ھۆرمەتلىك
ئوقۇرمەن : «يىلدا
بىر يېڭىلىق
يارىتىش »
ئەنئەنىمىز
بويىچە،
تۆۋەندىكىدەك
يېڭىلىقلاردىن
سىزنى
ۋاقىپلاندۇرىمىز: 1.
مۇھەررىرلەر
سەھىپە
تەقسىماتى .
ژۇرنىلىمىزنىڭ
ھەر بىر
سەھىپىسىدىكى
ئەسەرلەرنى
تېخىمۇ
سەرخىللاشتۇرۇش
ئۈچۈن
،مۇھەررىرلىمىزنىڭ
ئالاھىدىلىكىگە
ئاساسەن
،سەھىپىلەرنى
تەقسىم
قىلدۇق.
مۇھەررىرلىرىمىز
ئۆزى
ئۇيۇشتۇرغان
، تاللىغان
ۋە كۆڭۈل
قويۇپ
تەھرىرلەپ
تەييارلىغان
ئەڭ ئېسىل
ئەسەرلەرنى
ھۇزۇرىڭىزغا
سۇنىدۇ،
شۇنداقلا
سىزنىڭ
نازارىتىڭىزنى
قوبۇل
قىلىدۇ.سەھىپىلەرنىڭ
باشقۇرۇلۇشى
توغرۇلۇق
سىزنىڭ
قىممەتلىك
پىكىر C
تەكلىپ ۋە
مەسلىھەتلەرنى
بېرىشىڭىزلارنى
قارشى
ئالىمىز. 2.
يېڭى
سەھىپىلەر.1)
ژۇرنىلىمىز
مۇشتەرىلىرىنىڭ
باشقا
مەتبۇئاتلاردىكى
نادىر
ئەسەرلەردىن
ھۇزۇرلىنىشىنى
نەزەردە
تۇتۇپ،«
چىمەنلەر
ئىچىدە
نازۇك چىمەن
بار »
ناملىق يېڭى
سەھىپىنى
تەسىس
قىلدۇق. بۇ
سەھىپىگە
ھەرقايسى
ژۇرناللاردا
ئېلان
قىلىنغان ۋە
شۇ
ژۇرناللارنىڭ
باش
مۇھەررىرلىرى
تەۋسىيە
قىلغان
ھەرخىل
ژانىردىكى
ئىخچام،نادىر
ئىجادىي
ئەسەرلەر
بېرىلىدۇ.2) «مىللەت
ۋە ئەدەپ -
ئەخلاق»
ناملىق يېڭى
سەھىپىمىزدە،مىللىتىمىزنىڭ
ئەنئەنىۋى
ئەدەپ C
ئەخلاق
ئۆلچەم،يوسۇنلىرىنى
ئىخچام
سۆزلەيدىغان
ۋە
كىشىلەرنى
ئەخلاق
پەزىلەت
گۈلىستانىغا
باشلايدىغان
ماقالە C
ئەسەرلەر
بېرىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن
بىر چاغدا،
دۇنيانىڭ
ھەرقايسى
جايلىرىدىكى
تۈرلۈك
مىللەتلەرنىڭ
ئېسىل
ئەخلاق _
پەزىلەتلىرى
بايان
قىلىنغان
ماقالىلەر،ئەدەپ
C ئەخلاققا
ئۆزگىچە
تەبىر
بېرىلگەن
ماقالىلەر
ئېلان
قىلىنىدۇ.چەت
ئەللەرنىڭ
ئەدەپ C
ئەخلاققا
ئائىت
ئىلغار
تەرەپلىرىنى
تونۇشتۇرۇشتا،«شاكىلىنى
چىقىرىپ
تاشلاپ،مېغىزىنى
قوبۇل قىلىش
»
پرىنسىپىداچىڭ
تۇرىمىز.3) «مۇكاپاتلىق
سوئال»سەھىپىمىز
«بەت ئاستى
چىمەنزارى»
سەھىپىمىزنىڭ
بىر تارمىقى
بولۇپ،
ژۇرنىلىمىزنىڭ
مۇشتەرىلىزىمىز
قولىغا
تېگىپ
بولغان
يېقىنقى
سانلىرىدىن
سوئال
چىقىرىلىپ،
سوئاللار بۇ
سەھىپىدە ۋە
ژۇرنىلىمىزنىڭ«سەلتەنەت»(seltenet)
ئىنتېرنىت
تور بېتىدە
ئېلان
قىلىنىدۇ.ھەر
سان
ژۇرنالدىكى
بەشتىن
ئارتۇق
سوئالغا
توغرا جاۋاب
بەرگۈچىلەرنىڭ
نام- شەرىپى،
سۈرىتى ۋە
قىسقىچە
تەرجىمىھالى
ئىنتېرنىت
تور
بېتىمىزدە
ئۇدۇللۇق
ئېلان
قىلىنىدۇ.ژۇرنىلىمىزنىڭ
پۈتۈن
يىللىق 6
سانىدىكى
سوئاللارنىڭ
بىر قىسمىغا
توغرا جاۋاب
بەرگۈچىلەر
ئىچىدىن يىل
ئاخىرىدا «مۇنەۋۋەر
ئوقۇرمەن»
تاللاپ
چىقىلىدۇ،
تاللاپ
چىقىلغان
ئوقۇرمەنلەرنىڭ
نامى
ژۇرنىلىمىزدا
ۋە ئىنتېرنىت
تور
بېتىمىزدە
ئېلان
قىلىنىدۇ،ھەمدە
ئۇلار
ژۇرنىلىمىز
ئۇيۇشتۇرغان
بەزى
پائالىيەتلەرگە
تەكلىپ
قىلىنىدۇ.
ئۇلارغا
ژۇرنىلىمىزنىڭ
2005- يىللىق
توپلامى
تەقدىم
قىلىنىدۇ
ياكى
ژۇرنىلىمىزنىڭ
2006-يىللىق بىر
يۈرۈش
سانلىرىغا
ھەقسىز
مۇشتەرى
قىلىپ
بېرىلىدۇ؛
ژۇرنىلىمىزدىكى
ئېسىل
ئەسەرلەردىن
تاللاپ
تۈزۈپ نەشر
قىلىنغان «كۆڭۈل
سوۋغىسى»،«جەزبدار
گۈلدەستىلەر»
ناملىق
كىتابلىرىمىز
سوۋغا
قىلىنىدۇ(مۇنەۋۋەر
ئوقۇرمەنلىرىمىز
ئۆز
ئېھتىياجىغا
ئاساسەن،
ژۇرنىلىمىزنىڭ
2006-يىللىق
سانلىرىغا
ھەقسىز
مۇشتەرى
بولۇش ياكى «كۆڭۈل
سوۋغىسى»،«جەزبدار
گۈلدەستىلەر»
ناملىق بىر
يۈرۈش
كىتابلىرىمىزنى
تەقدىم
قىلىشىمىزنى
تاللىسا
بولىدۇ). مۆھتەرەم
ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ
يۇقىرىدا
قەيت
قىلىنغان
يېڭى
سەھىپىلىرىمىزگە
يېقىندىن
كۆڭۈل
بۆلۈشىنى،
نازارەت
قىلىشىنى ۋە
ساھىبقەلەم
ئاپتورلىرىمىزنىڭ
بۇ
سەھىپىلەر
ئۈچۈن ئېسىل
ئەسەرلەرنى
يېزىپ
بېرىشىنى
قىزغىن
قارشى
ئالىمىز.
ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ
قىممەتلىك
ۋاقىتلىرى
ئىچىدىن
ۋاقىت
چىقىرىپ، «مۇكاپاتلىق
سوئال»
پائالىيىتىمىزگە
ئاكتىپ
قاتنىشىشىنى
سەمىمىي
ئۈمىد
قىلىمىز.
|