‏ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىمۇ ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ

   

 رېئاللىقتىكى ئالۋۇنلارغا ئالدىنىپ قالمىغىن، دوستۇم. چۈنكى، بايقىيالىساڭ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىمۇ ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ.

بەزىلەر مەندىن مۇنداق دەپ سورايدۇ:

 روھىيەت دۇنياسىدا بايلار بارغانسېرى بېيىپ بارىدىكەن، نامراتلار بارغانسېرى نامراتلىشىپ بارىدىكەن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئېرىشكىنى كۆپ بولىدىكەن، كۆزىتىش ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر ھەممىدىن قۇرۇق قالىدىكەن. بۇ يەنە نېمە ئۈچۈن؟

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى شۇكى، ھاياتلىق ئالىمى تۇرغۇن ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتتىكى ئالەمدۇر. شۇڭا، شەيئىلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق مەنزىلىڭنى توغرا نىشانلاپ، ئالغا باسمىساڭ، چېكىنىسەن. بۇنىڭ قايسىسىنى تاللاش ئۆزۈڭگىلا باغلىقتۇر.

ھېكايەت: قۇياش دەھشەتلىك قىزدۇرۇپ تۇرغان چىڭقى چۈش مەزگىلى نىشاندىن ئاداشقان ئىككى سەيياھ، پايانسىز قۇملۇقتا ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈرگۈدەك. ئۇلاردىن بىرەيلەن دەپتۇ:

 بۇ قۇملۇق ھەرگىزمۇ چەكسىز ئەمەس، ئۇنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىدە چوقۇم سۇ بار. بىز ئوبدان كۆزىتەيلى، قۇمنىڭ رەڭگى، قۇملۇقتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھالىتىنى ئىنچىكە كۆزىتەيلى. بۇ جەھەتتىكى پەرقنى بايقىيالىساق، بۇ قۇملۇققا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر دۇنيانىڭ شۇ تەرەپتە ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالايمىز.

بىراق، ئۇلاردىن يەنە بىرى قاتتىق ساراسىمە ئىچىدە ئېسىنى يوقىتىپ قويغاچقا، ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي، خالىغان بىر مەنزىلگە قاراپ ئۇدۇللا كېتىپ قاپتۇ. يەنە بىرى بولسا ئالدى بىلەن ئاسمانغا ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر ساپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئاسماندا بىر توپ قۇش پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ئۆز - ئۆزىگە: «بۇ قۇشلار يا سۇ بار جايدىن ئۇچۇپ كەلدى، ياكى بولمىسا سۇ بار جايغا قاراپ ماڭدى. چۈنكى ئۇلار سۇ مەنبەسىنى چوقۇم بىلىدۇ» دەپتۇ.

ئاڭغىچە يەنە بىر توپ قۇش پەيدا بوپتۇ. ھېلىقى سەيياھ ئۆز - ئۆزىگە: «دېمەك ئۇچۇپ ئۆتكەن ئىككى توپ قۇش دەل ئاشۇ تەرەپتىن كەلدى. ئۇلار سۇ ئىچىپ قايتتى، دېگەن گەپ. ئاشۇ تەرەپتە چوقۇم سۇ بار» دەپتۇ.

ئۇ، قۇشلار ئۇچۇپ كەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. ئۇ ئىسسىقتا تەرلەپ - پىشىپ ھېچ ھالى قالماي ئاخىرى يەرگە گۈپپىدە يىقىلىپتۇ. ئۇ يەردىكى قۇمنى سىقىمداپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەپسىلىي قاراپتۇ. دېگەندەك بۇ يەرنىڭ قۇملىرى بايىقى جاينىڭكىگە ئوخشىمىغۇدەك، ئۇنىڭدىن بىر خىل نەملىكنىڭ ھىدى بىلىنەر - بىلىنمەس كېلىپ تۇرغۇدەك. ئۇ، يەردىكى ئۆسۈملۈكنىڭ ياپراقلىرىغا ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپتۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ ياپراقلىرىمۇ بايىقى جاينىڭكىگە قارىغاندا ھەم يېشىل، ھەم يۇمران تۇرغۇدەك. ھېلىقى سەيياھ ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ.

 تاپتىم، تاپتىم، تاپتىم،  دەپ توۋلاپتۇ ئۇ ئەسەبىيلەرچە،  مۇشۇ تەرەپتە، يېقىن ئارىدا چوقۇم سۇ بار ئىكەن.

ئۇ شۇ تەرەپكە قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. خېلى بىر ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن ئالدىغا شۇنداق قارىسا يىراقتىن پارقىراپ تۇرغان سۇ كۆرۈنۈپتۇ. دېمەك، ئۇ ئۆز ئەقلى بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق سۇ بار جاينى تېپىپ ھايات قاپتۇ. يەنە بىر سەيياھ بولسا، شۇ كەتكىنىچە ئىز - دېرەكسىز يوقاپتۇ.

سۇ مەنبەسىنى تېپىپ ھايات قالغان سەيياھنى قويۇپ تۇرۇپ، ئەسەبىي تىت - تىتلىق ئىچىدە ئېسىنى يوقىتىپ كەلمەسكە كەتكەن يەنە بىر سەيياھنى مىسالغا ئالايلى. شەيئىلەرنى كۆزىتىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان بۇ سەيياھ، چەكسىز قۇملۇقنىڭ دەھشەتلىك سۈر - ھەيۋىسى ئىچىدە، ئېسىنى تامامەن يوقاتتى. ئاشۇ مىنۇتلاردا ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەكس ئەتكىنى پەقەت ئىككىلا نەرسە ئىدى. ئۇنىڭ بىرى، ھالاكەت دېڭىزى  جەسەت پۇراپ تۇرغان قۇملۇق؛ يەنە بىرى  ئاشۇ ھالاكەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرالايدىغان بىر يۇتۇم سۇ. ئۇنىڭ سۇ ۋەسۋەسىسىدە قايمۇققان ھەقىقىي ئۆزلۈكى ئاخىرى ساراسىمە ئىچىدە ئۆز سىماسىنى يوقاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھىيەت ئالىمىدىكى ساختا كۆرۈنۈش  سۈپسۈزۈك سۇ ئۇنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى. بۇ، تەبىئەتتىكى ئالۋۇن ئىدى. ئالۋۇن ئۇنى ئاخىرى چەكسىز قۇملۇققا يەم قىلدى.

بۇ ھېكايەت شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن كۆزىتىپ مەلۇم بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇت نەرسە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ھەقىقەتكە يېقىنلاشقانسېرى ئۇنى شۇنچە قەدىرلەيسەن. ئۇنى قانچە قەدىرلىگەنسېرى ئۇنىڭغا شۇنچە يېقىنلىشىسەن.

روھىيەت دۇنياسى باي كىشىلەرنىڭ ئىزچىل روناق تاپىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇنىڭدىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كېرەك. نىشانىنى يوقىتىپ قويغان ھەرقانداق ئادەم يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ بېقىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئازغۇنلۇق ئىچىدە ھالاك بولۇشنى خالىمايدۇ. يۆنىلىشنى مەنزىل - نىشانغا جۆنەشتە توغرا ھەرىكەت قوللانغان ئادەملا ئاخىرى مەنىۋىيەت ئالىمىدىكى بوستانلىقىنى تاپالايدۇ. خۇددى ھېكايەتتىكى سۇ تاپالىغان سەيياھقا ئوخشاش.

دېمەك، رېئاللىقتىكى ئالۋۇنلارغا ئالدىنىپ قالمىغىن، دوستۇم. چۈنكى، بايقىيالىساڭ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىمۇ ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ.

 

)ئاپتور: «شەھەر - يېزا پۇل مۇئامىلىسى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە (


wCc&rydy3 ay}uH : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks