‏كۈلۈمسىرەشكە پۇل كەتمەيدۇ

)ئەبجەش خاتىرە(  

»سەدىقىنى ئوڭ قولۇڭدا بەر، سول قولۇڭ تۇيۇپ قالمىسۇن«

كونىلار «سەدىقىنى ئوڭ قولۇڭدا بەر، سول قولۇڭ تۇيۇپ قالمىسۇن» دەپتىكەن، ئەمما بىز ئىئانە (سەدىقە)نى بېرىش ئۈچۈن رادىئو - تېلېۋىزور، گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىغا ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىپ ياكى مەخسۇس ئىئانە بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئىئانە بېرىلگۈچىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئوڭ قولىمىزدا ئەمەس، ئوڭ - سول ئىككى قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئاپپاراتلارنى توغرىلاپ، «شايى» قىلىپ بولۇپ، ئاندىن بېرىمىز. بۇ سەدىقە ئاشۇ موھتاجلارنىڭ يۈرىكىگە قانچىلىك بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز. بۇ خىل ئىئانە شۇ كىشىنىڭ ماددىي جەھەتتىكى قىيىنىچلىقىنى ھەل قىلىپ، روھىي جەھەتتە ئىلھام بېرىپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇش ئەمەس، بەلكى روھىنى ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ قوپالماس قىلىپ قويۇشتەك بىر خىل تۇيغۇ بېرىدۇ. تېلېۋىزورلاردا ئىئانە ئالغۇچىنىڭ يۈزىنى ئېتىۋالغىنىنى كۆرىمىز. بۇ بىزگە غەلىتە بىلىنمەيدۇ. بىز ئىئانە بەرگىنىمىزنى، سېخىي، مەردلىكىمىزنى نامايىش قىلىش ئارقىلىق يۈز - ئابرۇي تېپىۋالساقلا بولدى. مۇنداق بىر ئىش يۇقىرىقى پىكىرنى يەنىمۇ دەلىللەيدۇ: مەلۇم بىر كەنتتىكى نامراتلارغا شەھەردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر كىيىم - كېچەك ئىئانە قىلغان بولۇپ، بۇ كىيىم - كېچەكلەر كەنت ئىشخانىسىغا قويۇپ قويۇلغان ۋە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ تاللاپ ئېلىپ كېتىشى ئۇقتۇرۇلغان. ئەمما كەنت ئىشخانىسىغا ھېچكىم كەلمىگەن. نەتىجىدە، بۇ كىيىملەر ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. بۇ كەنتنىڭ كىشىلىرى كىيىمگە ئېھتىياجلىق ئەمەسمۇ؟ شۇ كەنتنىڭ بىر ئەزاسى سىياسىي كېڭەش ئەزاسىغا مۇنداق دېگەن: بىز شۇ كىيىمنى ئېلىش ئۈچۈن، كەنتكە بېرىشتىن ئۇيۇلىمىز، يەردىن كىرىدىغان كىرىم بىر يىلنىڭ بىر يىلغا ئوخشىمايدىكەن. تۇرمۇشىمىزمۇ قەدىر ئەھۋال. بەزىدە ئۆزىمىزمۇ يىللاپ كىيىم كىيمەيمىز، بولۇپمۇ قىش كەلگەندە قىينىلىپ قالىدىغان ئىشكەن. ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ياردەم قىلغان كىيىملەرنى كىيگۈمىز بار 

دەرۋەقە، ئادەمنىڭ غۇرۇرى ئىنتايىن نازۇك. ئىنسان غۇرۇر بىلەن ياشايدۇ. ئادەم كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغاندا، غۇرۇرى ئازار يەيدۇ. غۇرۇرى ئازارچىلىققا ئۇچرىغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشنىڭ داشقايناقلىرىدا پۈتۈن چىقىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش بەكمۇ تەس. شۇڭا ئىئانە بەرگەندە قارشى تەرەپنىڭ ماددىي قىيىنچىلىقىنىلا ئەمەس، مەنىۋى قىيىنچىلىقىنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ قويايلى.

دوختۇرنىڭ كېسەلگە رەھمەت ئېيتىشىدىن ئويلىغانلىرىم

مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا كېسەل داۋالىتىۋېتىپ، بىر كېسەلنىڭ يارىسىنى تىككەن دوختۇرنىڭ كېسەلنى داۋالاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «رەھمەت سىزگە، قىيناپ قويدۇم» دېگىنىنى ئاڭلاپ قېلىپ ئاغزىمنى ئاچقىنىمچە قاراپ قالدىم. ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئاڭلىغان كېسەلنىڭ ئاتىسىمۇ تەمتىرىگەن ھالدا: «ئۆزلىرىگە رەھمەت دوختۇر، ئەسلىي بىز رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك»  دەپ دۇدۇقلاپ گېپىنىمۇ ئوڭشاپ قىلالماي قالدى. مەن دوختۇرنىڭ يەنە شۇنداق رەۋىشتە كېسەللەرگە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىپ، داۋالاپ بولغاندا ئاشۇ رەھمىتى بىلەن ئۇزىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ ئولتۇردۇم. بىزدە ھازىر شۇنداق بىر ئادەت شەكىللەنگەنلىكى، «قائىدە» بويىچە ئەسلىدە بىز دوختۇرغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاچقا كىچىككىنە كېسەل بولۇپ قالساق بىر قىسىم مۇز چىراي دوختۇرلارغا خۇشامەت قىلىپ، قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالىمىز. ئەمما مۇنۇ دوختۇرنىڭ كېسەللەرگە رەھمەت ئېيتىپ، «خۇشامەت» قىلىپ كېتىشى نەنىڭ قائىدىسىدۇ؟ كىشىگە «ئېتەكلەر ياقا» بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەنا؟ مەن ئاشۇنداق خىياللار ئىلكىدە بۇ دوختۇر بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش ئىستىكىدە بولدۇم.

 مەن ئىچكىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا بىلىم ئاشۇردۇم،  دېدى ئۇ،  ماڭا مەسئۇل پروفېسسور دوختۇرنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى، كەسىپ ئىستىلى مېنى تولىمۇ قايىل قىلغانىدى. ئۇ دائىم ماڭا: كېسەلنى داۋالاش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. داۋالاش جەريانىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېسەل تولىمۇ ئاۋارىچىلىقلارنى تارتىدۇ. بىز ئۇلارغا كۈچىمىزنىڭ بارىچە ياردەم قىلىمىز، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى يۈكلىرىنى يېنىكلىتىمىز. ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىنلا داۋالاپ قالماي، روھىي جەھەتتىنمۇ داۋالايمىز. شۇڭا بىز كېسەلگە ئۇ خۇشال بولىدىغانلىكى گەپلەرنى قىلىشىمىز كېرەك. كېسەلنى داۋالاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا «رەھمەت سىزگە» دەپ كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىز، كېسەل داۋالاش جەريانىدىكى تارتقان ھەرەجلىرىنى ئۇنتۇپلا كېتىدۇ، دېگەنىدى. مەن يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەتنى ئۆزۈمدە يېتىلدۈردۈم. دەسلەپتە «رەھمەت سىزگە» دېگەن گەپنى قىلسام، تولىسى ھەيران قالدى، ئاندىن خۇش بولغىنىچە، ماڭا رەھمەت ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. مەن ئۇلارغا روھىي جەھەتتىنمۇ ئاراملىق بېرەلىگىنىمدىن شادلاندىم 

ئەسلىدە مۇنداقكەن - دە. «رەھمەت سىزگە» ئەجەب يېقىملىق سۆزكىنا بۇ، مەنمۇ بۇ سۆزنى بىر كېسەل ئورنىدا تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ، تولىمۇ شادلىنىپ كەتتىم ۋە بىر قېتىم ئوكۇل ئۇردۇرغاندا، سېسترالارنىڭ تومۇرۇمنى تاپالماي، 5، 6 يەرگە يىڭنە سانچىپ كەتكىنى ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدا مەن تولىمۇ قىينالغانىدىم. ئەمما ھېلىقى «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» دېگەن نامى بارلار توڭ قاپاقلىرىنى تېخىمۇ تۈرۈپ، مېنىڭ تومۇرۇمنى تاپالماسلىقتەك كەسىپتە ناقابىللىقىنى تومۇرۇمدىن ۋە مەندىن كۆرۈپ، ماڭا ئالىيىپ كېتىشكەن، مەنمۇ تولىمۇ ئوسال ئەھۋالدا قالغانىدىم. ئەمدى دوختۇرنىڭ كېسەلگە رەھمەت ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغىنىممۇ شۇ ئىدى. بۇ سۆزنى دوختۇر، سېسترالار ئاغزىلىرىغا «ئەم» قىلىۋالسا، كېسەللەر قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەر ئىدى - ھە؟

 

كۈلۈمسىرەشكە پۇل كەتمەيدۇ

 

كەڭ قورساقلىق، خۇشخۇيلۇقنى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى پارول دېسىمۇ بولىدۇ.

سىز ناخۇش ھالدا ئىشخانىڭىزغا كىرگىنىڭىزدە، خىزمەتدىشىڭىز سىزگە كۈلۈمسىرەپ سالام قىلىدۇ. سىز شۇ چاغدا ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ سالام قايتۇرۇڭ؛ سىز بىر خېرىدار سۈپىتىدە ماگىزىندىن مال سېتىۋالغان چېغىڭىزدا، پىركازچىك مېلىڭىزنى سومكىڭىزغا قاچىلاپ بېرىپ قولىڭىزغا تۇتقۇزۇپ قويغىنىدا، سىز ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىڭ؛ گاز توشۇغۇچى گاز تۇڭىنى ئۆيىڭىزگىچە ئەكىرىپ بەرگىنىدە، گەرچە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت ھەققى بەرگەن بولسىڭىزمۇ، ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىپ قويۇڭ. سىز بەلكىم مۆلچەرلىيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، خىزمەتدىشىڭىز سىزگە سالام قىلغىنىدا، سىزنىڭ ئەتىگەندىكى ناخۇشلۇقىڭىزدىن ئەسەرمۇ قالماي، سىزمۇ باشقا «ناخۇش»لارغا سالام قىلىپ كەيپىياتىنى كۆتۈرىسىز؛ ئۆزىڭىزمۇ ناھايىتى روھلىنىپ، شۇ كۈنى قىلماقچى بولغان پىلانلىرىڭىزنى ناھايىتى ئوڭايلا ئورۇندىۋالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغىنىڭىزدا، ھېلىقى پىركازچىكمۇ خېرىدارلىرىغا قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇپ، تىجارىتىنى جانلاندۇرۇپ روناق تاپقانلىقىنى، گاز توشۇغۇچى ئۆزىنىڭ ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ بىرنەچچە تۇڭ گازنى كۆپ توشۇۋەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالىدۇ.

كۈلۈمسىرەشكە پۇل كەتمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، كىشىلەرنى ئەدەپلىك، مەدەنىي پۇقرا بولۇشقا يېتەكلەۋاتىدۇ. كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق بىر - بىرىمىزگە ئىللىقلىق تارقىتىپ، ئىناق - ئىجىل جەمئىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىشمۇ پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىشنىڭ بىر كىچىك مەزمۇنىدۇر.

 

قەلبتىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرىۋېتىڭ

 

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، يەنى ھەشەمەت ئىچىدە ياشايدىغان بىر كاتتا ئەرباب مۇھىت ئۆزگەرتىپ باقماقچى بولۇپ، ئۈچ ئايلىق دەم ئېلىش بىلەن يىراق جايلارغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىپتۇ. ئۇ ئېتىزلاردا ئىشلىگەندە خوجايىندىن ئوغرىلىقچە بىر تال تاماكا چېكىۋالغىنىدىن، ئىشداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋالغانلىقىدىن ئاجايىپ شادلىققا چۆمۈپتۇ. ئۇ يەنە بىر ئاشخانىدا قاچا يۇيۇپتۇ. ئۇ ئىشقا چۈشكەن بىرىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭغا: «تولىمۇ ئەپسۇس، ئىشتىن بوشىتىلدىڭ، قاچىنى كۆپ يۇيالمايدىكەنسەن، ھەي بىچارە قېرى» دەپ ئۇنىڭ يېرىم كۈنلۈك ھەققىنى بېرىپ ئىشتىن ھەيدەپتۇ. ئۇ بۇ ئۈچ ئايدا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاپتۇ، ئۇنىڭ ئەڭ خۇش بولىدىغىنى قەلبىدىكى يىغىلىپ قالغان ئەخلەتلەر بىراقلا چىقىپ كېتىپتۇ.

بۇ يەردىكى «ئەخلەت» زادى نېمە؟ مەن ئويلىنىپ قالدىم، بىز قەلبىمىزدە ئەخلەت بارلىقىنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ مەن ساياھەت - مەدەنىيەت مەيدانىدا، چوپچوڭلا ئادەمنىڭ بىر كىچىك بالىنىڭ ئۆتكۈزگەن كىچىككىنە سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەربىيە - نەسىھەت قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇرۇپ، نۇقۇشلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدىم. بىچارە بالا (9 - 10 ياشلاردا) كۆزلىرىنى ئەتراپتا يىغىلغان كىشىلەرگە تىكىپ ئادىللىقنى تەلەپ قىلىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ نۇرغۇن تاياق يەۋالدى. يىغىلغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن بىرەرسى مەيدانغا چىقىپ: «بۇ نارەسىدىنى نېمىگە ئۇرىسەن؟» دەپ سوراپ باقمىدى. كېيىن ساقچىلار كېلىپ، ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. مەن شۇ چاغدا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ھەققانىيەتنى ياقلاش، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش، ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرى نەگە كەتكەندۇ؟ دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمدى ئويلىسام، قەلبىمىزدىكى بۇ ئېسىل خىسلەتلىرىمىزنىڭ ئۈستىنى بىر قەۋەت كىر بېسىۋالغانىكەن. بىزنىڭ قەلبىمىزدە خىرەلىشىپ، ئەسلىنى بىلگىلى بولمايدىغان، چىقىرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولغان ئەخلەتلەر خېلى بار ئىكەن. بۇ ئەخلەتلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەمەلىيىتىمىزگە، ھەرىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەسلىدىكى ئىجابىي قىلىقلىرىمىز سەلبىيلىشىپ بارماقتا.

)ئاپتور: «تۇرپان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە(


'Hof {'#xDmuf : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks