‏مەن ۋەتەننىڭ ھەممە نېمىسى

(نەسرلەر)

   

دېھقان

 

دېھقان  يەرنى سۆيگەن، يەرگە كۆيگەن، يەر ئىشقىدا پۇچۇلانغان، ھىجران خۇمدانلىرىدا تاۋلانغان ئاشىق.

دېھقان  يەر بىلەن تومۇرداش، يەر بىلەن نەسىلداش، يەر بىلەن نەپەسداش، يەر بىلەن پىكىرداش، يەر بىلەن دوست - ئاداش ئىنسان.

دېھقان  ئۆز ئەجىر - تەرى ئارقىلىق جانلىقلارغا دان، نان يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ئەلچى.

دېھقان  جاپادىن، ئەجىر - مېھنەتتىن، سېسىق - مەينەتتىن قورقمايدىغان باتۇر.

دېھقان  ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن، راھەت - پاراغەتتىن يىراق تۇرغۇچى خىزىر - پەرىشتە 

دېھقان  ئۆمۈر بويى ئەجىر - تەرى ئۈچۈن مىننەت قىلمايدىغان، قوينىڭ قوزىسىدەك ياۋاش، بوۋاقتەك پاك، ھاتەمدەك سېخى، نۇشرىۋانى ئادىلدەك ئادىل، رۇستەمدەك ئىشچان ئىنسان.

دېھقان  توغراقتەك چىداملىق، زېمىندەك مەرد، ئېقىن سۇدەك جۇشقۇن، قۇياشتەك ھەممىنى تەڭ بەھرىلەندۈرگۈچى مېھماندوست ئادەم.

دېھقان  دۇنيادىكى بارلىق بايلىقلارنىڭ ياراتقۇچىسى، تاراتقۇچىسى، خەزىنىلەرنىڭ ئامبارچىسى، ئادەملەرنىڭ گۈلتاجى، ھاياتلىقنىڭ يادروسى 

 

دېھقان بولغاچ تۇرار يەر ئۆرە،

ئاپتاپ كۆرەر جىمىكى مۈرە 

 

مەن ۋەتەننىڭ ھەممە نېمىسى

 

مەن  چەكسىز دېڭىزدا يېگانە قولۋاقتا ئولتۇرۇپ، سەيلە قىلىۋاتقان غېرىب سەيياھ.

مەن  تەتۈر قۇيۇنلار ئۇچۇرۇپ يۈرگەن بىچارە غازاڭ 

مەن  يىراق - يىراقلاردىن شىلدىرلاپ ئېقىپ كېلىپ، تەكلىماكان باغرىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان جۇشقۇن - ئويناق ئېقىن سۇ.

مەن  ئۆز قېرىنداشلىرىم ئالدىدا يۈرىكى بىلەن توختىماي سۆزلەيدىغان گاچا.

مەن  كۆزى يوق كۆرەلەيدىغان ، قۇلىقى يوق ئاڭلىيالايدىغان ، تىلى يوق سۆزلىيەلەيدىغان ، پۇتى يوق ماڭالايدىغان ، سەزگۈسى يوق تېتىيالايدىغان ، ھېس - تۇيغۇسى يالىڭاچلانغان قىلىچتەك پارقىراپ تۇرىدىغان ئۆلۈك.

مەن  تىمتاس دالىلارغا، تاغ - يوتىلارغا، قۇرت - قوڭغۇزلارغا، يىلان - چايانلارغا، ئىزگۈ نىيەتلىك  ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە، پاسىق تەنلەرگە، تاڭدەك ئاقىرىپ ياتقان دۈمچەك - دۈمچەك قەبرىلەرگە، جۈملىدىن كۈللى كائىناتتىكى جىمىكى نەرسىلەرگە توختاۋسىز نۇر سېپىپ تۇرىدىغان ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ سېخى قۇياش.

مەن  تەقدىرى قىلىچ ئۇچىغا ئىلىنىشىپ قالغان ئۇپۇق سىزىقىدىكى رەڭگارەڭ ھەسەن - ھۈسەن.

مەن  ئۆزى ئاپىرىدە بولغان ئانا زېمىندىن مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان غايەت زور گۆھەر تاش 

مەن  بەختسىزلىك ئىچىدىن بەخت، دەرد - ئازاب ئىچىدىن شادلىق - پاراغەت، پالاكەت ئىچىدىن نۇسرەت تاپقۇچى بەختىيار ئادەم.

مەندە نۇرغۇن - نۇرغۇن نەرسىلەر يوق. بىراق نۇر، ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق، ئۇرۇق، ئارزۇ - تىلەك، تالماس بىلەك، ئەڭ مۇھىمى كاۋاپداندا ۋىژىلداپ پىشىۋاتقان كاۋاپقا ئوخشاش كۆيۈپ تۇرىدىغان ئاتەش يۈرەكلا بار 

مەن  ۋەتەننىڭ ھەممە - ھەممە نېمىسى

 

سايەمگە

 

ئەي سايەم، سەن نېمىگە ئوخشايسەن؟ قارا سىياھ بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلانغان  ئوقۇغىلى بولمايدىغان خەتكە، مەقسەت - مۇددىئاسىنى بىلگىلى بولمايدىغان شۇم نىيەتكە، جىن - شاياتۇنلارغا ئوخشايسەن! قۇياش پارلىغاندا، ئاي بالقىغاندا، چىراغلار چاراقلاپ يانغاندا  خۇددى ھارۋىغا قېتىلغان ئېشەكنىڭ تەخىيىدەك مېنىڭ ئالدى - ئارقامدا، ئوڭ - سولۇمدا گېدەيگىنىڭچە پەيدا بولۇپ، مەندىن خېلىلا ئۇزىراپ كېتىسەن. ھەتتا ماڭا يول باشلاۋاتقاندەك ئالدىمدا شاپاشلاپ يۈرىسەن 

مەن كىتابلارنىڭ گۈل بەتلىرىگە مىقتەك قادالغان، تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان، ئىجاد - كەشپىيات ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىۋاتقاندا بولسا نەگىدۇر غايىب بولىسەن.

مەن گەپتە، نەپتە بار، غەمدە يوق؛ ساندا، ھەردەمدە بار، ھەمدەمدە يوق؛ ئاشتا بار، ئىشتا يوق؛ كۈندۈزدە بار، تۈندە يوق ھارامتاماقلاردىن تولىمۇ بىزار.

يوقال، ئەي قولىدىن ئىش كەلمەس، ئەلگە نەپ بەرمەس، جان باقار سايەم!

 

دوستلۇق ئالبۇمى

 

مەن ھاياتلىق سەپىرىمنىڭ 40 - داۋىنى ئالدىغا كەلگىنىمدە، كونىلارنىڭ: «ئادەم قىرىق ياشقا كىرىپمۇ ئەقلىنى تاپالمىسا، ھايۋاندىن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ» دېگەن سۆزى خىيالىمدىن كېچىپ قالدى.

مەن دوستلۇق ئالبومىمنى قولۇمغا ئېلىپ، ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرغان ھەربىر دوستۇمنىڭ چىراي شەكلى، قىياپىتى، قاش - كۆزلىرى، سۈرەتكە چۈشكەن چاغدىكى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان مەنزىرىلەرگە سەپسېلىپ خۇددى ئۇستا پسىخولوگىيە دوختۇرىدەك ئانالىز قىلىپ چىقتىم. بۇ جانسىز دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىدىن قامەتلىك ھەم چىرايلىق بولسىمۇ، ئەمما جانلىق دوستلىرىمنىڭ پەرقى خېلىلا زور ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنى ئۆتكەمە، غەلۋىر، يۇپقائەلگەك ۋە توقائەلگەكلەردىن ئۆتكۈزۈپ، بىر - بىرلەپ تاسقاپ چىقتىم:

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساداقەتمەنلىك، سەمىمىيلىك، پاكلىق، ئالىيجانابلىق، مىللىي روھ، ئىلىم - مەرىپەتتە كامالىي ئەقىل، مىللەتنىڭ كەلگۈسى  ھەققىدە توختىماي ۋالاقلىسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە پايدا - مەنپەئەت، قۇۋلۇق - شۇملۇق، كاززاپلىق، پۇرسەتپەرەسلىك، شارابخورلۇق، ئەيش - ئىشرەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئەمەل - تاج كويىدا پۇچۇلۇنۇپ ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ يۈرەتتى  بۇنداقلار باشقىلارنىڭ كەمسىتىش ئوبيېكتى بولغاچقا، روھىي زۇلۇم، ئازاب بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا ئىڭراۋاتاتتى  مەن بۇلارنى دوستلۇق ئالبۇمىمدىن رەھىمسىزلەرچە چىقىرىپ تاشلىدىم.

يەنە بەزىلەر ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۈن - تىنسىز ئىشلەپ، ۋەتەن ۋە مىللەتكە تۆھپە قوشۇۋاتاتتى . ئۇلار ئالدىنقىلاردەك داۋراڭ سالمايتتى، پايدا - مەنپەئەت، ھوقۇق  دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى. ھاراق - شاراب، ئەيش - ئىشرەتنى تەرك ئېتىشكەنىدى. ئۇلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتۇراتتى. ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيىلەشنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مەبلەغ سالاتتى. «ۋاقتىڭ كەتتى  بەختىڭ كەتتى» رىسالىسىنى پىششىق بىلەتتى. جۇشقۇن مىللىي روھ بىلەن ئالىيجاناب مىللىي پەزىلەتكە نائىل ئىدى. مائارىپقا خۇددى مېھرىبان ئانىدەك كۆيۈنەتتى. كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى  ئوقۇغۇچىلارنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايتتى 

مەن ئاشۇنداق پەزىلەت ئىگىسى  چىن دوستلىرىمنىڭ سۈرىتىنى قولۇمغا ئېلىپ، تىكىلىپ تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كېيىن، توپا باسقان چىرايلىرىنى يۈرىكىم بىلەن سۈرتۈپ، يېڭى ئالبۇم تەييارلاپ، چىرايلىق تىزىپ چىقتىم ۋە «ياشاپ كېتىڭلار ئەزىمەتلەر!» دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم 

 

كىم ئۇ 

 

كىم ئۇ، مېنىڭ خاتىرجەملىكىمنى بۇزۇپ، كۆڭۈل كۆلچەكلىرىمگە داڭگال ئېتىپ، داۋالغۇتۇۋاتقان؟

كىم ئۇ، مېنى بېلىققا ئوخشىتىپ، قىزىق قۇملۇققا تاشلاپ، چاكىلدىتىۋاتقان؟

كىم ئۇ، مېنى قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ قورۇۋاتقان؟

كىم ئۇ، مېنى ۋەھشىي چىل بۆرىگە ئوخشىتىپ كىرپىك ئوقيالىرى بىلەن ئوۋلاۋاتقان؟

كىم ئۇ، مېنى چالما - كېسەكلەرگە ئوخشىتىپ ئىشق - مۇھەببەت خۇمدانلىرىدا تاۋلاۋاتقان؟

كىم ئۇ، يۈرىكىمنى ئالمىغا ئوخشىتىپ، كۆزلىرىدىن ئاققان تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ، ئىچىدىن قۇرتتەك غاجاپ يەۋاتقان؟

كىم ئۇ، يۈرىكىمگە بازغان ئۇرۇپ نەپەس ئالدۇرمايۋاتقان؟

كىم ئۇ، ماڭا بىچارىلەرگە ئوخشاش ئاشىقى بىقارار بولۇپ، دىل رىشتىمنى ئۈزەلمەيۋاتقان؟

كىم ئۇ 

 

ئارمان، سۆيگۈ ۋ رېئاللىق

 

ئارمانلار ئەسەبىي ھېسلارنىڭ گىرۋەكلىرىدە يېڭى - يېڭى ئارمانلارنى تۇغۇپ ياشنايدۇ. بەزىدە رېئاللىق ئارمانلارغا مىنگەشكەن غايە - ئىستەكلەرنى بەربات قىلىپ، تۇنجۇقتۇرۇپ تاشلايدۇ. تۇرمۇشنىڭ يېپيېڭى ئىستەكلىرى كۆزلەرنى توختاۋسىز ياشلايدۇ 

ئىشق - مۇھەببەت ئوتى تۇتاشقان يۈرەكلەردە ماگما قاينايدۇ. ئۇنىڭغا ئانتاركتىكانىڭ مۇزلىرىمۇ كار قىلمايدۇ. ئازابنىڭ، تۆلىگەن بەدەلنىڭ ھەربىر بابىدىن تۈمەنلىگەن پەرھاد - شېرىن، غېرىب - سەنەم، تاھىر - زۆھرە  لەر ئۈنۈپ چىقىدۇ. سۆيگۈ گۈلخانلىرىدا پۇچىلانغان قىز- يىگىتلەرنىڭ روھى ۋە جىسمىدىن ئاپىرىدە بولغان يېڭى سۆيگۈ داستانلىرى پۈتۈلىدۇ. ھاياتلىق ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدۇ 

كۈللى كائىنات پاك سۆيگۈدىن بەخت بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىدۇ. سۆيگۈسىز دۇنيادا ھېچقانداق لەززەت، راھەت - پاراغەت بولمايدۇ.

ئىخلاس - ئەقىدە، ۋاپا - ئېتىقاد قۇياشى بالقىپ سېخى نۇرلىرىنى چاچقاندا، دوستلۇق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ  شۇڭا ، مۇئەللىپ قۇرلارغا مۇنداق قەلەم چېكىدۇ :

سۆيگۈسىز دۇنيانىڭ نېمە لەززىتى؟

سۆيگۈدىن قۇتبەخت تاپىدۇ ئىنسان!

بولمىسا ئادەمدە ئېتىقاد، ئارمان،

ئۇ، ئۆرە يۈرگۈچى گال باقتى ھايۋان 

 

(ئاپتور: خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى گېزىت - ژۇرنال تەھرىراتىدا)


iojoE hymtDoC+'" : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks