-
2008-11-30
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توفىل ئىمتىھان رايونى ۋە تىزىملىتىش - [Newsخەۋەرلەر]
توفىل ئىمتىھانى بەرمەكچى بولغان دوستلار دىققىتىگە:
مۇخبىرنىڭ مائارىپ تارماقلىرىدىن ئىگەللىشىچە ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى شەھىرىدە توردا ئېلىنىدىغان توفىل ئىمتىھانىغا تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى 9-نومۇرلۇق ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 155-سىنىپىغا تەسىس قىلىنغان. ئىمتىھان مارتتىن باشلاپ ئېلىنىدۇ. كونكىرىت ئىمتىھان نۇقتىسى ،كۈنى، ۋە ئورنىنى مائارىپ مىنىستىرلىكى ئىمتىھان مەركىزى توردا ئېلىنىدىغان توفىل ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش تور پونكىتى (toefl.etest.edu.cn ياكى toefl.etest.net.cn ) چىقىپ ياكى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ توردا ئېلىنىدىغان توفىل ئىمتىھانى مەملىكەتلىك قىزىق لىنىيە تىلفۇنى 010-62798822 غا تىلفۇن بېرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2007-0يىل 27-فېۋرال سانى 4-بەت .
مەنبە: دۇلدۇل تورى
www.duldul.cn
评论
ھە نىمە بولسا بىزنىڭ بۇ تەرەپلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي پەتىلەپ كەپسىز. رەھمەت سىزگە. سىزدەك ئەزىز مېھمانلار قاچانلا كەلسىڭىز داستىخىنىمىز ئوچۇق .
خۇشاللىق بىلەن قوشۇۋالىمەن. كىپ تۇراسىز ھە!~~~