• ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئۇنتلىۋاتقان ھايۋان ناملىرى - [تاغدىن_باغدىن]

    May 30, 2009 | خەتكۈچ: ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى

    قوي__توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ قوچقار . چىشىسى __ ساغلىق . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قوزا ، توخلا .
    كالا__ توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى__ بۇقا . چىشىسى __ ئىنەك ، سىيىر . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ موزاي .
    ئۆچكە __توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى__ تېكە . چىشىسى __ئۆچكە . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ ئوغلاق .
    ئات __توپ ئاتىلىشى__ يىلقا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ ئايغىر . چىشىسى __ بايتال . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قۇلۇن .

    ئېشەك __توپ ئاتىلىشى __ ئۇيۇر . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى__ ھاڭگا . چىشىسى __ مىدە . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ تەخەي .
    __تۆگە__توپ ئاتىلىشى __پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى __ بۇغرا . چىشىسى __ ؟ . بالىسى بوتىلاق .
    قوتاز __توپ ئاتىلىشى __پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى __ بۇقا . چىشىسى __ ئىنەك . بالىسى __ موزاي .
    توڭغۇز __توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ قاۋان . چىشىسى __ مىكىجىن .
    بالىسى __ توراي

    مەنبە:

    http://hi.baidu.com/aynurigul/blog/item/a68b31cb1375a5f553664f6c.html
    كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئەسلى مەنبەسنى ئەسكەرتكەيسىز!