查看完整版本: [-- ئاندىرويىد ئۈچۈن 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەپنى چۈشۈرۈۋىلىڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش -> ئاندىرويىد ئۈچۈن 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەپنى چۈشۈرۈۋىلىڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ستۇدېنت 2013-08-12 16:49

ئاندىرويىد ئۈچۈن 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەپنى چۈشۈرۈۋىلىڭ

قارىسام ئەتراپىمىزدا ئاندىرويىد يانفونى ئىشلىتىدىغانلار بەك كۆپكەن، مەن ئۆزۈممۇ ئاندىرويىد ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى. يانفون ياخشى بولغان بىلەن، يېڭى -يېڭى دېتاللارنى قاچىلاپ تۇرمىسىڭىز ئوخشاشلا زېرىكىپ قالىدىغان گەپكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازىر ئاندىرويىدقا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان دېتاللار، يەنى ئەپلەرنىڭ سانى نەچچە يۈزمىڭدىن ئاشىدىكەن، ئەمما بىز ئىشلىتىدىغانلىرى نەچچە ئوندىن ئاشمايدۇ. يېڭى ئەپلەرنى ئىشلىتىپ باقاي دىسىڭىزمۇ دەمال يادىڭىزغا كەلمەي قىلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن يانفونغا ئەپ بازىرى (يانفون دېتاللىرىنى چۈشۈرىدىغان كۆزنەك) تىن بىر قاچىلاپ قويغان ياخشى. بىلىشىمچە ھازىر گۇگېل ئەپ دۇكىنى، بەيدۇ ئەپ بازىرى قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئەپ چۈشۈرىدىغان بازارلار بار، مەن تۆۋەندە كۆپچىلىك ئۈچۈن يېڭى بىر خىل ئەپ بازىرى ئىلىپ كەلدىم، بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن، بۇنى تەۋسىيە قىلىشىمدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭدىكى ئەپلەرنىڭ سانى ئاز ۋە ساز، قىزىقارلىق ۋە ئويۇن تۈرىدىكى ئەپلەر كۆپ ئىكەن. مىنىڭچە كۆڭۈل ئېچىشنى خالايدىغان دوستلار يەنىلا كۆپ، شۇڭا بۇ ئەپنى يانفونىڭىزغا چۈشۈرۈپ سىناپ بىقىڭ. Y]PZ| G)  
ھە راست، سېغىمى پەقەت ئىككى مىگابايت، ئېقىمدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىچىدە 50 مىڭغا يىقىن ئەپ بار،ھەممىسى تاللانغان ئەپلەر....
ئىككى ئۆلچەملىك كود ئارقىلىق يانفونغا چۈشۈرۈش:
كۆرۈنمە يۈزى:


查看完整版本: [-- ئاندىرويىد ئۈچۈن 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەپنى چۈشۈرۈۋىلىڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled