‏ئىنسان قەلبىدە پىنھان سىرلار

(نەسرلەر)

دۇنيا

 

بىر دانىشمەن يەنە بىر دانىشمەندىن سورىدى:

 ئەي، ئىنسانلارنىڭ چىرىغى، ئېيتقىنا، «دۇنيا» دېگەن نېمىدۇر؟

دانىشمەن جاۋاب قايتۇرغۇچە، زېمىندىن شۇنداق سادا كەلدى:

 دۇنيا دېگەن بىر كۆكسىدىن خۇشاللىق - شادلىق، يەنە بىر كۆكسىدىن ئازاب - ئوقۇبەت تېمىپ تۇرغان ئانا؛ بىر تېمى قوپۇرۇلۇپ، يەنە بىر تېمى تېخى پۈتمىگەن بىنا؛ بىر بۇلدۇقلىسا سۆيگۈ ۋاپا، ساداقەت، يەنە بىر بۇلدۇقلىسا قەھرى - غەزەپ، باغرى تاشلىق ئېتىلىپ چىقىدىغان توختىماس بۇلاق؛ بىر شېخىدا ھەق - ئادالەت، چىنلىق، يەنە بىر شېخىدا ساختىلىق، رەزىللىك مەي باغلاپ پىشىدىغان مېۋىلىك دەرەخ؛ بىر ئۇدارى مۇڭ - ھەسرەت، خاپىلىق، بىر ئۇدارى يېقىملىق كۈلكە بىلەن يۇغۇرۇلغان لەرزان مۇزىكا!

كۆكتىن شۇنداق سۆزلەر زاھىر بولدى:

دۇنيانى قانداق تونۇش، قانداق ياشاش پەقەت سىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ قانداقلىقى، ئەقىل - پاراسىتىڭىزنىڭ قانچىلىكلىكىگە باغلىقتۇر.

 

يۈكسەك ئىنسان

 

ئايىغى چىقماس كۆل سۈيىنىڭ سېسىغىنى سېسىغان. ئۇ جىمجىت ھايات. ئەنە شۇنداق ھاياتلا سېسىشقا لايىق، ھېچكىم ئۇنىڭغا كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.

روھى مەجرۇھ، ئېتىقادى پۇرلاشقان كىشى دۇنيادىكى بىردىنبىر يارىماس كىشىدۇر. ئۇنداقلارنىڭ روھىي مېيىپلىقى تەقدىرنىڭ مەڭگۈ كاجلىقىنى قوزغايدۇ. تەقدىر ھە دېگەندىلا ئۇلارنى تەستەكلەپ، دۈشكەلەپ تۇرىدۇ. بۇنداق تەستەكمۇ كار قىلمىسا، ئۇ گويا تىنىق كۆلدەك بارا - بارا سېسىپ تۈگەيدۇ، ھەتتا ئالەمدە ئۇنىڭ ئىزناسىمۇ قالمايدۇ.

مەن باتۇر كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيمەن، سۆيىمەن، ئۇلارغا دوستلۇق مەكتۇبى يوللايمەن. چۈنكى ئۇلاردا قەيسەر ئىرادە، شىجائەت، ھايات مەنزىللىرىدە نۇر بولۇپ يانىدىغان ئۈمىد بار. ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەرقاچان ياخشىلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ؛ ئاجىزلار ئۇنىڭ سايىسىدە پاناھلىنالايدۇ، ئادالەت شەمشىرى ئۇلارنىڭ يېنىدا پارقىراپ، كىشىگە خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدۇ. ئۇلار يۈكسەك ئىنسانلاردۇر.

روھىي مەجرۇھلار نېمە قىلالىسۇن؟ ئۇلار دەريادا ئېقىپ كېتىۋاتقان سەبىي بالىنى قۇتۇلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ دۈشمەنگە شىددەتلىك ئوت ئاچالامدۇ؟ ھاقارەتلەنگەن قەلبنىڭ جاراھىتىگە مەلھەم سۈرتەلەمدۇ؟ ئۇنىڭدا مېھىر - مۇھەببەت كۈيىنى ئاڭلىيالايدىغان سەزگۈر قۇلاق، ئاياغ ئاستىدا چەيلەنگەن نازۇك گۈلنى كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر كۆز بارمۇ؟

روھىي مەجرۇھلار يارىماسلىقتىن قۇتۇلالمىسا، ئۇ تارىخ ئىچىدىكى كۆڭۈلسىز بىر تىنىق خالاس؛ يۈكسەك ئىنسان ھەممىگە تەييار، ئۇ گويا جەڭگە ئاتاپ توقۇپ قويۇلغان تۇلپارغا ئوخشايدۇ.

 

پاكلىق

 

بارلىق روھىي بايلىقلار ئىچىدە ئەڭ ئىپتىخارلىقى پاكلىقتۇر. جىسمى ۋە روھى پاكلىق ئارقىلىقلا بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

پاكلىق  ئىنسانىيەت ھايات يولىنىڭ نۇرلۇق كومپاسى. ئۇ ئارقىلىق بىز يىراقتىكى ئىزنالىرىمىزنى ئىزدەپ تاپالايمىز.

پاكلىق  روھنىڭ يىلتىزى، پاك بولمىغان دەرەخنىڭ مېۋىلىرى قۇرۇتلاپ كەتكەندەك، پاك بولمىغان روھتا بىلىمنىڭ چېچىكى مېۋە بەرمەيدۇ.

پاكلىق  بىزنى ياراتقۇچىغا يېقىن قىلىدۇ. ئەۋلىيالار بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ ناخشىسىنى تىڭشاتقۇزىدۇ.

پاكلىق  ئىنسان خىسلىتىنىڭ يارقىن سىماسى، گۈزەل ھاياتنىڭ بەخت غۇنچىسى. ھاياتنىڭ قىممىتى پاكلىق ئىچىدە بولىدۇ.

پاكلىق  بىزنى قىزىلگۈل، ئىپار ئارىلاشتۇرۇلغان ئەڭ گۈزەل ھاۋالاردىن نەپەسلەندۈرىدۇ.

پاكلىق  ياراتقۇچىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ناخشىسى. ئۇ پاك بولغۇچىغا ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ يېقىن.

پاكلىق  بەخت، پاكلىق  تەخت، پاكلىق  مۇھەببەت، پاكلىق  مېھنەت.

بىز بۇ ھاياتلىق مۇساپىمىزدە قۇياش نۇرى، تاغ سۇلىرى، يېتىملەر كۆز يېشى، باھار، بۇلۇت، ياز چېچەكلىرى  قاتارلىق نۇرغۇن پاك نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. بىز ئۇ نەرسىلەرگە تەلپۈنىمىز ھەم ئىنتىلىمىز. چۈنكى ئىنسانلار پاكلىقنى سۆيىدۇ.

پاكلىق بار يەردە بەرىكەت بولىدۇ. پاكلىق بار يەردە نۇسرەت بولىدۇ.

پاكلىق  سۇ، ئۇ مەينەتنى تازىلايدۇ؛ پاكلىق  ئوت، ئۇ زۇلمەتنى كۆيدۈرىدۇ.

ئەي، بىلىپ - بىلمەي پاكلىقنى ئاياغ ئاستى قىلىۋاتقانلار، شۇنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلاركى، بىزنى شەرەپ سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىدىغىنى پەقەت پاكلىق، خالاس.

 

بۇ يەر 

 

مەن بۇ يەرگە ھەۋەس قىلىمەن، تەلپۈنىمەن. ئۇ يەردىكى كىشىلەر ھەققىدە دائىم خىيال قىلىمەن.

بۇ يەردە، بىزگە چىرايلىرى تونۇش، ۋۇجۇدىدىن مۇھەببەت يانغان، كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان كىشىلەر ياشايدۇ.

بۇ يەردە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدەك ھىمايە قىلغۇچى يۈكسەك كىشىلەر ياشايدۇ.

بۇ يەردە، سەرگەردان بالىلارنىڭ غەمگۇزارى، نامراتلارنىڭ بۇزرۇكۋارى، يېتىم - يېسىرلارنىڭ باشپاناھلىرى ياشايدۇ.

بۇ يەردە، ئۆزلىرىنىڭ بارلىق بەخت - سائادىتىنى باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن پېدا قىلغان گىگانت كىشىلەر ياشايدۇ.

بۇ يەردە، غۇرۇر سەگەكلىشىدۇ، ۋىجدان ئويغىنىدۇ، ئارزۇ - ئىستەكلەر چېچەكلەپ ئارمىنىغا يېتىدۇ.

بۇ يەردە، ئېتىقادسىز كىشىلەر ئېتىقادىنى، مۇھەببەتسىز يۈرەكلەر مۇھەببەتنى تاپىدۇ.

بۇ يەردە، ئەڭ ئېسىل ئادەملەر تۇغۇلىدۇ.

بۇ يەر  ئاقباش تاغلارنى چوڭ قىلغان، قۇم بارخانىلىرىنى چېچەكلەتكەن، بوستانلارنى گۈللەتكەن ئانا يۇرت.

 

سۆيۈش

 

سۆيىمەن سېنى ئەي يېشىل كائىنات، زېمىنغا ئانا مېھرىدەك تۆكۈلگەن ئاپتاپ؛

سۆيىمەن سېنى شېرىن كېچىدىكى يۇلتۇزسىز ئاسمان، شەپەقلەردەك جۇلالىق كۆمۈشرەڭ داۋان؛

سۆيىمەن سېنى سەبىي تىلىدا ناخشا ئېيتقان كىچىك ئېقىن، تاغلارنىڭ كۆكسىنى چەككەن تەتۈر چېقىن؛

سۆيىمەن سېنى پىشقان قىزىلگۈل، گۈلەخلەردەك ناخشا ئېيتقان سۇنۇق كۆڭۈل؛

سۆيىمەن سېنى، ئەي، مېنى تۇغقان ئۇلۇغ دەرىخىم، ئانا ماكان!

 

خارلاش

 

سەن ئۆزۈڭگە ئىشەنمەيسەن. سەن ھاياتلىققا قەدەم قويغىلى شۇنچە ئۇزاق يىللار بولغان بولسىمۇ، تېخى ئۆزۈڭ ھەققىدە بىرەر قېتىم ئەستايىدىل ئويلانغىنىڭ يوق. باسقان ھەربىر قەدىمىڭدە ئۆزۈڭنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭغا گۇمان بىلەن قارايسەن. سەن روھىڭنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاختۇرىسەن. لېكىن بىردەمنىڭ ئىچىدىلا زېرىكىپ كېتىسەن. سەن «قەلبىمدە ئۈمىد - ئارزۇ يوق» دەپ قارايسەن. شۇڭا ئىزدەنمەيسەن، ئاقىلانە تەپەككۇر قىلمايسەن.

بوستانلارغا قاراپ سەن ئۆزۈڭنى «قۇرۇغان دەرەخ» دېدىڭ؛

دەريا ساھىلىدا ئولتۇرغىنىڭدا ئۆزۈڭنى «سۇسىز دەريا» دېدىڭ؛

ئۆز ھىدى بىلەن ھاۋانى خۇشبۇي قىلغان سەرخىل گۈللەرنى كۆرگىنىڭدە «مەن سولاشقان گۈل» دېدىڭ؛

ئەگرى - بۈگرى يوللارنى ئارقاڭغا قالدۇرۇپ، بىپايان دەشت - باياۋاندا سەپەر قىلغىنىڭدا: «ئەي، گىياھ ئۈنمەس چۆل، يۈرىكىگە ئوت كەتكەن قاقاسلىق، مېنىڭ ۋۇجۇدىممۇ سەن بىلەن ئوخشاش» دېدىڭ.

ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمانغا ئۈنسىز تىكىلىسەن. چەكسىز قىزغىنلىققا تولغان ئانا - بالا كەپتەرلەر باش ئۈستىڭدىن ئەگىپ ئۆتكەندە، ئۆز - ئۆزۈڭگە: «مېنىڭ قانىتىم يۇلۇپ تاشلانغان» دەپ شىۋىرلايسەن 

سەن ئۆزۈڭگە ئىشەنمەيسەن، سەن بۈگۈنگە قەدەر ئۆزۈڭگە ئىشىنىپ باقمىدىڭ.

كۆڭلۈڭدىكى سىرىڭنى يوشۇرما، ئۆز - ئۆزۈڭنى خارلىما  بىلەمسەن، ھاياتلىق پەقەت ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەنلا ئەھمىيەتلىكتۇر.

 

ھېسداشلىق

 

مەن يىقىلىپ كەتتىم. سەن ئارقاڭغا قاراپلا «ۋاي جېنىم قوزام» دېگىنىڭچە، مېنى دەس تۇرغۇزۇپ قويدۇڭ. ئەگەر مەن سېنىڭ بالاڭ بولماي، ئىگە - چاقىسىز بىر قەلەندەر بالا بولۇپ ئازراق سەدىقە ئۈچۈن ساڭا قول ئۇزارتسام، سەن ماڭا قاراپ قوياتتىڭمۇ؟ ئەگەر مەن سېنىڭ بالاڭ بولماي، باشقا بىر كىشىنىڭ بالىسى بولۇپ يىقىلىپ كەتكەن بولسام، سەن مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزۇپ قوياتتىڭمۇ، ئانا؟

باشقىلار مېنى ئۇرۇپ يۈز - كۆزۈمنى قانغا مىلىگەندە، يېنىڭغا يىغلاپ كىرسەم سەن ماڭا ھېسداشلىق قىلىپ، مېنى ئۇرغانلارغا غەزەپلەندىڭ. تاش ئېتىپ ئۇلارنى قوغلىدىڭ. ئەگەر مەن سېنىڭ بالاڭ بولماي قالسام، شۇ چاغدا سەن «خوپ بوپتۇ، سەن ئاشۇنداق تاياققا لايىق» دەرمىدىڭ؟ ئەپسۇس، مەن سېنىڭ بالاڭ.

ئانا، مەن لاچىن سوققان ئانا كەپتەرنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرىنى كۆرگەنىدىم. ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا، باشقا بىر ئانا كەپتەر ئۇلارنى ئۇچۇرما قىلدى. ئۇ ئۆز ئەقىدىسىدىن مەمنۇن بولدى. كەپتەر بالىلىرىمۇ ئانا كەپتەرگە ئۆز سۆيگۈسىنى بەردى.

ئانا، ئەگەر مەن بىر ئانا بولۇپ قالسام، چوقۇم ئاشۇ ئانا كەپتەردەك بولغان بولاتتىم.

 

/hbrfahm 

 

ئادەم گۆشى يېمەيدىغانلار بارمۇ؟ بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇڭلار.  لۇشۈن

 

بالىلار  بىزنىڭ بالىلىرىمىز، بىزنىڭ يۈرەك پارىلىرىمىز. بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ۋە ئەتىمىز، بىزنىڭ بەختىمىز ۋە كەلگۈسىمىز.

بىر دانىشمەن بۇ شەھەرگە تۇنجى رەت قەدەم بېسىپ، بالىلار ئارىسىغا باردى. بالىلار ئۇنى ئورۇۋالدى. ئۇ، بالىلارنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بالىلارنى سۆيۈش  ۋەتەننى سۆيۈش، ئۇلارنى ئاسراش ھاۋانى ئاسراش، ئۇلارنى قوغداش زېمىننى قوغداش دېمەكتۇر.

ئەي كىشىلەر، پېشانىسىگە ھەرخىل قىسمەتلەر پۈتۈلگەن بۇ بالىلار ھەققىدە، بالىلارنىڭ بەختى، ئىستىقبالى ھەققىدە پاراڭ قىلىڭلار. ئۇلارنى توغرا بولغان يولغا باشلاڭلار، ئۇلارغا ھالال مېھنەت بىلەن ياشاشنى ئۆگىتىپ شەپقەت يەتكۈزۈش  ئۇلار ئۈچۈن بەخت ۋە ئىقبالدۇر. ئۇلارنىڭ قەلبى گويا يۇمران باھار يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. سىلەرنىڭ مېھرىڭلار ئاشۇ يۇمران يوپۇرماققا ھاياتلىق بېرىدىغان كۆرۈمسىز يىلتىزدۇر.

ئەي ئۇلۇغ كىشىلەر، قەلبىڭلارنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە يېلىنجاپ تۇرغان ئارمىنىڭلار ئاشۇ بالىلار ئەمەسمۇ؟ كېچىلىرى يۇلتۇزلارنىڭ ئارىسىدىن ئىزدىگىنىڭلار ئاشۇ بالىلار ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا. ئۇلار ناخشا ئېيتقاندا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار. ئۇلارنىڭ ناخشىسى سىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئۇلارنىڭ ناخشىسى سىلەرنى ئويغىتىدۇ. ئۇلار پېشىڭلارغا ئېسىلغاندا، سىلكىپ تاشلىماڭلار. ئۇلارنىڭ مەسۈمە چىرايىغا قاراپ بېقىڭلار، ئەتراپىڭلاردىكى ھەرقانداق نەرسە ئاشۇ بالىلارنىڭ مېھرىدىن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس ئەمەس »

دانىشمەن گېپىنى تۈگىتىپ، گۇگۇم چۈشكەندە بۇ شەھەردىن كەتتى. كىشىلەر ئۇنى يەنە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلدى.

(ئاپتور: ئۈرۈمچى «ئاتىللا» فىلىم ئىشلەش مەركىزىدە)


iy]u3 ^yc'" hyl&D-y" : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks