ھاياتنىڭ
ئەڭ يۈكسەك
قىممىتى
مۇھەببەت
گويا گۈلگە
ئوخشايدۇ،
ئۇنى تاش
ناھايىتى
ئاسانلا
يانچىۋېتىدۇ،
سىرتقى
نەرسىلەر
نابۇت
قىلىۋېتىدۇ.
ھەرقانداق
ئېسىلرەك
كەلگەن
نەرسىلەر
ئىنتايىن
نازۇك
كېلىدۇ؛
دەرەخنىڭ
يىلتىزى
ناھايىتى
كۈچلۈك
بولىدۇ،
ئەمما
گۈلنىڭ
ئۇنداق
ئەمەس. گۈل
ئىنتايىن
نازۇك
بولۇپ،
سەلغىنە
بوران
چىققان
ھامان، ئۇ
نابۇت
قىلىۋېتىلىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ
ئېڭىمۇ
شۇنداق
بولىدۇ،
نەپرەت
ناھايىتى
كۈچلۈك
بولىدۇ،
لېكىن
مۇھەببەت
ئۇنداق
ئەمەس.
مۇھەببەت
گويا گۈلگە
ئوخشايدۇ،
ئۇنى
ھەرقانداق
تاش
ناھايىتى
ئاسانلا
يانچىۋېتىدۇ،
ھەرقانداق
ھايۋان
نابۇت
قىلىۋېتىدۇ.
ھاياتنىڭ
تېخىمۇ
يۈكسەك
قىممىتى
مۇھاپىزەت
قىلىنىشى
كېرەك.
تۆۋەنرەك
بولغان
قىممەتنىڭ
ئۆزى مەلۇم
مۇھاپىزەت
قىلىنىشقا
ئىگە
بولغان
بولىدۇ.
تاش
مۇھاپىزەت
قىلىنمىسىمۇ
بولىدۇ،
لېكىن
ئۇنىڭ
يېنىدىكى
چاتقاللىق
ئارىسىدىكى
ئەتىرگۈللەر
مۇھاپىزەت
قىلىنىشى
كېرەك. تاش
دېگەن
ئۆلۈك
نەرسە.
ئۇنىڭ
تېخىمۇ
ئۆلۈك
نەرسىگە
ئايلىنالىشى
مۇمكىن
ئەمەس،
شۇڭا ئۇنىڭ
مۇھاپىزەت
قىلىنىشى
ھاجەت
ئەمەس.
لېكىن
ئەتىرگۈل
ئاجايىپ
جانلىق،
ئاجايىپ
گۈزەل،
ئاجايىپ
رەڭدار،
جىلۋىلىك،
ئاجايىپ
جەلپكار
كېلىدۇ. بۇ
ئۇنىڭ
نازۇكلۇقى،
شۇنداقلا
ئۇنىڭ كۈچ -
قۇدرىتى
ھېسابلىنىدۇ،
لېكىن ئۇ
خەۋپنى
چىللاپ
كېلىدۇ
ياكى تالاي -
تالاي
ئادەملەر
ئۇنى ئۈزۈپ
كېتىشىدۇ.
ھېچكىم
تاشنى
ئېلىپ
قاچمىسىمۇ،
گۈلنى
ئۈزۈپ
كېتىشى
مۇمكىن.
)سادىق
سايرام
تەرجىمە
قىلدى(
|