• 2010-09-01

    ئىككى شېئىر - [پاسئان شېئىرلىرى]

     

    ئىككى شېئىر

     

     

    پوزىتسىيە

     

     

    ئەگەر سەن چىڭقى چۈشنى ئىگىلىسەڭ

    مەن يېرىم كېچىنى ئەكىلىپ سېنى ئويغىتىمەن

     

    ئەگەر ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ماڭا تاقاپ

    كېچىگە ئىشەنچ ئەۋەتسەڭ،

    ئازابخور بۇلۇتلىرىم بىلەن يورۇتقۇچى ئەينەكلەرنى ياپىمەن

     

    ئەگەر ماڭا بىرنەچچە ئاسمان ئىسسىقلىقىڭ بىلەن گۈلدەستە تەييارلىساڭ

    مۇز تەڭرىلىرىنى ئۈستۈڭگە قويۇۋېتىمەن

     

    ئەگەر مېنى سەھەرگە تاپشۇرساڭ

    سېنى كىچىك زۇلمەت قىلىپ كېچىدىن چىقىرىمەن

     

    سىتىراتېگىيە

     

     

    ئەڭ ئاز بولغاندا

    بىر قېتىمدىن غۇلاپ چۈشىدىغان نەرسىلىرىڭ بار

    ھەمدە

    ھەممىنىڭ كەينىدە تۇرۇپمۇ ئۆزىنى بېسىۋىلىپ

    غۇلاپ چۈشمەيدىغان بىر قېتىملىق ئىشەنچ بار

     

    بىلەمسەن

    مەن ئاشۇ ئىشەنچكە تىكىلىپ تۇرىمەن

    ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا تاغلارنى تولۇقلايمەن

    ئۇ ھەقىقەتەن بىرلا قېتىملىق ئىشەنچ

    ئەمما، غۇلاپ چۈشمەيدىغان بىرلا قېتىملىق ئىشەنچ!

     

    چۈنكى ئۇ قورقۇنچقا بولغان ئىشەنچ

    چۈنكى ئۇ مەندەك تەشۋىشكە قارىتىلغان ئىشەنچ

    ئۇنىڭ بىر قېتىملىقى بىر ئۇزۇنلۇق تەڭرىسىگە تەڭ

    ئۇنىڭ ئەتراپى

    مۇھاپىزەت شارقىراتمىلىرىم بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا بېرىكىپ كەتكەن

     

    ئاڭلا

    بىر قېتىمدىن غۇلاپ چۈشىدىغان نەرسىلىرىڭمۇ تۈگەي دەپ قالدى

    ئەمدى ئۇنىڭ كەينىدىكى ئىشەنچنى

    قوۋزاق دەرىخىگە ئايلاندۇرۇپ

    ئۆزۈمگە قالدۇرىمەن

    ساڭا

    ئۇنىڭ ئىچىدىكىسى قالىدۇ.

    ئۇيقۇ

     

     

    ھەربىر يول ئېغىزى بىردىن ماشىنا

    ھەربىر ماشىنا بىردىن كۆچەت

    ھەربىر كۆچەت بىردىن بايراق

    ھەربىر بايراق بىردىن ئالقان

    ھەربىر ئالقىنىم

    يول ئېغىزى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان.

     


    收藏到:Del.icio.us