‏ناچار ھاۋا

ئايال: ئەگەر ئەتە ھاۋا ئوچۇق بولسا، كىيىم سېتىۋالغىلى بازارغا چىقىمەن. بايا تېلېۋىزوردا ئەتە ھاۋارايىنى قانداق بولىدۇ دەيدۇ؟

ئەر: چاقماق چېقىپ قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، بوران چىقىدىكەن، قاتتىق يەر تەۋرەش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن.

 

باش ۋە بويۇن

بىر دىرېكتور قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ماختىنىپتۇ:

 مەن بۇ يەردە «باش» ھېسابلىنىمەن.

بىر خادىم سوراپتۇ:

 خوجايىن، سىز ئۆيدىمۇ باش بولۇپ ھېسابلىنامسىز؟

 ئەلۋەتتە!

 ئۇنداق بولسا ئايالىڭىزچۇ؟

 ئۇ دېگەن بويۇن.

 بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟

 باش ئۇياق  بۇياققا قارىماقچى بولسا، ئاۋۋال بويۇندىن رازىلىق ئېلىشى كېرەك  تە!

 

ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق

ئايال: ئېرىمنى ئىزدەۋاتقىنىمغا ئىككى سائەت بولدى، تاپالمىدىم، ئۇ نەگە كەتكەندۇ؟

قېرى قىز: كىچىككىنە ئىشكەنغۇ بۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. مانا مەن ئەر دېگەننى ئىزدىگىلى توپتوغرا قىرىق يىل بولدى، تا ھازىرغىچە تاپالىغىنىم يوق.

 

گەپ باشقا، نىيەت باشقا

بىر ئايال گېزىتتىكى بىر ماقالىنى ھۇزۇرلانغان ھالدا ئوقۇپتۇ: « يېڭى پاسوندىكى قۇلايلىق كىيىملەرگە، مەسىلەن، دەرىجىدىن تاشقىرى كالتە يوپكا ۋە كالتە ئىشتانلارغا ئىنتىلىدىغان ئاياللار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقتىن، شوپۇرلار سۈرئەتنى ئاستىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن كوچىلاردا يۈز بېرىدىغان قاتناش ھادىسىلىرى ئەسلىدىكىدىن يېرىم ھەسسە ئازايدى ».

بۇ چاغدا، تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان ئەر گەپ قىستۇرۇپتۇ:

 ئۇنداق بولسا قاتناش ھادىسىلىرىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىشكە كەسكىن تەدبىر قوللىنىلسا بولمامدۇ؟

 

يول سورىغۇچىغا قىزىقارلىق جاۋاب  

بىر كۈنى بىر يولۇچى ئىزوپتىن يول سوراپتۇ:

 شەھەرگە يەنە قانچىلىك ماڭسام يېتىپ بارالايمەن؟

 مېڭىپ باقمامسىز،  دەپتۇ ئىزوپ.

 مېڭىشنىغۇ ماڭىمەن،  دەپتۇ يولۇچى،  مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شەھەرگە بېرىشقا نەچچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟

 مېڭىڭ دېگەندىكىن مېڭىپ باقمامسىز!

يولۇچى ئۇنى قاملاشمىغان ئادەمكەن، دەپ ئويلاپ قېلىپ، خاپا بولۇپ مېڭىپتۇ.

 ئىككى سائەتتە،  دەپ ۋارقىراپتۇ ئىزوپ ھايال ئۆتمەيلا.

 نېمىشقا بايا دەپ بەرمەيسىز؟  سوراپتۇ يولۇچى.

 سىزنىڭ ئاستا ياكى ئىتتىك ماڭىدىغىنىڭىزنى بىلمىسەم،  دەپتۇ ئىزوپ،  نەچچە سائەتتە بارىدىغانلىقىڭىزنى نەدىن بىلەي!

 

يول بېرىش

گېرمانىيە شائىرى گيوتې باغچىغا سەيلە قىلغىلى بېرىپتۇ، ئۇ بىرلا ئادەم پاتىدىغان چىغىر يولدا كېتىۋاتسا، بىر تەنقىدچى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قاپتۇ.

 مەن ئەزەلدىن قاپاقباشقا يول بېرىپ باققان ئەمەس،  دەپتۇ تەنقىدچى.

 مەن دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە  ! دەپتۇ گيوتې ۋە كۈلگىنىچە يولنىڭ چېتىگە ئۆتۈپ تۇرۇپتۇ.

 

لەۋنى قولنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش

بىر دوختۇر بىر ياتاققا كىرسە، سېستىرا قىز بىر كېسەل بىلەن سۆيۈشۈۋاتقۇدەك. سېتىرا دوختۇرنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كېتىپتۇ  دە، ئالدىراپ چۈشەندۈرۈپتۇ:

 قەسەم قىلىمەن، مەندە خاتالىق يوق ! بۇ كېسەل «كالپۇكۇم قىزىپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى، تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەي دېسەم، قولۇم پاسكىنا ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدۇم.


: wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks