‏بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا

 

ئورمان

 

ئورمان. ئايدىڭ كېچە. دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئاندا - مۇندا ئەسكەن شامالدىن شىرىقشىپ قويىدۇ. ئاي نۇرى ئالدىمدىكى بىر پارچە چىملىقنى سۇس يورۇتۇپ تۇرىدۇ. بىر يەرلەردە ئالا سايە، نېرىسى سۇس قاراڭغۇچىلىق؛ بىر يەرلەردە قارا سايە، نېرىسى قاپقاراڭغۇچىلىق.

«ھۇۋ » تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

بۇ نېمە ئاۋازدۇ؟

بوراننىڭ ھۇۋۇلدىشىمۇ؟ ياق، ئوخشىمايدۇ! پىلنىڭ ۋارقىرىشىمىدۇ؟ ياق، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشىمايدۇ!

«ھۇۋ »، «ھۇۋ » ئاۋاز كۈچەيدى.

توۋا، خۇددى جىن - ئالۋاستىلار دەل - دەرەخلەرنىڭ كەينىگە مۆكۈپ تۇرغاندەك، ھېلىلا ئۇياقتىن - بۇياققا يۈگۈرىدىغاندەك ياكى ئاقۇش بەستى بىلەن سۈرلۈك سايە تاشلاپ يوپۇرۇلۇپ ئۇچىدىغاندەك، بىر بولسا شامالدا قالغان ئىنچىكە شاخلاردەك ئىرغاڭشىپ، بىر بولسا كارىكاتورىلاردىكى مەست بولغان پىل سىياق تولغىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغاندەك بىر كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدىغۇ!؟

مەن بېشىمنى چايقىۋەتتىم، كۈچەپ چايقىدىم، كۆز ئالدىمدىكى خىيالىي مەنزىرە يوقالدى، لېكىن ئەتراپىمدا شىپىرلىغان بىر خىل ئاۋاز پەيدا بولدى. مەن ئەتراپىمغا قارىدىم، دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە قارىدىم، ھېچ نەرسە يوق؛ كەينىمگە قارىدىم، ئوخشاش، ئالدىمغا قارىدىم، يەنە ھېچ نەرسە يوق، سول يېنىمدىمۇ شۇ. ئوڭ تەرىپىمگە قارىدىم، چاتقاللىق ئىچىدىن كۆزۈمگە پىلىلدىغان بىر نەرسە كۆرۈندى. مەن ئۇ نەرسىگە تىكىلىپ قارىدىم. ئۇ چوغدەك يېنىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ تېنىم جۇغۇلدىدى، تەرلىدىم. مەندە ئۇنىڭ نېمىنىڭ كۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشقۇدەك جۈرئەت قالمىغانىدى. دەرھال ئۆزۈمنى چېدىرىمغا ئالدىم، بۇمۇ يەتمىگەندەك ئىشىكنى مەھكەم ئېتىپ ئىچىدىن تاقاق سېلىپ قويدۇم. نېمىلا دېگەن بىلەن ھوشيار بولغان يەردە بالا يوق - دە!

 

چېدىر ئىچىدە

 

چېدىر ئىچى. چاڭغىراققا تىكىلگىنىمچە كۆككە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىمەن. كۆكتىكى ئاي پەرىشان ھالىمغا ئىچ ئاغرىتقاندەك، ماڭا مۇڭلۇق قاراپ تۇرىدۇ. يۇڭ - كاشايىپلار چېدىرنىڭ كەرەگە - ئوۋۇقلىرىنى مەھكەم چىرماپ تۇرغاندەك، مېنىڭ كاللامنىمۇ ھەر خىل خىياللار چىرمىۋالغان. قانداق قىلساممۇ ھېلىقى بىر جۈپ كۆز كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. نېمىدېگەن سۈرلۈك كۆزلەر - ھە! چوغدەك يېنىپ تۇرۇشلىرىچۇ!

كۆزلەر! كۆزلەر  !

تەڭرىم، مەن كۆزلەردىن: سۈر يېغىپ تۇرغان كۆزلەردىن، مەككارلىق، پىتنىخورلۇق چاقناپ تۇرغان كۆزلەردىن، نەپسانىيەت، شۇملۇق تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلەردىن، ھەسەت ۋە ۋەھشىيەت ئويناپ تۇرغان كۆزلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، بۇ ئادەمسىز دالىدىن ماكان تۇتقان ئەمەسمىدىم؟! راست، مەن بايامقى كۆزدىن سۈردىن بۆلەك نەرسە ھېس قىلمىدىم، لېكىن كۆز  مۇھەببەت ھېس قىلدۇرالمىغان كۆز نەئۈچۈنكى ساڭا باشقا كۆزلەرنىمۇ ئەسلىتىپ قويىدىكەن.

مەن جىق ئويلىدىم، ئۆزۈم ياشىغان، مەن بىزار بولغان مۇھىتنى ئويلىدىم، ئەمدى مەن ياشايمەن دەپ كەلگەن بۇ مۇھىتنى ئويلىدىم. خىيالىم يەنە بايامقى بىر جۈپ كۆزگە مەركەزلەشتى.

ئۇ ئەتراپىمدا نېمە قىلىدىكىنە؟

بۇ سوئالىمغا جاۋاب ئىزدەپ چېدىر ئىچىگە ئەلەڭلەپ قارىدىم، تۈڭلۈككە قارىدىم. ئاي ماڭا يەنە مۇڭلۇق قاراپ تۇرىدۇ. كىچىك يۇلتۇزلار كۆزىنى چىمچىقلىتىپ ھەيران، چوڭ يۇلتۇزلار يەنە ھېلىقى كۆزلەرنى ئەسلەتكەندەك يېنىپ تۇرىدۇ  خىيال دولقۇنلىرىدا تولا تاسقىلىپ ھارغان بولسام كېرەك، ئاخىر كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىندى.

 

تاڭ

 

ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئويغاندىم، تۈڭلۈككە قارىسام، تاڭ گىرىمسەن سۈزۈلۈپتۇ. سۈبھى چېغى دەپ ئويلاپ تۇرۇۋېدىم، چاڭغىراق چېتىدىن كۈچلۈك بىر نۇر ۋاللىدە چاقنىدى، ھەش - پەش دېگۈچە ئۆينى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەن كۈچلۈك نۇردىن قاماشقان كۆزلىرىم ئىختىيارسىز يۇمۇلدى، كۆزلىرىمنى چىمچىقلىتىپ زورىغا ئاچتىم. ھوي  كۆزلىرىمنى جامدەك ئېچىپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم. ئالدىمدا  نۇر قوتىنىنىڭ ئىچىدە كۆك ياللىق بىر بۆرە تۇراتتى. قېتىپلا قاپتىمەن، قانچىلىك ۋاقىت قېتىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، بىر ئاۋازدىن ئېسىمگە كەلدىم، بۇ ئاۋاز دەل ئالدىمدىكى بۆرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ ھۇۋلىغانىدى. بۇ ھۇۋلاش ئاخشام يىراقتىن ئاڭلانغان ھېلىقى ھۇۋلاش ئاۋازىنىڭ ئۆزى ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم، ئۇنىڭ كۆزى يېنىپ تۇراتتى. بۇ ئاخشام چاتقاللىقتا كۆرۈنگەن ھېلىقى كۆزنىڭ ئۆزى ئىدى، لېكىن سۈرلۈك ئەمەس ئىدى. توۋا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ۋەھشىيلىك چىقمايدىغۇ؟ مۆلىلدەپ تۇرغىنى ئۇنىڭدىكى سەمىمىيلىكمىدۇ؟ كۆزلەرنىڭ دەقىقىلىك ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئۇ كۆزىنى مەندىن ئەپقاچتى، نېمىشقىدۇر، بىلمىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆزۈمگە ئىسسىققىنا كۆرۈندى. توۋا، بۇ «قۇياش بولۇپ كىرگەن، كۆك بۆرە بولۇپ چىققان ئىشق»نىڭ  مۇھەببەتنىڭ كارامىتىمىدۇ؟ مەن يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە قارىمىدى. بۇ ئۇنىڭ «سەمىمىيلىكنى كۆزلىرىمدىن ئەمەس، ھەرىكىتىمدىن كۆر» دېگىنىمىدۇ ياكى ئىنساننىڭ سىنچى كۆزلىرىنى نەزىرىگە ئىلمىغىنىمىدۇ؟!

ئۇ مېنى كەينىدىن مېڭىشقا ئىشارە قىلدى. تۈڭلۈكتىن چۈشكەن ھېلىقى نۇرنىڭ خاسىيىتىدىن بولۇۋاتامدۇ ياكى ئۇنىڭ كۆزىدىكى نۇر مېنى سېھىرلەپ قويدىمۇ، بىلمىدىم، ئىشقىلىپ، ئىختىيارلىق چۇلۋۇرۇمنى ئۇ بۆرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم.

 

بۆرە كەينىدىن

 

كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېتىۋاتىمەن. ئورمانلىقتىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ قىرغا قاراپ ماڭدى. مەن ئۆزۈمچە توختاپ قالدىم، كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك مېنىڭ پىكىر دائىرەمنى ئېچىۋەتكەندەك قىلاتتى. مەن نەگە كېتىۋاتىمەن؟ نېمىنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن؟

مەن ئۇ بۆرىگە كەينىدىن قارىدىم. ئۇنىڭ كۆك رەڭگى ئاسمان ئېتىكىدە خۇددى كۆك بايراقتەك كۆزۈمگە تاشلاندى. نېمىلەرنى ئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن، تەسەۋۋۇر ئېكرانىمدا ھەر خىل كۆرۈنۈشلەر تېز - تېز ئالمىشاتتى. يۈزى كۆپكۆك تۇغۇلغان بوۋاق  ئورمانغا چۈشكەن كۆك نۇر  دەرەخ كاۋىكىدا پەيدا بولغان پەرىزات، ئۇنىڭ كۆك كۆزلىرى  كەڭرى كەتكەن كۆكلىمەيدان  كۆك ئاسمان  كۆك تەڭرى  مەن خىيال قۇچىقىدىن يۇلقىنىپ چىقىپ ئالدىمغا قارىغىنىمدا، ھېلىقى «بايراق»نىڭ خېلىلا يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. كۆك تەڭرىنىڭ قۇدرىتىدىنمۇ، بىلمىدىم، دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم. مەن ئۇنىڭغا يېتىشىۋالغىنىمدا، ئۇ بىر بۆرە ئەمەس، بەلكى بىر توپ بۆرە سۈپىتىدە كۆزۈمگە تاشلاندى. چۆچۈپ كەتتىم، كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ، ئاستا ئېچىپ قاراپ باقتىم، ئۇۋىلىۋېتىپمۇ قاراپ باقتىم، ھەتتا بېشىمنى سىلكىۋېتىپمۇ قاراپ باقتىم. ئالدىمدا ھەقىقەتەن بىر توپ بۆرە تۇراتتى. توۋا، بۇ نېمە ئىش؟ ئادەملەر توپىدىن قېچىپ چىققانىدىم، ئەمدى كېلىپ بۆرە توپىغا كىرىپ قالغىنىم نېمىسى؟

 

بۆرىلەر بىلەن ئويناش

 

بىر چاغدا ئۆزۈمنى بىر توپ بۆرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆردۈم، ئۇلار مېنى ئۆزەك قىلىپ چۆرگىلەيتتى، تاقلايتتى، بەزىدە تېخى يۇمۇلاپمۇ قوياتتى. مەن بولسام، چەمبەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدەك قېتىپلا تۇراتتىم.

ھېلىقى بۆرە ماڭا ئىشارە قىلدى. مەن ئۇنىڭ قۇدرەتلىك سېھرى بىلەن ئويۇنغا چۈشتۈم: قاتارغا كىرىپ چۆرگىلىدىم، سەكرىدىم، موللاق ئېتىپمۇ قويدۇم، لېكىن ئۇلار مېنى پات - پات مەركىزىي نۇقتىغا چىقىرىپ قوياتتى. مەن جايىمدا پىرقىرىغىنىمچە، بىلەكلىرىمنى ئوينىتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتۈم، تۇرۇپ - تۇرۇپ بارماقلىرىمدىن قاس چىقىرىپمۇ قويىمەن  ئويۇننىڭ قىزىقى ئاجايىپ بولىدىكەن، بىرئازدىن كېيىن مەندىكى قورقۇنچمۇ، ئەندىشىمۇ، ئىككىلىنىشمۇ، ياتسىراشمۇ يوقىلىپ، ئۆزۈمنى خۇددى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر ئەزادەكلا ھېس قىلىپ قالدىم.

بىرئازدىن كېيىن مېنى باشلاپ كەلگەن ھېلىقى بۆرە ئوتتۇرىغا چىقتى. باشقا بۆرىلەر بىر سۇر بۆرىنىڭ كەينىگە تىزىلدى. ئىككى بۆرە ئاللىقانداق بىر ئاۋازلارنى چىقىرىپ، ئىككىسى بىر - بىرىگە ئۇدۇل ھالدا بىردەم ئوڭغا، بىردەم سولغا تاشلىنىشتى؛ سۇر بۆرىنىڭ كەينىدىكى بۆرىلەرمۇ ئالدىدىكى بۆرە قاياققا تاشلانسا، شۇ ياققا تاشلىناتتى. بۇ ماڭا «قارا - قارا قۇشلارىم» ئويۇنىنى ئەسلەتتى. مەنمۇ دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇۋالدىم، مەن ئۇياققا - بۇياققا سەكرەپ تۇرۇپ ئىچىمدە ئوقۇيتتىم:

 ئاللا - ئاللا، قۇشناچىم

ئارقىڭدىكى نېمىلەرىڭ؟

 قارا - قارا قۇشلارىم.

 ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ،

 كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ.

 

قوشاق ئوقۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، سەپنىڭ سىلجىش دائىرىسىدىن چەتتە قالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن. مېنى ئەكەلگەن بۆرە ئۇدۇل ماڭا تاشلاندى. «بۆلۈنگەننى بۆرە يەر» دېگەن ماقال گۈپپىدە ئېسىمگە كەلدى. ئەگەر بۇ بۆرىنىڭ ماڭا دوستانىلىقى بولمىغان بولسا، بۇ ماقال مېنىڭ شۇم قىسمىتىمدە ئۆز ئىسپاتىنى تاپقان بولماسمىدى!؟ خەيرىيەت، ئۇ بۆرە مېنى يەۋەتمىدى، بەلكى كەينىگە قوشۇۋالدى.

ئويۇن خېلى داۋاملاشتى، سۇر بۆرىنىڭ كەينىدىكى بۆرىلەرنىڭ بىرسىمۇ سەپتىن بۆلۈنۈپ كەتمىدى، مېنىڭ كەينىمگىمۇ يېڭى ئەسىر قوشۇلمىدى. ئويلاپ باقسام، بۇ بۆرىلەرنىڭ ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش، بۆلۈنۈپ كەتمەسلىك، ھەرقانداق چاغدا كوللېكتىپنىڭ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان مەشىقى ئىكەن. بۆرىلەر بۇ ئويۇندا ھەرىكەت بىردەكلىكىنى نامايان قىلدى، مەن بولسام ئىنسانلىقىمنى قىلدىم.

 

ھۇجۇم

 

مەن بۆرىلەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتىمەن، ھەممىگە، ھەممىگە زەن سېلىپ كېتىۋاتىمەن. بىرئازدىن كېيىن ئۇلار بىر توپ كالىغا ئۇچراشتى. مەن ئۇلارنى «كالىلارغا ھازىرلا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى» دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇنداق بولمىدى. ئۇلار پايلاپ يېتىشتى. مەن بىر دەرەخنىڭ دالدىسىدا تاماشا كۆرۈپ ئولتۇردۇم. كالىلار بۆرىنىڭ ھىدىنى پۇراپ قالغان بولسا كېرەك، دەرھال بىر يەرگە غۇژمەكلەشتى. بۆرىلەر ئۇلارنى قورشاپ كەلدى، كالىلار قېچىپ كېتىشكە كۆزى يەتمىگەنمۇ قانداق، دەرھال بۇ رەھىمسىز رېئاللىققا ئۇدۇل يۈزلەندى: ھەممىسىنىڭ قۇيرۇق تەرىپى بىر يەردە، مۈڭگۈزلىرى بۆرىلەر تەرەپكە نەيزىدەك چىقىپ تۇراتتى. بۆرىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىشقا باشلىدى، بىرەرسىمۇ ھۇجۇمغا ئۆتمىدى، ئايلىنىۋەردى. مەن بۆرىلەردىكى سەۋرچانلىققا ھەيران قالدىم. كالىلار بولسا تۇياقلىرى بىلەن يەرنى چاپچىپ، بۆرىلەرگە ھوشيارلىق بىلەن تىكىلەتتى. بۆرىلەرمۇ ئۇلاردىن كۆز ئۈزمەيتتى. ئاخىر بۆرىلەر كالىلارنىڭ ئالدىغا بىر قېتىم ئېتىلىپ باردى، لېكىن كالىلار سېپىنى بۇزمىدى، ئىككىنچى قېتىم يەنە ئېتىلىپ باردى، كالىلار يەنىلا غۇژمەك ھالىتىنى ساقلىدى  بۇ خىل ئەھۋال يەتتە - سەككىز قېتىم داۋاملاشتى. بۆرىلەر يەنىلا نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۆرىلەر كەينىگە چېكىنىپ ئورماننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەن بۆرىلەرنى «مەغلۇبىيىتىگە تەن بەردى» دەپ ئويلىدىم. كالىلارمۇ شۇنداق ئويلىغان بولسا كېرەك، ئۆزلىرىنىڭ ھالقىسىمان مۇداپىئە ھالىتىنى بۇزۇپ بەھۇزۇر يايلاشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا ئىككى بۆرە چېچىلىپ يۈرگەن كالىلارنىڭ ئارىسىغا ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى. بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن كالىلار چۆچۈپ كەتتى. مەنمۇ چۆچۈپ كەتتىم. ئۇلار ئۆز ئالدىغا قېچىشقا باشلىدى، باشقا بۆرىلەرمۇ تەرەپ - تەرەپتىن ئۇلارغا يوپۇرۇلدى. شۇ قاچ - قاچتا مەن كالىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىنىڭ پۇتى ئاقساق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۆرىلەر قېچىۋاتقان باشقا كالىلارغا يول بېرىپ، ھۇجۇم نىشانىنى ھېلىقى ئاقساق كالىغا مەركەزلەشتۈردى. بىر بۆرە ئۇ كالىنى كەينىدىن چىشلىدى، كالا ئېچىنىشلىق مۆرىگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، يەنە بىر بۆرە كېلىپ ئۇنىڭ بوينىنى قاسىۋەتتى، كالا بوينىنى ئوڭشاپ بولغۇچە، ئۈچىنچى بۆرە كېلىپ ئۇنى كەينى پۇتىدىن چىشلەپ يىقىتتى، شۇنىڭ بىلەن باشقا بۆرىلەرمۇ بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

مەن بۆرىلەرنى قەيسەر ئىكەن، دەپ قارىدىم. يەتتە - سەككىز قېتىملىق ئۇرۇنۇشتىمۇ ئۇتۇقلۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندە، مەن قانداق قىلار ئىدىم؟ جەزمەن نىيىتىمدىن يانغان بولاتتىم، لېكىن بۆرىلەر ئۇنداق قىلمىدى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىگۈچە زادى بولدى قىلمىدى، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتىكى، نىيىتىنى ئۆزگەرتمىدى. ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە ماسلىشىشىچۇ تېخى، ئۈنسىز - داۋراڭسىز، ھەربىرى بۇ ھۇجۇمدا قانداق رول ئويناشنى، قايسى نۇقتىدىن ئۆز كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىلدى.

ئۇيۇشقان كۈچ چېچىلاڭغۇ كۈچنى يەڭدى. ھۇجۇمدا بىرەر بۆرىمۇ ئۆزۈمچىلىك قىلمىدى، غەلىبىدىن كېيىن بىرەرسىمۇ شۆھرەت دەۋاسى قىلمىدى، ئۆزىگە تەمەننا قويمىدى، ھەربىرى «مۇشۇنداق قىلىشىم كېرەك» دەپ قارىدى. مەن ئويلىنىپ قالدىم: ئەگەر مەنمۇ ئۆز جامائىتىم ئىچىدە ئاشۇنداق ئۈنسىز ماسلىشىشنى بىلگەن بولسام، باشقىلارمۇ شۇنى بىلگەن بولسا، ئۇ چاغدا ئىنساننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان مەقسىتى بولماس ئىدى چوقۇم!

 

پاتقاقلىقتا

 

مەن يەنە بۆرىلەر توپىنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن، ھەممىگە زەن سېلىپ، زەن سېلىپ كېتىۋاتىمەن.

بىر چاغدا بىر پاتقاقلىققا كىرىپ قالدۇق. پاتقاق يولدا مېڭىش ھەقىقەتەن قىيىن، بولۇپمۇ ئالدىدا ماڭغۇچى ئۈچۈن نەقەدەر تەسلىكى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىش. ئەڭ ئالدىدا بۆرىلەرنىڭ سەردارى يول ئېچىپ ماڭدى، خېلى بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ھارغان بولسا كېرەك، سەپتىن چەتكە چىقىپ تۇردى. ئۇنىڭ كەينىدىكى بۆرە توپىنى باشلاپ كېتىۋەردى. سەردار بۆرە مەن ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنلاشقاندا مېنىڭ كەينىمدىن ماڭدى. ئەمدى ئۇ بىر بۆرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغانىدى. بېشىدا كېتىۋاتقان بۆرە بىر ھازادىن كېيىن سەپتىن يانغا چىقىپ، بالا بۆرىلەر يېقىنلاشقاندا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ ماڭدى. ئەمدى بېشىدا كېتىۋاتقان بۆرە بىر ھازادىن كېيىن ئۇنىڭ كەينىگە قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ ھەممىسى نۆۋەت بىلەن يول ئېچىپ ماڭدى، كۈچ كۈچكە ئۇلىنىپ تۇردى، يولمۇ ناھايىتى ئاۋۇشلۇق بولدى. دېمەك، بۆرىلەر توپىدا جاپانى بىرىگىلا ئىتتىرىپ قويىدىغان، ھەممىدە بىرىگىلا ئارتىلىۋالىدىغان ئىش يوق ئىكەن. ئۇلار بىر - بىرىگە تايىنىدىكەن، ماسلىشىدىكەن، ھەمكارلىشىدىكەن. مانا سادىقلىق دېگەن! بۆرە بىزچە ئاڭسىز ھايۋان ئىدى، خوش، ئۇنداقتا، ئۇلاردىكى بۇ ئاڭ نەدىن كەلدى؟ ئىنسان ئاڭلىق ھايۋان ئىدى، لېكىن ئىنسان كوللېكتىپىنىڭ ھەممە ئەزاسىدىلا ئاشۇ ئاڭ بارمۇ؟

مەن بۆرىلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېتىۋاتىمەن، سەردار بۆرە مېنىڭ ئىزىمنى بېسىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن خۇددى بۆرىدەك، ياكى بولمىسا، ئۇلار خۇددى ئادەمدەك، تولىمۇ ئىناق كېتىۋاتىمىز. مەن ئۆزۈمنى بۆرىگە ئوخشاتقىنىمدا، بۇ ئىناقلىقنىڭ ئىسپاتىنى مۇشۇ سەپەردىن تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئادەمگە ئوخشاتقىنىمدا ئىناقلىقنىڭ ئىسپاتىنى تولۇق دېگىلى بولارمۇ؟ بۆرىلەرنىڭ بۇ توپىدا سۇر رەڭلىكلىرىمۇ، قوڭۇر رەڭلىكلىرىمۇ، كۈمۈش رەڭلىكلىرىمۇ، ئوچۇق سېرىق، ھەتتا قىزىل رەڭلىكلىرىمۇ بار، لېكىن رەڭلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزەلمىگەن، ئىنسانلاردىچۇ؟ ئۆڭىنىڭ ئاق، قارا، سېرىق دېگەندەك بىرنەچچە خىلغا بۆلۈنگەنلىكىمۇ خېلى بىر يىللارغىچە ئۇلارنىڭ ئىناقسىزلىقىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ كەلگەنىدىغۇ!؟

 

ۋاي، بۇ نېمە ئىش؟

 

بۆرىلەرنىڭ ئىچىدە بىر بۆرە خېلىدىن بۇيان مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ تۇراتتى. ئۇ تۇرۇپ - تۇرۇپ توپتىن قېپقالاتتى. باشتا بۆرىلەر ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپ ياكى يېنىغا بېرىپ، ئۇنى تۇمشۇقلىرى بىلەن پۇرايتتى، يالايتتى، پەنجىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ياللىرىنى سىلاپ قوياتتى، ئاخىر ئۇنى قاتارغا ئېلىپ ماڭاتتى.

پاتقاقلىقتىن ئۆتۈپ خېلى بىر مۇساپىدىن كېيىن بىر چاتقاللىقتا توختىدۇق. دەل مۇشۇ چاغدا مەن ئۇ بۆرىنىڭ ماڭا تىكىلىپ قالغانلىقىنى سەزدىم. مەن باشقا بۆرىلەرنىڭ ھەتتا مېنى تۇنجى كۆرگەندىمۇ ماڭا بۇنچىلىك تىكىلىپ قارىغانلىقىنى بايقىمىغانىدىم. تۇيۇقسىز، ئۇ بۆرە ماڭا قاراپ خىرقىرىدى، يۈرىكىم قارتتىدە قىلدى. ئۇ ماڭا ئۇشتۇمتۇت تاشلاندى، قانداقلارچە ئوڭدامغا ئۇچۇپ كەتكەنلىكىمنى سەزمەي قاپتىمەن. كۆز ئالدىمدا ئۇ بۆرىنىڭ ھىڭگىيىپ تۇرغان چىشلىرى، ساڭگىلىغان تىلى، قان تولغان كۆزلىرىدىن بۆلەك ھېچنېمە يوق ئىدى. شۇ ئارىدا يۈز - كۆزلىرىمگە، باش - بويۇنلىرىمغا قۇيرۇق، يۇڭ - مويلارنىڭ قالايمىقان تېگىۋاتقىنىدەك بىر ئەھۋالنى سەزدىم  بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام، بۆرىلەر بىر چەتتە ئوپۇر - توپۇر بولۇپ كېتىپتۇ. زەن سېلىپ قارىسام، ھېلىقى بۆرىگە ھەممە بۆرە تەڭلا يوپۇرۇلغانىكەن. بىر چاغدا ھېلىقى بۆرە يارىلانغان ھالدا دالىغا قاراپ قاچتى. ئۇنىڭ يۈگۈرگەن چاغدىكى قىسىلغان قۇيرۇقىلا كۆز ئالدىمدا قاپتۇ. مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. ھېلىقى بۆرە مېنى قاساشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. مەن ئەمدى باشقا بۆرىلەردىنمۇ خەۋپسىرەپ تۇرۇۋېدىم، ئۇلار قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭشىتىپ ئەتراپىمدا ئايلانغىلى تۇردى. ئۇلار ماڭا قارىمايتتى، باشلىرىنى يەرگە قاراتقان ھالدا مېنى ئۆزەك قىلىپ چۆرگىلەيتتى، چۆرگىلەيتتى. مەن بۇنى «ئۇلارنىڭ خىجالەت بولۇۋاتقىنى» دەپ ھېسابلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئويلاپ باقسام، ھېلىقى بۆرە ئەسلىي كېسەل ئىكەن. كېسەل قاتتىق تۇتقاندا، ئۇ تەبىئىتىدىن ئاينىپ ماڭا ھۇجۇم قىلغان. دېمەك، بۆرە تەبىئىتى بويىچە ئادەمگە چېقىلمايدىكەن، چېقىلمىغان ئادەمگە ھەرگىز چېقىلمايدىكەن، لېكىن بىزچۇ؟ 

 

گۈلخان ئەتراپىدا زۇلمەت

 

يىراقتىن گۈلخان يورۇقى كۆرۈندى. قاراڭغۇلۇقتىكى بۇ نۇرلۇق شولا مەندىن شۇنچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر تۇيغۇغا چۆمدۈردى. مەن گۈلخانغا قاراپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. بۆرىلەرمۇ مېڭىشىنى ئىتتىكلىتىپ يەڭگىل يورغىغا چۈشتى. ئەمدى ئۇلارغا يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن يۈگۈرۈشۈمگە توغرا كەلدى. گۈلخانغا يېقىنلاشقاندا بۆرىلەر يورغىسىنى شاپپىدە توختاتتى. مەنمۇ يۈگۈرۈشتىن توختىدىم. ئۇلار گۈلخانغا بىر قىسمىلا قارايتتى، كۆزلىرى ئوت يورۇقىدا خۇددى يېنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بۆرىلەر گۈلخاندىن يىگىرمە - ئوتتۇز قەدەمچە نېرىدا يېرىم ھالقىسىمان پىرقىراشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا ئاسماندا ھىلال ئاي پەيدا بولدى. بۆرىلەر كەينىگە داجىغان ھالدا ئايغا قاراپ تەلمۈردى. ئۇلار دەم ئوتقا، دەم ئايغا قارايتتى. بىر بۆرە ھۇۋلىدى، كەينىدىنلا ئۇنىڭغا يەنە بىرى، ئۇلىشىپلا يەنە بىرى، ئارقىدىن ھەممىسى قوشۇلۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدى. ھەربىرىدە ئۆزىگە خاس ئاۋاز، لېكىن ھەممىسىلا بىر ئاھاڭدا ھۇۋلايتتى. ئۇلارنىڭ ئاھاڭى ماڭا تولىمۇ مۇڭلۇق بىلىندى. ئۇلار نېمىشقا مۇڭلىنىۋاتقاندۇ؟ ئاينىڭ مۇڭلۇق ھالىتىگە قاراپمۇ؟

بىرئازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھۇۋلىشى ماڭا ئەنسىز بىلىندى. ئۇلارغا نېمە ئەنسىز تۇيۇلۇۋاتقاندۇ؟ ئوتمۇ؟ كۆكتىن چۈشكەن چېقىن، كۆيگەن ئورمان، كۈل بولغان ئىن - ئۇۋا، بىخسىپ كۆيگەن تاپ  ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋالغانمىدۇ؟ ياكى 

«پاڭ - پۇڭ » تۇيۇقسىز ئېتىلغان ئوق ئاۋازلىرى خىيالىمنى چورتتىدە بەلدىن ئۈزۈۋەتتى. ئېسىمنى يىغىپ بولغۇچە، يېنىمدىكى بىر بۆرىنىڭ گۈپپىدە يەرگە يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئىختىيارسىز كەينىمگە داجىدىم. داجىغاندىمۇ خېلى داجىدىم. كەينىمگە بۇرۇلمىغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغىنىمدا، «داجىدىم» دېگەندىن كۆرە «قاچتىم» دېگىنىم تۈزۈك ئىدى. لېكىن، بىر بۆرە ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ ھېلىقى يىقىلغان بۆرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى. «پاڭ - پۇڭ» قىلغان ئوق ئاۋازى بىلەن ئۇ بۆرىمۇ قەددىنى رۇسلىيالماي يېتىپ قالدى. كەينىدىن يەنە بىر بۆرە يىقىلغان بۆرىلەرنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى. مەن شۇ چاغدىلا چۈشەندىم: بۆرىلەر ئوق تەگكەن قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈم خەۋپىگە ئۇرۇۋاتاتتى. مەن كەينىمگە داجىغانلىقىم ئۈچۈن نومۇس قىلدىم - دە، ھېچنېمىگە قارىماي يۈگۈردۈم، ئەپسۇس، مەن بېرىپ بولغۇچە ئۈچىنچى بۆرىمۇ ئوق يەپ يىقىلدى. مەن يىقىلغان بۆرىلەر بىلەن يۈگۈرۈپ كەلمەكچى بولغان بۆرىلەرنىڭ ئارىلىقىغا كىرىپ تۇرۇۋالدىم. مەن شۇ تۇرۇشۇمدا تىرىك بۆرىلەرگە گويا: «سىلەر ئۆلۈم ئارقىلىق ئار - نومۇسسىز مەلئۇنلارنى نىيىتىدىن ياندۇرالمايسىلەر. قۇربان بېرىش پەقەت ۋاپا - ساداقەت ئەقىدىسى ئالدىدا تەسىرلىنىشنى بىلىدىغانلارغىلا ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ» دەۋاتاتتىم. مەن شۇ تۇرۇشۇمدا قوراللىقلارغا: «ئاتساڭلار مانا مېنى ئېتىڭلار. نەزىرىڭلاردا مەن بىر ئەرزىمەس ئادەم قاتارىدا ئۆلسەممۇ، لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئەسلىي بۆرە قاتارىدا ئۆلدۈم، دەپ ھېسابلايمەن» دەۋاتاتتىم. قوراللىقلار ماڭا پوپوزا قىلىپ ئاسمانغا قارىتىپ بىرنەچچە پاي ئوق ئاتتى. مەن جايىمدىن مىدىرلىمىدىم. بۆرىلەر مەقسىتىمنى چۈشەنگەن بولسا كېرەك، كەينىگە داجىپ - داجىپ تۈن قاراڭغۇلۇقىدا غايىب بولدى. مەن بۆرىلەرنى قاچۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ھاياجاندا قىزىغان قانلىرىم ئاستا - ئاستا سوۋۇدى. قانداقتۇر بىر ئادەملەرنىڭ چۇقانلىرى، دەرەخلەرنىڭ قايرىلىپ سوقۇلۇشلىرىدىن چىقىۋاتقان پاراس - پۇرۇسلار، يارىلانغان بۆرىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرى، گۈلخان ئوتىنىڭ چاراسلاشلىرى كاللامدا ئەكس ئەتتى. مەن ئەسلىمگە كەلگەندە، بىرنەچچە قوراللىق ئادەم يىقىلغان بۆرىلەرنىڭ تېرىلىرىنى تېنىدىن ئايرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىغا قارىغۇممۇ كەلمىدى. كۆزۈم پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈنى ئۆچكەن مىلتىقىدا، گۇناھسىز بۆرىلەرنىڭ قېنىغا بويالغان پىچىقىدىلا ئىدى. مىلتىقلىرىنى يۇلۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئېتىۋەتكۈم كەلدى، پىچاقلىرىنى تارتىۋېلىپ قانلىرىنى بۆرە قانلىرىغا قوشۇۋەتكۈم كەلدى. لېكىن مەن ئاجىز ئىدىم. ئۇلارنىڭ ماڭا نېمىلەرنى دېگىنىنىمۇ بىلمەيمەن، بىلگۈممۇ كەلمىدى. قاچان كەتتى، قانداق كەتتى، قارىغۇممۇ كەلمىدى. بىر چاغدا قارىسام، گۈلخان ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن. قانداق قىلساممۇ ئىللىيالمىدىم، مۇزلىغان قەلبنى ھەرقانداق ئوتمۇ ئىللىتالمايدىكەن. يېنىۋاتقان ئوتقا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپتىمەن، ئولتۇرۇپتىمەن، ئاخىر لاۋۇلدىغان ئوتلارمۇ ئۆچۈپتۇ، كۈل ئاستىدا پىلىلداۋاتقان چوغدىن كۆزۈمنى يۆتكەپ قارىسام، شەرق تەرەپ چوغ قىزىللىقىغا چۆمكەلگەنىكەن.

 

مۇقەددەس ئەستىلىك

 

ئورنۇمدىن تۇردۇم، تېرىسى سويۇپ تاشلىۋېتىلگەن بۆرىلەرنىڭ قىپقىزىل تېنىگە قاراپ ئۆزۈمنى خۇددى قان ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدىم. گويا پۈتۈن ئەتراپ قىزىللىق ئىچىدە، ھاۋادىنمۇ پەقەت قان ھىدى كېلىۋاتقاندەك. مەن شۇ تاپتا ئاللىقانداق بىرسىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەپىلەشمەكچى بولغان جەرراھمۇ ياكى گۆشنى ئېپى - جېپى بىلەن پارچىلىماقچى بولغان قاسساپمۇ ۋە ياكى ئەسەبىيلىشىۋاتقان جاللاتمۇ، بىلمىدىم، يانچۇقىمدىن كىچىككىنە بەكەمنى چىقاردىم. بېرىپ بىر بۆرىنىڭ پېيىدىن ئازراق كېسىۋالدىم، ئوشۇقىنىمۇ ئەپچىللىك بىلەن چىقىرىپ، شوينىغا چىگىپ بوينۇمغا ئاستىم، ئاندىن نەمخۇش يەرنى قوللىرىم بىلەن كولاپ ئازگال ئېچىپ، بۆرىلەرنىڭ جەسىتىنى كۆمدۈم. بۆرىدىن ئالغان مۇقەددەس ئەستىلىكنىڭ ئورنىغا بەكەمنى دۆۋىلەنگەن تۇپراقنىڭ ئۈستىگە سانچىپ قويدۇم. مەن ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ كۆككە قاراپ دۇئا قىلدىم، كۆزۈمدىن ياش ئاقتى، بۇ ياش تىرناقلىرىمدىكى قاننى يۇيۇپ ئاقتى. قان - ياشلىرىم تۇپراققا چۈشتى. مەن كۆك تەڭرىدىن تىلىدىم: ئەي قۇدرەت ئىگىسى، مېنىڭ مۇشۇ قان - ياشلىرىمدىن گۈل - چېچەكلەر ئۈنگەي، مۇشۇ ناتىۋان، گۇناھسىز بۆرىلەرنىڭ قەبرىسىنى مەڭگۈ - مەڭگۈ گۈلگە پۈركىگەي!

 

قانغا پاتقان قىشلاق

 

كېتىۋاتىمەن، كېتىۋاتىمەن، ئوڭ - تەتۈر دەسسەپ كېتىۋاتىمەن. نېمە ئويلاۋاتىمەن، قەيەرنى نىشان قىلىپ كېتىۋاتىمەن، بىلمەيمەن. كەينىمدە يېشىلچىلىقلار قالدى، چۆل - جەزىرىلەرمۇ قالدى، يەنە ئالدىمدا يېشىلچىلىق  بىر چاغدا «كۆزۈڭنى ئاچ» دېگەندەك بىر سادا زاھىر بولدى، ئوچۇق كۆزلىرىمنى ھەقىقىي تۈردە ئاچتىم. قارىسام، كۆز ئالدىمدا بىر دەھشەتلىك مەنزىرە: كەپىلەر بىلەن چاتقال دەرەخلەر كۆيۈۋاتقان، كالىلار ئېچىنىشلىق مۆرەۋاتقان، قويلار مەرىشىپ ئۇياق - بۇياققا قېچىۋاتقان، ئۇ - بۇ ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا ئادەم جەسەتلىرى سۇنايلىنىپ ياتقان  بۇ پاجىئەگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئىس - تۈتەكلەر كۆزلىرىمنى، قان - ھىدلىرى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇردى. كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلۇۋېتىپ جەسەتلەرگە يېقىنلاشتىم. ئۇلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئەمەس، بەلكى ئادەم ئىكەن. ھەممىسىنىڭلا بەدىنىدە ئوق ئىزلىرى تۇراتتى. مەن جەسەتلەرگە قاراپ پېشانەمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ۋەھشىيلىك، ئاھ ۋەھشىيلىك! بۆرىلەر ئىچىدىمۇ مۇنچىلىك ۋەھشىيلىك يوق ئىدىغۇ. ئادەملەرگە نېمە بولغان؟ ئادەملەر، ئەي ئادەملەر! سىلەر ئەسلىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدىڭلار. قابىل بىلەن ھابىلدىن قالغان ئۆچمەنلىك ئۇدۇمى پات - پات سىلەرنى قىر - چاپقا قۇترىتىپ تۇردى. سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئاقلايدىغان باھانە - سەۋەبىڭلار ناھايىتى كۆپ. زېمىن ئەسلىي سىلەرنىڭ  ھەممىڭلارنىڭ  ھەممىمىزنىڭ، شۇنداقلا بارلىق جانلىقلارنىڭ ماكانى ئىدى، لېكىن سىلەر «مەن»نىلا ئويلىدىڭلار، «مەن»نى قۇدرەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە «مەن»نى «بىز» دەۋالدىڭلار. بۇ «بىز» قانداقتۇر بىرقانچە يۈز، مىڭ، يۈز مىڭ، ھەتتا مىليونلارغا ۋەكىل بولۇۋالدى. ئۇنىڭغا قارىمۇقارشى ياكى تەڭ تۇرىدىغان ئاشۇنداق «بىز»لەر بۇ زېمىننىڭ ھەممە يېرىدە خۇددى ياۋا ئوتقا، ئازغانغا ئوخشاش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ «بىز» ۋاقتى كەلگەندە باشقا «بىز»لەرنى، بارلىق جانلىقلارنى ئەرزىمەس نەرسە قاتارىدا كۆردى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتتى

كېچە ئۆلتۈرۈلگەن بۆرىلەر  ئالدىمدا سۇنايلىنىپ ياتقان جەسەتلەر  قان - ياش ئىچىدە قالغان قىشلاق  كۆز ئالدىمدا تېز - تېز ئالمىشاتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆيۈۋاتقان دەل - دەرەخلەردىن بۇقسۇپ چىققان ئىس - تۈتەكلەر پات - پات سۈرەتسىز قارا كارتىنا بىلەن يېپىپ تۇراتتى.

كۆزلىرىمدىكى ئاچچىق، بوغۇزۇمدىكى ئاچچىق، يۈرىكىمدىكى ئاچچىق ھەممىسى بىرلىشىپ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. مەن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم، ئۆز ئەسلىدىن ئاينىغان، ئادەملىك تەبىئىتىنى يوقاتقان ئاچ مەلئۇنلاردىن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم. يانچۇقۇمدىن بۆرىنىڭ سىڭىرىنى ئالدىم - دە، چوغنىڭ ئۈستىگە قويدۇم. سىڭىر پىژىلداپ سۈيى قېچىپ، ئاندىن تارتىلىپ قورۇلۇشقا باشلىدى. «مەن ئۇدۇم قىلدىم،  دېدىم ئىچىمدە،  بۇ شۇملۇقنى قىلغان قولۇڭلار چوقۇم مۇشۇ سىڭىردەك كىرىشىپ - تارتىشىپ قالىدۇ، مېڭەڭلار مۇشۇ سۈيى قاچقان سىڭىر كەبى قۇرۇيدۇ، پۈتۈن ئۈگەڭلاردىكى پەي - مۇسكۇللار ئۆز ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ». مەن بۆرىگە تېۋىنىۋاتاتتىم، كۆك بۆرىنىڭ قۇدرىتىگە تېۋىنىۋاتاتتىم.

 

جاھان مەنزىلىدە

 

مەن ئاجايىپ بىر روھىي يۆلەكنىڭ مەدىتى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. قان - ياش، ئىس - تۈتەك قاپلىغان قىشلاقنى كەينىمدە قالدۇرۇپ، سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم. مەن قاچۇرۇۋەتكەن ھېلىقى بۆرىلەرنى ئىزدەپ تېپىش نىيىتىگە كەلدىم. مەن كونا - يېڭى قۇرۇقلۇقنىڭ خېلى جايلىرىنى ئارىلىدىم، قەدىمكى ئۆڭكۈرلەرگە كىردىم، ئۇلارنىڭ تاشقا ئويۇلغان مۇبارەك سۈرەتلىرىنى كۆردۈم ، كۆزۈمگە سۈرتتۈم. توقىسىغا ئىنسان بالىلىرىنىڭ بۆرىنى ئېمىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى چۈشۈرۈلگەن كەمەرنى  بېلىمگە باغلىدىم. بۇ ئىرادە كەمىرى ئىدى. دەستىسىگە بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قامچىنى  قولۇمغا ئالدىم. بۇ مېنى ھەرگىز بوشاشتۇرمايدىغان ھەيدەكچى ئىدى. ئىگىرىگە بۆرە سىماسى چۈشۈرۈلگەن  كۆك تۇلپارنى مىندىم. بۇ ئەركەكنىڭ قانىتى ئىدى. تېبىر دەرياسىنىڭ تىررىن دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان جايىدا ئىنسان بالىلىرىنى ئېمىتىۋاتقان ئانا بۆرىنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلىنى كۆردۈم. بۇ كەمىرىمدىكى ئويمىنىڭ چوڭايتىلغان ھەم مۇكەممەل شەكلى ئىدى. مەن بۇ ھەيكەل ھەققىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىدىم: قەدىم - قەدىم زامانلاردا دەل مۇشۇ دەريا ساھىلىدا بىر دۆلەت بار ئىكەن. ئۇكىسى پادىشاھ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاجۇ - تەختىنى تارتىۋاپتۇ، ئاندىن ئاكىسىنىڭ ئۇرۇق - جەمەتىنى قىرىپتۇ. پەقەت بىر جيەن قىزلا ئامان قاپتۇ. جيەن قىز ئۆمۈر بويى توي قىلمايدىغان موناخ بولۇشقا مەجبۇر قىلىنىپتۇ. لېكىن، ئويلىمىغان يەردە بۇ موناخ قىز قوشكېزەك پەرزەنت تۇغۇپتۇ. غەزەپلەنگەن پادىشاھ موناخ قىزنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى بالىنى دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ. بۇ بالىلارنى بىر چىشى بۆرە قۇتۇلدۇرۇۋېلىپ، ئۆز سۈتى بىلەن بېقىپ چوڭ قىپتۇ  بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە بۆرە ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان جايدا بىر شەھەر بىنا قىپتۇ. كېيىن ئاكا - ئۇكا ئىككىسى بۇ شەھەرنى قايسىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش مەسىلىسىدە ئارازلىشىپ قېلىپ ئاكىسى ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە بۇ شەھەرنى ئۆزىنىڭ نامى بىلەن «رۇم» دەپ ئاتاپتۇ. كېيىن ئۇ، خوتۇن - قىزلارنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قوشنا قەبىلە بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغاندا، ئارىغا بىرنەچچە ئانا بۆرە كىرىپ ئۇلارنى ياراشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەردە تىنچلىق ئورنىتىلىپ، بۇ شەھەر بۆرە شەھىرى دەپ ئاتىلىپتۇ .

بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيكەلگە قاراپ خىيالغا چۆمدۈم. «قۇرئان»دىكى ھابىل - قابىل  ئاكا - ئۇكا ھېكايىسى، ئىنسانىيەتتىكى تۇنجى قاتىللىق ۋەقەسىگە سەۋەبچى بولغان ھوقۇق ۋەسۋەسىسى ۋە قىز ( ئىقلىمە) كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى. ھۇن، ئۇسۇن، قاڭقىل، تۈركلەر ئېلىدىمۇ، ئەرگىنە قۇندىمۇ، ئوغۇزخان مەنزىلىدىمۇ، موڭغۇل زېمىنىدىمۇ، مىسىر ۋە فارس دىياردىمۇ، فېن، گېرمان ۋە سلاۋىيان ئەللىرىدىمۇ، ھەتتا ئىندىئانلاردىمۇ ھەر قېتىملىق قېرىنداشلار قەتلىئامىدا بۆرىنىڭ يا ئانىلىق، يا ئاتىلىق ياكى يولباشچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىنسانغا نىجاتلىق ئېلىپ كەلگەنلىكى ماڭا بىر ئىلاھىي قۇدرەتنى ئەسلەتتى. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە يوشۇرۇنغان يىرتقۇچ  قاتىللىق خۇسۇسىيەت ھەربىر قېتىم پارتلىغاندا، ئۇنىڭغا بەرھەم بەرگۈچى، ئۇنى چەكلىگۈچى، ئۇنى تىنچلىققا يېتەكلىگۈچى نېمە ئۈچۈن ھەر قېتىم بۆرە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق يىرتقۇچلۇقنى چەكلىگۈچى، ئىنسان نەزىرىدە ھەم نىجاتكار، ھەم يىرتقۇچ ھېسابلىنىدۇ؟

دەرھەقىقەت، كۈچ - قۇدرەت، قۇدرەت ئىگىسى ئۈچۈنمۇ، قارشى تەرەپ ئۈچۈنمۇ ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەن؛ خۇددى مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ئۆزىنى كۆزلەش بىلەن ئۆزگىگە بېغىشلاش روھى ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن مۇكەممەل ھەمجەھەتلىك بولغانغا ئوخشاش.

مەن جاھان مەنزىلىدە ئۇلارنىڭ ئىز - نىشانلىرىنى تاپتىم. بۆرە بېشىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تۇغ - ئەلەملەر ، ياغاچ ئويمىلار؛ بۆرە سىماسى چۈشۈرۈلگەن قېيىق ۋە تۈۋرۈكلەر، كۆكتىكى يۇلتۇزلار ئارىسىدا يۈرگەن بۆرىنىڭ سۈرىتى كەشتىلەنگەن رەخت ، ئىندىئانلار قالدۇرغان ئۇچار بۆرە رەسىملىرى ، بۆرە بىلەن ئىلاھ نامى تەڭ قوشۇلۇپ ئاتالغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىلار ۋە بايراملار   ماڭا ئۇلارنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىدىن دېرەك بەردى. مەن يىراق - يىراق ئۆتمۈشلەردىكى ئانىلىق - ئاتىلىق ئەجدادلىرىمنىڭ ئىزناسىنى تاپقاندەك بولدۇم، ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، مېھرىبانلىق، ھەمدەملىك، قان - قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنىڭ ئەسلىي يىلتىزىنى، ئىلھامچىسىنى تاپقاندەك بولدۇم. يىلتىزداشلىق، زېمىنداشلىق، تەقدىرداشلىق بۇرچى قانلىرىمنى ئۇرغۇتتى.

مەن قۇياشقا قارىدىم، ئاق تەنلىك قوۋملارنىڭ قۇياش ئىلاھىنى بۆرە نامى بىلەن قوشۇپ ئاتىغانلىقى  ئېسىمگە چۈشتى، قۇياش ماڭا تېخىمۇ ھارارەتلىك بىلىندى. مەن يېيىلىپ ياتقان ئوتلاق، يەلپۈنۈپ تۇرغان ئورمانلارغا قارىدىم، بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىلاھىنىمۇ بۆرە نامى بىلەن ئۇلۇغلىغانلىقى  نەزىرىمنى تېخىمۇ كەڭلىككە تاراتتى. يەنە بەزىلەرنىڭ ئاسمان ئىلاھىنى بۆرە نامى بىلەن ئاتىغانلىقى  كۆك بۆرە تەسەۋۋۇرۇمنى تېخىمۇ بۈيۈكلۈكلەردە پەرۋاز قىلدۇردى. ئەقىل - پاراسەت ئىلاھى مىركورى بىلەن «قۇرئان»دا زىكىر قىلىنغان بۆرە يۇلتۇزى ھەققىدىكى ئوخشاشلىق مېنىڭ تەپەككۇرۇمنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈردى. ئاجايىپ بىر تۇيغۇ مېنى ئەسىر قىلىۋالدى. ئىنساننى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، ھالاكەتتىن نىجاتكارلىققا، ئۈمىدسىزلىكتىن ئۈمىدۋارلىققا، چۈشكۈنلۈكتىن جۇشقۇنلۇققا باشلىغان شۇ ئۇزاق دەۋرلەردىكى قۇدرەتلىك روھ  بۆرە روھى مېنى ئاجايىپ ھاياجانغا چۆمدۈردى.

بوينۇمغا ئېسىۋالغان بۆرە ئوشۇقىنى ھۆرمەت بىلەن سۆيدۈم، ماڭا كۈچ كىردى. بۇ ماڭا بۆرە روھىدىن كىرگەن كۈچ ئىدى.

 

ئوۋچىنى قاچۇرۇش

 

مەن كېتىۋاتىمەن، بۆرىلەرنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن  تۇيۇقسىز ئالدىمغا بىر ئوۋچى ئۇچراشتى. ئۇنىڭ بىر قولىدا مىلتىق، بىر قولىدا بۆرە تېرىسى بار ئىدى. نېرى - بېرىسىنى ئويلىمايلا، ئۇنىڭ قولىدىكى بۆرە تېرىسىنى تارتىۋالدىم. ئۇ ماڭا مىلتىقىنى تەڭلىدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي بۆرە تېرىسىنى يېپىندىم. مەن شۇ تاپتا ئۆزۈمچە بۆرە قىياپىتىگە كىرگەنىدىم. ئۇ ماڭا پوپوزا قىلدى، مەن ئۇنىڭغا بۆرىلەرچە خىرىس قىلدىم؛ ئۇ مېنى مەنسىتمەي كۈلدى، مەن كۆڭلۈمدە ئۇنى ساراڭغا چىقاردىم. مەن ئۆزۈمنى گويا سىرتاردۇشلارنى ھالاكەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۆتۈكەن بۆرىسى ھېسابلايتتىم. مەن ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم: «سەن  سەنلەر ھالاك بولۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىسىلەر!» ئۇ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ مېنى ساراڭغا چىقاردىمۇ ياكى ئاللىقانداق ۋەھىمىگە چۆمدىمۇ، بىلمىدىم، مىلتىقىنى ماڭا تەڭلىگىنىچە، كەينىگە داجىپ - داجىپ بىرئاز يىراقلىشىۋالغاندىن كېيىن قېچىپ كەتتى.

 

ئېگىز چوققىدىكى بۆرە

 

مەن كېتىۋاتىمەن، بۆرە تېرىسىنى يېپىنىپ كېتىۋاتىمەن، ئۆزۈمنى بۆرە چاغلاپ، بۆرە جامائىتىمنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى بايقىسام پۇرىدىم، تىكەنلەرگە ئىلىنىپ قالغان يۇڭلىرىنى بايقىسام كۆزلىرىمگە سۈرتتۈم. ئۇلارنى ئەنە شۇنداق سېغىنىش ئىچىدە كېتىۋاتىمەن. ناھايەت بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. گويا بىر ۋەھىي ئاڭلانغاندەك ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى. يۈگۈردۈم، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. چاتقاللار پەشلىرىمگە ئېسىلدى، پەرۋا قىلمىدىم؛ ئۇچلۇق تاشلار چاپۇتلىدى، پىسەنت قىلمىدىم، يۈگۈردۈم، قۇلىقىم تۈۋىدە پەقەت بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىلا!

ئاخىر مەن ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ناھايىتى تىك بىر چوققىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. چوققىغا ياماشتىم، سېرىلدىم، يەنە ياماشتىم، يەنە سېرىلدىم، قانچە قىلساممۇ بولمىدى. ئاياغلىرىم يىرتىلدى، قوللىرىم قانىدى، كىيىملىرىم جۇلجۇل بولدى، لېكىن مەن ئۇ تۇرغان يۈكسەكلىككە چىقالمىدىم. ئاخىر مەن ئۇ تۇرغان چوققىنى مەركەز قىلىپ پەستە ئايلىنىشقا باشلىدىم، خۇددى بۆرىلەر بىر چاغلاردا مېنى مەركەز قىلىپ ئايلانغاندەك ئايلاندىم، كۆزۈم ھامان ئۇ تۇرغان نۇقتىدا ئىدى. مەن چۆرگىلەيتتىم، كاللامدىمۇ ئاجايىپ خىياللار چۆرگىلەيتتى.

«ئەي بۆرە،  دەيتتىم ئىچىمدە،  سەن ئاشۇ يۈكسەكلىككە، ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىككە مەنسۇپ. سېنىڭ روھىڭ تاغ - ئورمانلارغا، ئاسمان، يۇلتۇزلارغا سىڭگەن. يىراق ئۆتمۈشلەردە ئاتا - بوۋام ساڭا سېغىنغان، مەن ھېلىھەم ساڭا سېغىنىمەن. مەن سەن بىلەن مۇڭداشقىلى كەلدىم، ئىچىمدىكىنى ئېيتقىلى كەلدىم »

 

ھۇۋلاش

 

تۇيۇقسىز، بۆرە ھۇۋلىدى. ئۇنىڭ ھۇۋلىشى تولىمۇ مۇڭلۇق ئىدى. ئۇنىڭ مەن بىلەن ھال - مۇڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. «سەن مۇڭلىنىشقا ھەقلىق،  دېدىم ئىچىمدە،  دۇنيادا قايسى بىر جان ئىگىسى ساڭا ئوخشاش ئاۋۋال شۇنچە زامان ئۇلۇغلىنىپ، كېيىن مۇشۇنداق قارىلانغان ھاقارەتلىك تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان؟!»

بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگەردى، ئۇنىڭغا بىرنەچچە بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى قوشۇلدى. مەن بۇ ئاۋازلاردىن داد - پەرياد ھېس قىلدىم. شۇنداق، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئادالەتسىزلىكلىرىدىن پەرياد ئۇرۇۋاتاتتى. قەدىمدە ئىنسان بىلەن بۇ تەبىئەت دۇنياسىدا تەڭ ياشاپ، ئىنسانغا روھىي مەدەت ۋە ئۇلۇغۋارلىق بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئەمدىلىكتە قىرغىن قىلىنىش «مۇكاپاتىغا سازاۋەر»مۇ؟ مەن ئۇنىڭ داد - پەريادىنىڭ تېگىنى چۈشىنىۋاتىمەن: تەبىئەت دۇنياسىدا ئىنساندىن ماكان تالىشىدىغان، ئىنسانغا ھۇجۇم قىلىدىغان غالجىر تەبىئەتنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرگەنمۇ ئەسلىي ئىنسان ئىدى. «نەسلىنى ياخشىلاش» دەيدىغان قانداقتۇر بىر غەلىتە ئىستەكنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئىتنى ئۇنىڭ بىلەن چېتىشتۇرمىغان بولسا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسانغا ئۆچمەنلىك پەيدا بولارمىدى!؟»

تۇيۇقسىز، بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىشىدا بىر سۈر ئەكس ئەتتى. مەن قانداقتۇر بىر ۋەھىمە ئىچىدە قالدىم. ناھەق قارىلانغان، ناھەق جازالانغان بۆرىلەر ئەمدى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمىدۇ، ئىنساندىن قىساس ئالماقچىمىدۇ؟  لېكىن بۆرىلەر ماڭا يوپۇرۇلۇپ كەلمىدى. دېمەك، بۇ ۋەھىمە ئىچىدە تۇرغان بۆرىلەرنىڭ ساداسى. ئۇلار ئىنساندىن ۋەھىمە ھېس قىلىۋاتىدۇ.

مەن ئەمدى بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرىدىن ئەنسىزلىك ھېس قىلدىم. ئۇلار ئۆزىدىن ئەنسىرەۋاتاتتى، ئىنساندىن ئەنسىرەۋاتاتتى. راست، بۆرىنىڭ نەسلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىنسان ئەمدى ئۆز نەسلىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىۋاتىدۇ. ئىككى جىنستىن ئەمەس، بەلكى تاق بىر جىنستىن پەيدا بولىدىغان (ياكى بولغان؟) ئىنسان ئىنساننى نېمە كويغا سالار؟ تەبىئەتنى نېمە كويغا سالار؟

بىر چاغدا بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى كۈچەيدى، ئۇلارغا نۇرغۇن - نۇرغۇن بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى قوشۇلغانىدى. تىلسىز تاغۇ - تاشلار خۇددى زۇۋانغا كەلگەندەك ئەكس سادا چىقاردى، بوران پەيدا بولدى. دەل - دەرەخلەر خۇددى ئۇلارنىڭ ئىسيانكار چۇقانىنى چاۋاك بىلەن ئالقىشلاۋاتقاندەك شالدىرلاشقا باشلىدى. گۈل - گىياھلار خۇددى ئۇلارنىڭ خىتابىنى تەستىقلاپ باش لىڭشىتىپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتقاندەك؛ بۇلاق سۇلىرى شىرىلداۋاتقاندەك ئەمەس، خۇددى توختىماي پىچىرلىشىۋاتقاندەك. كۆل سۇلىرى دەيدىغىنىنى ئەمدى ئىچىدە بىلىپ ياتماي، بىر ھەق گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللەۋاتقاندەك، دەريا - دېڭىزلار تاشقىنلاپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ سۆزلەۋاتقاندەك بىر ئەھۋال يۈز بەردى. مېنىڭ قېنىممۇ ئۇرغۇدى. مەنمۇ بۆرە بىلەن، بوران بىلەن، تەبىئەت بىلەن قوشۇلۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدىم. مېنىڭ ھۇۋلاشلىرىمدا ھاياجانغا كەلگەن تەبىئەت بىلەن ئويغانغان ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ھەمجەھەتلىكى ئەكس ئېتەتتى. مەن بۇ ھۇۋلاشلىرىمدا دۇنياغا خىتاب ياڭرىتىۋاتاتتىم: «بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ئىنسانلار، قۇلاق سېلىڭلار، بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەسلىي بىر مەنبەدىن كەلگەن قان - قېرىنداش ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزلىرىنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ، باشقا جانلىقلارنىڭمۇ بىر ماكانداش، كائىناتتا بىرلا ماكانداش  بىرلا يەرشارىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىيىتىنىڭ ھەممىگە، ھەممىگە ئورتاق ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ قىرغىن قىلىشمايلى دەۋاتىدۇ، قىرغىن قىلىشماڭلار دەۋاتىدۇ؛ ئۇ بۇ جاھاننى جەننەت قىلىدىغانمۇ ئىنسان، دوزاخ قىلىدىغانمۇ ئىنسان، دەۋاتىدۇ؛ ئۇ مەن بىر چاغدا مۇقەددەسلىكنىڭ ساھىبى ئىدىم، ئەمدى قارىلىنىپ ۋەھشىيلىكنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ قالدىم. ئىنسان ھېلىھەم ئۇلۇغۋارلىقنىڭ ساھىبى، لېكىن ئاينىۋاتقان تەبىئىتى تۈپەيلى بەلكىم بىر كۈنى غالجىرلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەۋاتىدۇ.

بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ئەي ئىنسانلار، بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ھەربىر بۆرە ئۆزىگە خاس ئاۋازدا ھۇۋلاۋاتىدۇ، لېكىن بىر خىل ئاھاڭدا ھۇۋلاۋاتىدۇ، مەنمۇ ئۆزۈمگە خاس ئاۋازدا ھۇۋلاۋاتىمەن، تەبىئەت قۇلاق سېلىۋاتىدۇ، سىلەرمۇ قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئىنسانلار »

 

ئويغىنىش

 

ئويغاندىم، قارىسام چېدىر ئىچىدە يېتىپتىمەن. مېنى بۆرىلەر چېدىر ئىچىگە ئەكىلىپ قويدىمۇ ياكى ئەسلىدىمۇ چېدىردىن چىقماي چۈش كۆردۈممۇ، بىلەلمىدىم. چاڭغىراقتىن كۆككە قارىغىنىمدا چېدىر ماڭا كومزەكتەك، خۇددى جەسەت كۈلى قاچىلانغان كومزەكتەك  بىلىندى. مەن ئېڭەك، بوينۇمدىكى تەرلەرنى سۈرتۈۋېتىپ سىرتقا چىقتىم. كۆككە تىكىلدىم، يىراق - يىراقلارغا قارىدىم. بۇ چاغدا ئاسمان زېمىننى ئوراپ تۇرغان ئايلانما ئېتىكى بىلەن ماڭا ئىنتايىن زور چېدىردەك بىلىندى. «مەن چېدىر ئىچىدە ياشاۋاتىمەن  بىز چېدىر ئىچىدە ياشاۋاتىمىز» دېدىم ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلاپ. مەن گەپ قىلغاندەك تۇراتتىم، لېكىن ئاۋازىم قۇلىقىمغا ھۇۋلىغاندەك بىلىندى. مەن كىم ئىدىم؟ كىم بولدۇم؟ كىم بولىمەن؟  بىز كىم ئىدۇق؟ كىم بولدۇق؟ كىم بولىمىز؟  قاتمۇ - قات سوئاللار ئىچىدە بېشىم ئېسەنگىرەپلا قالدى. مەن بېشىمنى چايقىۋەتتىم. ئۆزۈمنى سەل ئازادىلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ناخشا توۋلاشقا باشلىدىم:

 

يۇرتۇمنىڭ خەۋىرىنى بىلەمسەن، ئېيتقىن ماڭا

قارا باشىم قۇربان بولسۇن بۆرەم ساڭا

 

ناخشام چەكسىزلىكلەردە پەرۋاز قىلدى، قۇشلار چۇرۇقلاشلىرى بىلەن تەڭكەش بولدى؛ ناخشام كەڭلىكلەرگە تارىلىشقا باشلىدى، تاغۇ - تاشلار ئەكس سادا ياندۇردى 

مەن خىيالدىن ئويغاندىم، مەن ئويغاندىم، ئەي ئىنسانلار   


iygy" 2)g@)" : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks