-
2008-11-07
تور بەت ئۇسلۇب ھۆججىتى CSS دىكى ئاتالغۇلار - [Computerكومپىيۇتېر]
كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىز تور بېكەت ياساشنى بىلگەن بولسىمۇ CSS قا دائىر چۈشەنچىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىز HTML شەكىلدىكى تور بېكەتلەرنى ياساشنى بىلسىمۇ مەخسۇس تور بېكەت پروگراممىلىرىنى بىلىدىغان ھەم مەخسۇس CSS قا دائىر چۈشەنچىسى ياخشى تورداشلىرىمىز ناھايىتىمۇ ئاز.
شوڭا مەن تۆۋەندە CSS دا كۆپ ئۇچىراپ تۇرىدىغان كوماندا بۇيرۇقلىرى ۋە ئۇسلۇب پروگرامما بۆلەكلىرىنىڭ دائىملىق ئاتالغۇلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن:
1. Body بەدەن، مەلۇم بىر پروگرامما بۆلەكلىرىنىڭ گەۋدىسى
2. Font-Family خەت نۇسخىسى، خەت نامى
3. Font-Size خەت چوڭلۇقى، خەت زىچلىقى
4. Magin سىرتقى بوش ئورۇن، تور بەت قۇرۇلمىسى بىلەن بەت قىرىنىڭ قېلىپ قالىدىغان ئارىلىقى
5. Magin-Top ئۈستى تەرەپتىكى بوش ئورۇن
6. Magin-Right ئوڭ تەرەپتىكى بوش ئورۇن
7. Magin-Left سول تەرەپتىكى بوش ئورۇن
8. Magin-Bottom ئاستى تەرەپتىكى بوش ئورۇن
9. Border سىرتى تەرەپ، ياقىسى
10. Border-Top سىرتقى ئۈستى تەرەپ
11. Border-Right سىرتقى ئوڭ تەرەپ
12. Border-Left سىرتقى سول تەرەپ
13. Border-Bottom سىرتقى ئاستى تەرەپ
14. Padding ئىچكى بوش ئورۇن، ئوبيىكتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بوش ئورۇن
15. Padding-Top ئىچكى بوش ئورۇن ئۈستى تەرەپ
16. Padding-Right ئىچكى بوش ئورۇن ئوڭ تەرەپ
17. Padding-Left ئىچكى بوش ئورۇن سول تەرەپ
18. Padding-Bottom ئىچكى بوش ئورۇن ئاستى تەرەپ
19. Td جەدۋەلنىڭ سىتون كاتىكى
20. Th جەدۋەلنىڭ قۇر كاتىكى
21. Float لەيلەش، (لەيلىمە ئېلان كودىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ).ئىنتىل سەيناسى
评论
نۇرۇز مۇبارەك!
مەن باشقىلار تەمىنلىگەن ئۇسلۇب ھۆججىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ يېڭى ئىلتىماس قىلغان BlogBusبوشلۇقۇمنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىدىغان قىلماقچى ئىدىم. ئەمما پۈتكەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەتلەر كۆرۈندى لېكىن نورمال ئەمەس. eotھۆججەت ئىشلىمەي قالغان ئوخشايدۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىلىق يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز...
بلوگىڭىزنى كۆرۈپ باقتىم ، قارىسام ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپ قاچىلىمىغان ئوخشايسىز ، پۈتۈنلەيلا خەنزۇچە كۆرۈندى . يەنە بىر ئىش eot نىڭ ئورنى توغرا بولمىغان ئوخشايدۇ .
تەكلىپىم : ئاۋۋال بىر ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپ قاچىلاڭ ، ئاندىن eot نى قايتىدىن ئۇلاڭ . ئاخىرىدا شۇ خىل ئۇسلۇپنى ئىشلىتىمەن دىگەن يەرنى تاللاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . يەنە ئېنىق بولمىغان جايلار بولسا تارتىنماي سوراۋىرىڭ .