• ئۇيغۇر يېزىقلىرى - [تاغدىن_باغدىن]

    Dec 17, 2008 | خەتكۈچ:

    بۇ ماقالىنىڭ ئېگىسى نامەلۇم ،ئەگەر قويماسلىقنى تەلەپ قىلسا ئۆچۈرلىدۇ

    ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىنىڭ (<<ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە>> نىڭ ئىككىنچى بۆلىكى) دىكى پاكىتلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخىي دەۋرگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى يېزىق بىلەن تىلنىڭ شەكىللىنىشى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرىدىن مۇتلەق ئايرىۋېتىش ماركسىزملىق تىلشۇناسلىق ئىلمىگە ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىغا قاراپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ پەيدا بولىشىنىمۇ پاكىتلارغا تايانغان ئىلمىي پەرەز ئۇسۇلى بىلەن مىلادىدىن خېلى ئۇزاق بىر دەۋرگە سۈرۈش مۇمكىن.

    ٭

    ھەممىگە مەلۇمكى، ھۇنلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، شەرقىي تىنچ ئوكياندىن غەربىي كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەرنى ۋە مانجۇرىيە، سىبىرىيىدىكى پۈتۈن قەبىلىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، بۇ كەڭ زىمىندىكى 26 تۈركىي دۆلەتنى بىرلەشتۈرۈپ، جاھاننى زىل-زىلىگە سالغان بۈيۈك ھۇن ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان. خېيۋا خانى ئوبۇلغازى باھادۇرخان ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى <<تارىخىي شەجەرىئىي تۈرك>>تە <<ئوغۇزخان ئۆزىگە ئۇيغۇر ئاقساقالى ئىرقول غوجىنى ۋەزىر قىلغا>> دېگەن سۆز بار.

    ٭

    ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا، تارىختا "ئوغۇزخا" دېگەن شەخس ئۇچرىمايدۇ. ئەمما تارىخ ئىلمى تېخى مەيدانغا كەلمىگەندە، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئەپسانە ۋە رىۋايەت، چۆچەك قاتارلىقلار تارىخنىڭ رولىنى ئوينىغانلىقى ئىلمىي ھەقىقەت. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تارىختىكى ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوغۇزخان دېگەن نامنى ئالغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھۇن ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئۇيغۇر ئاقساقالى ئىرقول غوجىنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلغانلىقى رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

    ٭

    ھۇن ئىمپىرىيىسى چىن ۋە ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى) قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، سودا كېلىشىملىرىنى تۈزگەنلىكى تارىختىن مەلۇم. بۇ كېلىشىملەر ئەلۋەتتە يېزىق بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك. بىر تەرەپنىڭلا يېزىقى بىلەن يېزىلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق بولۇش تارىختىكى ھېچقانداق دىپلوماتىيە قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن ۋە شۇنچە كەڭ زىمىندىكى شۇنچە كۆپ خەلقنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرالىغان شۇنداق قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ يېزىقى بولمىغان، دېيىش ئەقىلدىن تولىمۇ يىراق، ئەلۋەتتە.

    ٭

    چىننىڭ غەرب بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋىتى خەن ۋۇدى زامانىدىن باشلانغانلىقى بىزگە مەلۇم (مىلادىدىن بۇرۇنقى 137-يىللىرى جاڭ چيەن كەلگەندىن باشلاپ). ئەمما ھۇنلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 770-يىللىرى ئۆتكەن جۇ سۇلالىسى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 403-يىللىرىدىكى جەنگو دەۋرلىرىدە، چىننىڭ شىمالىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. يەن، جاۋ بەگلىكلىرى دەۋرىدە، چىن ھۇنغا قارشى سېپىل سوقۇشقا مەجبۇر بولدى. كېيىن چىن شىخۋاڭ بۇ سېپىللارنى بىرلەشتۈرۈپ، تارىختا مەشھۇر ئاتالغان 3000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سەددىچىن سېپىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىنى توستى. چىن شىخۋاڭ ھايات ۋاقتىدا ھۇنلار سىددىچىن سېپىلىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىگەن ئىدى.

    ٭

    خەن گاۋزۇڭ زامانىسىغا كەلگەندە، ھۇنلار باتۇر تەڭرىقۇت رەھبەرلىكىدە سەددىچىن سېپىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شەنشىنىڭ داتۇڭ دېگەن يېرىدە خەن گاۋزۇڭنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇلارنى ناھايىتى قورقىتىۋەتتى. خەن سۇلالىسى پادىشاسى خەن گاۋزۇڭ ھۇنلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا كېلىشىم تۈزۈلدى ۋە باتۇر تەڭرىقۇتقا خەن سۇلالىسى پادىشاسىنىڭ قىزى ماۋ جۈننى ياتلىق قىلدى. شۇ ۋاقتىدا تۈزۈلگەن بىتىملەر، ئەلۋەتتە ئىككى خىل تىل ۋە ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن.

    ٭

    ئۇندىن باشقا، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، خەن سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھۇن تەڭرىقۇتىغا يازغان بىرنەچچە پارچە خېتى بار. بۇ خەتلەر يالغۇز خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان، دېيىشكە ئاساس يوق. بۇنداق خەتلەرنىڭ خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى بىزگە چىن يىلنامىلىرىدىن مەلۇم.

    ٭

    يۇقىرىدىكى پاكىتلار شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، ھۇن ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ھازىر ئېيتىلىۋاتقاندەك 4-، 5-ئەسرلەردە ئەمەس، بەلكى مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن يارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، ھۇن ئىمپېرىيىسى ئىشلەتكەن تىل ئۇيغۇر تىلى، ھۇن ئىمپېرىيىسى ئىشلەتكەن يېزىقمۇ ئۇيغۇر يېزىقى، دېيىشكە ھەقلىقمىز.

    ٭

    شۇڭا، مەشھۇر تۈركشۇناس ھۇنگىرىيە ئالىمى جھورف تىئورنىڭ تۆۋەندىكى پىكرىنى ئاساسسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ: <<ئەڭ قەدىمىي زامانلاردىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېزىقلىرى ۋە تۈرك تىللىرىدا يېزىلغان ھەر خىل ئەدەبىياتلىرى بار ئىدى. ئۇيغۇر يېزىقلىرى قەدىمقى زامان تارىخىغا دائىر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بىزنىڭ پىكرىمىزنى قەدىمقى جۇڭگو، ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم) ۋە پارس مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان تارىخىي ھۆججەتلەر ئىسپاتلايدۇ.

    ٭

    بارلىق تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىسى ھىساپلانغان ئۇيغۇرلار، مىلادىدىن بۇرۇن ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل يېزىقلىرى ۋە مۇستەقىل ئېلىپبەلىرىگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتى بولسا، ناھايىتى چىرايلىق ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇمۇ مىلادىدىن بۇرۇن ۋۇجۇدقا كەلگەن...... مىلادىدىن 1000 يىل بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپ، ئۆزلىرىگە خاس بولغان يىلنامىلەرنى ياراتقان...>> دەيدۇ. (ۋ. تىئورى <<14-ئەسرگىچە تۈرك سانلىرىدا تارىخىي ئابىدىلەر>>، <<تۈرك يۇرتى مەجمۇئەسى>> 1915-يىل، <<شەرق ھەقىقىتى>>، 1949-يىل 11-سان) ئۇنىڭ بۇ پىكرىنى 10-ئەسردە شىنجاڭغا كەلگەن ۋاڭ يەندىنىڭ <<ئۇيغۇر دۆلەتلىرى توغرىسىدا خاتىرە>>لىرىدىمۇ ۋە مەتمەر ئىبنى تاھىر ئەلممۇقەتتاسنىڭ <<كىتابۇلبەدغ ۋە تارىخ>> دىگەن ئەسىرىدىكى پىكىرلەرمۇ تەستىقلايدۇ. ئەپسۇسكى، مانا دەپ پاكىت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ زاماندا يېزىپ قالدۇرغان خەت-چەك ۋە ھۆججەت ئەسەرلىرىدىن بىزنىڭ زامانىمىزغىچە ھىچبىر نەمۇنىلەر يېتىپ كېلەلمىگەن.

    ٭

    يۇقىرىدىكى قائىدە-مەنتىقىدىن ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ۋە ئورخۇن يېزىقىدىن باشقا يەنە قانداقتۇر بىر يېزىقتىن پايدىلانغان بولۇشى ياكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىن. يېقىندا خوتەندىكى ئاق سېپىل خارابىسىدىن تېپىلغان كېسەكلەردىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بۇ مەنتىقىنى ئىسپاتلاشقا ياردەم بېرىدۇ. لېكىن بۇنى تېخىمۇ تولۇق ۋە ئېنىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن چوڭقۇر ئىزدىنىش كېرەك.

    ٭

    خۇلاسە قىلغاندا، قەدىمقى ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ پىكىر-مەقسەتلىرىنى، ئارزۇ-ئۈمىتلىرىنى بىرەر شەكىل ۋە بىرەر بەلگە بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئىنتىلگەن. بۇ ئىنتىلىش ئۇلارنىڭ يېزىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. 18-ئەسرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ، بۈگۈنكى دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقتا تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، ئابىدىلەر، مەڭگۈ تاشلار، پەن-مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ئاىت بولغان ھەر خىل ئىلمىي، ئەدەبىي، دىنىي، پەلسەپەۋىي ئەسەرلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى دەۋرلەردىن باشلاپ خېلىلا تەرەققىي قىلغان پارلاق مەدەنىيەتكە، مۇكەممەل ئەدەبىي تىلغا ۋە بۇ تىلنى تولۇق، بىمالال ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئېلىپبەلىك ئىلغار يېزىققا ئىگە مەرىپەتپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى روشەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    ٭

    ئۆتكەن ئەسرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تارتىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى تۈركولوگلار، ئۇيغۇرشۇناسلار، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلارنىڭ ماكان، زامان، تىل ۋە يېزىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار مىلادى 4-ئەسرلەردە رەسمىي ي ئې زىققا ئىگە بولغان، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى، تۇرپان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان يازما ۋە ئويما يادىكارلىقلارنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى، تىلى ۋە يېزىقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئېلىپبەلىك ي ئې زىقتىن پايدىلىنىش تارىخىلا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئۇيغۇرلاردا رەسىملىك يېزىق ۋە بوغۇملۇق يېزىق بولۇشتىن سىرت، تارىخىي مەلۇماتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خوتەندىن تارتىپ كۇچار، ئاقسۇ ئەتىراپىغىچە توخار، تىبەت، سانىسكىرىت (ھىندى)، مانى يېزىقلىرىنى ئىشلەتكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخى جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ۋە ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوشنا مىللەتلەرنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، باي ۋە گۈزەل مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    ٭

    يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىي مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا، <<كونا ئۇيغۇر يېزىقى>>نى <<ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى>>نى، <<سوغدى يېزىقى>>نى، قىسمەن خەنزۇ يېزىقىنى، كېيىن ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجات قىلغان ھازىر ئىشلىتىۋاتقان <<ئۇيغۇر ي ئې زىقى>>نى ئىشلىتىپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنى ئۆچمەس ئۇتۇقلار بىلەن بېيىتتى.

     

    1. ئورخۇن-يېنسەي (تۈرك رۇنىك) يېزىقى

     

     

    ئورخۇن-يېنسەي (تۈرك رۇنىك) يېزىقىنى ئۇيغۇرلار 5-ئەسردىن 8-ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان 300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا قوللانغان. بۇنىڭ بىلەن يېزىلغان يادىكارلىقلار ئورخۇن-يېنسەي ۋادىسىدىن كۆپرەك تېپىلغىنى ئۈچۈن بۇ يېزىق <<ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى>>، دەپ ئاتالغان؛  تۈرك خانلىقى دەۋرىدە ئىجات قىلىنغىنى ئۈچۈن <<تۈرك يېزىقى>> دەپ ئاتالغان؛ ھەمدە ئىسكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىدىن تېپىلغان، قەدىمقى نېمىسلار قوللانغان <<رۇنىك يېزىقى>>غا ئوخشاپ كەتكىنى ئۈچۈن، تۈركشۇناسلار ئۇنى <<تۈرك رۇنىك يېزىقى>>، دەپمۇ ئاتىغان. ئەمىلىيەتتە تۈرك خاندانلىقى زىمىنىدىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار، بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن، بۇ يېزىق جەمىي 40 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان.

    ٭

    بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان يادىكارلىقلار 18-ئەسرنىڭ 90-يىللىرىدىن 20-ئەسرنىڭ 70-يىللىرىغىچە، رۇس، فىن، شۋىت، فرانسۇز، نېمىس، دانىيەلىك ۋە باشقا چەتەللىك ئارخىئولوگلار، ئالىملار تەرىپىدىن سىبىرىيە، ئورخۇن-يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرى، بايقال كۆلى ئەتىراپى، ئالتاي رايونى، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇ يادىكارلىقلارنىڭ تىلىنى بىرىنچى قېتىم دانىيەلىك تومسىن، رۇسىيەلىك رادلوپ قاتارلىق ئالىملار ئوقۇپ چىققان ۋە بۇ يېزىقنىڭ تۈركىي خەلقلەر 5-ئەسرلەردە ئىشلەتكەن يېزىق ئىكەنلىكىنى، تىلىنىڭ تۈركىي خەلقلەر تىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەر ئېلان قىلغان. بۇ يادىكارلىقلار 5-ئەسردىن كېيىنكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولغىنى ئۈچۈن، ئالىملار بۇ يېزىقنى 5-ئەسردىن كېيىن ئىشلەتكەن يېزىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

    ٭

    بۇ يېزىق تۆت سوزۇق تاۋۇش ھەرپى، 36 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئوڭدىن سولغا قاراپ يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا يارىتىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىيات-سەنىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا غايەت زور قىممەتكە ئىگە.

     

    2. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى

     

    ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ <<تۈرك رۇنىك يېزىقى>>نى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل قوللاندى. مىلادى 840-يىللىرى، قارا بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى سىياسىي توقۇنۇشلار، تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىچكىي نىزا-ماجرالار تۈپەيلىدىن يىمىرىلىشكە يۈزلىنىپ، غەربتىكى ئۆز قېرىنداشلىرى يېنىغا كۆچكەندىن كېيىن، تۈرك رۇنىك يېزىقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئۆز تىلىنى بىرقەدەر مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، تېخىمۇ ئىلغارراق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىغا راۋاجلاندۇردى ۋە ئۇنى 9-ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كەڭ تۈردە قوللىنىشقا باشلىدى. 10-ئەسردىكى جۇڭگونىڭ مەشھۇر سەيياھى ۋاڭ يەندى: <<قارا قۇجۇدىكى ئۇيغۇر خانلىقىدا بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن پادىشالىقتىن تەمىنلىنىدىغان مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. ئۇيغۇرلار شېئىر-قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن. ئۆز يېزىقلىرىنى ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك، كۈندىلىك ھاجەتلىرىگە ئىشلىتىدىكەن. راھىپلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتابلار بەك كۆپ ئىكە>> دەپ يازغان.

    ٭

    بۇ يېزىق شۇ چاغدا شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. ھەتتا كېيىنكى دەۋرلەردە، مانجۇلار، موڭغۇللار، شىۋەلەرمۇ مۇشۇ يېزىق ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يېزىقلىرىنى يارىتىۋالغان. ئەخمەت زەكىي ۋەلىد توغان ئۆزىنىڭ <<تۈرك-تاتار تارىخىي>> دېگەن ئەسىرىدە ۋە نەجىپ ئاسىم ئۆزىنىڭ <<تۈرك تارىخىي>> دېگەن ئەسىرىدە، ئوخشاش مەزمۇندا: <<بۇ يېزىق ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقان. ئىسلامىيەت يېيىلىپ تاكى ھىجرىيە 9-ئەسرگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن، ھەتتا تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرچىغا تەخلىدەن دىۋان خېتى (ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خەت-چېكى) دەپ ئاتالغان بىر خىل يېڭى يېزىقمۇ ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇر يېزىقى تۆمۈرىلەر دەۋرىدىن خېلى كېيىنمۇ قوللىنىلغا>>، دەپ يېزىشقان.

    ٭

    ۋامبىرى تەرىپىدىن ئىستامبۇلدىن ئېلىپ كېتىلگەن <<قۇتادغۇبىلىك>>نىڭ نۇسخىسى بىلەن ۋىنا كۈتۈپخانىسىدىكى يەنە بىر نەزمىي ئەسەرنىڭمۇ ئەينەن ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈپ يېزىلغانلىقى بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.

    ٭

    ئۆزبېكىستان تۈركشۇناسلىرى ف. كامال <<ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلىغا مۇقەددىمە>> دېگەن ماقالىسىدە: "كونا ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىغا ئاىت يازما يادىكارلىقلار ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەمما بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىش يۈرگۈزۈش 18-ئەسرگىچە داۋام قىلغان. بەزىبىر تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئايرىم يازما يادىكارلىقلار 15-ئەسردە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە يېزىلغان. مەسىلەن، <<بەختىيارنامە>> (1432-يىل)، <<تەزكىرەئى ئەۋلىيا>> (1436-يىل)، <<مىراجنامە>> (1439-يىل) ۋە باشقا يادىكارلىقلار ھىرات شەھىرىدە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە كۆچۈرۈپ يېزىلغان ئىدى"، دەپ يازىدۇ. بۇ ئەھۋال بۇ يېزىقنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىدا، ئەرەپ يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن "چاغاتاي" يېزىقى بىلەن پاراللېل ھالدا 900 يىلغا يېقىن گۈللىنىپ كېلىنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

    ٭

    قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىجات قىلىنغان ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، <<ئىدىقۇت تېكىستلىرى>> ۋە <<ئىدىقۇت خەت-چەكلىرى>> دە 18 ھەرپ ئىشلىتىلگەن. بۇ سولدىن ئوڭغا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يېزىلىدىغان يېزىق بولۇپ، ھەر بىر سۆز بېشىدا، سۆز ئوتتۇرىسىدا ۋە سۆز ئاخىرىدا يېزىلىدىغان شەكىللەرگە ئىگە. بۇلاردىن 5 ھەرپ 8 سوزۇق تاۋۇشنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

    ٭

    قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە بىر قەدەر ئۇيغۇنلاشقان يېزىق بولۇپ، تىلنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىش جەھەتتە تۈرك رۇنىك يېزىقىغا قارىغاندا ئۈنۈملۈكرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىن باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ كەڭ قوللىنىلغاندىن تاشقىرى، مىللىي ئەدەبىي تىلنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگۈچى ئاكتىپ ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نەتىجىدە، بۇ يېزىقنى قوللانغان ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى. ئۇيغۇرلار بۇ ئىجادىي يېزىقنى قوللانغاندىن كېيىن، تۈرلۈك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە دىنىي، پەلسەپەۋىي، پەن-تېخنىكا، تېببىي ساھەدىكى ئەسەرلەر، شۇنداقلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن بەدىئىي ئەدەبىياتى ناھايىتى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندى. نەتىجىدە ئەدەبىي تىل تەرەققىياتى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇيغۇر خەلقى بۇ يېزىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، بەلكى <<ئالتۇن يارۇق>>، <<چۈشتانى ئىلىك بى>>، <<شۋەن جاڭنىڭ تەرجىمەھالى>> (<<سامتىسو ئاچارىنىڭ تەرجىمىھالى>، <<ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى>>،   <<ئوغۇزنامە>>، <<ئىدىقۇت تېكىستلىرى>> قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى مۇشۇ يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇردى. بۇ يېزىق ئارقىلىق يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقانلىرىنىڭ سانىلا 8000 پارچىدىن ئاشىدۇ. بۇ مىراسلار قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى، يېزىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ٭

    ئومۇمەن ئالغاندا، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق سەمەرىسى بولۇپ، ئۇ خەلقىمىز تارىخىنىڭ ئۆچمەس نامايەندىسى ھىساپلىنىدۇ.

     

    3. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى

     

    ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت قوللانغان يېزىقى بولۇپ، ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 10-ئەسرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن قوبۇل قىلغان. بۇ يېزىق قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى بۇ يېزىققا بوشىتىپ بەردى. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 10-ئەسرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن قاراخانىلار زىمىنىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلاپ، 15-ئەسرلەرگە كەلگەندە، پۈتۈن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە يېرىدە كەڭرى ئىشلىتىلگەن بىردىن-بىر يېزىق بولۇپ قالدى.

    ٭

    ئەرەب يېزىقى بويىچە ئەينەن قوبۇل قىلىنغان بۇ يېزىق 12-ئەسرگىچە ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمەي قوللىنىلدى. 12-ئەسردىن ئېتىبارەن بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلىشكە باشلاپ، ئۇنىڭدىكى ئەرەب يېزىقىغا خاس بولغان شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلاندى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ماسلاشتۇرۇلدى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەرەب تىلىدا بولمىغان "چ، پ، گ، جھ" قاتارلىق 4 ھەرپ پارىس يېزىقىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسىگە كىرگۈزۈلدى. 13-ئەسردىن كېيىن "چاغاتاي يېزىقى" نامى بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقى جەمىي 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپتى. ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقىغا ئايلانغان بۇ يېزىق، ھەر بىر دەۋر ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

    ٭

    ئۇيغۇرلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان بۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىغا مىڭ يىل بولدى. مۇشۇ جەرياندا، بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خۇسۇسىيەت-ئالاھىدىلىكلىرىگە تەدرىجىي ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقىپ كەلدى. ئاشۇ مىڭ يىل جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن مول مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىپ قالدۇرغان. ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇد قەشقەرىنىڭ <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>، بۈيۈك مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <<قۇتادغۇ بىلى>> داستانى قاتارلىق كىشى ئەقلىنى تاڭ قالدۇرىدىغان نامايەندىلەر بۇنىڭ جانلىق پاكىتى بولۇپ، ئۇلار قالدۇرغان بۇ يادىكارلىقلار خەلقىمىزنىڭ پۈتكۈل تارىخىدىكى مەدەنىي مىراسلار خەزىنىسىدە ۋە دۇنيا خەلقلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدە نۇر چېچىپ چاقناپ تۇرىدۇ.

      دىن كۆچۈرۈپ چاپلاندى http://aptapliq.googlepages.com/uyghur_yeziqliri