• 2010-08-20

    قارمۇ قارشىلىقنىڭ نىسبەت مۇناسىۋىتى - [قەيسەر تۇرسۇن شېئىرلىرى]

     

    قارمۇ قارشىلىقنىڭ نىسبەت مۇناسىۋىتى

     

    بىرلا ئاۋاز قوغلار مېنى توختىماي،

    قاچمىغاچقا مەن ئۇنىڭكى ئالدىدىن.

    ئۇنىڭ مېنى تۇتقىسى يوق زادىلا،

    كىرىۋالدى ئىچ - ئىچىمگە ئۇ لېكىن.

     

    ئاي قورقىدۇ كۆك ئاسماندىن ھەمىشە،

    تۇرار شۇڭا ئاي ئاسمانغا ئېسىلىپ.

    بېلىق سۇدىن قورقىدۇ ھەم ئەزەلدىن،

    ياشار شۇڭا بېلىق سۇدا، سۇ ئىچىپ.

     

     

    سەن قورقىسەن مەنسىز ياشاپ قېلىشتىن،

    كەتتىڭ شۇڭا مېنى تاشلاپ ئاھ ئۇرۇپ.

    مەن قورقىمەن سەنسىز ياشاپ قېلىشتىن،

    بەردىم شۇڭا مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ.

     

    ئەزەلدىنلا ناخشا ئېيتقۇم يوق ئىدى،

    ناخشا ئېيتىپ چىقتىم شۇڭا بىر كېچە.

    سۆيگەچكىلا مۇھەببەتنى، ھاياتنى،

    شېئىر يازدىم پەقەت ئۆلۈم ھەققىدە.

     

    يەتكۈزەي دەپ ئاشىقلىقنى ۋايىغا،

    ئون يىل بۇرۇن داغدا قالغان ئىدىم مەن.

    دەل - دەرەخلەر ماڭدى يولدا پىيادە،

    قەبرىسىنى ئىزدەپ ماڭغان ئەر بىلەن.

     

    كەلمەسلىكىڭ ماڭا ئايان بولغاچقا،

    تەلۋىلەرچە ساقلىدىم مەن تەلمۈرۈپ.

    قاينىماقتا چۆلدە سۆيگۈ قازىنى،

    تۇزغا ماڭغان تۆگىلەرنى ئۆلتۈرۈپ.

     

    بىرمۇ جەسەت كۆمۈلمىگەن بۇ كۆڭۈل

    ئەڭ بىچارە قەبرىستاندۇر مۇقەررەر.

    مەن ۋاقتنى قوغلاپ كىردىم ئىچىمگە،

    ۋاقىت مېنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرەر.

    ئىككىمىزنى ئايرىش ئۈچۈن مۇھەببەت

    ئاشىقلارنىڭ يۇلتۇزىدىن باغ ياسار.

    ئاسمان دېگەن كىچىككىنە بىر دەرەخ،

    قۇياش دېگەن يېرىلمىغان بىر ئانار.

     


    收藏到:Del.icio.us