‏سوۋغا تەقدىم قىلىش «قەرز»مۇ؟

 

 سۆيۈملۈك خانىم - قىزلار، بايرىمىڭلارغا، تۇغۇلغان كۈنۈڭلارغا، خاتىرە كۈنۈڭلارغا، بەختىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! مۇلايىم، سەۋرچان، نومۇسچان بولۇڭلار، سىلەرگە ئۆزۈڭلار ئويلاپ باقمىغان، ئەمما سىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان سوۋغاتلار تەييارلانماقتا   

«ماڭا نېمە قىلىپ بېرىسىلەر؟»، مەن ئايالىمنىڭ سوئالىنى چۈشەنسەممۇ بىلمەسكە سېلىپ، «كىمدىن سوراۋاتسىلەر؟» دېدىم. ئايالىم جىددىيلىشىپ، «ئەلۋەتتە ئۆزلىرىدىن سوراۋاتىمەن، ئەتە ئانىلار بايرىمى» دېدى. «مېنىڭ ئانام تۈگەپ كەتكەن، بۇ ئىشنى بالىلار ئويلاشسۇن» دېدىم مەن چاقچاق قىلىپ، ئايالىم شۇئان ساغرىسىدا «ئۈگۈت» ئېتىپ باشقا ئۆيگە كىرىپ كەتتى، بالىلىرىممۇ بۇ جاۋابىمدىن نارازى بولۇپ جىم بولۇشۇپ قالدى. ئەسلىدە مەن ئايالىمغا نېمە ئېلىپ بېرىشنى بالىلىرىم بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ بولغانىدىم. ئۆيدە بىرئاز غەشلىك تۈسى پەيدا بولدى، مەن ئويلىنىپ قالدىم.

سوۋغا تەقدىم قىلىش  دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا ناھايىتى بۇرۇن ئومۇملاشقان ئەنئەنە، كىشىلەر ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىڭ بايرام كۈنلىرى، خاتىرە كۈنلىرى ۋە بىرەر ئەھمىيەتلىك كۈنلىرىنى سوۋغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق خاتىرىلەپ ۋە مۇبارەكلەپ، ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان يېقىنلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.

سوۋغا تەقدىم قىلىش قائىدە بويىچە قارىغاندا تۇيۇقسىز بولۇپ، قارشى تەرەپنى ئۇشتۇمتۇت خۇشال قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. سوۋغا ماددىي قىممەت بويىچە ئۆلچەنمەستىن، سوۋغا قوبۇل قىلغۇچى سوۋغا بەرگۈچىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنسىلا كۇپايە.

ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «سەرگەردان»دا ئۆسمۈر قىز رىتتا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىدۇ ۋە ساۋاقدىشى راجىنى تۇغۇلغان كۈنىگە قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، مۇراسىمدا رىتتاغا باشقا ساۋاقداشلىرى ھەر خىل ماددىي نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىشىدۇ، راجىنىڭ پۇلى بولمىغاچقا سوۋغا بېرىشكە ئامالسىز قالىدۇ، رىتتا ئۇنىڭغا گۈل بولسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، راجى رىتتاغا بىر تال ئاق ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىدۇ. بۇ ھالدىن رىتتامۇ، كىنو كۆرگۈچىلەرمۇ خۇرسەن بولىدۇ. چۈنكى رىتتاغا نىسبەتەن ئەڭ يېقىن كىشى راجى ئىدى، شۇڭا ئۇ بىر تال گۈل رىتتاغا باشقا ساۋاقداشلىرى بەرگەن ھەرقانداق ماددىي قىممەتكە ئىگە سوۋغىدىن قىممەتلىك تۇيۇلغان.

يەنە ئىززەت ئىلياس ئورۇندىغان بىر ناخشىدا:

«ئاشۇ يېشىل ياپراقلار،

گۆھەرلەردىن كۆپ ئېسىل،

خاتىرەمنىڭ قېتىدا،

تۇرىدۇ ئۇ ياپيېشىل » دېگەن بىر كۇپلېت بار، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سوۋغا تەقدىم قىلىش ماددىي بايلىققا ئېرىشتۈرۈش بولماستىن، يېقىنلىقنى ئىپادىلەيدىغان مەنىۋى بەلگە.

ھازىر بەزى كىشىلەر سوۋغا تەقدىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى توغرا چۈشىنەلمەي، ئۇنى يېڭىچە بىر خىل «قەرز»گە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. يەنى قارشى تەرەپكە «ماڭا نېمە ئېلىپ بېرىسىز»، «تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئۇنداق نەرسە ئېلىپ بېرىڭ»، «بايرىمىمغا مۇنداق نەرسە ئېلىپ بېرىڭ»، «بۇ قېتىم ئېلىپ بەرمىسىڭىز كېلەر قېتىمغا قەرز بولۇپ قالسۇن » دەيدىغان چاكىنا قىلىقلار پەيدا بولماقتا. بۇ بىر خىل ئۆزىنىڭ ۋە سوۋغاتنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان پسىخىك ئىللەتتۇر. يەنە تېخى «تونۇشقان كۈن سوۋغىسى» دېگەندەك سوۋغىلارمۇ پەيدا بولغانمىش. ئېنىقكى، بۇ يەردە ئېيتىلغانلار «سوۋغات» بولماستىن شەكلى ئۆزگەرگەن ئالۋان بولۇپ، قارشى تەرەپكە بېسىم پەيدا قىلىدۇ. كىشىلەر ھەقىقىي سوۋغىنى چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ بېرىدۇ، ئالۋاننى بولسا ئامالسىز غۇدۇراپ تۇرۇپ بېرىدۇ.

قارشى تەرەپكە سوۋغا بېرىش - بەرمەسلىك سوۋغا بەرگۈچىنىڭ ئۆز ئىشى. سوۋغا قانچە تۇيۇقسىز، قانچە ئىزاھاتسىز، قانچە مىننەتسىز بولسا شۇنچە ئەھمىيەتلىك، شۇنچە قىممەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خۇشاللىقىمۇ ئالاھىدە بولىدۇ. ھەر ئىككىلا تەرەپنى ئوخشاشلا خۇش قىلىدۇ.

سۆيۈملۈك خانىم - قىزلار، بايرىمىڭلارغا، تۇغۇلغان كۈنۈڭلارغا، خاتىرە كۈنۈڭلارغا، بەختىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! مۇلايىم، سەۋرچان، نومۇسچان بولۇڭلار، سىلەرگە ئۆزۈڭلار ئويلاپ باقمىغان، ئەمما سىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان سوۋغاتلار تەييارلانماقتا

)ئاپتور: خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدائوقۇتقۇچى(


zZDq0qH D'4@of : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks