‏ئىككى شېئىر

 

روھ تەلقىنلىرى

 

غەپلەت

قۇچىقىمدا تولغىنىدۇ بىر پەرى،

بولدى جىسمىم ئېرىپ سىماب دەرياسى.

چۆچۈپ قوپسام چۈشەكىگەن جەننەتتىن،

ياتقان يېرىم ئىلان، چايان دۇنياسى.

ئويغىنىش

نەپەسلىرىم دالىلاردا ھۇشقىتار،

تۈگۈلمەكتە مۇشتۇم قاراقۇرۇمدەك.

ئۆركەشلەيدۇ تومۇرۇمدا خالاستان،

چوققىلارمۇ تىزلانماقتا قۇلۇمدەك.

ئۈمىد

ئايىغىمدا پايانى يوق جەزىرە،

تەشنالىقنىڭ كۆزى چۈشتى بۇ جانغا.

چىللاپ - چىللاپ مېنى ئالۋۇن دەرياسى،

باشلاپ چىقتى كەۋسەر ئاققان بوستانغا.

ئەقىدە

ئۇزۇن - قىسقا يارالغان بۇ بارماقلار،

ئەمدىلىكتە تۇرار ئىكەن ئېچىلىپ.

بەرسە ۋۇجۇد گەرغەزەپتىن سىگنال،

لەھزە ئۆتمەي تۈگۈلەركەن قېتىلىپ.

مەنزىل

گىرە سېلىپ تۇرغىنىدا بوينۇمغا،

خالاس قىلىپ نىگار كونا پىراقتىن.

ۋۇجۇدۇمغا تۇتاشتۇردى يېڭى ئوت،

بىر پەرىزات شەرەت قىلىپ يىراقتىن.

بەخت

كۆۋرۈك سالدىم دولقۇنلىغان دەرياغا،

كەلدى كۈرمىڭ ئاۋام لېنتا كەسكىلى.

تاسلا قالدىم «ياشا  !» دېگەن ئەلكۇننىڭ،

ئايىغىدا يەنچىلىپلا كەتكىلى.

 

يەتتە بەڭگى

 

ئولتۇراتتى يەتتە بەڭگى بەڭ چېكىپ،

ئۆتتى دېھقان بىر قوچقارنى يېتىلەپ.

تارقىلىشتى بۇنى كۆرگەن بەڭگىلەر،

بىر - بىرىگە نېمىنىدۇر جىكىلەپ.

 

يولۇقۇشتى گويا خالىس نەزەردە،

يەتتە بەڭگى يەتتە جايدا دېھقانغا.

يەتتەيلەننىڭ سوئاللىرى ئوخشايتتى،

يەتتە ئوۋچى بىللە قۇرغان قاپقانغا:

 

نەگە ئېلىپ ماڭدىڭىزكىن بۇ ئىتنى؟

تالىشىشقا يارامدىكىن ئىتىڭىز؟

قوي نەسلىمۇ، ئىت نەسلىمۇ بۇ جانۋار؟

مەرەمدىكىن، قاۋامدىكىن ئىتىڭىز؟

 

بۇ ناكەسلەر قوينى نىچۈن ئىت دەيدۇ؟!

چاقتى چاقماق دەسلەپ دېھقان كۆزىدىن.

ئاستا - ئاستا «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دەپ،

ئىشەنچىسى خىرەلەشتى ئۆزىدىن.

 

«ئالجىپتىمەن» دېگەن جەزم ناھايەت،

ئىگىلىدى ئۇنىڭ خىيال - ئويىنى.

يەتتىنچى رەت سورالغاندا شۇ سوئال،

«چاغ، لالما!» دەپ قوغلىۋەتتى قويىنى.

 

قوينى سويۇپ مەززە قىلدى بەڭگىلەر،

چاڭ كەلتۈرۈپ ئالىتاغىل ناخشىنى.

نادانلىقنىڭ زەخمىتىدىن قاينىدى،

تادانلىقنىڭ بەزمىسى شۇ ئاخشىمى.

 

«كۆپچىلىك»كە شەك - شۈبھىسىز باش ئۇرۇش،

ھاكىم ئىدى ساددا دېھقان ئېڭىدا.

ئۆلچىسە كىم شۇنداق بولۇر تەقدىرى،

ھەق - ناھەقنى ئۆزگىلەرنىڭ جىڭىدا.

 

(ئاپتور: قاغىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا)


Dor'H bor'W : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks