ چىقتىم. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن دەرستىن چۈشۈپ فىدات بىلەن ئۆەىنىش قىلىش ئۈچۈن سىنىپتا قالدىم، سانلار ئارقىمۇ – ئارقىلىقى، كومپىلىكىس سان، بوشلۇقتىكى شەكىللەر، ئېللىپس، پارابولا... ھەممە – ھەممىسى بىزنىڭ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن كۈندە ھەپىلىشىدىغان دوستىمىزغا ئايلاندى، كۈندە كەچتە سىنىپتا قېلىپ ئۇنىڭغا دەرس چۈشەندۈرەتتىم، دوسكىدا مۇھىم مىساللارنى قايتا – قايتا ئىشلەپ بېرەتتىم. /9/=]  
- بەرنا، رەھمەت ، - دېدى ئۇ بىر كۈنى دوسكىدىكى مىسالغا تىكىلىپ قاراپ تەھلىل يۈرگۈزىۋاتسام. UW8b(b[-6b  
- ھە... ئەرزىيدۇ ، - ماتېماتىكىلىق تەھلىل يۈرگۈزىۋاتقىنىمدا ھېچقانداق بىر ئىش ئۈچۈن دىققىتىنىمنى چاچمايدىغان ئادىتىم بولغانلىقتىن، رەھمىتىگە سوغۇقلا جاۋاب قايتۇردۇم ، - ھە، راست. نېمىگە رەھمەت؟ wBTnI>l9[  
- ئۇف... بولدى، بولدى. ئېغىزىمنى ئۇپراتمىدىم، دېمىگەن بولاي. ھە... دېگىنە، A نۇقتىنىڭ كوردېناتىنى قانداق تاپىمىز؟ A84I*d  
پارىڭىمىز ئەنە شۇنداق يۆتكىلىپ كەتتى، بۇ مىسالنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ كۈننىڭ كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماپتۇق، دىققىتىنىمنى ئىشىكنى تۇيۇقسىز ئېچىپ كىرگەن لەيلى بۇزدى. 5Y"JRWC  
- پاھۇي، بىزنىڭ ئاشىق – مەشۇقلار ئۆگىنىش قىلىۋېتىپتۇ – دە. فىدات، كۆزىڭىز مال تونۇيدىكەن جۇمۇ، كېلىپلا مەكتىپىمىزدىكى ئەڭ ياخشى قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋاپسىز. 3gQQ,V..  
- ۋاي، ساراڭ لەيلەك، نەدىكى گەپلەرنى قىلما جۇمۇ ، - دېدىم ئۆڭۈپلا. بۇرۇنلاردا بۇنداق باشقىلارغا چاپلاپ چاقچاق قىلسا ئۇنچە رەنجىپ كەتمەيتتىم، قاچانلاردىن باشلاپكىن بۇنداق قالايمىقان چاقچاقلىرىنى كۆتۈرەلمەس بولۇپ قالدىم. =1!wep"  
- ھە... كۆڭلىنى ئۇتالىساققۇ ياخشى بولاتتى، ئەتراپىدا پەرۋانە بولساقمۇ ياخشى قىزىڭلارغا ياخشى كۆرۈنۈپ بولالمايدىكەنمىز ئەمەسمۇ ، - فىداتنىڭ بۇ گېپىدىن كېيىن كۆتۈرۈلگەن كۈلكە قۇلىقىمغا شۇنداق تېتىقسىز ئاڭلاندى. ~3dBt@%0  
- ھەي، ماڭامسەن؟ بىللە قايتايلى ، - دېدىم لەيلىگە قاراپ. KA# 4iu{  
- قايتىمەن، قايتىمەن. لېكىن، بىرسى بىلەن تاماق يېيىشكە دېيىشىپ قويغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھامماملارنىڭكىگە بارىمەن. فىدات، ياخشى قىزنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ۋەزىپىسى سىزگە يۈكلەندى جۇمۇ. .Vj;[p8  
- ياقەي... بولدى، ئۆزۈم قايتىمەن. ياتاقتا ياتىدىغان بىرى مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ، يەنە قايتىپ كېلەمتى؟ nzmv>s&UW  
- ھە... قايتىپ كەلمىسۇن دېسەڭ ئۆيۈڭلاردا قونۇپ قالسۇن ، - دېدى لەيلى فىداتقا مەنىلىك قاراپ. Y.Na9&-(  
- بەك ئەركىلەيدىغان بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ، مەن كەتتىم، خوش ، - دېگىنىمچە سومكامنى ئېسىپ ئارقا – ئالدىمغا قارىماي پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ كەتتىم. +O`0Mc$%'  
فىداتقۇ يامان ئەمەس بالا، لېكىن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنىڭ چاچرىشى سەل تەس ئىش، مەن ئۇنى ئاغىينەمدەكلا كۆرىمەن، سىنىپتىكى يېقىن ئۆتىدىغان باشقا ئوغۇللار بىلەنمۇ شۇ، ئىزچىل تۈردە يىمىرىلمەس ئىنقىلابىي دوستلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار «مەكتەپتىكى مۇھەببەت، خۇدايىمغا ئامانەت» دەيدۇ، كۆزلىرىمىز راستىنلا بىر نېمىلەرنى بايان ئەيلەپ قالغانمۇ بولسۇن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بورىنى بىزنى نە – نەلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ، بىر ئاللاھ بىلىدۇ. n a])bBn  
- بەرنا.....! ~v$gk   
«فىدات، فىدات، فىدات... كەينى ئىشىكتىن چىقىپلا ياتىقىغا كىرىپ كەتمەي، ئۇنىڭغا نېمە باردۇ بۇ تەرەپتە» دەپ ئويلىغان بولساممۇ قەدىمىمنى ئاستىلىپ كەينىمگە قارىدىم. O:"gJ4D  
- توختا، قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئاپىرىپ قوياي. `%EMhk  
- بولدى، رەھمەت. مېنى ھېچكىم بۇلاپ قاچمايدۇ. #8z2>&:|  
- مەنمۇ بىرى سېنى بۇلاپ قاچىدۇ، دېمىدىم. سەن بىرەرسىنى بۇلاپ قاچما ئەمدى. شەھەرنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن سەندەك خەتەرلىك جىنايەتچىنى ئۆزۈم نىشانغا يەتكۈزىشىم كېرەك. sqFMO+  
- شۇ يەرگە بېرىپ، يەنە ياتاققا قايتىپ، نېمە جاپا ساڭا.... خاتىرجەم بولە، تۈپتۈز قايتىمەن، ئون مىنۇتلۇق يولغا ئەمدى.... X!V@jo9?  
- شۇ، ئون مىنۇتلۇق يول تۇرسا، نېمە بولماقچى... چېنىققان ھېسابىدا، ماقۇل، دېمىسەڭ كەينىڭدىن ئەگىشىپ ماڭىمەن. )"s
 
- بىراق... $q.% 4  
- بولدى، ئېغىزىڭنى يۇم، ماڭا دەرس ئۆگەتكىنىڭنىڭ ھەققى بولسۇن. 6 6WAD$8$  
ئارتۇق گەپ قىلالمىدىم، يالغۇز ماڭغاندىن بىرەر ھەمراھنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى ئىشتە. لېكىن، ئەزەلدىن باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشنى ياقتۇرماسلىقىم سەۋەبلىكمىكىن قەدەملىرىم شۇنچە ئېغىر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مېڭىشنى شۇنچە خالىمايتتىم.
O$ ui:<]dS  
2
JK34pm[s  
- ھەي، ئىمتىھانغىمۇ ئاز قالدى، بۇنداق كۈندە مېنىڭ قوغدىغۇچىلىقىمنى قىلىپ يۈرمەي دەرىسىڭنى ياخشىراق قارىساڭچۇ، دەيمەن. ^cB83%<Z  
- ياخشى قىز، بايىلا تېخى سەن بىلەن ئۆگىنىش قىلىپ چىقتىمغۇ سىنىپتىن، بەك ياخشى ئۆگىنىۋېتىپ فۇدەن، چىڭخۇالارغا ئۆتۈپ كېتىپ قالسام سەن قانداق قىلىسەن؟ =S7 Xj`/  
- مەن بىر مۇھەببىتىڭ بولغىيتتىم، سەن يېنىمدا بولمىساڭ يىغلاپ قالىدىغان، - تەنتەكلىك قىلىپ دەپ سالغان بۇ گېپىمنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى باشلاپ كېلىدىغانلىقىنى بىلگىنىمدە بولسا ھەممىگە كېچىككەن ئىدىم. 1Ys6CJ#  
- بەرنا، توغرا. سەن مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەمەس، لېكىن بولساڭ بولىدىغۇ. كۆزلىرىڭ نېمىشقا كۆرەلمەيدۇ مېنى. نېمە قىلىپ بەرسەم رازى بولىسەن؟! كۆڭلۈڭدە سۆيگۈنۈڭ بارمۇ - يا؟ 9}LcJ  
- يا... ياق، - نېمىشقىكىن، سۆزلىرىم بوغۇزۇمدىن چىقمايۋاتاتتى. 2>3#/I9Y  
- ئەمسە نېمىشقا سۆيگۈمنى قوبۇل قىلمايسەن، مەن سەن ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەسكى بالا ئەمەس، بەرنا. FY1 >{Bn  
- فىدات، مەن سېنى ئەسكى دېمىدىم، ياخشىلىقىڭنى بىلىمەن. بىراق، بۇ ئىشتا ... ئۇف... كۆڭۈل ئىشىنى زورلىغىلى بولمايدۇ - دە فىدات. Q'D%?Vg'  
- ماڭا ۋاقىت بەر، پۇرسەت بەر، بولامدۇ بەرنا؟ ماقۇل، دېگىن. ئۆزۈڭنى مەندىن ئېلىپ قاچما. ھامان بىر كۈنى ياخشىلىقىمنى ھېس قىلىسەن. m X2i^.zH  
ئۇنىڭ ئۈن - تىنسىز ھالدا مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم، كۆزلىرىم نەملەندى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆزۈمنى ئۇنىڭ مېھرىگە قەرىزداردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇڭىمىكىن، بېشىمنى ئىختىيارسىزلا لىڭشىتتىم. ئەتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، دېگەن كۈنىمۇ فىداتنىڭ «قوغدىشى» ئاستىدا ئۆيۈمگە قايتتىم. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، يۈرىكىمنى تاشمىكىن دەپ، تەسىرلەنمەيدىغان، فىداتنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرمەيدىغان. بولمىسا ئۇ مەكتەپكە كەلگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نى - نى قىزلارنى ئۆزىگە كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكىلى قىللا قالدى. شۇنداق زاماندە بۇ، بىردىن زار، بىرگە ئىنتىزار. 8[@aX;I  
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن بەك كۆپ قېتىم مانېۋىر ئىمتىھانلارنى بېرىپ كەتكەچكىمۇ قەتئىي جىددىيلەشمىگەن ھالدا، ئۆزۈمنىڭ ئادەتتىكى ئىقتىدارىمنى جارى قىلىپ خېلى قەدىر ئەھۋال بېرىۋالدىم. خۇشال ئىدىم، چۈنكى، بۇ ئەمدى فىدات بىلەن كۈندە كۆرۈشمىسەممۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. فىداتنى ئۇچرىتىپ قالماي دەپ ئۆيدىنمۇ چىقماي ئولتۇردۇم، يەنە ئەڭ دەسلەپكى ھالىتىمگە قايتتىم. بېكىنمە، ئىچ مىجەز، كۈنىنى كومپيۇتېر ئالدىدىلا ئۆتكۈزىدىغان جىمغۇر قىز بولۇپ قالدىم. ئىمتىھاندىن كېيىنكى ئالدىن ئارزۇ تولدۇرۇش، نومۇر مۆلچەرلەش قاتارلىق ھېچقانداق ئىشتا مەكتەپكە بارمىدىم، كېرەكلىك نەرسىلەرنى لەيلى مەكتەپتىن - ماڭا، مەندىن - مەكتەپكە توشۇيتتى. ھەتتا مەكتەپ پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىمىزنى ئېلىۋېلىشىمىزنى ئېيتقاندىمۇ يەنە لەيلىگە تاپشۇردۇم. ZYf0FC=-  
- قاچانغىچە ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى ئېلىپ قېچىپ يۈرىسەن، بەرنا. zM:&`6;e  
- كىمدىن؟ فىداتتىن، دېمەكچىمۇ؟ بىرەرسىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچقىنىم يوق لەيلى، شۇ... U~h f,Oxi  
- ئەمسە نېمىشقا؟  rvP Y  
- شۇ بارغۇم يوق. F_C7S  
- ئۇف... مەيلىڭ ئەمسە. 8rZJvE#c  
تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزۈمنى ئامال بار فىداتتىن يىراق تۇتىۋاتاتتىم، بۇنداق قىلىشىم بەلكى ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىك ئۈچۈندۇر. كۈنلىرىم كۆل سۈيىدەك تىنچ ئۆتۈۋاتقان چاغلارنىڭ بىرىدە مەكتىپىمىزنىڭ ئىلمىي مۇدىرى زاكا ئاغىينىسىگە تېلېفون قىلىپ مەكتەپكە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كەلمىگەن قىزىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئىشىنى چوقۇم مەكتەپتە قىلىشى كېرەكلىكىنى قايتا - قايتا جىكىلەپتۇ. ماڭىمۇ نېمە ئامال، دادامنىڭ سۆزىنى يارالمايمەندە. ساۋاقداشلىرىمغا تېلېفون قىلىپ سائەت قانچىدە، قەيەردە يىغىلىدىغىنىمىزنى دېيىشىۋېلىپ ئادەتتىكىدەكلا كىيىنىپ، ئەينەككىمۇ قارىماي ئۆيدىن بالدۇرلا چىقىپ كەتتىم. بۇ ھالىتىم ئۆيىدىن ئىككى مېتىر يىراقتىكى دۇكانغا سۈت ياكى نان ئالغىلى چىقىپ كېتىۋاتقان، ئۆزىنى ئاللىبۇرۇنلا تاشلىۋەتكەن قىزلارغا تولىمۇ ئوخشايتتى. كۆڭۈل ئاسمىنىمدا ئاللىقانداقتۇر تۇمان ئەگىپ يۈرەتتى، شۇڭىمىكىن، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنچە ئىللىق كۆرۈنمەيدىغان بۇ مەكتىپىم مېنى تېخىمۇ بۇرۇقتۇرما قىلىپ قويدى. يۈرىكىمنى بىرى ئىككى قولىدا سىقىمداپ تۇتۇۋالغاندەك مۇجۇپ - مۇجۇپ ئاغىرىيتتى. ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرەر قۇر كۆرۈشىۋېتىپ قىز - ئوغۇللار ئايرىم ئىككى توپ بولۇشۇپ تۇرۇپ، غەيۋەت سورۇنى تۈزگەچ سىنىپ مەسئۇلىمىزنى ساقلىدۇق. يارىلانغان كېيىكتەك ئوغۇللار توپىغا چۆچۈپ - چۆچۈپ قارايتتىم، ئۇ تونۇش كۆلەڭگىنى كۆرۈپ قېلىشنى ئەسلا خالىمايتتىم. R9 +0ZoS  
ئۆزۈمنى يالغان كۈلكىلەردە پەردەزلاپ ئارزۇ تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قولۇمنى كۆتۈردۈم، ئوقۇتقۇچىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش تور بېتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن ماڭىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدى. v*Dz4K#  
- ۋۇي، بەرنا. پۈتۈنلەي شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنى يېزىپسىز - دە؟ - دېدى ئوقۇتقۇچۇم، تاللىغان مەكتەپلىرىمنى كۆرگەچ. >oD,wSYV~  
- ھەئە، دادام بىزگە يېقىنراق يەردە ئوقۇ، دەپ ئىچكىرىدە ئوقۇشۇمغا قوشۇلمىغان. &|]GTN `E  
- ھە... بۇمۇ بولغىنى، يالغۇز قىز بولغاندىن كېيىن ئۆيۈڭىزدىكىلەر قىيالماپتۇدە. Jam&Rj,  
- ئىم... ماڭساق بولامدۇ مۇئەللىم؟ - بۇ يەردە بىر سىكۇنتمۇ ئارتۇق تۇرۇشنى خالىمايتتىم. frh!dN  
- ھە.... بولىدۇ، خوش ئەمسە. tZL|;K  
ئۇف... ئېغىر بىر يۈكنى زىممەمدىن ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىل بولۇپ قالدىم، سىنىپتىن چىققۇچە قەدەملىرىم پەيدەك يەڭگىل ئىدى. «خۇداغا شۈكرى، كۆزلىرىم ئۇنىڭ خەنجەردەك قادىلىپ تۇرىدىغان نىگاھلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىدى ھېلىمۇ» دەپ ئويلىغاچ يۈگۈرگەن ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم. ساۋاقداشلىرىمدىن بىرەرىنى ساقلاش، ئۇلار بىلەن قايسى مەكتەپنى تاللىغانلىقى توغرۇلۇق پاراڭلىشىش، دېگەندەكلەرنىڭ ھېچقايسىسى كاللامدا يوق ئىدى. ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك، دېگەن راست ئوخشايدۇ. ئۆزى خالىمىسىمۇ قولىغا چۈشۈپ قالغان يۈرەكنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى بىلمەيۋاتقان مەندەك يۈرەك ئوغرىسى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. نېمىلەرنى ئويلاۋاتقان بولغىيتتىم، مۈرەمگە يېنىككىنە ئۇرغان بىرى مېنى خىياللار دېڭىزىدىن تارتىپ چىقاردى. Hoj' zY  
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، جىندىن قاچقاندەك قاچىسەن - ھە مەندىن. ~DL-@*&  
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇنداق ئەمەس. C CDO8  
- ئەمسە قانداق؟ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئاقتىڭمۇ يوق، كۆكتىڭمۇ يوق. بىرەر ئېغىز «ئىمتىھاننى قانداقراق بەردىڭ» دەپ قويغان بولساڭ خۇشلۇقتا ئاسماندا ئۇچارمەنمۇ - ھە؟ 7*MjQzg-P  
بۇ سۇئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ئاۋازىمنى چىقىرىپ يەڭگىل كۈلۈپ قويدۇم. :OKU@l|  
- مانا، ماڭا قىلىدىغان بىر ئېغىز گېپىڭمۇ يوق. بولدىلا.... ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويسام بولامدۇ؟ 77/j}Px h  
كۆل يۈزىدەك كۆڭلۈمگە كىچىككىنە تاش پارچىسى ئېتىلىپ داۋالغۇپ كەتتى، ئىدراكىيلىق ۋە ھېسسىيلىقنىڭ دارى ئۈستىدىن تالاي رەت ئۆتتۈم، ئاخىر «ئىم» دەپ بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ بۇ ئاددىيغىنە تەلىپىگە قوشۇلغىنىمنى بىلدۈردۈم. ھەي... ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوقتە، بۇنچە قىيناپ نېمە قىلاي ئۇنى. مەن ئامراق شائىر مۇھەممەدجان راشىدىنمۇ «سۆيگەننى سۆيۈپ قوي، كۆڭلى قالمىسۇن. بىر سۆيۈشمۇ غەنىيمەت، مەيلى قانسۇن – قانمىسۇن» دېمىگەنمىدى؟ كۆڭلىگە قەرز بولۇپ نېمە قىلارمەن بۇ ئاشىقنىڭ، ئەتە قوپۇپ ئۆگۈنى مۇشۇ كۈنلەر ئۆزۈمگە يېنىپ قالسا ، نەلەردە سەرسانە - سەرگەردان بولۇپ، يۇم - يۇم يىغلاپ كېتەي؟؟ xXQW|#X\  
ئامال بار نازۇك مەسىلىلەر ئۈستىدە پاراڭ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن فىداتنىڭ ئىمتىھاننى قانداق بەرگەنلىكى، قايسى جايلارنى تاللىغانلىقى ھەققىدە ئىمتىھاندىن بىر ئېغىز نېرى - بېرى قىلماي سۇئال سوراپ ماڭدىم، فىدات مەقسىتىمنى سېزىپ قالدىمىكىن، كۈلكە ئۆچكەن چىرايىمغا قاراپ مېنى كۈلدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ ھەر ئاماللارنى ئىشلىتىپ باقتى. تېتىتقۇلىرى تېتىمىغان تاماقتەك بىر خىل رەۋىشتە پاراڭلىشىپ ماڭدۇق، تۇيۇقسىز كۆرۈش دائىرەمگە تونۇش ھەم ناتونۇش بىر سايە بۆسۈپ كىردى - دە، يۈرىكىمدىكى ئۈچەككە كىرىپ كەتكەن تۇيغۇلىرىمنى پەپىلەپ ئويغاتتى. lHc|: vG?  
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، - دەپ قول بېرىپلا ئۇ تونۇش سايىنىڭ قېشىغا ماڭدى فىدات مېنىڭ بىردەم ساقلىشىمنى كۆزى ئارقىلىق ئىشارە قىلىپ. _08y; _S  
ئەدەب يۈزىسىدىن فىداتنى ئۇلاردىن سەل يىراقراق تۇرۇپ ساقلىدىم، ساقلاۋاتقىنىم فىدات بولغىنى بىلەن كۆزلىرىم ھېلىقى ناتونۇش سايىدە. تۇنجى قېتىم قان ئالغۇزغان ۋاقىتتىمۇ بۇنچە جىددىيلەشمىگەنغۇ مەن، ئەمدى نېمە بولدۇم؟ ئۇلارنىڭ پارىڭى نېمانچە تۈگىمەيدىغاندۇ، بىر مىنۇت بىر ئايدەك ھەتتا يىلدەكمۇ بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى. تەخىرسىزلىنىپ نەچچىنى ئۇھسىنىۋەتتىم. كۆڭلۈمنى يەنە باشقىچە ھېسلارنىڭ قاماللىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ يانتۇ ئالدىمغا قاراپ تۇردۇم. قاچانلاردىكىن پارىڭىنى تۈگىتىپ كەلگەن فىدات قولىنى كۆزۈم ئالدىدا نەچچە پۇلاڭلىتىپ: =rzhaU'A'  
- بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالدىڭما يادىكارغا، - دېدى. |Qz"Z 
- يادىكار؟... يادىكار... ، - دەپ قايتا - قايتا پىچىرلايتتىم. ZK?:w^Z  
- ھۇي، نېمە بولدۇڭ؟ راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالمىغانسەن ئۇنى؟ ھەي... مەنچىلىكمۇ ياخشى ئەمەس جۇمۇ ئۇ بالا، ئازما بەرنا، ئازما... [W--%=Ou  
- ئىشتە... ئۆتۈپ بارە ماڭ، ساراڭ. بىر كۆرۈپمۇ ياخشى كۆرۈپ قالامدۇ كىشى؟! ئۇ ئاكاش بەك تونۇشتەك شۇ... r Cn"{.rI  
- يائاللا... بەرنا! مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغانغۇ - ھە سەن؟ ئاچاڭنىڭ ساۋاقدېشى تۇرسا تونۇش بولمامتى ئەمدى، كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان قوشنا تۇرۇپ تونۇشتەك بىلىنىۋاتىدۇ، دەپ كەتكىنىنى بۇنىڭ. 1g1gu=|Q  
- قايسى ئاچامنىڭ ساۋاقدېشى؟ خېلى چوڭكەنغۇ بۇ ئاكاش. زۇلقىيە ئاچامنىڭ ئەمەستۇ؟ eSA%:Is.  
- ئاپامنىڭ ساۋاقدېشى ئەمەستۇ، دېسەڭ بولمامدۇ ئۇنىڭدىن. زۇلقىيە ئاچاڭدەك چوڭ كۆرۈنىۋاتامدۇ. ھېلىقى ساڭا ئوخشايدىغان ئاچاڭچۇ. 1Jn: huV2  
- ھە...... بىلدىم. bl-t>aO*.V  
توۋا. ئويۇننىڭ قىزىقى ئەمدى چىقىۋاتامدۇ نېمە - ھە؟ نېمە ئىشلار بولۇپ كەتتى زادى. يادىكار ئەسلى ماھىرە ھەدەمنىڭ ساۋاقدېشىكەندە. ھىم... دېمەك ئالىي مەكتەپنى تېخى بۇ يىل پۈتتۈرۈپتۇ، ئەجەپ تېز خىزمەت تېپىۋاپتا بۇ، چىرايىدىن چىقمىغىنى بىلەن خېلى قابىلىيىتى بارمۇ نېمە؟ قېنى بايا تېخى كۆڭۈل ئاسمىنىمنى ئەگىپ كېتەلمىگەن تۇمان، قېنى كاللامدىكى گادىرماچ خىيال؟ سىكۇنت ئىچىدە ئىككى يۈزلۈك ئادەمدەك بايىقى سۇلغۇن نىقابىمنى يىرتىپ تاشلىۋەتتىم. يېنىمدا فىدات بارلىقىنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا ئۆز - ئۆزۈمدىن سۇئال سوراپ، ئۆزۈمنى قايىل قىلغۇدەك جاۋابلارنى بېرىپ ماڭدىم. ئۆيگە كەلگەندە كۆزلىرىمگە تەلمۈرۈپ قاراپ كەتكەن فىداتقا «رەھمەت - ھە، ئاللاھقا ئامانەت» دەپ قويۇپلا ئارقىمغا ئۆرۈلدۈم. دېمىسىمۇ، فىداتقا باشقا ئىشقا رەھمەت ئېيتمىساممۇ يادىكارنىڭ ئىسمىنى بىلىشىمگە ياردەم قىلغانلىقىغا، ماڭا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قىلىۋاتقانلىرىغا ئوبدانلا رەھمەت ئېيتىۋېلىشىم كېرەك ئىدى. tX.{+yyU  
ئۆزۈمنى ئۆيگە بېكىۋېلىپ فىدات ۋە يادىكارلار ھەققىدىكى ئىشلاردا قايتا - قايتا ئويلاندىم. يادىكارنى ياخشى كۆرىدىغان - كۆرمەيدىغانلىقىمنى تېخىچە ئاڭقىرىپ بولالمىغان ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭغا مەيلىم بارلىقى راست، فىداتقىمۇ ئۇنچە ئۆچ ئەمەس. «تۇيغۇم باشلىغان يولدىن سېنى تاپتىم، ئەقلىم باشلىغان يولدىن ئۆزۈمنى» دېگەن سۆزنى كۈندە نەچچە يادلىغاچ ئاخىر يادىكارغا بولغان گۆدەكچە خىياللىرىمنى يىغىشۇردۇم. مەندە ھازىر نە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىنكى جىددىيلىق، نە قوبۇل قىلىش نەتىجىسىگە بولغان ئىنتىزارلىق يوق ئىدى، بەرىبىر ئۆز ئەھۋالىمنى ئۆزۈم بىلگەندىن كېيىن ئۆزۈمنى ئۇ ئىشلارغا ئۇرۇپ كېتىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق، دەپ ئويلايتتىم. ئاخىر قوبۇل قىلىش نەتىجىسىمۇ چىقىپ ئۆزۈمنىڭ ئويىدىكى مەكتەپنىڭ ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. بۇ خۇشاللىقتا نەچچە ۋاقتىن بېرى قەلبىمدە ھۆكۈم سۈرۈپ مېنى دىلىغۇل قىلغان ئاللىقانداقتۇر ئويلار بارا - بارا سۇسلاپ ئۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇنچە بەك ئويلانمايدىغانمۇ بولۇپ قالدىم. ھەتتا ھاياتىمدا يادىكار، فىدات دېگەندەك بالىلارنىڭ بولۇپ باققانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىممىكىن...
sAKQ.8$h*  
"K$ y(} C  
O-K!Bv^ Q  
DozC>  
3
4uUR2J  
كۆك ئاسماندا ئاندا - ساندا لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلار ئىچىدىن ئۇيۇلۇپقىنە ناگان - ناگاندا كۆرۈنىدىغان قۇياش ماڭا قاراپ كۈلمەكتە. كەيپىياتىم كىشىگە ھوزۇر بېرىدىغان بۇ ئىللىق ھاۋادىنمۇ ياخشى. ئۆزۈمنى چىرايلىق تۈزەشتۈرۈپ تۈنۈگۈن ماھىرە ئاچام بىلەن دېيىشكىنىم بويىچە بىللە كۆرۈشۈپ تاماق يېيىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدىم. دېيىشكەن جايغا خېلىلا بالدۇر بېرىۋالغانلىقىمدىن، شۇنىڭ ئەتراپىدىكى سايىرەك بىر يەرگە بېرىپ ئاچامنى ساقلاۋاتقان ئىدىم ئۇزۇن يىللىق ساۋاقدېشىم راھىلەنى كۆرۈپ قالدىم: Q|W!m0XO  
- ۋۇي، سەنمۇ سىرتقا چىقىدىكەنسەن - ھە؟ - دېدى ئۇ قىسقىغىنە سالام - سەھەتتىن كېيىن. &Jw4^ob  
- ھە، شۇ.. ئاچام بىلەن تاماق يەيلى دەپ چىققان، ئۆزۈڭچۇ؟ تىنچلىق، ئامانلىقمۇ؟ Ev\kq>2 O  
- خۇداغا شۈكرى، ئىمتىھاندىن كېيىن بەك كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭ - ھە زادى. لەيلىدىن ئاڭلىسام فىدات بىلەن بىر مەكتەپكە ئۆتۈپسەن - ھە؟ ئەمدى ياخشى بوپتۇ، باشقا مەكتەپلەرگە ساۋاقداشلار تۆت - بەشتىن بولۇپ ئۆتۈشۈپتىكەن، بىر - بىرىگە ھال - مۇڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ. دەسلەپ بىرىنچى تۈركۈمنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى چىققاندا سېنى ئۇ مەكتەپتە يالغۇز قانداق قىلار، دەپ ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدىم. oFeflcSz  
- فىدات؟ فىداتمۇ شۇ مەكتەپكە ئۆتۈپتۇما؟ 'k 9hzk(*  
- ھە... سەن تېخى بىلمەمسەن؟ ئۇ سەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيمەن، دەپ سەن تاللىغانلا مەكتەپلەرنى يېزىپتىكەن. ئىككىنچى تۈركۈم بولسىمۇ ئىشقىلىپ سېنىڭ يېنىڭدا ئوقۇيدىكەن. It\o b7n  
- ھە... مۇنداق دە، ئۆزۈڭچۇ، قايسى مەكتەپكە ئۆتۈپسەن، - دەپ پاراڭنى فىداتتىن يۆتكىۋەتتىم. =c8U:\0  
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇيقۇم ئۇيقۇ، تامىقىم تاماق بولمىدى، بۇ بىر يىلنىغۇ ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزىۋالغان ئىدىم، فىدات نېمىشقا مەن ئۈچۈن شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەيدىكىنە؟ ئەزەلدىنلا ساقچى ئوفىتسىرلار مەكتىپىدە ئوقۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ يۈرمەمتى؟ بەش يىلىم قانداقمۇ ئۆتەر - ھە ئەمدى... g/q$;cB  
ئىزتىراپلىق سۇئاللار مېنى يەنە تېگى يوق ھاڭلارغا تاشلىدى، قىز بالا بولۇش نېمانچە تەستۇ؟ فىداتنىڭ قىلغانلىرىغا تاشمۇ ئېرەر بولغىيتتى - ھە... بولمىسا، ئۇنى بىر مەزگىل كۆزىتىپ بېقىپ ئاندىن بىرەر جاۋاب بېرەيمىكىن - يا؟ بەرىبىر ئىككىمىز بىر مەكتەپتە ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە «سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە، سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول» دەيدۇ ئەمەسمۇ، بەش يىل ئۆزۈم ئۇنىڭ يېنىدا بولغاندىن كېيىن باشقا قىزلارغا قانات - قۇيرۇق سۆرەپمۇ يۈرمەس، شۇنداق قىلىپ قالسا مەنمۇ ئاندىن جۈرەتلىك ھالدا «خوش - ھە غوجام» دەۋالارمەن... مىجەزىم ئۈرۈمچى ئاسمىنىدەكلا ئۆزگۈرۈشچان ئىدى، ئالىي مەكتەپ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىنى ئويلاپ قالغىنىمدا ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپ كەتسەم، فىدات ئېسىمگە چۈشۈپ قالغىنىدا پېشىندىكى نامازشام گۈلىدەك سولىشىپلا قالاتتىم، يادىكارنى ئويلاپ قالسامغۇ بولدى، ئۆزۈمنىڭ تىرىكلىكىنىمۇ ئۇنتۇيتتۇم. ساۋاقداشلار ھەممىمىز ئۇچۇرما بولغان قۇش بالىلىرىدەك تەرەپ - تەرەپكە ئۇچماقچى بولۇپ تۇراتتۇق، قەلبىمدە يەنە ئۇلارغا بولغان ئېيتقۇسىز قىيماسلىق بار ئىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئون نەچچە يىللىق ساۋاقداشلىرىمدە... لەيلىنىڭ تېخى ھېچقانداق قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى تاپشۇرىۋالمىغاندىن كېيىن ئۆزىنى بەكلا تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ چوڭلارنىڭ «بەرمىگەننى بېرىپ ئۇيالدۇر» دېگەن گېپى بويىچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ قوياي دەپ تېلفۇن قىلدىم. s geP`O%  
- ۋەي ياخشىمۇسىز، لەيلى بارمىدۇ؟ ma }Y\(38  
- ھە... بەرنا قىزىممۇ؟ لەيلى بايا سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى، سەل تۇرۇپ كېلىپ قالارمىكىن. K(plzQ3  
- خاپا بولماي لەيلىگە دەپ قويسىڭىز، ئازىراق ئىشىم بار ئىدى، كەلگەندىن كېيىن ماڭا تېلفۇن قايتۇرسا. i c]f o  
- ھە، ماقۇل بالام، مەن دەپ قوياي. ئەمسە خوش - ھە. CFZ= !s)B  
تېلىفۇننى لەيلىنىڭ ئاپىسى ئالغان ئىدى. لەيلىنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن ماڭا تېلفون قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم. بۇ قىز ئەزەلدىنلا يالغان سۆزلەشكە ئادەتمۇ ياكى باشقا ئىشمۇ بىز ئادەتتە تېلفون قىلىپ چاقىرساقمۇ ئۆيىدىكىلەرگە «مېنى يوق دەپ قويۇڭلار» دەپلا يۈرىۋېرەتتى، شۇڭىمىكىن باشقا قىزلار بىرەر يەرگە بارساق ئۇنى چاقىرىۋېلىشقا ئۆچ ئىدى. ئىشلار شۇنداق ئۆتىۋېرىپ بىزمۇ «بۆرە كەلدى»دىكىگە ئوخشاش، ئۇنىڭغا ئىشەنمەس بولۇپ قالدۇق. باشقا قىزلارمۇ ئۇنى ئىزدەپ تېلفون قىلماس بولۇپ قالدى، لېكىن مەن يەنە «ئېلىپ قالار» دېگەن ئۈمىدلەردە مۇشۇنداق تېلفون قىلىپ تۇراتتىم. بەرىبىر ئۇنى تېلفون ئارقىلىق تاپالمايدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن ئۆيىگە بېرىپلا ئىزدەشنى خوپ كۆردۈم. ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى ئۇنچە يىراقمۇ ئەمەس، پىيادە ماڭسا ئون مىنۇتلۇقلا يول. دېگەندەك چوڭ ئېچىقلىق تۇرغان دەرۋازىدىن ھويلا ئىچىدە مۇزىكا ئاڭلاپ ئولتۇرغان لەيلىنى كۆرۈپ قالدىم. @Ds?  
- لەيلى، ھەي لەيلى! - ئۆيىگە كىرسەم ئاپىسى ئاۋارە بولۇپ كەتمىسۇن دەپ، دەرۋازا ئالدىدىلا چاقىردىم. مېنىڭ كېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغاچقىمىكىن ئۈركىگەن قۇچقاچتەك ئەندىكىپ تۇردى: Ok 6Y&#'P  
- ۋۇي، سەنمىدىڭ؟ كېلىپ قاپسەنغۇ... كىرە ئۆيگە. U)p2PTfB  
- بولدى، بولدى، كىرمەي. ۋاقتى بولسا سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەيلىمىكىن دېگەن ، - بايىقى ئىشنى تىلغا ئېلىپ ئۇنى خىجىل قىلغۇم يوق ئىدى، بۇ كۆڭۈل يېرىمچىلىقىدا ئۇنچە ئىشلارنى نەرىدە كۆتۈرۈپ يۈرسۇن. & ,&+/Sr11  
- ھە... شۇ، مەنمۇ ھازىرلا ئۆيگە كىرگەن تېخى. بايا ئاپام سېنى تېلفون قىلدى دەۋاتقان، بىر قېتىم قايتۇرسام «پاراڭلىشىۋاتىدۇ» دېدى، سەل تۇرۇپ يەنە قىلارمەن دەپ ئولتۇرغانتىم تېخى. 8d)F#  
ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ «ھە...» دېمەي ئامالىم يوق. ئۇنى باشلاپ بىز دائىم بارىدىغان قەھۋەخانىغا كىردىم، ئۇ يەرنىڭ ئايرىمخانىسى بىزنىڭ «دوقمۇش»ىمىز ئىدى، بىكار ۋاقىتلىرىمىزنىڭ تولىسىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزەتتۇق. ئامال بار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى دېگەندەك نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ يۈرەك يارىسىنى تاتىلاپ قويماي دەپ كۈلكە - چاقچاق بىلەن ئولتۇردۇق، تۇيۇقسىز ئۇ ئويچان كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ، ئاجايىپ ئەستايىدىل قىياپەتتە ماڭا ئېغىز ئاچتى: $z mES tcm  
- بەرنا، ساڭا بىر گەپنى دەي دېگەن ئىدىم، بىراق.. ydns_Z  
- نېمە بىراق؟ سۆزنىڭ بېشىنى باشلىغاندىن كېيىن دەۋەتكىن ئەمدى.. c= a+7>  
- فىدات ئىككىڭلار بىر مەكتەپتىغۇ ھىم؟ Y,(eu*Za  
- تاڭ، مەنغۇ ئۆزىدىن سورىمىدىم، ماڭىمۇ راھىلە دېدى. 2qr%xK'^B  
- ھە... راھىلەگە مەن دېگەن شۇ، ئاداش، راست گەپنى دېسەم مەن فىداتنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن. fRa1m?%s  
- ھە؟!!! فىداتنى.... ، - ئەزەلدىن لەيلىنىڭ ماڭا كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ يۈرگەن يىگىتلەرنى «ياخشى كۆرۈپ» قالىدىغان ئادىتى بارلىقىنى بىلسەممۇ بۇ گېپىگە يەنىلا ھەيران قالدىم. r\3In-(AT  
- ھەئە، فىداتنى. بولمىسا بىز تونۇشقىلى ئۇنچە ئۇزۇنمۇ بولمىدى، ئىككىمىزمۇ سېنىڭ باھانەڭدىلا نەچچە ئېغىز پاراڭلىشالايمىز، لېكىن يەنىلا كۆزلىرىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا ئېيتقۇسىز بىر ھېسلارغا چۆمىمەن، - ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانچە يىغلامسىراپ چىقاتتى. 2#!$f_  
ئۇف، مانا بەرنا، مانا. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ، قانداق قىلىسەن ئەمدى؟ دوستۇڭنىڭ ئاشىقىغا چاڭ سالامسەن؟ بىراق بۇمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى، ئۇنى رەت قىلىشقا ئوبدانلا باھانە تېپىۋالدىم، لېكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى چىممىدە قىلاتتى، بەلكىم ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالغاندىمەن. 5%>U.X?i  
- ھىم، ئاندىنچۇ؟ _&z>Id`w  
- شۇ، سېنى ئۇنىڭغا كۆز - قۇلاق بولۇپ قويامدىكىن، دەپ. سەنمۇ بىلىسەن ئۇ ياخشى بالا، باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدۇ. مەنمۇ سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ تولۇق 3 - يىللىقنى قايتا ئوقۇپ ئىمتىھان بېرىدىغان بولدۇم، لېكىن شۇ نېمىلا دېگەن بىلەن سەندەك كۈندە دېگۈدەك يېنىدا بولۇپ بولالمايمەندە. ئىشلىرىدىن مېنى ئاز - پاز خەۋەردار قىلىپ تۇرساڭ قالغان ئىشنى ئۆزۈم ئوڭشايمەن. ?B}>[  
- ئۆزۈم تەلەپ قويىمەن، دېمەكچىما؟ - ئۇنىڭ گەپلىرىگە بارغانسېرى ھەيران قالغىلى تۇردۇم. x9ws@=[:  
- ھەئە، ئۇنداق بولسا بولمامدا؟ m:41zoV  
ئاجايىپ ياخشى تونۇشلىرىم بار دەيمەن مېنىڭ، بىرلا ئېغىز گېپى بىلەن مېنى «تۇيۇقسىز خۇشال قىلىپ» خىيال دېڭىزىغا ئىتتىرىپلىۋېتىدىغان. كىمدىن كۆرىمەن، ھەممە ئىشنى ئىچىمگە ئېلىپ باشقىلارغا دېمەي يۈرىدىغان ئۆزۈمدىن كۆرمەي.
?eO|s5r  
4
M)xK+f2_[  
كۆپ ئۆتمەي ساۋاقداشلار «ئايرىلىش سورۇنى» سۈپىتىدە ئاخىرقى قېتىم يىغىلماقچى بولدۇق، كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يېرىم بولسا بىر يەرلىرى خۇشال ئىدى، ئالىي مەكتەپكە لەيلى، ئەكبەر، مەردان ئۆتەلمىگەندىن باشقا ھەممىمىزلا بىرىنچى، ئىككىنچى تۈركۈمگە قوبۇل قىلىنغان ئىدۇق، نېمىلا بولمىسۇن ئۆز كۆڭلۈمنى ياخشىراق ئېچىۋېلىش ئۈچۈن توزدەك ياسىنىپ باردىم. ساۋاقداشلار بۇ قېتىملىق زىياپەتنى مۇھىم چاغلىغاچقىمىكىن ھەممىمىزلا تولۇق كەلگەن ئىدۇق، بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن ئون - يىگىرمە قېتىم يالۋۇرغۇزىدىغان لەيلىمۇ مەندىن بالدۇر كېلىۋالغان ئىدى. بالىلارنىڭ ئالدى - كەينى تولۇق كېلىپ، چاي تارتىتىلىپ بولغۇچە ئارىلىقتا بىزدىن باشقا ئۈستەلدە ئولتۇرغانلارغا دىققەت قىلدىم. تونۇش سىمالار، ئەمما كىملىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر كۆز ئالدىمنى بىر ئالدى. ساۋاقداشلارنى ساقلىغاچ گۇڭۇر - مۇڭۇر پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتۇق، ئوغۇللارغا ۋاكالەتەن ئېرشات سەھنىگە چىقىپ ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ چاناقلىرىمىزنى نەمدەتتى، كېيىن قىزلار «بىزمۇ بوش كەلمەيمىز» دېگەندەك قىلىپ مېنى زورمۇ - زور سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ قويدى. بايىلا ئېرشاتنىڭ گەپلىرىگە يىغلاپ توختىغانلىقىم سەۋەبلىكمىكىن ئېغىزىمغا ھېچقانداق گەپ كەلمەيتتى، لېكىن دەۋاتقىنىمنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈرىكىمدىن ئوخچۇپ چىققانلىقىدا شەك يوق، گېپىمنىڭ ئاخىرىنى يىغا بىلەن دېيەلمەي سەھنىدىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇم. kU Flp  
- بىر قول تانسىغا تارتسام بولامدىكىن؟ wLO/2V}/  
بېشىمنى ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئىتتىك بۇرىدىم، ھەيرانلىقتا تېخى بايىلا ئوتلاپ، يۈتۈشكە ئۈلگۈرمىگەن چېيىمنى پۈركىۋەتكىلى تاسلا قالدىم. توغرا، قىلچە خاتاسى يوق، ئالدىمدىلا تۇرغان بۇ يىگىت مەن كېچە – كۈندۈز بىر كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان يادىكار ئىدى. z%KChU  
- مەن تانسا بىلمەيتتىم ، - دېيەلىدىم ئارانلا، تانسا ئويناشنى بىلمەيدىغانلىقىمغا ئۆزۈمنىڭمۇ ئاچچىقىم كېلىۋاتاتتى، بىر ئوبدان پۇرسەت مۇشۇنداقلا كېتىپ قالىدىغان بولدى مانا. @$*c0 . |z  
- ھېچقىسى يوق، ئويناشنى بىلمەيمەن، دەپ ئولتۇرىۋەرسىڭىز بىر ئۆمۈر ئولتۇرۇپ قالىسىز، دەيمەن. قوپۇڭە، مەن ئۆگىتىمەن. -.+KCt G$+  
قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەيرانلىق ۋە ئاللىقانداقتۇر كۆرەلمەسلىك، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمنىڭ رەنجىش ئارىلاشقان نىگاھلىرى ئىچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. rH#c:BwSm  
«كۆيۈكنى مەن گويا بىر دېڭىز دېسەم، %$9)1"T0Y  
سەن ئاڭا باقمايلا تىز پۈكەلەمسەن» z9);e8ck  
نېمە دېگەن مۇڭلۇق رېتىم، ئىسسىق تىنىق، ئوتقاشتەك مېھىر. تانسا ئوينىيالمايدىغانلىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ ناخشا ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپلا كەتتىم، ئۇنىڭ قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدىلا پىچىرلىشى قەلبىمدە ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئويلارنى كاتالىزلاۋاتقان ئىدى: 5@r_  
- قايتقاندا بىللە قايتايلىمۇ؟ nIN%<3U2  
- بولدى، ساۋاقداشلىرىم بىلەن قايتساملا بولغىنى، نەچچىمىزنىڭ ئۆيى بىر تەرەپتە ئەمەسمۇ. E=tx.h4xG~  
- ھە... ھېچنېمە بولمايتتى، بىزنىڭ ئۆيىمىزمۇ بىر تەرەپتىغۇ، دوستلىرىڭىزنىمۇ بىللە ئالغاچ قايتاي. Y/e N)  
- بۇنىڭدا قانداق بولىدۇ، بولدىلا، رەھمەت ، - دېدىم يەنىلا قىزلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ھايا تۇيغۇسى بىلەن. >1)@n3. 
تانسا مېنى ئوينىدىمۇ، مەن تانسىنى ئوينىدىممۇ بىلمەيلا قالدىم. ئارىلىقتا ئۇنىڭ پۇتىنى نەچچە قېتىم دەسسىگەنلىكىمنى، ماڭا نېمىلەرنى دېگەنلىكىنىمۇ ئاڭقىرالماي قالدىم، مەن تانسا بىلمىگەندىكى جىددىيلىكتىنمۇ ياكى ئۆزى سۆيگەن كىشىسىدىن تارتىنىشتىكى جىددىيلىكتىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۆزۈمنى تېخىمۇ قاتتىق تۇتىۋالغان ئىدىم. ئىشقىلىپ ئۇنداق بولسىمۇ، بۇنداق بولسىمۇ تانسامنى ئوڭۇشلۇق ئويناپ ئولتۇرىۋالدىم. u`H@Q&(^wa  
ئۈستەلگە كېلە – كەلمەيلا بىزنىڭ قىزلار سېرىق قۇچقاچتەك ۋىچىرلاپ كەتتى: .KwuhmR  
- ۋۇي، پەيزى بار – ھە بىزنىڭ بەرنانىڭ. U~B} vt  
- ھەئە، بولمىسا قانداقمۇ سىنىپىمىزنىڭ گۈلى بولالىسۇن. S1^Mw;?P  
- شۇنى دەڭلار، قارىمامسىلەر يادىكارنى بىردەمدىلا ئىندەككە ئىلىندۈرىۋالغىنىنى. w2C!>fJ]1  
- تانسا ئۇقمايمىش تېخى، ئەسلى قىزلار بىلەن بىزنىڭ سىنىپتىكىدەك يىگىتلەرنىڭ ئالدىدىلا ئۇقمايدىغان بولىۋالىدىكەنسەندە، - ئۇلار خۇددى ئاللىبۇرۇنلا دېيىشىۋالغاندەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى توختىماي سۆزلەپلا كەتتى، بىر جۈملىنىڭ كەينىدە بىر قۇلاققا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان «ۋەيت» تېخىمۇ ئوغامنى قاينىتاتتى. h C`p 
- ھەي، بىرەرسىڭلار يادىكارنىڭ پېيىدا يۈرگەنمىدىڭلار قانداق؟ ياردەم كېرەك بولسا ھايت – ھۇيت دەڭلار جۇمۇ، ئۆزۈم بىر قوللۇق بېشىڭلارنى ئوڭلاپ قويىمەن، - دېدىم ئۇلارنىڭ گېپىنى چاقچاققا تارتىپ. CO)b'V,  
- ۋىيەي، ھەممە يىگىتنى مەرتلىك بىلەن باشقىلارغا ئۆتۈنىۋەرسەڭ ئۆزۈڭ قانداق قىلىسەن؟ fz?Wr: I  
- ئەنسىرمىگىنە جېنىم راھىلە، سىلەرنى ئۆيلەش مېنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتىم ھەم مەجبۇرىيىتىم. مېنى ئالىدىغانغا ئەر قالمىسا بىر كۈندە بىرىڭلارنىڭ ئۆيىدە تۈن ئۆتكۈزۈپ ئايپەتەم بولۇپ يۈرەرمەن شۇ. XJ1nhE  
«ۋەيت......» دەپ تەڭلا كۈلۈشتى قىزلار، بايىقى گەپلەرنى ئوڭۇشلۇق ھالدا بىردەمدىلا چاقچاققا ئۆرۈۋەتكەن ئىدىم. گۇڭۇر – مۇڭۇر پاراڭ ۋە بايىقىدەك ئايىغى چىقماس چاقچاقلار بىلەن، ئۈستەلنى قۇرۇقدىغاچ ئولتۇردۇق. ئۇسسۇل، تانسىدا بىزنىڭ قىزلارنىڭ تازا پەيزى بولغاچقا ئۈستەلدە لەيلى ئىككىمىز يالغۇزلا قالاتتۇق. «باھارىم»غا پۈتكۈل رېستۇراندىكىلەر قىيسىق – مايماق دەسسەپ يۈرگىنىدە يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان فىدات مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى: w!h{P38  
- بىرەر قول؟ w.F3o4YP  
- ۋاي ياق، مەن تانسا ئۇقمايمەن. {Ll8@'5  
- بايا ئوينىدىڭغۇ تېخى، - دېدى فىدات يادىكار بىلەن تانسا ئوينىغىنىمغا كۆپكەندەك قىلىپ. *oJ>4S  
- تارىخىمدا بىرىنچى قېتىم ئوينىشىم شۇ، كۆرگەنسەن قانداق ئوينىغىنىمنى. fq!6#Usf;i  
- بىرىنچىدىن كېيىن ئىككىنچىسىمۇ، - ئۇ گېپىنىڭ كەينىنى دەپ بولسا نېمە دەپ رەت قىلىشنىمۇ بىلمەيتتىم، شۇڭا ئالدىراپ گېپىنى بۆلدۈم: g_!xO2LH,8  
- بولدى، بولدى، زورلىمىغىنە، ئوينىغۇم يوق. 9-  
فىداتنى تېزرەك يېنىمدىن كەتكۈزىۋېتىشنىڭ كويىدا بولدۇم، لەيلىنىڭ ھازىر قانداق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنلا بىلىۋالاتتىم. تانسا ئويناپ قالسام ئىش بار ئەمەسمۇ ماڭا، باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىكى «دوستىنىڭ لوقمىسىنى تارتىۋالغان» قىز بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزۈمنى فىداتتىن ئېلىپ قاچاتتىم. لېكىن، قېرىشقاندەك ئۇ يېنىمغىلا بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ كېلىپ ئولتۇردى: 'eXw`kw (  
- نېمىشقا يىگىتلەرنىڭ ئۈستىلىدە ئولتۇرمىدىڭىزا، - دېدىم يەنە چاقچاققا يۆلەپ. T`DlOi]Z_  
- سىلىنى يالغۇز قاممىسۇن دېدىما خان، - دېدى ئۇمۇ چاقچىقىمغا جاۋابەن. _4#psxl[M  
- لەيلى باتتىيا ماڭا، ئورۇنلىرىغا بېرىۋەسىلە، مېنى جىن ئاپ قاچمايدۇ، ماقما.  o|im  
شۇ ئارىلىقتا قىزلارنىڭ «باھار»ى تۈگەپ، ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى، ئارقىدىنلا چىققان «جانىم سەن ئەي»نى فىداتتىن قېچىشتىكى قۇرالىم قىلىپ راھىلەنىڭ قولىنى تارتىپلا ئۇسسۇلغا چۈشۈۋالدىم. فىدات مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇراتتى. كۆزلىرىم ناگان – ناگاندا بۇلۇڭدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان يادىكارغا چۈشۈپ قالغىنىدا ئۆپكىدەك قىزىرىپ كېتەتتىم. بىر رېستۇراندا ئۈچ كۆز مېنى دارغا ئېسىۋاتاتتى، ئۇسسۇلۇمنى ئويناپ بولغۇچە نەچچە ئۆلۈپ، نەچچە تىرىلدىم. بۇنداق بولغانلىقىنى بىلگەن بولسام ئىدى كاشكى، ئورنۇمدا ئولتۇرىۋېرىپ بىر فىداتنىڭ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرىشكە رازى ئىدىم، لېكىن مانا ئەمدى لەيلى، فىدات، يادىكارلارنىڭ كۆز نۇرىغا چىلىنىپ قېلىۋاتاتتىم.  
رېستۇران ماڭا نىسبەتەن جەڭ مەيدانىدەك بىر تۈسكە كىردى، قەلبىمدىكى ھېسنىڭ ھېچقايسىسىنى ئاشكارە ئەتسەم بولمايتتى، شۇڭا ئۆزۈمنى ئامال بار ئەركىن، تېخىمۇ ئەركىن تۇتاتتىم، سورۇن تامامى دىسكونىڭ ساداسى ياڭرىشى بىلەن نىجادكارىمنى كۆرگەندەك يايراپ كەتتىم. QI{Y@xQ  
- ھۇۋۋۋ......، - ئولاش – چولاش چىرقىراشلار مەيداننى بىر ئالدى. F!t13%yeu?  
- ئوينا، ئوينا.... 5gEWLLDp  
- ھە، ئوتتۇرىغا، ئوتتۇرىغا، - دەپلا قولۇمدىن تارتىپ كىچىك چەمبىرەكنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويدى كامىل. c$z_Zi!g#  
قىزىقلىق ئىچىدە چاندۇرماي يانغا ئۆتىۋالدىم، بالىلار قىقاس – سۈرەنلەر ئىچىدە تېخىمۇ قىززىۋاتاتتى، يېنىمدا جىندەكلا پەيدا بولغان فىدات مېنى يەنە چۆچۈتتى: a'~y'6  
- ھەي، قايتقاندا بىللە قايتايلى – ھە؟ 1mM52q.R4  
- ھىم.... مەن... مەن.... fs12<~+z  
- بولدى، بولدى، باھانە تاپما، بىللە قايتايلى. U#4W"1~iX  
- ياق، مەن... بىرسى بىلەن دېيىشىپ قويغان. y70gNPuTOD  
- مەيلى، ھەممىمىز بىللە قايتىمىز. y}`%I&]n  
- سەل... سەل ئەپسىزمىكىن، - پىشانەمدىكى تەر يۈزلىرىمنى يۇيىۋېلىشىمغا تامامەن يېتەتتى. wH<*  
- ھە، چۈشەندىم، چۈشەندىم..... ماقۇل، سەنلا خۇش بولساڭ، ئادەمنى ئەنسىرەتمەي ئۆيگە بېرىپلا تېلفۇن قىلىۋەت – ھە ئەمسە. g5[3[Z(.  
ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئارانلا «ماقۇل» دېدىم. بەزىدە كۆڭۈل ئىزھارىغا بالدۇرراق قوشۇلمىغىنىمغا ئۆكۈنۈپمۇ قالاتتىم. ماڭا بۇنچە كۆيۈنىدىغان ئوغۇلدىن ئىككىنچىسى چىقسۇنمۇ ئەمدى، ئەمدى پۇشايمان قىلساممۇ ھەممىگە كېچىكتىم، مەيلى لەيلى ئۇنى راستلا ياخشى كۆرسۇن – كۆرمىسۇن بەرىبىر، ئىشقىلىپ ئۇ ماڭا ئاللىقانداق بىر نەرسىلەرنى پۇرىتىپ دەۋالدى. يەنە فىدات بىلەن سۆرىشىپ يۈرىشىمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. aQ. \!&U  
مېڭىش تەييارلىقى بىلەن قىزلار خوشلىشىپ، سومكىلىرىمىزنى رەتلەۋاتساق يادىكار يىراقتىن قول ئىشارىسى ئارقىلىق قانداق قىلىدىغانلىقىمنى سورىدى، مەنمۇ ئىشارەت بىلەن «ساقلاڭ» دېگەن مەنىنى بىلدۈردۈم. قىزلار يەنە قىيقاس – چۇقانلىرى ئىچىدە يادىكار ئىككىمىزنى ئۇزىتىپ قويدى. يەنە شۇ ماشىنا، يەنە شۇ ئادەم، مەن يەنە شۇ ئورۇندا، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسلىرىمنى ئاللىقانداقتۇر بىر جىددىيلىك ئېگەللىگەن. q<7n5kJ~  
- كەچۈرۈڭ، سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىپ قويىدىغان بولدۇم.  X}Fv*  
- ياقەي، ھېچقىسى يوق، قېنى بىللە ماڭىمەن دېگەن دوستلىرىڭىز، ئالغاچ كەتمەمدۇق؟ /-lmfpT  
- ھىم... ئۇ قىزنى بىر ساۋاقدېشىمىز ئاپىرىپ قويىدىغان بولدى. fM{Vy])J  
- مۇھەببىتىما، - دېدى ئۇ ئەينەكتىن ماڭا قارىغاچ قېشىنى ئېتىپ. = '[@UVH(Z  
- ياقەي، ئۇ قىز ئۇ بالىنى ياخشى كۆرەمدىكىن، ئامالسىز قالمىغان بولسام سىزنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەيتتىم، - لەيلى، مەن، فىدات ئوتتۇرىمىزدىكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردىم. V96BtV sB  
- ھا... ھا... ھا... ئۇ گۇينىڭ ماڭا كۆڭلى بار، دەڭ. دوستىڭىز فىداتنى راستىنلا ياخشى كۆرەرمۇ؟ |HLh?AcX  
- ئۇنى بىلمىدىم. 2S3F]fG0  
- ئەمسە سىز ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟ - بۇ كىچىككىنە بوشلۇق بۇ سۇئالنىڭ چىقىشى بىلەن تېخىمۇ كىچىك بىلىنىپ ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. 7w|s8B  
- ۋاي ياق، - يادىكارغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپلا جاۋاب بەردىم. 9w1)Mf}  
- ھى...ھى... تاتلىق قىز، نېمىگە جىددىيلىشىسىز؟ ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمىسىڭىز شۇنداق قىلغىنىڭىز توغرا بوپتۇ، - بۇ گەپكە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشۇمنى بىلمەي تۇرغىنىمدا ماشىنىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم، (ئىنكاسىم ھەقىقەتەن ئاستىلاپ كەتكەن ئىدى) ئاپلا ماۋۇ كاللامنى دەيمەن، ئۆيگە كېلىپ بوپتۇق ئەمەسمۇ. }V{, kK  
- رەھمەت ئەمسە، مەن چۈشەي، - ئۇنىڭ بىلەن ئاددىيلا خوشلىشىپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. N ~Gh>{N  
- بەرنا! ئۈندىدار، QQ، تېلفۇن.. نېمىلا بولسا ئالاقىلىشىش نومۇرىڭىزنى دەپ بەرمەمسىز؟ - گېپى تۈگىگۈچە ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم – دە، توختىشىغىلا: i~4Kek6,I  
- كېلەر قېتىم يەنە ئۇچرىشىپ قالساق دەپ بېرەي، - دەپ ۋارقىرىغىنىمچە يۈگۈرۈپ ئۆيىمىز تەرەپكە ئەگىلىدىغان تام كەينىگە يوشۇرۇنىۋالدىم. 7^1ikmYY  
ماشىنا ماتورىنىڭ قوزغالغان ئاۋازى ئاڭلانغاندا ئاندىن ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. يۈرىكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتكەندەك قىلاتتى، مەن ئەزەلدىن ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلىپ باقمىغان مۇھەببەت ئاتلىق نەرسە مۇشۇدۇر – ھە بەلكىم.
=~)n,5  
{VFp fo  

kaqur 2013-08-20 21:47
#cj6{%c 4  
R!l:O=[<  
5
!"e5~7  
:4^\3~i1X  
##Z_QB(;  
«مەن چەت يېزىدا ئىشلەۋاتسام، دوستلىرىمنىڭ كۆڭلى سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇشقا قانداق چىدىدىكىنە» _fZZ_0\Q  
ئۇخلاش ئالدىدا توردىكىلەرنى بىر يوقلىۋېتەي، دەپ تۇرسام ماھىرە ئاچامنىڭ ئىمزاسى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. ئۇنى بىر تېرىكتۈرۈش مەقسىتىدە: «شۇنى دېگىنە، قانداق كىشىلەر بىلەن دوست بولۇپ قالغانسەن – ھە، مەن دېگەن سېنى ئويلاپ، كۆڭلۈم تارتماي، ئازابلىنىپ... ئاخىر بولماي قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ياخشى ئويناپ كەلدىم» دەپ باھا سۆزى يېزىپ قويۇپ بۇخاراغا ساياھەتكە ماڭدىم. -hkQ2[Ew#  
نېرۋىلىرىم سەل ئاجىز بولغانلىقى سەۋەبلىكمىكىن بىرەر ئىش بەكرەك تەسىر قىلىپ قالسا كېچىسىلا چۈشۈمگە كىرمەي قالمايدۇ. شۇ كۈنىمۇ دېگەندەك بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە مەن يادىكار بىلەن بىللە بازار ئايلانغۇدەكمەن، ئاندىن شۇنداق چىرايلىق، سۈرەتتەك بىر قىز كېلىپ مېنى تىللاپ كەتكۈدەك، بۇ ئىشلار ھار كېلىپ ھۆركىرەپ يىغلاۋاتسام فىدات قولۇمدىن تارتىپ مېنى ئېلىپ كەتكۈدەك، لەيلى يۈگرۈپ كېلىپ مېنى ماشىنىغا ئىتتىرىۋەتكۈدەك... پۈتۈن بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ ئويغىنىپ كەتتىم، توۋا، چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ – ھە. ياستۇقۇم يېنىدىكى تېلفوننى ئېلىپ سائەتكە قارىسام ئوندىن ئېشىپتۇ. ئون ئۈچ يىللىق ھاردۇقۇمنى بىراقلا چىقىرىۋاتقاچقىمىكىن، ئىمتىھاندىن كېيىن ئاجايىپ ئۇخلايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدىم، ئورنۇمدىنمۇ تۇرماي يەنە توردىكىلەرنى يوقلىدىم. ماھىرە ئاچام تۈنۈگۈنكى سۆزۈمگە باھا قايتۇرغان ئىدى: «ھاي، ھاي، ھاي... بۇ قىلغىنىڭ قاملاشماپتۇ جۇمۇ بەرنا، سىلەرمۇ بىزنىڭ ساۋاقداشلار بىلەن بىر رېستۇراندا ئوينىدىڭلارما؟» 1SrJ6W @j[  
ئۇنىڭ «سۆزلىرىم»ىنىڭ يىپ بازىرىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىگە ئايرىم خەت يېزىپ پاراڭلاشتىم، ناشتا قىلىپ بولۇپ ھەممە ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كومپىيوتېر ئالدىغا كېلىپ مۇنبەر كۆرىۋاتقان ئىدىم، (ئىمتىھاندىن كېيىن زېرىكىشىمنى بېسىش ئۈچۈن مۇنبەرلەردىكى ماقالىلەرنى ئوقۇيدىغان ئادەت چىقىرىۋالغانتىم) بوشلۇقۇمنىڭ ھالەت يېڭىلىنىش ئۇقتۇرۇش كۆزنىكى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. QQرىمدا يوق بىرى بوشلۇقۇمغا خەت قالدۇرغان ئىدى، «ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، QQرىڭىزنى قوشقىلى بولمايدىكەنغۇ. بۇ قايتا رەت ئۇچرىشىشقا ھېسابمىدۇ؟» %*#n d  
كېيىنكى سۆزلىرى بۇ «ناتونۇش»نىڭ يادىكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى، ئۇ ياقتىن سۆز قالدۇرسا بۇ ياقتىن قوشۇپ كەتمەي يەنە، دەپ ئويلاپ داۋامىنى تولۇقلاپ يوللاۋاتقان بىر ھېكايىنىڭ بۈگۈن يېڭىلانغان قىسمىنى ئوقۇشقا كىرىشتىم. يادىكار ئۈچۈن QQرىمغا «يۇرتدېشىم» دەپ ئايرىم گۇرۇپپا قۇرغىنىمدا ئاندىن ئالاقە دائىرەمنىڭ نەقەدەر كىچىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئون سەككىزگە كىرىپتىمەن، تۇغقان، ساۋاقداش، خوشنىلىرىم بىلەنلا ئىزدىشىپ يۈرۈپتىمەن، ئاچامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، ئاكامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى دېگەندەكلەر بىلەنمۇ «كۈلۈمسىرىشىش» باسقۇچىدا تونۇشكەنمەن. ~EK'&Y"1  
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يادىكار تۇنجى توردېشىم بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر كۈندە يىگىرمە تۆت سائەت بولمىسىمۇ ئون ئىككى سائەت پاراڭلىشىدىغان ھەمراھىمغا ئايلاندى. ئۇ بىر دەم خەت قايتۇرماي قالسىلا جىلە بولۇپ قالاتتىم، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ يېنىدىكى ۋاقىتتىن باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتا ماڭغان - تۇرغىنىنى دوكىلات قىلىشى مەسلىكىمنى كەلتۈرەتتى. ئۇنى بارغانسېرى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتىم. #GJ dZ  
ئىككىمىز ئۆتمۈش توغرىلىق پاراڭلاشمايتتۇق، ئائىلە ئەھۋالىمىز توغرىلىق پاراڭلاشمايتتۇق، مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭلاشمايتتۇق. بىر - بىرىمىزنى كۈلدۈرۈش، خۇشال قىلىش مەقسىتىدىلا چاقچاقلىشاتتۇق، شۇ كۈنلۈك ئىشلىرىمىزنى دېيىشەتتۇق، تەسەللىي بېرەتتۇق، مەدەت بېرەتتۇق. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ مېنىڭ روھى ئوزۇقۇم ئىدى. JWA@ +u*k  
كۈنلىرىم ئاجايىپ مەنىلەرگە تولۇپ، ئۆزۈمنى خۇشال تۇتۇپ، بەختلىك ساناپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ماھىرە ئاچام بىلەن غەيۋەت قىلىشىپ قالدۇق. ئۇ ئىككىمىز شەھىرىمىزدە بولۇۋاتقان يېڭى - يېڭى ئىشلارنى ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك بىر خۇلاسىلەپ تۇراتتۇق. ئۇ ئىشلار كىچىكى كىم بىلەن كىمنىڭ يۈرىۋالغىنى، ئايرىلىپ كەتكىنى توغرىلىق بولسا، چوڭى قايسى يولنى قاچان ياسايدىغانلىقى، قايسى يەرگە قانداق باشلىق كېلىپ قانداق تۈزۈلمىلەرنى يولغا قويغانلىقىغا چېتىلاتتى. JsO *1{6g  
- ھەي، لۇتپۇللا ئاكام زۇبەيدەدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ، - دەپ گەپ باشلىدى ماھىرە ئاچام. vSonkJ_  
- ئىككىسى بەك ياخشى ئۆتۈۋاتقان ئىدىغۇ، ئەمدى نېمە دەپ ئايرىلىپ كېتىپتۇ، - دېدىم ھەيران قېلىپ، گەرچە ئىككىسى بىر يەردە بولمىسىمۇ بىر - بىرىگە شۇنداق ئامراق ئىدى، بىر - بىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ تونۇشۇپ، توي ئىشلىرى ھەققىدە مەسلىھەتلىشىدىغان چاغلىرىمۇ كېلىپ قالغان. R92R}=G!  
- نېمىشقا بولاتتى، نەزىرەنى دەپ بولمامدۇ؟ b]K>vhQV  
- نەزىرە؟... كىم ئۇ؟ لۇتپۇللا ئاكام نەزىرەنى ياخشى كۆرەمدىكەنتۇق؟ - گەرچە زۇبەيدە ھەدەم بىلەن ياخشى ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا باشقا قىزلار بىلەن ئىزدىشىپ، كۈلكە - چاقچاق قىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.  8bbVbP  
- ياقەي، ئاكام زۇبەيدەنىلا ياخشى كۆرىدۇ. نەزىرە زۇبەيدەنى ئىزدەپ «لۇتپۇللا مېنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ بىر نەچچە قېتىم دېسىمۇ زۇبەيدە ئېرەن قىلماپتىكەن، كېيىن لۇتپۇللا ئاكام بىلەن نەزىرە ئىككىسىنىڭ بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى زۇبەيدە كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئايرىلىپ كېتىپتۇ شۇ. j]4,6` b\  
ئاپلا، دەپلا قالدىم، ئىككىسى ھەقىقەتەنمۇ كۆپنىڭ نەزىرىدىكى خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر ئىدى، مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىرەر قېتىم سەن - پەن دېيىشمەي يېقىن ئۆتۈۋاتقان ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ بىردەمدىلا ئايرىلىپ كەتكىنى مېنىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىۋاتاتتى، ئۆز ئىززىتىنى ساقلىيالماس نەزىرە ئاتلىق ئالۋاستىغا لەنەتلەر ئوقۇپ كەتتىم: #W^_]Q=5R'  
- كىمۇ ئۇ نەزىرە دېگەن بىر نېمە؟ R25-/6_V>  
- كىم بولاتتى، بىزنىڭ يادىكارنىڭ مۇھەببىتى بولمامدۇ. 5C65v:Q`N  
بۇ گەپنى قۇلىقىمدا ئاڭلىدىممۇ ياكى يۈرىكىم مەندىن بۇرۇنراق قۇلىقىدا ئاڭلاپ قالدىمۇ ئىشقىلىپ ئۇدۇل بېرىپ يۈرىكىمگە تەگدى. بېشىم ئۈستىدىلا چاقماق چاققاندەك ئەندىكىپ كەتتىم، يادىكارنىڭ مۇھەببىتى؟!.... شۇنداقتىمۇ، ئاچامنىڭ سېزىپ قالماسلىقى ئۈچۈن: d1lH[r!Z  
- يادىكار ئاكاشنىڭ كارى يوقمىكىنا مۇھەببىتى ئۇنداق يۈرسە، - دەپ سورىدىم، زورىدىن - زورىغا. E]?2!)mgce  
- تاڭەي، مۇھەببەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشقىلى بولسۇنمۇ، ئىككىسى يۈرىۋاتقىلىمۇ بەك ئۇزاق بولدى، گېپىنى ئۆتكۈزۈپ بولالمىدىمۇ يا يادىكار ئۇ ئىشلارنى بىلمەمدۇ.... ئۇف... بىر ياخشى بالا ئىدى ئۇ، بەك ئۇۋال بولۇپ كەتتى جۇمۇ، - سۆزىمىز مانا مۇشۇنداق بىردەمدىلا ئاكاملاردىن يادىكارلارغا يۆتكىلىپ كەتتى. ھەر تەرەپكە چېتىلىدىغان خەۋەرلەرنىڭ بىزنىڭ ئېغىزىمىزغا چىقىپ قېلىشىمۇ بىكار ئەمەسكەن. YiO3<}Uf  
گادىرماچ خىياللار كاللامنى بىر ئالدى، يادىكارنىڭ مۇھەببىتى... يادىكارنىڭ مۇھەببىتى باركەن، گۆدەكچە خىياللىرىم بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېگەللىشىم مۇمكىن ئەمەسكەن. لېكىن، ئۇنىڭ مۇھەببىتى بولسا ئۇ ماڭا گەپ قىلغانغا قانداقلارچە يېتىشىپ بولدىكىنە؟ خىياللىرىمنى ئاستا يىغىشتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقەمنى ئاستا - ئاستا ئۈزۈشنىمۇ ئويلاشتىم، لېكىن نېمە باھانە، نېمە سەۋەب كۆرسىتىمەن، يادىكارغا نېمە دەپ چۈشەندۈرىمەن، ئۇ سېزىپ قالسىچۇ بۇ ئىشلارنى؟! r=|vad$  
زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەي يۈرگەن كۈنلىرىمدىن بىرى يادىكار مېنى كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى، بۇندىن ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ئۇ - بۇ باھانىلەرنى كۆرسىتىپ كۆرۈشكىلى ئۇنىمىغان ئىدىم، بۈگۈن تەلەتىنى بۇزۇپلا سۆزلىگەن ئىدى، ئامال يوق كۆرۈشۈشكە قوشۇلدۇم. مانا، ھازىرلا يادىكار بىلەن كۆرىشمەن، كۆزلىرىم ئاللانېمىلەرنى ئاشكارە ئېتىپ قويارمۇ، قانداق مۇئامىلە قىلسام بولار ئۇنىڭغا. يولدا كېتىۋاتىمەن، دېيىشكەن جايغا قاراپ كېتىۋاتىمەن، لېكىن كاللام ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ يېنىغا كېتىپ بولغان. CCy .  
- بەرنا! - دەپ ۋارقىرىدى ئۇ يىراقتىن مېنى كۆرۈپ. 5 5a@)>h  
ئۇ تۇرغان يەرگە باردىم، مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭ «ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم»ىغا جاۋاب قايتۇرۇشمۇ مۈشكۈل كېلىۋاتقان ئىدى، يۈرىكىمدىكى ئېيتقۇسىز ھېسلارنى قەيەرلەرگە يىغىشتۇراي ئەمدى؟ ئاددىيغىنە سالام - سەھەتتىن كېيىن يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېمەكچى بولدۇق، ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندەك ئەتراپقا چۆچۈپ - چۆچۈپ قارايتتىم، ھەممىلا كىشى ماڭا قاراۋاتقاندەك، ئۆتكۈر نىگاھلىرى بىلەن مېنى بوغۇزلاۋاتقاندەك، «ئۈچىنچى شەخىس، يادىكارنىڭ ئويۇنچىقى» دەپ مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. يادىكارنىڭ باشلىشى ئاستىدا بۇلۇڭدىكى بىر ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇم، بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزدىلا ئولتۇرغان، قونچاقتەك ياسىنىۋالغان ئىككى قىز (بىلىمەن، ئۇلار نەزىرەنىڭ يېقىن دوستلىرى) بىزگە ھېلىدىن - ھېلىغا قاراپ ئولتۇراتتى. گېلىمدىن تاماق ئۆتىدىغان چىرايى يوق، ئاخىر «ئاشقازىنىم ئاغرىۋاتىدۇ» دېگەن چىرايلىق باھانە بىلەن چاي ئىچىپلا ئولتۇردۇم. تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن چوكا بىلەن تاماق ئىلغاپ ئولتۇرسام، تۇيۇقسىز: |})rt5|f1!  
- بەرنا، ئاۋۇ ئىككىسىنى تونۇمسەن، - دېدى ئۇ نەزىرەنىڭ ساۋاقداشلىرىنى كۆرسىتىپ. ?!rU |D  
- ياق، نېمە بولدى؟ "_ Zh5 g  
- بايىدىن بېرى ساڭا بەك قاراپ كەتتى، تونۇمدىكىن دەپتىمەن تېخى. w:n(pLc<  
- ياق،تونۇمايمەن. مەنمۇ نېمانچە قارايدىكىن دەپ ھەيران، سىز تونۇمامسىز؟ ^9n}-Cqeq  
- سىرتتىن تونۇشىمەن، لېكىن سالام قىلىشقۇدەك دەرىجىدە ئەمەس. hwc:@'  
- ھە... - داۋاملىق تامىقىمنى يەۋەردىم، بۇ يەردە نەزىرەنىڭ گېپىنى چىقىرىپ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزنى ۋەيران قىلىپ، ئاشقازىنىمىزنى ئاغرىتىشىمىزنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق (نېرۋا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللىغۇم بولغاچقا تاماق ۋاقتىدا كەيپىياتىم ياخشى بولمىسىلا ئاغرىپ قالاتتىم) بىر ۋاق تاماقتا كۆڭۈللۈك ھالدا بىللە بولغاندىن كېيىن باشقا يەرگە بېرىش تەلەپلىرىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ ماشىنا بىلەنلا ئۆيگە قايتتۇق، ئۇنىڭ بىلەن پىيادە ئۆيگە قايتىشمۇ ئېغىر كېلەتتى. ھەممىدىن مۇھىمى، ئاپام كۆرۈپ قالسا چۈشەندۈرۈپ بولالمايتتىم. ئاپام ماڭا ھەددىدىن زىيادە ئىشەنگەنلىكتىن قەتئىي يالغان گەپ قىلمايتتىم، لېكىن بۈگۈن ئامالسىز «لەيلى بىلەن كۆرىشىمەن» دەپ ئۆيدىن چىققانتىم. $HP/c Ku  
شۇلارنى ئويلاۋېتىپ لەيلى، فىداتلار بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى بولغانلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم. نېمە بولۇپ كەتكەندۇ ئۇلارغا، مېنىمۇ ئىزدەپ قوياي دېمىدى. فىدات لەيلىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ قالدىمىكىنە - يا. بەز يېمەيدىغان مۈشۈك بولسۇنمۇ، شۇنداق بولسا ئەلۋەتتە مېنى ئۇنتۇپ لەيلى بىلەنلا بولۇپ كېتىدۇ - دە. بەز يېمەيدىغان مۈشۈك، بەز يېمەيدىغان مۈشۈك! راست - ھە، نېمىشقا بۇلارنى بۇرۇنراق ئويلىمىغاندىمەن... مەن يادىكار ئۈچۈن بىر بەزكەنمەنغۇ ھازىر، توۋا، توۋا... نېمىلەرنى قىلىپ كەتتىم زادى؟! /YS@[\j4  
ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولاتتىم، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمگە كىچىككىنە داغ چۈشىشىگىمۇ چىدىيالمايتتىم. لېكىن، ئەھۋال شۇ، ئەتراپىمدا يادىكارنىڭ مۇھەببىتى بارلىقى ھەققىدە تۈمەن مىڭ پاكىتلار تۇراتتى، پەقەت ئۆز ئېغىزىدىنلا ئاڭلاپ باقمىدىم. بەرداشلق بېرەلمىدىم، ئاخىر ئوچۇق بولمىسىمۇ شۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم. $b&BH'*'~  
- ئاكا، غەيۋەت قىلىشامدۇق، - دېدىم تۈن كېچىدە. &E} I  
- كىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىسەن، ئىچىڭ بوشاپ قالىدىغان ئىش بولسا قىلىۋال بوپتۇ. h2im sjf  
- ۋايجان، ئىچ بوشايدىغان - بوشىمايدىغاننىڭ گېپى يوق. ئىلىيار ئاكاشنى مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ، دەيدىغۇ، ئاڭلىدىڭىزما؟ `M towXj  
- نېمە؟ ئىلىيارنى ياخشى كۆرەمتىڭ؟ ھەئە، مەنمۇ ئايرىلىپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. ساڭا پۇرسەت كەپتۇدە - ھە، - دېدى ئۇ پەرۋاسىزلارچە، ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ماڭا زەررىچە سۆيگۈسى يوق ئىكەنلىكىنى تامامەن ھېس قىلالايتتىم. `two|gX0K  
- نەدىكى گەپنى قىلماڭە، دېمەكچىمەنكى، ئۇ ئىككىسى ئارىلاشقىلى بەك ئۇزۇن بولغانغۇ، نېمىشقا ئايرىلىپ كەتتىكىنە. /F \>Z]  
- ۋاي خان، ئائىلە ئىشىغا ئارىلاشمىغۇلۇق، - بىردەم توختىۋالغاندىن كېيىن ئاۋازىنى پەسلىتىپ يەنە ئېغىز ئاچتى، - ئىلىيارنى كىچىك قىزلارغا چاقچاق قىلىپ يۈرۈپتۇ، دەپ ئاڭلىغانتىم بىر چاغلاردا، شۇڭا ئايرىلىپ كەتتىمىكىن... ,+swH;=7#r  
- ھە...، - ھەممە ئىش پىلانىمدىكىدەك بولىۋاتقان ئىدى،- ئايرىلىپ كەتكىنىمۇ ياخشى بوپتۇ ئەمسە، بىر چىرايلىق مۇھەببىتى تۇرسا نېمە قىلىدۇ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، توغرىمۇ؟ Tw`F?i~  
نەزىرىمدە، ئەگەر ئۇنىڭ راستىنلا مۇھەببىتى بولسا چوقۇم بۇ گېپىمگە رەدىيە بېرەتتى، لېكىن ئۇ سۆزۈمنى يۈزدە يۈز تەستىقلاپ: KqT#zj  
- بەرھەق، مۇھەببىتى بار ئادەم سۆيگۈنىگە ساداقەتمەن بولۇشى كېرەك، مۇھەببىتىدىن باشقا ئادەم بىلەن پاراڭلاشماسلىقى كېرەك، خۇددى مەندەك ، - دېدى. or;VmU8$zb  
- ۋاييەي، ئېتىڭە پونى، سىز شۇنداقما؟ HES$. a  
- ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسما؟ - مەن ئېرىشمەكچى بولغان جاۋابقا بارغانسېرى يېقىنلاۋاتاتتىم. GFbn>dY  
- ئەجەب كېچە - كۈندۈز مەن بىلەن پاراڭلىشسىزغۇ. Z \ @9*  
- كىم يادىكارنىڭ مۇھەببىتى بار دەيدۇ، مۇھەببىتى يوق ئادەم ھېلىغۇ بىر سەن بىلەنكەن، نەچچىسى بىلەن پاراڭلاشسىمۇ يارىشار؟ f`>\bdz  
ئۇنىڭ گېپىگە رەدىيە بەرگۈدەك ئاساسى بار گەپتىن بىرەرنى تاپالماي پاراڭنى يۆتكەشكە مەجبۇر بولدۇم، خۇش بولغىنىم، ئۇنىڭ مۇھەببىتى يوقلىقىنى بىلىۋالدىم، ئۇنىڭغا يۈزدە يۈز ئىشىنەتتىم... !( Y|Vm'   
Mx93D   
6
y<`:I|y  
Fgwe`[  
"AMwo(Yi  
پۈتۈنلەي يات مۇھىت، ناتونۇش سىما. ئاتا - ئانامدىن تۇنجى رەت ئايرىلىپ، ياقا - يۇرتتا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويغىلىمۇ بىر ئايچە بولدى. ئەزەلدىن پارنىكتا يېتىلىۋاتقان مەندەك قىز ئۈچۈن يېرىم ئايغا سوزۇلغان بۇ ھەربىي مەشىق بەكمۇ ئېغىر كەلدى. لېكىن، بىر قېتىممۇ يىغلاپ باقمىدىم، بۇ بەلكىم فىداتنىڭ ئىزچىل تۈردە ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان غەمخورلىقىدىن بولسا كېرەك. BgCEv"G5  
سىنىپىمدىكى بىرەرسى بىلەنمۇ چىقىشالايدىغاندەك قىلمايتتىم، ھەممە ياققا قورقۇنچ بىلەن قارايتتىم، ياتىقىمدىكى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر يۇرتلىقىم (يۇرتتىكى چاغدا مېنى بىر قانچە قېتىم ئۇچرىتىپتىكەن، ئۇ قازاق قىز ئىدى) مۆلدۈر؛ مىجەز، ئاۋاز، چىرايى ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان قەشقەرلىك قىز چىمەن ۋە مەندىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ باقمىغان فىدات مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ بارلىقى ئىدى. مۆلدۈر بىلەن چىمەننىڭ مۇھەببىتىمۇ مۇشۇ مەكتەپتە بولغانلىقتىن (ئۇلارنىڭ بۇرۇنلا مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئۇقمايمەن) ياتاقتىكى ۋاقىتلىرىمدىن باشقا چاغدا فىدات بىلەنلا يۈرەتتىم، سىنىپىمدىكىلەرمۇ فىداتنى مېنىڭ مۇھەببىتىم دەپ ئويلايتتى. 1#>uqUxah  
لەيلىنىڭ بىر ھەپتىدە ئاران بىر كېلىدىغان يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇم كەلمەي، ئازدىن - ئاز «كۆرىشەيلى» دېگەن گەپنى قىلاتتىم. بۇ ھەپتە ئاچام لەيلى بىلەن بىللە ئۆيگە بېرىپ ئۆي تامىقى يەپ كېتىشىمىزنى خېلى بۇرۇنلا دەپ قويغان ئىدى، لەيلىنى مەكتىپىمنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى ھەقىقەتەن خېلى ۋاقىت بولغان ئىدى، مېنى كۆرۈپلا سېرىق قۇچقاچتەك بېسىقماي سۆزلەپ، فىداتنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ھارمىدى.ئەزەلدىن ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىم ئۈچۈن، لەيلىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزۈم ئۇنىڭ يېنىدىلا تۇردۇم. نەچچە بېكەت ماڭغاندىن كېيىن سىنىپىمدا ئوقۇيدىغان نىگارەمۇ ئاپتوبۇستا جىندەكلا پەيدا بولدى: OaN"6Ge#  
- بەرنا، مۇھەببىتىڭىز بىلەن چىقماپسىزغۇ؟ I7f :TN  
- ھە، دوستۇم بىلەن ئاچامنىڭ ئۆيىگە بارماقچىتىم، - دەپ ئاددىيلا جاۋاب بەردىم گەپنى ئۇزارتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن. l0',B*og  
- ھە، مەنمۇ تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە ماڭغان ئىدىم، - ئاپتۇبۇسقا يالغۇز چىققانلىقى ئۈچۈن زېرىكىپ قالدىمۇ، بىر دەمدىن كېيىن يەنە سۆزلىگىلى تۇردى، - فىدات ئىككىڭلار ھەقىقەتەنمۇ خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر جۇمۇ، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز سوققاندەكلا ماسلىشىسىلەر. E`wq`g`H<  
- ھى...ھى... ئىككىمىز مۇھەببەت ئەمەس، - دەپ ئالدىراپلا جاۋاب بەردىم لەيلىنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپ ئولتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي. gIGi7x  
- خىجىل بولماڭە بولدى، كۈندە بىللە تاماق يەپ، بىر - بىرىڭلارنى ساقلاپ، سىزنى ياتىقىڭىزغا ئاپىرىپ قويۇپ، ئارام كۈنلىرىمۇ بىللە ئويناپ يۈرسەڭلار يەنە مۇھەببەت بولمامسىلەر؟ gd]k3XN$f  
مەن ئەمدى چۈشەنچە بېرەي دېدىم - يۇ، ئۇنىڭ «مەن كەلدىم، كېيىنچە كۆرىشەيلى - ھە، خوش» دېگەن گېپى بىلەن بار قىسىنچىلىقنى ئۆزۈمگە يۈكلەپ تۇرۇپ قالدىم. &y 3;`A7,  
- ھىم، بەرنا؟ - دېدى لەيلى گۇمان ۋە سۇئال ئارىلاش نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ. [|YuT:Cp  
- خاتا چۈشىنپ قالدىڭ لەيلى، ئۇ ئىككىمىز... Ob|tA  
- بولدى، چۈشەندۈرمە. ئەينى چاغدا سېنى شۇنچە قوغلىشىپ كەتكەندە قوشۇلماي، ئەمدى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، دەپ قويسام قىلىپ كەتكەن قىلىقلىرىڭمۇ بۇ؟ BUBtK-n~"3  
زەرەپشان دەرياسىغا سەكرىسەممۇ ئۈستۈمدىكى قارىلارنى يۇيۇپ بولالمايدىغاندەك قىلاتتىم، چۈشەندۈرگەنسېرى ئۇنىڭغا قارا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن: `my\59T  
- لەيلى، قانداق ئويلىساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى. لېكىن فىدات ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا راستىنلا ھېچقانداق ئىش يوق. بۇ يەردە باشقىلار بىلەن تونۇشمىغاندىن كېيىن دائىم بىللە بولۇپ قالىمىز شۇ، - دەپلا گەپنى ئۈزىۋەتتىم. P[,  
شۇ كۈنى ئاچاملارنىڭ ئۆيىدە تاماقنىمۇ ئاجايىپ بىر خىل كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە يەپ چىقىپ بىر بېكەتتىن ئىككى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆز مەكتەپلىرىمىزگە قايتىشتۇق. باشقا چاغلاردا بولسا ئاۋال بىللە مېنىڭ مەكتىپىمگە كېلىپ، ياتىقىمدا بىردەم - يېرىم دەم ئولتۇرۇپ، ئاندىن لەيلىنى مەكتىپىگە يولغا سېلىپ قوياتتىم. ئەلھەكمۇلىللا، ھەممىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، بۇنچىلىك ئىشقا مېنى خاتا چۈشەنگەنگە ئۆلۈپ بېرىمەنمۇ ئەمدى... #6 $WuIG  
كۆڭلۈمدە شۇنداق ئويلىغىنىم بىلەن يەنىلا يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى بىر قىسما، ئەمدى ھېلىقى مەن ئويلاشتىنمۇ قورقىدىغان «دوستىنىڭ لوقمىسىنى تارتىۋالغان قىز» دېگەن نامغا ئېرىشىۋالغاندەك قىلاتتىم. مەكتەپتە يالغۇز يۈرۈپ قالغانغا نېمە بولاتتى، بەرىبىر كۈندە دېگۈدەك تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان يادىكار بار ئەمەسمۇ ماڭا، فىداتتىن ئۆزۈمنى تارتىپ يۈرسەم بولغۇدەك، دېگەن ئوي بىلەن كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈردۈم. G/_8xmsU  
كۈندە بىللە تاماق يەپ، ياتىقىمغا ئەكىلىپ قويۇپ، كۈتۈپخانىلاردا بىللە ئۆگىنىش قىلىدىغان ئادەمگە تام تۈۋىدىن ھوشۇر ئاخۇن چىققاندەك تۇيۇقسىزلا «بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقە قىلمايلى» دېسەم ئەلۋەتتە قاملاشمايتتى. بارا - بارا سىنىپىمدىكى ماڭا ئوخشاش مۇھەببىتى يوق ياكى يېنىدا يوق قىزلار بىلەن يېقىن ئۆتۈشكە تىرىشتىم، فىداتنى «دوستلىرىم بىلەن تاماق يەيمەن»، «دوستۇم بىلەن بىللە قايتىدىغان بولدۇم» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن رەت قىلىدىغان بولدۇم. TI^X gl~  
بۇ شەھەرنىڭ تۇنجى قارىنى تەبرىكلەپ چىمەن، نىگارە، تۇمارىسلار بىلەن مەكتەپ يېنىدىكى ساماۋەر شورپىخانىسىدا ئولتۇرغان ئىدۇق، تۇيۇقسىز كەلگەن تېلىفۇن ئارامىمنى بۇزدى، تېلىفۇن ئېكرانمدا پىلىلداپ تۇرغان «يادىكار» دېگەن خەت مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىۋاتاتتى، ئۇ ئادەتتە بۇنداق چاغلاردا بەك ئاز تېلىفۇن قىلاتتى. sFRQFX0XoY  
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، - دەپ ئالدىم تېلىفۇننى ئەتراپىمدىكىلەرنى جىم بولۇشقا ئىشارەتلەپ. M9(Kxux#  
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، نېمە ئىش قىلىپ؟ ;E\e.R  
- شۇ قىزلار بىلەن ساماۋەر شورپىسى يەپ ئولتۇرغان، ئۆزىڭىزچۇ؟ fj y2\J!  
- ھە، مەن ئۆيدە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردۇم. ھەي، سەن نەدە، مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىمۇ؟ aN"dk-eK  
- ھەئە، نېمە بولدى؟ SrvC34<7  
- بىر دوستۇمدىن نەرسە ئەۋەتكەن ئىدىم، بېرىپ ئېلىۋالامسەن؟ ;#dzw!+Y  
- ئادەم چالماڭە، بىرەر بايرام بولمىسا، يا مەن بىر نەرسە تاپىلىمىسام... Q=Y1kcTOn  
- تېز بول، بەك توڭۇپ كېتىپتۇ ئۇ، ياتىقىڭ تەرەپكىرەك ماڭساڭ قوڭۇر چاپان كېيىۋالغان ئېگىز بوي بىرىنى كۆرىسەن، شۇ كىشى - ھە. S67>yqha  
- راستما؟ ماقۇل، ماقۇل. ھازىرلا باراي، - ئىچىمدە تۈمەن مىڭنى تىللىۋېتىپ نېمە ئەۋەتكەندۇ، دېگەن ئوي بىلەن چاپىنىمنى كېيىپلا ئۇ يەرگە ماڭدىم. &S|%>C{P.w  
ئەمدىلا سەككىز يېرىم بولغان بولسىمۇ قىشنىڭ مۇدھىش كېچىلىردە كوچا چىرىقىنىڭ ياردىمىسىز بىرەر نەرسىلەرنى ئىلغا قىلىش تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى. ئۆزۈمدىن ئون مېتىرچە يىراقتىن تارقىلىۋاتقان نۇر بىلەن ئەتراپنى ئارانلا ئىلغا قىلاتتىم، بۇ يەردە قوڭۇر چاپان كىيىۋالغان ئېگىز بوي بىرىنى ئەمەس، ئېگىز بوي بىرىنىمۇ ئۇچراتمىدىم، يادىكار مېنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپلا ئويلاپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم: 3ZEV*=+T5  
- ھەي، ئەتراپتا نەدىمۇ ئېگىز بوي بىرى بولىدۇ، مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق قىلامدۇ، - دەپ رەنجىپلا كەتتىم ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى ساقلىماي. "ZU CYYre  
- نېمە، سەن بويۇمنى پاكار كۆرىۋاتامسەن، - ئۇ شۇنداق دېگەچ كەينىمدىن كېلىپلا كۆزۈمنى ئېتىۋالدى. , e6}p  
ئۇنى بۇ يەرگە كېلىدۇ، دېگەن خىيال ئەسلا كاللامدا بولمىغانلىقتىن بايىقى گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولساممۇ قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتىم. hwR_<'!  
- يائاللا، نېمانچە قورقاق قىزدۇ بۇ، - دەپ قولىنى قويىۋېتىپ ئالدىمغا كەلدى ئۇ. sa26u`?  
- تۈن كېچىدە ئادەمزاتسىز كوچىدا بىرى كۆزۈمنى ئېتىۋالسا قورقمايمەنمۇ ئەمدى، - دەپ چالۋاقاپ سۆزلەپلا كەتتىم، لېكىن بۇ تاپتا ئۇنى بۇ يەردە كۆرىشىم مېنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرىۋاتقان ئىدى. Z+G.v=2q<  
- شۇنچە يىراقتىن كەلسەم مۇشۇ سوغۇقتا سالام - سەھەت قىلىشىپلا قوغلامسەن. `$5 QTte  
- قانداق قىلىمەن ئەمسە، مېنى ئالدىغىنىڭىز، قورقۇتقىنىڭىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىسىڭىز بولىدۇ تېخى، - دېدىم تۇمشىقىمنى ئۇچلاپ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بېلىكىمدىن تارتىپلا «نەگە» دەپ ۋارقىراشلىرىمنىمۇ ئاڭلىماي ئېلىپ ماڭدى. ( ndTEnpp  
- دوستلىرىم مېنى ساقلاپ قالدى تېخى، - دېگەن گەپنىمۇ ئارانلا قىلالىدىم. SZhW)0  
- سېنى يېمەيمەن، نېمانچە قورقىسەن. مۇشۇ ئەتراپتا بىر قەھۋەخانا بار ئەمەسمىدى، ئورنى ئۆزگۈرۈپ كەتمىگەندۇ؟ %gb4(~E+N  
- ھە... بار، بار. مەن باشلاپ ئاپىراي دېسەم... ?{ Rv/np=F  
- ھەئە، سەن بەك باشلاپ ئاپىرىسەن، مۇشۇ يەردە تۇرغىنىمىزغىمۇ ئون مىنۇتچە بولدى، ئۇ - بۇ يەرگە بارايلىمۇ دەپ قويمىدىڭ، خىجىل بولماي باشلاپ ئاپىرىمەن، دەپ كەتكىنىنى... - ئۇ دائىم گېپىمنى تارتىۋالاتتى، مېنىڭ ئوي - خىيالىمدىمۇ كارى يوق. Mt93YD-2+  
قەھۋەخانىدا ئۇزاق ئولتۇرمايلا دوستلىرىم تولا تېلفۇن قىلىپ پەقەت ئارامىمىزنى قويمىدى، بىزمۇ خوشلىشىقا مەجبۇر بولدۇق. ip`oL_c  
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇ مۇشۇ شەھەردە بولغان تۆت كۈندە بىز ئىزچىل بىللە يۈردۇق، يىغىن بىلەن ھايال بولۇپ قالغان بىر كۈنىدىن باشقا چاغدا ئۇ بىزنىڭ مەكتەپتىلا يۈردى، دەرسىم بولۇپ قالسا دەرستىن چۈشكىچە ساقلايتتى، ئاندىن بىللە تاماق يەپ، كوچا ئارىلاپ مەكتەپ ياتىقىنى تاقىغۇچە مەن بىلەنلا يۈرەتتى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ مۇھەببىتى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانلىرىمنى پاكپاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلىدى. k"z ~>  
- بەرنا، - دەرستىن چۈشۈپ دوستلىرىم بىلەن تاماققا چىقىپ كېتىۋاتقان ئىدىم، بىر تونۇش ئاۋاز كەينىمدىن ۋارقىرىدى، - سېنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەندىن قېچىشىڭ يادىكار ئۈچۈنمىدى؟ - دېدى ئۇ يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ.  `u 't  
- ياق. x/B1\U I  
- بولدى، ئىنكار قىلما، مەن ئىككىڭلارنىڭ بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆرۈپ قالدىم. ھېسسىيات ئىشىڭغا ئارىلاشقۇم يوق، يادىكارمۇ نەزىرە ھەدەمدىن ئايرىلىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ سەندىن ئەنسىرەيدىكەنمەن، بەرنا. w1&\heSQ  
- سەن ئەنسىرگۈدەك ئىش يوق، باشقا ئىش بولمىسا مەن ماڭاي، - دەپلا يىراقتا مېنى ساقلاپ تۇرغان دوستلىرىمنىڭ قېشىغا ماڭدىم. 1eU%  
شۇ كۈنى نەزىرەنىڭ فىداتنىڭ نەۋرە ئاچسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مانا دۇنيا دېگەن، مۇشۇنچىلىك تارلا نەرسە، ماڭىسەن، شۇنچە ماڭىسەن - يۇ، بىر ئىزدىن چىقىپ كېتەلمەيسەن، بىر چەمبىرەكتىن ھالقىپ كېتەلمەيسەن. Xv&&U@7  
ھازىر يادىكارنىڭ ئىشلىرىغا باش قاتۇرغۇدەك ماغدۇر مەندە قالمىدى، پۈتۈن ئەس - يادىم فىدات بىلەن لەيلىدە. لەيلىنى ئۆزۈمگە قانداق ئىشەندۈرۈش، فىداتتىن قانداق قىلىپ يىراقلىشىش. فىداتنىڭ ئارقا - ئارقىدىن كۆڭۈل ئىزھار قىلىشلىرى مېنى ھالسىراتتى، بەزىدە «ھەي ئەخمەق، لەيلى سېنى ياخشى كۆرىدىكەن!» دەپ ۋارقىرىغۇم كېلەتتى، لېكىن بۇ يولدا مەن شۇنچىلىك ئاجىز ئىدىم، ئۆز ھېس - تۇيغۇلىرىمنى بايان ئەيلىيەلمىگۈدەك... خېلى ۋاقىتقىچە فىداتنىڭ سۆيگۈ ھەققىدىكى پاراڭلىرىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ يۈردۈم، لېكىن ئوتنى پاختا ئىچىدە ساقلىغىلى بولسۇنمۇ، بەرداشلىق بېرەلمىدىم. &}y?Lt  
- فىدات، مەن سەن ئويلىغاندەك ياخشى قىز ئەمەس، - دەپ ئۇچۇر يازدىم ئۇنىڭغا. F<+!28&h  
- رەت قىلىشنىڭ باھانىسى نېمە دېگەن چىرايلىق - ھە، بەرنا. قايسى ئادەم مۇھەببەت يولىدا ئەڭ ياخشىسىنى تاللايدىكەن. بىلىمەن، سەن مۇكەممەل ئەمەس، مەنمۇ ھەم ئۇنچە ياخشى ئەمەس. لېكىن، سەن ماڭا ماس كېلىسەن، مەن ساڭا بەخت بېرەلەيمەن. _t/~C*=:=  
- مەن ئۈچۈن ئۆزى سۆيگەن ئادىمى بىلەن بىللە ئۆتۈش بەخت، ئەمەلىيەتتە مەن يادىكارنى ياخشى كۆرىمەن، - ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمدىن سوۋۇتۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئاماللىرىم ئىچىدە بۇ ئەڭ ئەخمىقانىسى ئىدى. $ o }  
لېكىن، بۇ سۆزۈم ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، شۇندىن بۇيان فىداتنى كۆرۈش دائىرەم ئىچىدە ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئاندا - ساندا مەكتەپ ئاشخانىسىدا يىراقتىن كۆرۈپ قالمىسام «كۆرمەيمەن»نىڭلا ئورنىدا ئىدى، فىداتنىڭ كۆڭلىنى مەندىن سوۋۇپ كېتىپتۇ، دەپ كېسىپ ئېيتالمىساممۇ ماڭا بولغان سۆيگۈ تىنىقلىرى پەسىيىپ قېلىۋاتاتتى. لەيلىنى نەچچە قېتىم ئىزدەي دەپ يەنە يالتىيىپ قالدىم، خاتا چۈشەنگەن ئۇ تۇرسا، مەن ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرەي دېسەممۇ ئۇنىمىغان تۇرسا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇرۇن ماڭا قىلغان ئىشلىرىنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا ئۇنىڭ يېڭى سۆيگۈسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ كېتىۋاتساممۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتسا ئۇنى يەنە ئىزدەپ ھال ئېيتىپ يۈرىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى. يامىنى كەلسە دوستلۇقنى قەدىرلىيەلمەس دوستۇمدىن بىرىدىن ئايرىلىمەن شۇ. شۇ ئوي - خىياللار بىلەن رىئال دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ يادىكارغىلا ئەسرا بولۇپ قالدىم. مەن ئۇنىڭ پارازىتىدەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىدىغاندەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدىغاندەك. B{lj.S` mB  
تولۇن ئاي ئاسمىنىمدا ئېسىلىپ تۇراتتى، بۇ ئۇيقۇسىز كېچە يەنە يادىكار بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشتىم. مەنلا ئەمەس بۇ ياتاقتىكى مەندىن باشقا بەش قىزمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىيالماي قىينىلاتتى. ئۇيقۇسىزلىق ئاتلىق بۇ ۋىرۇس قاچانلاردا بىزنىڭ ياتاققا تارقىلىپ ھەممىمىزنى يۇقۇملاندۇردىكىن، ئىشقىلىپ ھەممىمىزلا شەپەرەڭ پالۋاندەك تۈن پائالىيىتىنى كۆپرەك قىلاتتۇق. ھالبۇكى، مېنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشۇم يادىكار، يادىكاردىن قالسا يەنە يادىكار ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تاكى بىرەرىمىز ئۇخلاپ قالغۇچە پاراڭلىشاتتۇق. ئۇيقۇغا ئىلىنىپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىم ئاخىرقى تىنىقىدا ئۇ يازغان خەتلەرنى كۆرىۋاتاتتى: T! ww3d  
- قوزام، سەندىن بىر سۇئال سورايمۇ، - ئۇنىڭ مېنى قاچانلاردىن بۇيان بۇنداق تاتلىق سۆزلەر بىلەن چاقىرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. h.*v0cq:  
- سوراڭ، قېنى سوراڭ، - شۇ تاپتا ئۇخلاپ قېلىشتىن شۇنچە قورقاتتىم. H:F'5Zt  
- مۇھەببەتلەر بىر قېتىم ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئارىدىكى ھېس - تۇيغۇ سۇسلامدۇ؟ i*((@:  
- بۇنى مەن قانداق بىلەي، مەن يا بىرەر قېتىم مۇھەببەتلىشىپ باقمىسام. r])V6 ^U  
- ھىم... ئۆز قارىشىڭنى سۆزلەپ باقساڭچۇ، - بۇ ھەققىدىكى پاراڭلاردا ئۇ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئەستايىدىل بولۇپ كەتكەن ئىدى. =/!RQQ|8o  
- مېنىڭچە بولغاندا، مۇھەببەت دېگەن ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق بەدەل تۆلەيدىغان شېرىن مېۋە، نۆرىتى كەلسە يەنە زەھەرلىك تاماق. دۇنيادە نەدىمۇ سوقۇشمايدىغان ئاشىق - مەشۇقلار بار، ھەھممە ئادەم سوقىشىدۇ، ئايرىلىدۇ، يەنە قايتا يارىشىدۇ. بەزىلەر دەيدىكەن، يوقاتقان نەرسىسىنى قايتا تاپقىلى بولمايدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسمۇ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ، دەپ. لېكىن، مەن ئويلايمەن، يەنە بىر خىل مۇمكىنچىلىكنىمۇ يوق دېگۈلى بولمايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئايرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ قەدرىگە يەتسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ئەھۋال پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ تېخىمۇ بەختلىك ئۆتۈپ كېتەر - ھە... +Qf<*  
- ئاجايىپ پەيلاسوپلاردەك سۆزلەيسەن - ھە، - ئاۋازىدىن ئۇنىڭ خۇرسىنىشلىرىنى، ئازابىنى، ئېيتىپ بولماس ئىككىلىنىشىنى تامامەن ھېس قىلغىلى بولاتتى، - ساڭا دېسەم مەن مۇھەببىتىم بىلەن ئارىلاشقىلى بەش يىلچە بولغان ئىدى. مانا ئەمدى ئايرىلىپ كەتكىلىمۇ يېرىم يىل بولاي دەپتۇ. دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن يېنىشىۋالغىن، دەپ نەسىھەت قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، مۇشۇ تاپتا كاللام ئۇماچ بولۇپ كەتتى، بەرنا. TwsI8X  
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بېشىمغا ئۇرۇلغان توقماقتەك مېنى بىراقلا سەگىتتى. O 6ph_$nt.  
- ئۇنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟ - مەن گەپ قىلىشتىن خەت يېزىشقا كۆچتۈم، سۆزلىسەم يىغلاپ تاشلىشىمدىن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئوسال بولۇشىمدىن قورقاتتىم. iB|htH'T  
- بۇنى مەنمۇ بىلىپ بولالمىدىم. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتكەنتۇق، ھازىر ئويلىسام ئۇنىڭغا بولغىنى پەقەتلا بىر خىل ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە كۆنۈشتەكلا بىلىنىۋاتىدۇ. ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك... '55G:r39  
- قانداق؟ \wD L oR  
- ئۇ مېنى ياخشى كۆرسە باشقا يىگىتلەرگە ئەركىلەپ يۈرەمدۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا سەن بولساڭ شۇنداق قىلامتىڭ، - ئۇنىڭ بۇ سۇئالى مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ئەگەر مەن يادىكارنىڭ مۇھەببىتى بولسام... ئاھ، لېكىن بۇ تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدىكى بەخت تۇيغۇسى ماڭا مەڭگۈ نېسىپ بولمايدىغاندەك قىلاتتى. T%;V_iW-  
- مەن.... بىلمىدىم جۇمۇ. لېكن، مېنىڭچە بىر ئادەمنى سۆيسەم ئۇنىڭغا ئاداققىچە ساداقەتمەن بولارمەن، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە. مۇھەببەت دېگەن كاللا قىزىقچىلىقىدا چىقارغان ئاددىيلا قارار ئەمەس ۋە ياكى ئويۇنچۇق ئەمەس، ئۇنىڭغا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ ئاساس بولۇشى كېرەكتە، توغرا دېدىممۇ؟ - دېدىم ئۇنىڭغا تۇنجى رەت ئۆز قاراشلىرىمنى بايان ئەيلەپ. 9GRQ^E  
- بەرھەق، بەرھەق. سەندەك قىز بالا بىلەن مۇھەببەتلەشكەن كىشى نېمە دېگەن بەختلىكتۇ - ھە، - بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا يۈرىكىم لەرزىگە كېلىپ كۆۋەجەپ كەتتى، بۈگۈن يەنە كېچىنى تاڭغا ئۇلايدىغاندەك قىلاتتىم. ئۇ ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىنمۇ بالكونغا چىقىۋېلىپ ئاي مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ئولتۇردۇم. `U=Jbdc l3  
كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئۇ زۇكام بولۇپ قالغانلىقىنىڭ باھانىسىدە بىراقلا يوقاپ كەتتى، ئىچىمدە تۈمەن مىڭ قۇرت ئۆمىلەپ مېنىمۇ بىئارام قىلىپ كېتىۋاتاتتى. كىشىلەرنىڭ خۇمار بولۇپ قالغان نەرسىسىنى تاشلىيالماسلىقىدىكى سەۋەب مۇشۇمىكىن - ھە. مەنمۇ يادىكارغا خۇمار بولۇپ قالغاندەك قىلاتتىم. 4 – كۈنى بىز پەۋقۇلادە قىزغىن، بۇرۇنقىدىنمۇ قىزغن ھالەتتە پاراڭلاشتۇق، ئۇزۇندىن - ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. ئۇ كېچە چىرايمدا كۈلكىمۇ جىلۋە قىلدى، كۆزلىرىمدىن ئۈنچىلەرمۇ ئاقتى. e_|Z&  
بەشىنچى كۈنى، ئاشۇ قارا يەكشەنبە مەن پۈتكۈل دۇنيانى يالغۇز قۇچاقلاپ قالدىم. يادىكار ماڭا نەزىرە بىلەن يېنىشىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مېنىڭ ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ نەزىرە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىمنى ۋە ئۆزىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى، مەڭگۈ بىلەلمەيتتى.... |Iwglb!k  
uorX;yekC  
ئەمدىلا سەككىز يېرىم بولغان بولسىمۇ قىشنىڭ مۇدھىش كېچىلىردە كوچا چىرىقىنىڭ ياردىمىسىز بىرەر نەرسىلەرنى ئىلغا قىلىش تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى. ئۆزۈمدىن ئون مېتىرچە يىراقتىن تارقىلىۋاتقان نۇر بىلەن ئەتراپنى ئارانلا ئىلغا قىلاتتىم، بۇ يەردە قوڭۇر چاپان كىيىۋالغان ئېگىز بوي بىرىنى ئەمەس، ئېگىز بوي بىرىنىمۇ ئۇچراتمىدىم، يادىكار مېنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپلا ئويلاپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم: x(cv}#}S8  
- ھەي، ئەتراپتا نەدىمۇ ئېگىز بوي بىرى بولىدۇ، مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق قىلامدۇ، - دەپ رەنجىپلا كەتتىم ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى ساقلىماي. vc&v+5Y  
- نېمە، سەن بويۇمنى پاكار كۆرىۋاتامسەن، - ئۇ شۇنداق دېگەچ كەينىمدىن كېلىپلا كۆزۈمنى ئېتىۋالدى. ccrWk*tr  
ئۇنى بۇ يەرگە كېلىدۇ، دېگەن خىيال ئەسلا كاللامدا بولمىغانلىقتىن بايىقى گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولساممۇ قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتىم. `!/[9Y#Hp  
- يائاللا، نېمانچە قورقاق قىزدۇ بۇ، - دەپ قولىنى قويىۋېتىپ ئالدىمغا كەلدى ئۇ. @ <{%r  
- تۈن كېچىدە ئادەمزاتسىز كوچىدا بىرى كۆزۈمنى ئېتىۋالسا قورقمايمەنمۇ ئەمدى، - دەپ چالۋاقاپ سۆزلەپلا كەتتىم، لېكىن بۇ تاپتا ئۇنى بۇ يەردە كۆرىشىم مېنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرىۋاتقان ئىدى. w8w0:@0(  
- شۇنچە يىراقتىن كەلسەم مۇشۇ سوغۇقتا سالام – سەھەت قىلىشىپلا قوغلامسەن. t\hnnu`Pq  
- قانداق قىلىمەن ئەمسە، مېنى ئالدىغىنىڭىز، قورقۇتقىنىڭىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىسىڭىز بولىدۇ تېخى، - دېدىم تۇمشىقىمنى ئۇچلاپ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بېلىكىمدىن تارتىپلا «نەگە» دەپ ۋارقىراشلىرىمنىمۇ ئاڭلىماي ئېلىپ ماڭدى. vt{[_L(h  
- دوستلىرىم مېنى ساقلاپ قالدى تېخى، - دېگەن گەپنىمۇ ئارانلا قىلالىدىم. lG\uJxV  
- سېنى يېمەيمەن، نېمانچە قورقىسەن. مۇشۇ ئەتراپتا بىر قەھۋەخانا بار ئەمەسمىدى، ئورنى ئۆزگۈرۈپ كەتمىگەندۇ؟ h(HpeN%`#  
- ھە... بار، بار. مەن باشلاپ ئاپىراي دېسەم... @01.Pd   
- ھەئە، سەن بەك باشلاپ ئاپىرىسەن، مۇشۇ يەردە تۇرغىنىمىزغىمۇ ئون مىنۇتچە بولدى، ئۇ – بۇ يەرگە بارايلىمۇ دەپ قويمىدىڭ، خىجىل بولماي باشلاپ ئاپىرىمەن، دەپ كەتكىنىنى...- ئۇ دائىم گېپىمنى تارتىۋالاتتى، مېنىڭ ئوي – خىيالىمدىمۇ كارى يوق. UHZ&7jfl  
قەھۋەخانىدا ئۇزاق ئولتۇرمايلا دوستلىرىم تولا تېلفۇن قىلىپ پەقەت ئارامىمىزنى قويمىدى، بىزمۇ خوشلىشىقا مەجبۇر بولدۇق. =U3S"W %  
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇ مۇشۇ شەھەردە بولغان تۆت كۈندە بىز ئىزچىل بىللە يۈردۇق، يىغىن بىلەن ھايال بولۇپ قالغان بىر كۈنىدىن باشقا چاغدا ئۇ بىزنىڭ مەكتەپتىلا يۈرەتتى، دەرسىم بولۇپ قالسا دەرستىن چۈشكىچە ساقلايتتى، ئاندىن بىللە تاماق يەپ، كوچا ئارىلاپ مەكتەپ ياتىقىنى تاقىغۇچە مەن بىلەنلا يۈرەتتى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ مۇھەببىتى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانلىرىمنى پاكپاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلىدى. 3p=X v%xd  
- بەرنا، - دەرستىن چۈشۈپ دوستلىرىم بىلەن تاماققا چىقىپ كېتىۋاتقان ئىدىم، بىر تونۇش ئاۋاز كەينىمدىن ۋارقىرىدى، - سېنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەندىن قېچىشىڭ يادىكار ئۈچۈنمىدى؟ - دېدى ئۇ يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ. |reA`& 
- ياق.  
- بولدى، ئىنكار قىلما، مەن ئىككىڭلارنىڭ بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆرۈپ قالدىم. ھېسسىيات ئىشىڭغا ئارىلاشقۇم يوق، يادىكارمۇ نەزىرە ھەدەمدىن ئايرىلىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ سەندىن ئەنسىرەيدىكەنمەن، بەرنا. +& B?f  
- سەن ئەنسىرگۈدەك ئىش يوق، باشقا ئىش بولمىسا مەن ماڭاي، - دەپلا يىراقتا مېنى ساقلاپ تۇرغان دوستلىرىمنىڭ قېشىغا ماڭدىم. $xWwI( SaB  
شۇ كۈنى نەزىرەنىڭ فىداتنىڭ نەۋرە ئاچسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، مانا دۇنيا دېگەن، مۇشۇنچىلىك تارلا نەرسە، ماڭىسەن، شۇنچە ماڭىسەن – يۇ، بىر ئىزدىن چىقىپ كېتەلمەيسەن، بىر چەمبىرەكتىن ھالقىپ كېتەلمەيسەن. \ASt&'E  
ھازىر يادىكارنىڭ ئىشلىرىغا باش قاتۇرغۇدەك ماغدۇر مەندە قالمىدى، پۈتۈن ئەس – يادىم فىدات بىلەن لەيلىدە. لەيلىنى ئۆزۈمگە قانداق ئىشەندۈرۈش، فىداتتىن قانداق قىلىپ يىراقلىشىش. فىداتنىڭ ئارقا – ئارقىدىن كۆڭۈل ئىزھار قىلىشلىرى مېنى ھالسىراتتى، بەزىدە «ھەي ئەخمەق، لەيلى سېنى ياخشى كۆرىدىكەن!» دەپ ۋارقىرىغۇم كېلەتتى، لېكىن بۇ يولدا مەن شۇنچىلىك ئاجىز ئىدىم، ئۆز ھېس – تۇيغۇلىرىمنى بايان ئەيلىيەلمىگۈدەك... خېلى ۋاقىتقىچە فىداتنىڭ سۆيگۈ ھەققىدىكى پاراڭلىرىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ يۈردۈم، لېكىن ئوتنى پاختا ئىچىدە ساقلىغىلى بولسۇنمۇ، بەرداشلىق بېرەلمىدىم. k`:zQd^T  
- فىدات، مەن سەن ئويلىغاندەك ياخشى قىز ئەمەس، - دەپ ئۇچۇر يازدىم ئۇنىڭغا. Z_q+Ac{p  
- رەت قىلىشنىڭ باھانىسى نېمە دېگەن چىرايلىق – ھە، بەرنا. قايسى ئادەم مۇھەببەت يولىدا ئەڭ ياخشىسىنى تاللايدىكەن. بىلىمەن، سەن مۇكەممەل ئەمەس، مەنمۇ ھەم ئۇنچە ياخشى ئەمەس. لېكىن، سەن ماڭا ماس كېلىسەن، مەن ساڭا بەخت بېرەلەيمەن. x(Bt[=,K3  
- مەن ئۈچۈن ئۆزى سۆيگەن ئادىمى بىلەن بىللە ئۆتۈش بەخت، ئەمەلىيەتتە مەن يادىكارنى ياخشى كۆرىمەن، - ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمدىن سوۋۇتۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئاماللىرىم ئىچىدە بۇ ئەڭ ئەخمىقانىسى ئىدى. $,}jz.R@  
لېكىن، بۇ سۆزۈم ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، شۇندىن بۇيان فىداتنى كۆرۈش دائىرەم ئىچىدە ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئاندا – ساندا مەكتەپ ئاشخانىسىدا يىراقتىن كۆرۈپ قالمىسام «كۆرمەيمەن»نىڭلا ئورنىدا ئىدى، فىداتنىڭ كۆڭلىنى مەندىن سوۋۇپ كېتىپتۇ، دەپ كېسىپ ئېيتالمىساممۇ ماڭا بولغان سۆيگۈ تىنىقلىرى پەسىيىپ قېلىۋاتاتتى. لەيلىنى نەچچە قېتىم ئىزدەي دەپ يەنە يالتىيىپ قالدىم، خاتا چۈشەنگەن ئۇ تۇرسا، مەن ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرەي دېسەممۇ ئۇنىمىغان تۇرسا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇرۇن ماڭا قىلغان ئىشلىرىنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا ئۇنىڭ يېڭى سۆيگۈسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ كېتىۋاتساممۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتسا ئۇنى يەنە ئىزدەپ ھال ئېيتىپ يۈرىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى. يامىنى كەلسە دوستلۇقنى قەدىرلىيەلمەس دوستۇمدىن بىرىدىن ئايرىلىمەن شۇ. شۇ ئوي – خىياللار بىلەن رىئال دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ يادىكارغىلا ئەسرا بولۇپ قالدىم. مەن ئۇنىڭ پارازىتىدەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىدىغاندەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدىغاندەك. ]=~dyi  
تولۇن ئاي ئاسمىنىمدا ئېسىلىپ تۇراتتى، بۇ ئۇيقۇسىز كېچە يەنە يادىكار بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشتىم. مەنلا ئەمەس بۇ ياتاقتىكى مەندىن باشقا بەش قىزمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىيالماي قىينىلاتتى. ئۇيقۇسىزلىق ئاتلىق بۇ ۋىرۇس قاچانلاردا بىزنىڭ ياتاققا تارقىلىپ ھەممىمىزنى يۇقۇملاندۇردىكىن، ئىشقىلىپ ھەممىمىزلا شەپەرەڭ پالۋاندەك تۈن پائالىيىتىنى كۆپرەك قىلاتتۇق. ھالبۇكى، مېنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشۇم يادىكار، يادىكاردىن قالسا يەنە يادىكار ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تاكى بىرەرىمىز ئۇخلاپ قالغۇچە پاراڭلىشاتتۇق. ئۇيقۇغا ئىلىنىپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىم ئاخىرقى تىنىقىدا ئۇ يازغان خەتلەرنى كۆرىۋاتاتتى: *BsK6iV b  
- قوزام، سەندىن بىر سۇئال سورايمۇ، - ئۇنىڭ مېنى قاچانلاردىن بۇيان بۇنداق تاتلىق سۆزلەر بىلەن چاقىرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. $r!CQ 2S  
- سوراڭ، قېنى سوراڭ، - شۇ تاپتا ئۇخلاپ قېلىشتىن شۇنچە قورقاتتىم. AQ'%}(#0  
- مۇھەببەتلەر بىر قېتىم ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئارىدىكى ھېس – تۇيغۇ سۇسلامدۇ؟ Ev7.!  
- بۇنى مەن قانداق بىلەي، مەن يا بىرەر قېتىم مۇھەببەتلىشىپ باقمىسام. i7#4&r  
- ھىم... ئۆز قارىشىڭنى سۆزلەپ باقساڭچۇ، - بۇ ھەققىدىكى پاراڭلاردا ئۇ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئەستايىدىل بولۇپ كەتكەن ئىدى. 9B0ON*`  
- مېنىڭچە بولغاندا، مۇھەببەت دېگەن ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق بەدەل تۆلەيدىغان شېرىن مېۋە، نۆرىتى كەلسە يەنە زەھەرلىك تاماق. دۇنيادە نەدىمۇ سوقۇشمايدىغان ئاشىق – مەشۇقلار بار، ھەھممە ئادەم سوقىشىدۇ، ئايرىلىدۇ، يەنە قايتا يارىشىدۇ. بەزىلەر دەيدىكەن، يوقاتقان نەرسىسىنى قايتا تاپقىلى بولمايدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسمۇ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ، دەپ. لېكىن، مەن ئويلايمەن، يەنە بىر خىل مۇمكىنچىلىكنىمۇ يوق دېگۈلى بولمايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئايرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ قەدرىگە يەتسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ئەھۋال پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ تېخىمۇ بەختلىك ئۆتۈپ كېتەر – ھە... A*OqUq/H`;  
- ئاجايىپ پەيلاسوپلاردەك سۆزلەيسەن – ھە، - ئاۋازىدىن ئۇنىڭ خۇرسىنىشلىرىنى، ئازابىنى، ئېيتىپ بولماس ئىككىلىنىشىنى تامامەن ھېس قىلغىلى بولاتتى، - ساڭا دېسەم مەن مۇھەببىتىم بىلەن ئارىلاشقىلى بەش يىلچە بولغان ئىدى. مانا ئەمدى ئايرىلىپ كەتكىلىمۇ يېرىم يىل بولاي دەپتۇ. دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن يېنىشىۋالغىن، دەپ نەسىھەت قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، مۇشۇ تاپتا كاللام ئۇماچ بولۇپ كەتتى، بەرنا. ;E.]:Ia~  
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بېشىمغا ئۇرۇلغان توقماقتەك مېنى بىراقلا سەگىتتى. Py;5z  
- ئۇنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟ - مەن گەپ قىلىشتىن خەت يېزىشقا كۆچتۈم، سۆزلىسەم يىغلاپ تاشلىشىمدىن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئوسال بولۇشىمدىن قورقاتتىم. leC!Yj  
- بۇنى مەنمۇ بىلىپ بولالمىدىم. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتكەنتۇق، ھازىر ئويلىسام ئۇنىڭغا بولغىنى پەقەتلا بىر خىل ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە كۆنۈشتەكلا بىلىنىۋاتىدۇ. ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك... M/W"M9u  
- قانداق؟ /WnCAdDgZ  
- ئۇ مېنى ياخشى كۆرسە باشقا يىگىتلەرگە ئەركىلەپ يۈرەمدۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا سەن بولساڭ شۇنداق قىلامتىڭ، - ئۇنىڭ بۇ سۇئالى مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ئەگەر مەن يادىكارنىڭ مۇھەببىتى بولسام... ئاھ، لېكىن بۇ تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدىكى بەخت تۇيغۇسى ماڭا مەڭگۈ نېسىپ بولمايدىغاندەك قىلاتتى. $)#orZtzr  
- مەن.... بىلمىدىم جۇمۇ. لېكن، مېنىڭچە بىر ئادەمنى سۆيسەم ئۇنىڭغا ئاداققىچە ساداقەتمەن بولارمەن، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە. مۇھەببەت دېگەن كاللا قىزىقچىلىقىدا چىقارغان ئاددىيلا قارار ئەمەس ۋە ياكى ئويۇنچۇق ئەمەس، ئۇنىڭغا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ ئاساس بولۇشى كېرەكتە، توغرا دېدىممۇ؟ - دېدىم ئۇنىڭغا تۇنجى رەت ئۆز قاراشلىرىمنى بايان ئەيلەپ. X~r9yl>  
- بەرھەق، بەرھەق. سەندەك قىز بالا بىلەن مۇھەببەتلەشكەن كىشى نېمە دېگەن بەختلىكتۇ – ھە، - بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا يۈرىكىم لەرزىگە كېلىپ كۆۋەجەپ كەتتى، بۈگۈن يەنە كېچىنى تاڭغا ئۇلايدىغاندەك قىلاتتىم. ئۇ ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىنمۇ بالكونغا چىقىۋېلىپ ئاي مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ئولتۇردۇم. m \)B=H!bz  
كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئۇ زۇكام بولۇپ قالغانلىقىنىڭ باھانىسىدە بىراقلا يوقاپ كەتتى، ئىچىمدە تۈمەن مىڭ قۇرت ئۆمىلەپ مېنىمۇ بىئارام قىلىپ كېتىۋاتاتتى. كىشىلەرنىڭ خۇمار بولۇپ قالغان نەرسىسىنى تاشلىيالماسلىقىدىكى سەۋەب مۇشۇمىكىن – ھە. مەنمۇ يادىكارغا خۇمار بولۇپ قالغاندەك قىلاتتىم. 4 – كۈنى بىز پەۋقۇلادە قىزغىن، بۇرۇنقىدىنمۇ قىزغن ھالەتتە پاراڭلاشتۇق، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. ئۇ كېچە چىرايمدا كۈلكىمۇ جىلۋە قىلدى، كۆزلىرىمدىن ئۈنچىلەرمۇ ئاقتى. DSLX/u o1  
بەشىنچى كۈنى، ئاشۇ قارا يەكشەنبە مەن پۈتكۈل دۇنيانى يالغۇز قۇچاقلاپ قالدىم. يادىكار ماڭا نەزىرە بىلەن يېنىشىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مېنىڭ ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ نەزىرە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىمنى ۋە ئۆزىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى، مەڭگۈ بىلەلمەيتتى....

kaqur 2013-08-20 21:49
+  
/LWk>[Z;  
7
jG{?>^  
كۈنلىرىم بىر خىل رېتىمدا. فىدات يوق، يادىكار يوق، سۆيگۈ يوق دۇنيادا ئۆز ئەركىمچە ياشاۋاتىمەن. تۇيۇقسىز «يەر چاشقىنى ئۇرۇش»تىكى چاشقانلاردەك پەيدا بولۇپ قالىدىغان يېڭى – يېڭى كۆڭۈل ئىزھارلىغۇچىلارنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرىۋېتىپ سۆيگۈدىن يىراق تۇرىۋاتىمەن. گەرچە يادىكار بىلەن ھېلىھەم ئاكا – سىڭىللاردەك ئۆتۈۋاتقان بولساممۇ قەلبىمدە سۆيگۈم يەنىلا ئۇنىڭغا تالىق، يۈرىكىمنى ئۇنىڭدىن باشقا بىرىگە بېرەلمەيدىغان ئوخشايمەن. q\i&E Rr  
سۆيگۈ – مۇھەببەت تولىمۇ سىرلىق نەرسىكەن دەيمەن، ئۇ مەلۇم بىر دەرىجىگە يەتكىنىدە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلمايدىكەنسەن. مەشۇقىڭ يېنىڭدا بولسا، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ مۈۋجۈتلىقىنى بىلسەڭلا چەكسىز قانائەت تۇيغۇسىغا چۆمىدىكەنسەن. مەنمۇ ساخاۋەتچى جىگۇڭدەك فىداتنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى بىرمۇ بىر يادىكارغا ياندۇرۇپ بېرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلايمەن، خۇشاللىقىغا جۆر بولىمەن، يالاڭ ئاياغ دوختۇرىدەك ھەر ۋاقىت سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىمەن، لېكىن بۇرۇنقىدەك كۈندىلا ئىزدەپ تۇرىۋالمايمەن. بەلكىم، چوڭ بولغاندىمەن ياكى مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بارا – بارا بىلپ قېلىۋاتقاندىمەن، ئىشقىلىپ باشقا قىزلارنىڭ مەن سەۋەبلىك ئازار يەپ قېلىشىنى خالىمىغاچ يادىكار مېنى ئىزدىمىسە زىنھار ئىزدىمەيمەن. ئۇنىڭ ئېسىگە، ئاغرىپ قالغىنىدا «پالانى ئەسكى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بىر رەمچى موماي بار ئىدىغۇ» دەپ ئامالسىز چاغلىرىدا ئەسلەپ قالىدىغان بىچارە مومايدەك ناگان – ناگاندا كىرىپ قالىمەن. Q) aZ0 Pt  
ھەر كۈنى كەچتە ياتاقتىكى قىزلار مۇھەببەتلىرى بىلەن شېرىن – شېكەر پاراڭلارنى قىلىشىپ پەس ئاۋازدا تېلفۇن پاراڭلىشاتتى، ياتاقتا مۆلدۈر بولغان بولسا ئۇنى بىردەم گەپكە سېلىپ ئولتۇراتتىم. مۇھەببىتى بولمىغىنى بىلەن دوستى ئاجايىپ جىق قىزمىكىن، يېقىندىن بۇيان كېچىلىرى ياتاققا كىرمەيدىغان بولۇپ قالدى. مەن كىتاب ئوقۇشنى ئۆزۈمگە ئەرمەك قىلدىم، ياستۇقۇمنىڭ يېنىغا ئۆزۈمنىڭ، ياتاقداشلىرىمنىڭ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ، كۈتۈپخانىنىڭ بولۇپ ئوندىن ئارتۇق كىتاب تىزىلىپ كېتەتتى، بۇرۇندىن كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بولغاچقا ياستۇق بېشىدىكى كىتابلىرىم ئايدا بىر دېگۈدەك ئالمىشىپ تۇراتتى. ]W Yub1  
بالكونىمىزنى قېلىن قار بېسىۋېلىپ ئىشىكنىمۇ ئاچالمايدىغان بولغاچقا بۇرۇنقىدەك ئاي تاماشاسى قىلىش كەلمەسكە كەتتى. پۈتكۈل ئەتراپ سۈكۈناتقا چۆمىدۇ، بىزنىڭ ياتاق – كىچىك دۇنيايىمىز قاينايدۇ. مەن كىتابلىرىمغا ئەسىر بولۇپ دۇنيانى ئۇنتۇيمەن. ئاپئاق مامۇقتەك قارلار پەيدەك لەيلەپ چۈشۈپ ئەتراپنى تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغان كۈنى ئاياللارغا خاس رومانتكلىقىم بەكرەك قوزغاپ كەتتىمۇ ياستۇقۇم يېنىدىكى «يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار»نى قولۇمغا ئالدىم. «سۆيۈملۈكۈم، بىز ھەممىمىز ئالدامچى»نى قايناپ تۇرۇپ، كۆپۈپ تۇرۇپ ئوقۇۋاتقان ئىدىم «دىت، دىت – دىت» قىلغان يېقىمسىز ئاۋاز ئارامىمنى بۇزدى. GEVDXx>@  
- سېنىڭ تېلفونۇڭ كېچىدە سايرىمىغىلى خېلى بولغانتى – ھە، بىرەر تاياق ئوشتىۋېتەمدۇق قانداق؟ - چىمەننىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا ھەممەيلەن دىققىتىنى ماڭا بۇراپ بىر – ئىككى ئېغىزدىن چاقچاقلىرىنى تۆكىۋالدى. dg#Pb@7a  
ھەقىقەتەن، ئۈندىدارىم 24 سائەتلەپ ئوچۇق تۇرسىمۇ، تېلفونۇم ئەزەلدىن ئېتىلمىسىمۇ كۈندۈزى ئاپام تېلفون قىلىپ قالمىسا باشقا كىشىلەر مېنى ئاۋارە قىلمايتتى. ئاندا – ساندا تېلفونۇم سايراپ قالغان كۈنلىرىمۇ دەرس سېتكىسى، يىغىن ئورۇنلاشتۇرىشى دېگەندەكلەرنى سوراپ تېلفون قىلغان ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرەر مىنۇتلا پاراڭلىشىپ قويىۋېتەتتىم. ھالبۇكى، بۇنداق ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ئاۋازىنى يادىكارنىڭ رەمچى موماينى ئەسلەپ قالغان كۈنلىرىدىن باشقا چاغدا پەقەت ئاڭلىمايتتىم، لېكىن ئۇ پەقەت ئۈندىدارىمغىلا گەپ قىلاتتى. \Q}Y"oq  
خىيال دېگەن – ھە، توكقا قاچىلىنىۋاتقان تېلفونىمنى ئېلىپ كىمنىڭ QQرىمغا خەت يازغانلىقىنى كۆرۈپ بولغۇچە ئاشۇلارنى ئويلاپ بوپتىمەن، كۆز ئالدىمدا جىلمىيىپ ياتقان «دوستلۇق ئۇچۇرى» مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. يۇرتدېشىم، قىز بالا، يەنە كېلىپ مېنى قوشۇش ئۈچۈن ئەڭ يېقىنلىرىملا بىلىدىغان سۇئالغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. قايسى دوستۇم نومۇرىنى ئالماشتۇرۇپ قايتا قوشقاندۇ دېگەن ئوي تەقەززاسىدا ماتېرىيالىغا كۆز يۈگۈرۈتتۈم، تور ئىسمىدا سۇنايلىنىپ ياتقان ئېنگىلىزچە يېزىقتىكى «بوم!» مېنى مۇشۇ تاپتىلا پارتىلىتىپ كۇكۇم – تالقان قىلىۋېتىدىغاندەك ئىدى. u5rvrn ]  
- بەرنا؟ - ئارىمىزدىكى گەپ مانا مۇشۇنداق سالام – سەھەتسىزلا باشلىنىپ كەتتى.  Hk4k  
- ھەئە، مەن. سىز؟- بۇ ئەدەپسىزگە تەكەللۇپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدىم. .K4)#oC  
- كىم بولىشىم بىلەن بىزنىڭ پارىڭىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. سەن ماھىرەنىڭ سىڭلىسىغۇ – ھە؟ QwG_-  
- ھىم، نوپۇس تەكشۈرەمتىڭ؟ قايسى كىشى ساڭا مېنى سەنلەشتەك ئالىي ھوقۇقنى بېرىۋەتتى، - دېدىم ئۇنىڭغا قوپاللا تېگىپ. ئادەتتە باشقىلار بىلەن سەنلىشىشنى ياخشى كۆرگىنىم بىلەن رۇخسەتسىزلا سەنلىگەنلەرنى چايناپ پۈركىۋەتكۈم كېلەتتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ھاكاۋۇرلىقى ئوغامنى قاينىتىپ قۇيقا چاچلىرىمنى تىك تۇرغۇزدى. {#?|&n<  
- ۋۇي، ئۆي مۈشۈكى تالا مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ، دېگەن راست گەپكەن – ھە. خەقنىڭ ئاشنىسىغا كىم قويۇپتۇ بۇنچە پوپاڭلىقنى! – ئۇنىڭ ئېغىزىدىن تېمىۋاتقان ھەر بىر بىئەدەپلىكنىڭ زەھىرى ئۇدۇل بېرىپ يۈرىكىمگە، ئەڭ ئاجىز يېرىمگە تېگىۋاتاتتى، شۇنداق، ئۇ ئازار يېدى. 9@"pR;X@  
- ئېغىزىڭنى تارتىپراق گەپ قىلساڭ بولارمىكىن، نەزىرە! – گەپلەر بۇنچە ئوچۇق بولۇپ كەتكەن يەردە ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىشىم ئەلۋەتتە تەس ئەمەس. L|#0CRiN  
- ياخشى، مېنىڭ كىملىكىمنىمۇ بىلىدىكەنسەندە. ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى، ئارتۇق گەپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى، يادىكاردىن ئۈمىدىڭنى ئۈز، ئۇ مېنىڭ. ~V?z!3r-)  
- يادىكاردىن؟ مەن يادىكارنى سەندىن تارتىۋالىمەن دەپتىمەنمۇ؟ ئوغۇل بالا كەم ئەمەس ماڭا، - بۇ تاپتا ئۇنىڭ ئالدىدا ئازىراقمۇ ئاجىزلىق قىلسام بولمايتتى، - ئۆزۈڭ ئاۋال باشقا يىگىتلەرنى ئازدۇرىشىڭنى توختاتقىنا، 3 – شەخس، - ئاخىرقى گەپلىرىمنى شۇنچىلىك زەردە بىلەن دېدىمكى ئۇنىڭ «ئاشنىسى» دېگەن خەتلىرىنى ئوقۇۋاتقىنىمدىكى ئاچچىقىمنى بىراقلا چىقىرىۋالدىم. OYWHiXE6]  
- نېمە، ماڭا مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتامسەن تېخى. بۈگۈنكى جاۋابكار سەن، ئۇنتۇپ قالما. s1[.L~;J  
- جاۋابكار؟ ئۆزۈڭنى سوتچى كۆرۈپ قالدىڭمۇ، ۋاي قوۋۇرغامەي. باشقىلارنىڭ ئايالى بار ئەرلەرنى ئازدۇرغىنىنى كۆرۈپتىكەنمەن، سەن قانداق 3 – شەخس ئەمدى مۇھەببەتلىشىۋاتقان يىگىتلەرنىلا ئازدۇرىدىغان. باشقا ئىشلىرىڭنىغۇ مېنى بىلمەيدۇ دېسەڭ، ماھىرەنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىمنى بىلگەن ئادەم مۇتەللىپ بىلەنمۇ تۇغقانچىلىقىم بارلىقىنى بىلەر – ھە. يادىكار مېنىڭ دېيىشتىن بۇرۇن ئۇنى قەدىرلەشنى ئۆگىنە، ھېلىغۇ ئۇنى ئاكامنىڭ ئورنىدا كۆرىدىكەنمەن بولمىغان بولسا سەندەكلەرنىڭ ئۇنى ئازابلىشىغا قاراپ تۇرمايتتىم. مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭ ئۇ ھامان بىر كۈنى مېنىڭ بولمىسىمۇ خەقنىڭ بولۇپ كېتىدۇ، - ئىچىمدىكىنىڭ ھەممىنى دەۋېلىپ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماسلىق ئۈچۈن نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتتىم. 5cA:;{z];g  
باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە ئۇنچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان قىزنىڭ كاللىسى ئۇنىڭ «بوم»ى بىلەنلا پارتلاپ تېرە – پېرەن بولۇپ كەتتى. قايناق سۇنى تېزلا ئىچىۋالغاندەك ئىچ – باغرىم ئۆرتىنىپ خېلىغىچە يۈردۈم. نېمە قىلغىنىمغا بۇنچە دىل ئازارلىقى تارتىمەن! كۈننىڭ تەپتى شۇنچە كۈچلۈك بولسىمۇ قارلارنى ئېرىتەلمىگەندەك يادىكار ماڭا قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ نەزىرەنىڭ زەھەردەك سۆزلىرىنى يۇيۇپ بولالمىغان ئىدى. ھاياتىمدا تۇنجى رەت ئۆزۈم سۆيگەن كىشىگە قاتتىق تەگدىم، ئۇنىڭ تېلفونلىرىنى ئالمىدىم، قىلغان گەپلىرىگىمۇ ئازدىن – ئاز جاۋاب قايتۇردۇم، ئۇنى سېغىنسام يوتقانغا پۈركىنىۋېلىپ يىغلايتتىم، ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىگە قاراپ ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ كېتەتتىم، بۇرۇن قىلىشقان پاراڭلىرىمىزنى قايتا – قايتا ئوقۇپ بىردە كۈلۈپ بىردە يىغلاپ ساراڭدەك ئولتۇراتتىم. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتىم، يېنىدا تۇرساملا كۇپايىلىنەتتىم، لېكىن تەقدىر مۇشۇ كىچىككىنە تەلىپىمنىمۇ رەھىمسىزلەرچە بوغۇپ تاشلىماقچى ئىدى... E6xdPjoWy  
- بۇ شەھەرنىڭ يىگىتلىرىگە نېمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ، كېيىن ئۆيدىكىلەر پالانىغا تەگ، دېسە «خوپ» دەپ قول قوشتۇرساق بولىدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ، - دېدى راھىلە مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ھال ئېيتىپ. { )b  
- قانداق دەيسەن؟ ئەكبەرنىڭ ئۇنداق قىلغىنىغا پۈتۈن ئوغۇللارنى يوققا چىقاردىڭغۇ، ئاداش. ~$^ >Vo  
- ئۇنى دەيسەن، بۇنى دەيسەن، بىزنىڭ شەھەرنىڭ يىگىتلىرىغۇ ھەقىقەتەن ئېسىل. ئەكبەرنىڭ قىلغىنىنى دېمىسەممۇ بىلىسەن. ئىلىيارنىڭمۇ مۇھەببىتىنى تاشلاپ بىر كىچىك قىزنى تېپىۋالغىنىنى بىلىسەن. نەزىرە ئاچاشلارمۇ ئالدىنقى مەزگىل ئايرىلىپ كەتمىگەنمىدى، باشقىلارنىڭ دېيىشىچە يادىكار ئاكاشمۇ بىر كىچىك قىزغا بۇزۇلۇپتۇ، ھەر نېمە بولسا ئۇغۇ بالدۇر ئەقلىنى تېپىپ نەزىرە بىلەن يېنىشىۋاپتۇ. لېكىن، ئەكبەردە نېمە قىلسۇن دەيسەن ئۇ ئاكىسىىدىكى كاللا، - شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ۋارقىراپ تۇرۇپ «يادىكار بۇزۇلمىدى! ئۇ كىچىك قىز ئۇنى ئازدۇرماقچى بولغانتى!» دەپ توۋلىغۇم بار ئىدى. q4!\^HwQ  
ئۇ كۈنى پاراڭنى قانداق ئاخىرلاشتۇرغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، لېكىن شۇندىن ئېتىبارەن پۈتۈن – سۈرۈك بىر ساراڭغا ئايلاندىم. گادىرماچ خىياللار كاللامنى چىرماپ كېچىلىرى تۈزۈك ئۇخلىيالمايتتىم، كىتابمۇ چارىلىرىمنى ھەل قىلالمايتتى. مۆلدۈر، چىمەنلەرنىڭ تەسەللىيلىرى چاڭقىغان دىلىمغا ئازىراقمۇ تەشنالىق ئاتا قىلالمايتتى، ئەقلىمدىن ئاداشقىنىمنى بىلەتتىم – يۇ، بۇ يولدىن قانداق قايتىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم. ئۆزۈم چىگىش قىلغان بۇ ئىشلارنى، ئۆزۈم ئاستا ئاياغلاشتۇرش ئۈچۈن يادىكارغا بارماقلىرىم كۆيۈپ تۇرۇپ خەت يازدىم: 6Ktq7'Z@  
- ئاكام بارمىدۇ؟ 54WX#/ 
- بار، قوزام. ئاكىڭىز بار، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ماڭا قىيداپ مۆكىۋالدىڭىزما؟ - ئۇ مېنى ئەركىلەتكەن چاغلىرىدا سىزلەپ قالاتتى. 9o?\*{'KT  
- نېمىگە قىيدايتتىم، ئالدىراش بولۇپ قالدىم شۇ. M?('VOy)  
- ھە... مەن تېخى مۇھەببىتىم بىلەن يارىشىۋالسام قىيداپ قالدىمىكىن، دەپتىمەن. Fo ;J3<U)  
- ئۇنچىلىك ئىشقا قىيداپمۇ ئىشمۇ! – قانداق قىلىپ ئاساسىي گەپكە كېلىشنى پەقەتلا بىلمىدىم. S^D@8<6GJ  
- مۇنداق دە، قىيدىمىدىڭ؟ پەقەت قىيدىمىدىڭ؟ d+ ]=l+&  
- ياق، قىيدىمىدىم، خاپا بولدۇم، كۈنلىدىم.... ھى...ھى... – ئىچىمدىن ئۆرتەپ چىقىۋاتقان بۇ گەپلەرنى چاقچاقنىڭ ئورنىدا ئۆتكۈزىۋېتىش ياكى راسلىقىنى ئىقرار قىلىش ھەققىدە قىينالدىم. :6(@P1vA 6  
- ھە، بۈگۈن ئۆزلىكىڭدىن گەپ قىلىپ قاپسەنغۇ، مېنى سېغىنىپسەندە، – دېدى ئۇ شوخلۇق بىلەن. q6sb;? I  
- شۇ خوشلىشىش نۇتىقى سۆزلىۋېتەي دەپ گەپ قىلىپ سالدىم، بولماپتۇما؟ %c]N-  
- خوشلىشىش نۇتىقى؟ چەتئەلگە چىكىتەمدىكەنسەن، – ئۇ ماڭا قىلغان ھەر بىر گېپىگە ھەييارلىق قىلاتتى. 5 " 1wz  
- ۋايجان، چاقچاق قىلماڭچۇ، ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن. 87S,6Y  
- ۋۇتان – ۋۇتان، ئوماقلىقىنى. قوزام ماڭا ئەستايىدىل گەپ قىلىۋېتىپتۇ، ھە، دە قېنى، قۇلىقىم سەندە. d>MDC . j  
- قوزام دېمەڭ، – بۇ ئۇنىڭ تاتلىق پاراڭلىرىنى تۇنجى قېتىم رەت قىلىشىم ئىدى. {LA?v& b'  
- نېمە بولدۇڭ؟ مۇھەببەتلىشىۋالمىغانسەن؟ ?D9iCP~~  
- ياق، بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىلاشمىساق بولغۇدەك. بىر قىزنىڭ مەن سەۋەبىمدىن يىغلاپ قېلىشىنى خالىمايمەن، – پاراڭنى ئاخىرى نەق گەپكە سۆرەپ ئەكەلدىم. P&[&Dj  
- ھەي، ھەي، ھەي... توختا، سەن بەرناغۇ – ھە؟ بۈگۈن پەقەت ئۆزۈڭگە ئوخشىماي قېلىۋاتىسەن. كىم سېنىڭ سەۋەبىڭدىن نېمىشقا يىغلىغۇدەك؟ -U_,RMw~  
- مۇھەببىتىڭىزچۇ، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەندىن كېيىن كۈنلىشى تەبىئىي ئەھۋالدە. IW@phKz  
- ئۇ يا سېنى بىلمىسە، نېمىشقا يىغلىغۇدەك؟ `YZl2c 
- ئۇ بىلمىسە تېخىمۇ ئالاقىلاشماسلىقىمىز كېرەك. 21 – ئەسىردە يەر ئاستى مۇناسىۋىتى ئورنىتىپمۇ ئىشمۇ، – ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلىۋېرىپ چىدىماي ئۆزۈم باشتا چاقچاق قىلىۋەتتىم. b *0uxvLu  
- ماقۇل، ئەمسە ئۇ بىلسۇن. ئىككىڭلار تەتىل بولۇپ قايتقاندا، ئۈچىمىز بىللە تاماق يەپ ئىككىڭلارنى تونۇشتۇرۇپ قوياي. «بۇ مېنىڭ قوزامتى، ئۇ مېنىڭ مۇھەببىتىمتى. بۇنىڭدىن كېيىن قول تۇتۇشۇپ ئىناق ئۆتۈپ پارلاق كېلەچەك يارىتىڭلار» دەي. ماقۇلمۇ؟ -h ^MX  
- چاقچاق قىلماڭ دېدىم. ئىشقىلىپ ئەمدى ئالاقىلاشمايلى. خوش، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ، – دەپلا ئۇنىمۇ قارا تىزىملىككە يۆتكىۋەتتىم. بۇ چارىنى نەزىرەگە ئىشلەتكەندىن بېرى خېلى ئاقىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم، لېكىن كۆپ ئۆتمەي تېلفونۇم سايرىدى. @ %q>Jd  
«زادى سېنىڭ بىر خۈدۈكۈڭ بار، نېمىشقا قارا تىزىملىككە يۆتكىۋەتتىڭ!» كۆزۈمگە نەشتەردەك سانجىلغان ئۇ ئۈندەش يۈرىكىمنى قوچۇپ، قوچۇپ تىلغايتتى، ھەق سۆزلۈك بولىشىم كېرەكمۇ ياكى ھېسسىياتىمنى يوشۇرىشىم كېرەكمۇ؟ #CyqiOM\*  
«ھەئە، خۈدىكىم بار. خۈدىكىم − سىزنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئالەقە قىلىشمايلى. يەنە ئۇچۇر قايتۇرسىڭىز تېلفون نومۇرىڭىزنىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋېتىمەن» دەپ قاراڭغۇلۇق قوينىغا سىڭىپ كەتتىم. ئاپىسى تاشلىۋەتكەن يېتىم بالىدەك ئىچ – ئىچىمدىن ھۆركىرەپ يىغلايتتىم. ^k^?>h  
«ئاق كەتپەرمۇ ئۈنلەيدۇ، ;GOu'34j  
كۆك كەپتەرمۇ ئۈنلەيدۇ. (w(k*b/  
ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە، T9kc(i'  
كۆيۈك ئوتىغا ئۆلمەيدۇ.» دېگەن مىسرالارنى قايسى دانالىرىمىز كۈيلەرگە قوشۇپ قويغاندۇ – ھە. ئاشۇ كۈنى مەن گەپنى ئۈزىۋەتكەندىن بېرى ئۇ مېنى ئىزدەپ باقمىدى، ھاياتىمدا پەيدا بولۇپ باقمىدى. ھە، راست. تەتىلدە، تەتىلدە بىر قېتىم ئۇچرىتىپ قاپتىمەن. ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالغاندا سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ يولىمىزنى داۋام ئەتتۇق. ئۇنى سۆيىدىغانلىقىمنى كۆزلىرىممۇ بايان قىلمىدى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىمۇ خائىن كۆزلىرى ساتمىدى. ھەر ئىككىمىز ئاقلىۋېتىلگەن تامدەك چوڭقۇر قاتلامدىكى سىرلارنى يوشۇرۇپ قالدۇق. RDy&i  
ھېسسىياتقا يۈگەن سالغىلى بولمىغاندىن كېيىن ئۆز ئەركى بويىچە بىردە ئۇ شاخقا بىردە بۇ شاخقا قونۇپ يۈرەمدىكىن، دەيمەن. نەزىرە، لەيلى، فىداتلاردەك. تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى مېنى تۇرمۇش، ھېسسىيات ئىشلىرىدا خېلىلا پىشۇردى. ئۆزۈم بۇ كوچىغا كىرىپ باقمىغىنىم بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ مېنى كۆرسۇن دەپلا قويۇپ بەرگەن ئويۇنىدەك تۇرمۇش كارتىنىلىرى ھېلىدىن - ھېلى ھايات ئۆتكىلىمگە ئۈندەش ۋە سۇئال بەلگىلىرىنى قوياتتى. 0u( 0*Xl  
زېرىكچىلىكتە دوستلىرىمنىڭ بوشلۇقىنى كۆرىۋېتىپ فىداتنىڭ «لەيلەم – سۆيگىنىم» دېگەن ئىمزاسىنى كۆرۈپ قالدىم. لەيلى بىلەن ئاشۇ قېتىملىق خاتا چۈشىنىشتىن كېيىن «كۆرمىسەك كارىمىز يوق، كۆرسەك ھالىمىز يوق» ئادەتتىكى ساۋاقداشلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق، فىداتقىمۇ يادىكارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى دېگەندىن كېىن ئىزدىشىپ باقمىدۇق. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم. فىداتنىڭ ئىمزاسىنى كۆرۈپ دوستۇم ئۈچۈن خۇش بولدۇم، لېكىن قەلبىمنىڭ يەنە ئاللىقانداقتۇر بىر يەرلىرى فىداتنىڭ سۆيگۈسى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇيتتى. لەيلىنى چۈشىنەتتىم، بىرەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئالدىراپلا مۇھەببەت دەپ كېسىپ ئېيتىۋېتىدىغان، يېرىم يىلمۇ يۈرمەيلا «زېرىكتىم» دەپ ئايرىلىدىغان خۇي – پەيلى ماڭا ئايان ئىدى. دېگەندەك، دوستلار ھالىتىنى پەسكە سېرىۋىتىپ لەيلى بىلەن بىر يىگىتنىڭ سۈرىتىگە كۆزۈم چۈشتى. رەسىم ئىسمىدىكى «جانانىم، چوقۇم بەختلىك بولىمىز!» دېگەن نەچچە ھەرپ ھاكاۋۇرلارچە ماڭا «قانداق، مۇھەببىتىم كېلىشكەنمىكەن» دەۋاتقاندەك قىلاتتى. مۇتەللىپ ئاكامنىڭ بوشلۇقىنىڭ دائىملىق مېھمىنى نەزىرە ھېلىھەم ئىچىمنى شۇنداق ئاينىتاتتى، ئاكامنىڭ ھالەتلىرىگە يازغان باھا، قالدۇرغان سۆزلىرى يادىكارغا بولغان ھېسداشلىقىمنى قوزغايتتى. W|n$H`;R  
مەن سۆيگۈنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ تەخىرسىز ھېسلاردا ئۆتىۋاتقىنىمغا توپتوغرا تۆت يىل بولدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا دوستلىرىمىزنىڭ ئالدى نىكاھ تۇرمىشىغا قەدەم قويدى، ھالبۇكى، ئۇ يىلى يادىكار «قېرى يىگىت» دېگەن نامغا ئېرىشىۋالغان ئىدى...
II~91IEk  
T VSCjI  
k:@N6K/$P^  
8 7d|1T'  
}?+tX 
#mK?:O\-1  
ئون يىل بۇرۇن غۇنچە تويىغا، بەش يىل بۇرۇن ئۇزىتىش چېيىغا شاھىد بولغان بۇ مەرىكە زالى ئەمدىلىكتە راھىلەنىڭ نىكاھ تويىغا شاھىد بولىۋاتاتتى. توي كۆڭلىكى كىيىپ ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن راھىلەنىڭ يېنىدا قىز قولداش بولۇپ تۇرغىنىمدا ئاندىن تالاي يىللاردىن بۇيان مۇھەببەتنىڭ مەن ئۈچۈن ناھايىتى سىرلىق بىر ئۇقۇم بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈمدىن ئىككى مېتىر يىراقتا كېتىۋاتقان قېرى يىگىت مەندىن ھېچ كۆزىنى ئۈزەي دېمەيتتى. دېمىسىمۇ، تويدا قىز – يىگىت قولداشنىڭ بىر – بىرىگە قارىشى نورمال ئىشتە، ھېچكىشى بۇنىڭدىن قۇسۇر تاپمايدۇ.
hy$VG%b;#  
توي باشلىنىپ، ئارقا – ئارقىدىن ياڭراۋاتقان ئۇسسۇل، تاڭسىلارغا جۆر بولىۋاتقان گۈل چىرايلار ئىككى ياشقا ئىچ – ئىچىدىن بەخت تىلىمەكتە ئىدى. راھىلەنىڭ يۈزىنى تېخى ئاچمىغاچقا ئۇنىڭغا تاماق ئېلىپ بەرگەچ ئاستا پىچىرلىدىم: oEFo7X`t  
- راھىلە، بايىدىن بېرى ئەكبەر بىلەن سەھنىگە چىقىشنى رەت قىلىۋاتىسەن. قىز – يىگىت مەيدانغا بىرەر قېتىم چىقمىسا قانداق بولىدۇ، بىرەر قول تاڭسا ئويناڭلار ئەمدى. Iu >4+6  
راھىلە يېڭى كېلىنچەكلەرگە خاس نازاكەت بىلەن بېشىنى ئاستا لىڭشىتتى. UK,sMKbl1  
«شېرىننى كۆرەر بولساڭ پەرھاتنىڭ كۆزى بولغىن، )"6"g9A  
رايلە (راھىلە)نى سۆيەر بولساڭ ئەكبەرنىڭ ئۆزى بولغىن. fZ;}_wR-H  
كىم لەيلى پىراقىدا مەجنۇندەك كۆيەلەيدۇ، =# 
كىمنىڭ قەلبى رايلەنى ئەكبەردەك سۆيەلەيدۇ» ناخشىچىنىڭ ھەزىل قىلىپ ئۆزگەرتكەن ناخشىسى توينى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى، كىشىلەر توۋلاشلار ئىچىدە ئاستا لىڭشىپ تاڭسا ئوينىماقتا. se=^K#o  
- قىز – يىگىت قولداش بىرەر قولدىن ئوينىمامدۇ؟ - دېدى يىگىتنىڭ دوستلىرى. ('\sUZ+5  
- قانداق، بىرەر قول ئوينامسىز؟ - باشقىلارنى گۇمانغا سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈنمىكىن ياكى مېنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتىمىكىن، ئىشقىلىپ ئۇ مېنى سىزلىدى، كۆز قارچۇقىمدا ياش پىلىلداپلا قالدى. 2Yd@ V}  
توي رەسمىيىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئويناشنى ماقۇل كۆردۈم، تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئوينىغىنىمدىكىدەك جىددىيلىك قەلبىمدە ھۆكۈم سۈرمەكتە، بىقسىپ سېسىپ قالاي دېگەن سۆيگۈ بىخلىرى قايتىدىن ياشنىماقتا، ئۇنىڭ بەدىنىدىن تارقاۋاتقان ھارارەتلىك سېزىم قەلبىمنى ئىللىتماقتا. pQC|_T#u  
- نەچچە يىلدىن بېرى ياخشى تۇرىۋاتامسەن، - دېدى ئۇ ھەممە ئادەم تانسا مېھرىگە شۇڭغىغاندا قۇلىقىمغا ئاستا پىچىرلاپ. PCV#O63[  
- ھەئە، ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟ {Ja(+NQ  
- مەن شۇ مۇشۇنداق يا ئۆلمەي يا كۈلمەي قېرى يىگىت بولۇپ ياشاپ كەپتىمەن. WpnP^gmX  
- توي قىلسىڭىز بولمامتى؟ - بۇ سۇئالنى سورىشىم كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنى شۇ تاپتا بىلمەيلا قالدىم. |GsMLY:0  
- مېنىڭ قىلغۇم يوقمۇ، دوستلىرىمىزنىڭ ئالدى بالىسىنىڭ سۈنئەت تويىنى قىلغۇدەك بولۇپ قالدى، مەن تېخىچە بىرەر قىزغا ئەلچى كىرگۈزمەي يۈردۈم. r ) _*MPY  
- نەزىرە ھەدەمچۇ؟ - ئۆزۈم يىرگىنىدىغان قىزنى تۇنجى رەت ئامالنىڭ يوقىدىن ھەدە دەۋاتقان ئىدىم. hdSP#Y'-  
- ئۇما؟ توينىڭ گېپى بولسىلا ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغۇ تاڭ. ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا پەقەت مۇھەببەت قالماپتىكەن. لېكىن، بىز ئارىلاشقىلى شۇنچە ئۇزۇن بوپتۇ، ئېلىشىپ – تېگىشمىسەك ئەل – جامائەت ئالدىدا سەت. لېكىن، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى قوشۇلمايدىغان ئوخشايدۇ. ئۆزىمۇ مېنى بەك كۈنلەمچى دەيدۇ. t imY0fx #  
- ھە، - بۇ تاپتا بۇنىڭدىن باشقا تۈزۈكرەك گەپ كاللامغا كەلمەيتتى، نەزىرە ئۆزى سىرتتا قىلمىغاننىڭ ھەممىنى قىلىپ يۈرسە يادىكار ھېلىمۇ كۈنلىمەيدىكەن، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. Hz==,NR-W  
قىز قولداش بولغانلىقىم ئۈچۈن توينى تارقىتىپ، بارلىق رەسمىيەت، تەييارلىقنى تۈگىتىپ ئۆيگە يانماقچى بولغىنىمىزدا غىرىققىنە مەست ھالدا ئەلەڭلەپ كېلىۋاتقان يادىكارنى كۆردۈم. V@b7$z  
- بەرنا! – دەل مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇنى ساقلاپ تۇرمىسام ۋارقىراپ كانىيىنى يىرتىۋالىدىغاندەكلا توۋلىدى. [)GRP  
- نېمانچىۋالا مەست بولۇپ كەتتىڭىز؟ ئىچەلىگىنىڭىزگە چۇشلۇق ئىچسىڭىز بولماسمىدى؟! - ئۇنىڭ مەست ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغاچقىمىكىن ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ سۆزلەپ كەتتىم. l>pB\ 
- مانا، مانا، مانا. ئالسا سەندەك ئىچسە رەنجىيدىغان، چەكسە رەنجىيدىغان، ئۆزى گۈل، قولى گۈل، قەلبى گۈل خوتۇننى ئالسا بولىدۇ – دە، - ئۇ مەستلىكتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ سۆزلىسە تاماقلىرىنى چاكىلدىتىپ كېتەتتى، قاچانلا قارىسام كۆزۈمگە شۇنچە ئىسسىق كۆرىنىدىغان قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، پىشانىسى چىبارقۇتتەكلا بولۇپ قالغان ئىدى. GIcq|Pe  
- مەست بولۇپ قاپسىز، يۈرۈڭ تاكسىغا سېلىپ قوياي، - دېدىم ئۇنى ئارانلا يۆلەپ. 3Wbd=^hRvq  
- تاكسىرىڭغا چىقمايمەن، ئۆزۈڭ چىق. مەن مۇشۇنداق ھاۋا يەپ چۆرگىلەپ، ئالدىرىماي قايتىمەن. f'(F'TE  
- بوپتۇ ئەمسە، ھاۋارىڭىزنى يەۋېرىڭ، مەن كەتتىم، - زەردە بىلەن بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ ئۇنىمۇ يۆلىمەي تېز – تېز مېڭىپ كەتتىم. Y,Z$U| U  
- بەرنا! – ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدىم، - بەرنا دەيمەن، توختا! مېنى يالغۇز تاشلاپ قويامسەن!! 2\k!DF  
توختىمىغان بولساممۇ قەدىمىمنى ئاستىلاتتىم: gL&w:_  
- مەن بىلەن ماڭسىڭىز تېز – تېز مېڭىڭ، بولمىسا تاكسى توسۇپ كېتىپ قالىمەن جۇمۇ، - دەپ ۋارقىرىدىم كەينىمگىمۇ قارىماي. H,w8+vZ4\  
- سەن كەينىڭگە قارىماي سۆزلەشكە شۇنچە ئامراقما؟ بۈگۈنى تاكسى توسۇپ كېتىپ قالساڭ كېلەر قېتىم ئۇچرىشىپ قالساق ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويامسەن؟ - ئاجايىپ كۆڭلى يۇمشاق، ھېسسىياتچان قىز ئوخشايمەن، بۇ گەپلەر ئىككىمىزنىڭ دەسلەپ تونۇشقان چاغلىرىنى ئەسلىتىپ كۆزۈمدىن ياش سىرغىتتى. H7&y79mB  
- ۋۇتان، ۋۇتان، ۋۇتان، قوزام يىغلىدى مانا. يادىكار ئەسكى، يادىكار دېگەن بىر ئەبلەخ. ئۆزى سۆيگەن كىشىسىنىمۇ يىغلىتىدۇ، يىغلىمىغىنە بولدى، بىللە پىيادە قايتايلىچۇ ئۆيگە، ماقۇل دېگىنە. ئۈچ يىل كۆرمىسەم خېلى چىرايلىق بولۇپ قاپسەن – ھە. mIYKzu_k=  
- ئەلۋەتتىدە، ئەمدى تېخى گۈلدەك ئېچىلىپ ياشايدىغان مەزگىلىمگە قەدەم قويغان تۇرسام. سىز بەك قېرىپ كېتىپسىز، بوۋا، - دېدىم ئەركىلەپ. @Q2E1Uu%  
- قېرىيمەندە، نېمىشقا قېرىماي؟ قەلبىدە ئازىراقمۇ مۇھەببەت يوق كىشى قېرىمىسىنمۇ؟ ئادەمنى ياشارتىدىغىنى مۇھەببەت تۇرسا. |mn} wNUN]  
- مۇھەببىتىڭىز بارغۇ ھېلىمۇ، يەنە نەچچىسى بولسا يېتەتتى؟ T3 ie-G@<  
- قايسى مۇھەببىتىم؟ - مېنىڭ يەنە كوتۇلداپ كېتىشىمدىن قورققاندەك تىنىقمۇ ئالماي كېيىنكى جۈملىسىنى ئۇلىۋەتتى، - نەزىرەدىن ئايرىلىپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولدى. U9b[t  
- ھەي، ھەي... سىلەر يېنىشىۋالغىلىمۇ ئۈچ يىل بولمىغان تۇرسا، توقۇڭە يالغاننى، - ئەسلى ئۇنىڭ قولىنى مۈرەمگە ئىلىندۈرۈپ ئارانلا كېتىۋاتقان ئىدىم، توختىۋېلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە بىگىزدەك تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم. ((`{-y\K  
- ھەي بالام، مەن ئۇنىڭ بىلەن سىز ئالىي مەكتەپكە ئەمدى چىققان يىلى يېنىشىۋالغانمۇ، سىز مەكتەپنى پۈتتۈرۈپمۇ كېلىپ بولدىڭىز، قەيەردىكى ئۈچ يىل! ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغانما سىز؟ h'h8Mm  
- ھا...ھا....ھا، - بۇنداق جاراڭلىق كۈلۈپ باقمىغىلى خېلى بولغان ئىدى. مەھەللىگە ئاز قالغاندا كېچىدە بىر يىگىت بىلەن بۇنداق يېتىلىشىپ يۈرسەم تەسىرى تازا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ مەردانغا تېلفون قىلدىم: 5p!{#r6m  
- ۋەي، مەردان. خاپا بولماي بىزنىڭ مەھەللە تەرەپكە كەلگىنە، يادىكار ئاكاش چىلىق مەستكەن، ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭلار. z5iCQ4C<  
- ھە، ماقۇل، ماقۇل. نەۋرە ئىنىسىنىڭ تويى بولغاندىن كېيىن خۇشلۇقتا تازا ئىچىپتۇ - دە. شۇ يەردە جىم تۇرۇپ تۇرۇڭلار – ھە ئەمسە، - دەپلا تېلفوننى قويىۋەتتى. R-Lpgi 
مەردان بەش مىنۇت بولا – بولمايلا ماشىنىسى بىلەن كېلىپ ئاۋال مېنى، ئاندىن يادىكارنى ئۆيلىرىمىزگە ساق – سالامەت ئاپىرىپ قويدى. (9aOET>GG  
يۈرىكىم توختاۋىسىز تېپىچەكلەيتتى، يادىكارنىڭ ھەر قارىشى، ھەر سۆزلىرى، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئەسلىمىلەر كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن سىرغىپ ئۆتەتتى. مەن ئۆزۈم يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەمنى تاپقاندەك بولدۇم. ئەتىسى يەنە بىر ناتونۇش نومۇر ئۈندىدارىمنى قوشتى، كۆڭلۈم تۇيغاندەكلا ئۇ ئىلتىماسقا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم. CStNCBZ|\  
- بىر نومۇرنى تۆت يىلمۇ قارا تىزىملىكتە تۇرغۇزامدۇ ھەي جىن، - دەپلا خېتىنى باشلىدى ئۇ. Hi K+}?I  
- يادىكار؟ - ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ يەنە بىر مۇقۇملاشتۇرىۋېتىشنى خوپ كۆردۈم.  
- ھەئە، مەن. ھەي راست، ئاخشام مەستچىلىكتە باشقىچە گەپلەرنى قىلىپ قويغان بولسام رەنجىمە – ھە. UYZC% $5x  
- ياقەي، نېمىگە رەنجىيتتىم، - شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يادىكار بىلەن بۇرۇنقىدەك − دەسلەپكىدەك كۈندىلا پاراڭلىشىپ، ئىزدىشىپ يۈردۈم. ئۇ مېنى تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرەتتى. بىكار چاغلىرىمىزدا بىللە كىتابخانىلارغا بېرىپ كىتاب ئوقۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ كۆڭۈل ئېچىپ كېلەتتۇق. ئارىمىزدا مۇھەببەت ھەققىدە گەپ بولۇپ باقمايتتى. گەرچە ئۇنى سۆيسەممۇ ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە پاراڭ سېلىشتىن قورقاتتىم، ئەيمىنەتتىم. توي كۈنى دەپ قالغان ھېلىقى گېپىنى مەستلىكتىنلا دېدىغۇ، دەپ ئۇنچە نەزىرىمنىمۇ سېلىپ كەتمىگەچكە ئۇ ئۆزى سۆيگۈ – مۇھەببەت ھەققىدە گەپ ئېچىپ قالغىنىدا ھەييارلىق بىلەن پاراڭ تېمىسىنى يۆتكىۋېتەتتىم. _$IWr)8f  
كۈنلەر يەنە بىر تىنىقتا ئۆتىۋەردى. ئەتراپىمدىكى ھەممە - ھەممىسى مۇھەببەت قوينىغا غەرق بولۇپ بەختلىك ئائىلىلىرىنى قۇرىۋالدى. مەن - قېرى قىزغا ئايلىنىپ كېتەيلا دېگەن مەن تېخىچە ھېلىقى قېرى يىگىت بىلەن كۈنۈمنى كەچ قىلاتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا بىرىگە كۆڭلۈمنى بېرىپ باقمىغاچقىمىكىن، ئۆيىمىزدە توي ھەققىدە ئەمەس مۇھەببەت ھەققىدىمۇ پاراڭ بولۇپ باقمىدى. ھېلىقى ئۆلگۈر قېرى يىگىتمۇ يا تويىنى قىلىپ ئۈمىدىمنى بىراقلا ئۈزگۈزمىدى، يا مۇھەببەت بېغىدىن دەستىلەپ گۈللەرنى ئۈزگۈزۈپ ۋىسالىمغا يەتكۈزمىدى... ۋاقىت ئۆتتى، ھەممە ئۆزگەردى..... ^u$ =<66  
فىدات بىلەن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدېشىم نىگارەنىڭ تويىنى ئەمدىلا تۈگىتىشىمىزگە بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچى كىردى. ئەلۋەتتە، ئۆيدىكىلەرنىڭ مەندىن باشقا قىزى يوق. ئۇ كۈز ئايلىرى ئىدى، بولغۇسى يولدىشىمنى ياخشى كۆرمىسەممۇ ئامراق ئىدىم. ئۇ ئاپامنىڭ يېقىنىنىڭ بىزدىن ئىككى قارار يۇقىرى ئوقۇغان ئوغىلى ئىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ رازىلىقى بويىچە بۇ تويغا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم. ماقۇل دېمەيمۇ نېمە ئامالىم، يىگىرمە بەش يىللىق ھاياتىمدا بىرەر يىگىت بىلەن توي ھەققىدە گەپ قىلىشىپ باقمىغان تۇرسام، ئۆيدىكىلەرنىڭ تاپقىنىغا تەگمەي كىمنى كۈتىمەن؟ JiXE{(  
نىگارەنىڭ بۇ شەھەردە تونۇشى كۆپ بولمىغاندىن كېيىن مەن بىلەنلا يۈرەتتى. يەنە بىر ئىللىق، ئۆز سۆيگۈسى بىلەن قەلبىمدىكى تۇيغۇلارنى ئەللەيلەيدىغان يېڭىچە بىر كۈن. نىگارە بىلەن كۆرىشىپ بىللە بازار ئارلاش ئۈچۈن خەلق باغچىسىدا كۆرۈشمەكچى بولدۇق. ئەزەلدىن باشقىلارنى ساقلاتقۇم كەلمەيدىغان ئادىتىم تۈپەيلى دېيىشكەن جايغا يەنە بالدۇر كېلىۋاپتىمەن. باغچىنىڭ سايىدىرەك يېرىدىكى ئۇزۇن ئورۇندىقىغا ئولتۇرۇپ ئۇنى كۈتىۋاتاتتىم، ئالدىغا مېڭىپ بولۇپ يەنە كەينىگە يېنىپ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان سېرىق چاچلىق، كۈلكىسى شۇنچە جەزبىدار، چىرايلىق قىز دىققىتىمنى تارتتى. ئۇ كىملەرگىدۇر ئوخشايتتى – يۇ، يەنە ھېچكىمگە ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ كىملىكىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە يېنىمغا كېلىپ چالۋاقاپ كەتتى:  }+/Vk  
- ھەي رەسۋا، بۇ يەردە يەنە قايسى ئاشناڭنى كۈتىۋاتسەن، ھە! توي قىلىدىغان قىز بولغاندىن كېيىن سىرتتىن ئەر ئىزدەپ چىقماي ئۆيۈڭدە جىم ئولتۇرساڭ بولمامدۇ؟! &${| o@  
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان كىشى مېنى ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇزدىمىكىن دەپ قالاتتى: AdDR<IW  
- كىم رەسۋاكەن؟ ئۆزۈڭنىڭ ئەپتىگە قاراپ ئاندىن باشقىلارنى بىر نەرسە دېگىنە. مېنىڭ كىمنى ساقلىشىم بىلەن نېمە ئىشىڭ، بەرىبىر يادىكار ھازىر سېنىڭ ئەمەسقۇ، - ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك بىچارە ئىدىم – يۇ، يەنە ئۇنىڭغا يېڭىلىپ قېلىشنى شۇنچە خالىمايتتىم. Vtj*O'0  
- ماۋۇ بۇزۇقنىڭ دەۋاتقان گېپىنى، يۈزۈڭ ئازىراقمۇ چىمىلداپ قويمىدىما؟ يادىكار سېنى ياخشى كۆرگەچكە مەندىن ئايرىلىپ كەتكەندۇ؟ يەنە مەندىن چوڭ سۆزلەيسىنا. q$v0sTk0Y  
- ئۆزۈڭ يىگىتىڭنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قالالماي يەنە مەندىن كۆرەمسەن؟ سەندەك مۇھەببىتىنىڭ ئالدىدا «ئاپپىقىم، تاتلىقىم» دەپ يۈرۈپ سىرتتا تالاي يىگىتلەر بىلەن ئاپئاق – چاپپاق بولۇپ يۈرىدىغان بىر نېمە بىلەن يۈرۈشكە ئوغۇللارنىڭ ۋىجدانى كۆتۈرسە بولار، - بۇ ئەپتىمدىن ھازازۇل خوتۇنلارغا تولىمۇ ئوخشاپ قالغان ئىدىم، تارىخمدا ئىشلەتمەيدىغان بارلىق بىزەپ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئىشلەتمەكچى بولاتتىم – يۇ، يەنە ئېغىزىمدىن چىقىرالمايتتىم. يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەگكەن بىر تەستەك بىلەن ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويغىلى قىل قالدىم، شۇنداقتىمۇ يەنە بىر تەستەك ياندۇرۇپ ئۇرىۋالدىم: X[<#B5  
- يادىكارنىڭ سەن تەرىپىڭدىن ئەخمەق بولغان سۆيگۈسى ئۈچۈن! =$#5Ge]b  
«چاڭ!» مەن ئۇنى كاچاتلاشقا خۇمار بولۇپ قالدىممۇ قانداق، كەينىدىنلا يەنە بىرنى ئۇرىۋەتتىم: G){+.X4g3  
- سەن تەرىپىڭدىن ناھەق ئۇچرىغان دىل ئازارىلىقىم ئۈچۈن! yNwSiZE X  
«چاڭ!» Rd;t}E$  
- قىزلارنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقان ناپاك تېنىڭ ئۈچۈن! مۇتەللىپ ئاكامدەك يىگىتلەرنىڭ زارى ئۈچۈن!!!، - مەن ئەمدى پۇخادىن چىققاندەك قىلاتتىم. شۇ گەپلەرنى دەۋېتىپلا كەينىمگە بۇرۇلۇپ ماڭدىم – دە، خەلق باغچىسىنىڭ ئالدىغىراق مېڭىپ نىگارەنى شۇ يەردە ساقلىماقچى بولدم. شۇ تاپتا كەينىمگە بۇرۇلۇپ نەزىرەنىڭ − ئۇ چىشى يولۋاسنىڭ ئەپتىنى كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى، قىزىقىشىم يەنە ھەممىدىن ئۈستۈن كەلدى. كەينىمگە قارىدىم – يۇ، داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. يادىكار نەزىرەنىڭ قولىنى سۆرىگىنىچە «ماڭ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورا» دەپ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. قاققان قوزۇقتەك جايىمدا قېتىپلا قالدىم، بەلكىم نەزىرەنىڭ يېنىمغا كېلىشىنى، مەندىن كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتكەندىمەن... [Ax :gj  
- سورىمايمەن دېدىممۇ، سورىمايمەن، مېنىڭ خاتا بولمىسا، - دېدى نەزىرە ۋارقىراپ يىغلاپ. ئۇنىڭ بۇ ئەپتىدىن كىشى سەسكەنسە سەسكىنىدۇكى ھەرگىز ئىچ ئاغرىتمايدۇ. ئېغىزىنى چوڭ ئاچقاندا لېۋى ئارىسىغا ئۆمۈچۈك تورىدەك ئىلىنىپ قالىدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئىچىمنى ئاينىتىۋەتتى. 9w&CHg7D i  
- نېمىشقا سورىمىغۇدەكسەن، بىر قىزغا بىكاردىن بىكار تۆھمەت چاپلاۋاتساڭ! Ik5-ooZ&{  
- مەن ئۇنى ئاران بىر كاچات ئۇرسام، ئۇ مېنى ئۈچ كاچات ئۇرسا يەنە شۇ بىر نېمەڭ تەرەپتە تۇرامسەن، - ئۇ تېخىمۇ ۋارقىراپ، تېخىمۇ بوغۇلۇپ سۆزلەۋاتاتتى. مەن ھايۋاناتلارنىڭ ئېلىشىشىدىن ھوزۇر ئېلىپ تۇرغان فوتوگرافتەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم. يادىكارنى ھايۋانغا ئوخشاتقىنىم ئەمەس، ئۇنداق دېسەم تىلىممۇ كۆيىدۇ، لېكىن نەزىرەنىڭ بۇ ھالىتى بەئەينى يەرنى تاتىلاپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان خوراز، مۈشۈك ئىدى. !](Mt?e  
- بولدى يادىكار، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭە. مېنىڭ يەنە ئازىراق ئىشىم بار ئىدى، مەن ماڭاي، - دەپ كەينىمگە بۇرۇلماقچى ئىدىم يادىكار قولۇمنى تۇتىۋالدى: hlc g[Qdo*  
- ياق، ھېچ يەرگە كەتمەيسەن. بۈگۈن نەزىرە سەندىن كەچۈرۈم سورىمىسا ھېچ يەرگە كەتمەيسەن. ئالتە يىل بۇرۇن مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەندە مەن بىلمەپتىكەنمەن، شۇڭا كۆكىرەك كېرىپ سېنى قوغدىيالماپتىمەن. بۈگۈن كۆز ئالدىمدىلا مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىۋاتسا، يەنە قاراپ تۇرىمەنمۇ. كەچۈرۈم سورىمىسا مەن بۇ قانجۇقنى بوش قويىۋەتمەيمەن، - يادىكارنىڭ بۇنداق قورقۇنچلۇق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى تېخى ئەمدى كۆرگەن ئىدىم. p!Tac%D+k  
تېلفونۇم لەرزان سايراپ نىگارەدىن ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭغا «سەل ساقلا - ھە، مەن سەل تۇرۇپ شۇ تەرەپكە بارىمەن» دەپ ئۇچۇر قايتۇرىۋېتىپ ۋەقە مەيدانىدا داۋاملىق تۇرىۋەردىم. نەزىرەمۇ بۈگۈن ئاسانلا قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدى بولغاي: B<@a&QBTg  
- كەچۈر،- دېدى ماڭىمۇ قاراپ قويماي. _m#TL60m  
- تۈزۈك كەچۈرۈم سورا، سېنىڭ يولدىن چىققىنىڭنى بىلىپ قالغىنىمدا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىغاندەك سورا! – يادىكارنىڭ بۇ ھالىدىن مەنمۇ قورقۇپ كېتىۋاتتىم. \ sz](X  
- بولدى قىلىڭە يادىكار، مەن ئۇنى كەچۈردۈم، - دېدىم يادىكارنىڭ نەزىرەنى تۇتۇپ تۇرغان قولىنى بوشىتىۋېتىپ. |VM=:}s&  
- ئەمدى كۆزۈمدىن يوقال، ھېلىقى ئاقماس يىگىتلىرىڭنى تېپىۋال، كۆزۈمگە ئىككىنچى كۆرۈنمە! – ئۇ نەزىرەگە قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ، كۆپۈپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى. $x+ P)5)  
- يادىكار، - دېدى نەزىرە ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا. -/7@ A  
- ھە راست، باشقا قىزلارنىمۇ مەن سەۋەبلىك ئاۋارە قىلىپ يۈرمە، بولمىسا يەنە ئوبدان تويغۇزۇپ قويىمەن. A>:31C  
- ئەمسە مەنمۇ ماڭاي، دوستۇم ساقلاپ قالدى، - دېدىم ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ. ئىككىمىز شۇنداق گەپ – سۆزسىزلا خوشلاشتۇق. hGUQdTNP  
يادىكارنىڭ نىگارە مېنى ساقلاۋاتقان تەرەپكە ماڭغاچ كەينىمگىمۇ قارىماي «كېلەر ئاينىڭ 16 – كۈنى ئاق تىلەك رېستۇرانىدا تويۇم بولىدۇ، چوقۇم كېلىڭ جۇمۇ» دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىغان – ئاڭلىمىغىنىنى بىلمەيمەن. لېكىن، تويۇم كۈنى ئۇنى سەھنىدە كۆردۈم، ئۇ ئۆزى تەلەپ قىلىپ «ئۆزۈم مېھمان سۆيگەن يايرىم تويىدا» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى...... q| *nd!y'  
تـامـام
VOmS>'$  
2+LvlS)C  
qMBEJ<o  
ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي دەپلا ئالدىراقسانلىق بىلەن مۇنبەرگە يوللىۋەتتىم.....

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-20 22:00
ياخشى تېما ئىكەن.

koksangun 2013-08-21 22:21
شەكلى شۇنداق كۆركەم چىقىپتۇ،ئەسەرنى تولۇق ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان بولساممۇ،كەچۈر سىڭلىمىزنىڭ نادىر ئەسىر ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمىدىم...

kaqur 2013-08-22 14:56
ئۇستازلارنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت... 6rzXM`cs  
پىروزا ئەسەرلىرىگە ناھايىتى ئاز قەلەم تەۋرىتەتتىم (تاپشۇرۇق ماقالىسىدىن باشقا)، شۇ سەۋەب نۇرغۇن كەمتۈكلۈكلەردىن خالىي بولالمىغان بولىشىم مۇمكىن... 1x4{~g\  
بۇ ئەسەرنى مۇشۇ يىلى 3 - ئايدا باشلاپ تېخى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاران تۈگەتتىم. ئاخىرقى بۆلەكلىرىنى قايتا ئىشلەش مەقسىتىدە خېلى ۋاقىت بېسىلىپ قالدى، لېكىن ساقسىزلىقىم تۈپەيلى تەھرىرلەپ بولۇشقا كۆزۈم يەتمەيلا ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللىۋەتتىم... *.NVc  
قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلىرىڭلار ئالغا ئىلگىرلىشىمگە تۈرتكە بولغۇسى

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-22 21:33
تېنىڭىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن.


查看完整版本: [-- يـۈگـەنسىـز سـۆيگـۈ (كەچـۈر) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled