ئىنتېرنىت
تورىدا
ئەدەپلىك
بولۇشنى
تەكىتلەش
ھازىرقى
ئىنتايىن
مۇھىم
مەسىلىلەرنىڭ
بىرى بولۇپ
قالدى. ھەممە
نەرسىنىڭ
ياخشى ۋە
يامان
تەرىپى
بولغىنىدەك،
ئىنتېرنىت
تورىدىمۇ
بەزى
پاسسىپ،
ناچار
نەرسىلەر
مەۋجۇت. ئىنتېرنىت
تورىدىن
شەھۋانىي،
مەزمۇنى
ساغلام
بولمىغان
نەرسىلەرنى
كۆرۈش،
ناتونۇش
كىشىلەرگە
قالايمىقان
يوللانمىلارنى
ئەۋەتىش،
تور
بېكەتلىرىنىڭ
سۆز
قالدۇرۇش
مۇنبەرلىرىگە
قاملاشمىغان
مەزمۇندىكى
نەرسىلەرنى
قالدۇرۇپ
قويۇش
قاتارلىقلار
ئەخلاقسىز،
پەزىلەتسىز،
روھىي
جەھەتتىن
چۈشكۈنلەشكەن
بىنورمال
ئادەملەرنىڭ
قىلمىشىدۇر. ئىنتېرنىت
تور
بېكەتلىرىدىكى
«چايخانا»
ۋە QQ لاردا
ناتونۇشلار
تونۇشىدۇ،
تورداشلار
پاراڭلىشىدۇ،
يېقىن
دوستلار
كۆرۈشۈپ
ئۆزئارا
پىكىر
ئالماشتۇرىدۇ.
بۇ يەردىكى
پاراڭلىشىش -
مۇڭدىشىش
ھەر خىل
تېمىلاردا،
كىشىلەرنىڭ
ئۆز
ئىختىيارىچە
بولىدۇ. بۇ
خىل
پاراڭلىشىشتا،
مەدەنىيەتلىك،
ئەدەپ -
قائىدىلىك
بولۇش،
گۈزەل سۆز -
ئىبارىلەرنى
ئىشلىتىش،
ئۆزئارا
ھۆرمەت -
ئىززەتنى
ساقلاش
لازىم. ھە
دېسىلا، بىر
- بىرىنىڭ
شەخسىيىتىگە،
غۇرۇرىغا
تېگىش،
يوقىلاڭ
سەۋەبلەرنى
دەپ قوپال،
سەت
سۆزلەرنى
ئىشلىتىش،
ھەتتا
تىللىشىش،
ھاقارەت
قىلىشتەك
ئەدەپسىزلىك
ئامىللىرىدىن
ساقلىنىڭ. تۇرغۇن
يىلتىزنىڭ «
مىللىتىمىزنىڭ
يۈرۈش -
تۇرۇشتىكى
ئەدەپ -
ئەخلاق
يوسۇنلىرى»
ناملىق
ماقالىسىدىن
ئېلىندى. بۇ
ماقالە «
جۇڭگو
مىللەتلىرى
»
ژۇرنىلىنىڭ
2005- يىللىق 1-
سانىدا
ئېلان
قىلىنىدۇ. |