-
بەدىنىڭىز بىلەن تونۇشىۋېلىڭ __نېرۋا سېستىمىسى - [تەبئى پەن بىلىملىرى]
May 21, 2009 | خەتكۈچ: Cm2
نېرۋا سېستىمىسى
ھايۋانلار نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئىچىكى ئاجراتمىلارنىڭ تولىغا تايىنىپ ،مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىدۇ.نېرۋا سېستىمىسى مۇسكۇللارنىڭ ھەركىتى،ماسلىشىشى،ھەرقايسى توقۇلما،ئەزالارنى كونتېرول قىلدۇ،سىرىتتىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىپ،تەڭشەش ۋە ئېنكاس قايتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ.ھەمدە سىرىتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشنى ئۆلچەپ قانداق ئېنكاس قايتۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ.شۇڭلاشقا نېرۋا سېستىمىسى ھايۋانلار تىنىدىكى ئەڭ مۇھىم كونتېرول سېستىمىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
ئادەملەرنىڭ نېرۋا سېستىمىسى چوڭ مىڭە،يۇلۇن ۋە نېرۋىلاردىن تەركىب تاپقان.ئادەم بەدىنى ئومۇمى ئېغىرلىقىنىڭ3%نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ،ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مورەككەپ سېستىما ھېساپلىنىدۇ.
نېرۋا سېستىمىسى -مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى(Central Nervous System) ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمىسى(Peripheral Nervous System) دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ.مىڭە -نېرۋا سېستىمىسنىڭ كونتېرول مەركىزى بولۇپ،ھەرخىل نېرۋا ھۆجەيرىسى ۋە نېرۋونلاردىن تۈزۈلگەن.ئۇ جانلىقنىڭ ھەرخىل ھەركىتى،ئىچىكى موقۇملىقى(بەدەن ئېقتىدارى،يۈرەك سوقۇش،قان بېسىمى،تەن تېمپۇراتۇرسى...)،ھەرخىل ھېسسى ھەركەت (ئۈگۈنۈش،ھېسيات ،ئەستە ساقلاش ...)قاتارلىقلارنى كونتېرول قىلىدۇ. ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ مىڭىسى بەدىنىنىڭ ئۈستى قىسمىدا بولىدۇ.ئومۇرۇتقىلىق ھايۋانلارنىڭ مىڭىسى باش سۆڭىكى ئارقىلىق قوغدىلىدۇ.مىڭە يۇلۇن بىلەن بىرلىكتە ھۆجەيرىلارنىڭ مورەككەپ بولغان ئالاقلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ،ھەرخىل ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. مىڭە ھاياتلىقنى ساقلايدىغان تۈگۈندۇر.
قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ مىڭىسى 1-1.5kgغىچە بولۇپ ،ھەجىمى 1600Cm2 كىلدۇ ،ئومۇمى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 2%تىنى ئىگەللەيدۇ.ئادەتتە مىڭىنىڭ ئېغىرلىقى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا ئېغىرراق بولىدۇ.مىڭىدە جەمئى140مىليارد نېرۋا ھۆجەيرىسى بولۇپ ،ئومۇمى نېرۋاھۆجەيرىسىنىڭ1/10نى تەشكىل قىلدۇ.مىڭىنى چوڭ مىڭە،كىچىك مىڭە ،مىڭە غولى قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ.