سوئال: كونىلارنىڭ «خوتۇن ئالدىڭ، ئۆشنەڭگە بىر يۈدۈم ئوتۇن ئالدىڭ» دېگەن گېپى بار ئىكەن. خوتۇن ئالماي دېسەم، ئاتا - ئانامنىڭ كۈندىلىك تاپا - تەنىسى؛ ئالاي دېسەم، ئۆشنەمنىڭ بىھۇدە ئېغىرلىشىپ كېتىشى  زادى قانداق قىلسام بولار؟

 لوپ ناھىيە دول يېزىلىق بىرلىكسەپ ئىشخانىسىدىن: ئابلىمىت ئابدۇكېرىم

 

جاۋاب: بويتاقچىلىق - مايماقچىلىق - ئاۋارىچىلىق، دېگەننى ئاڭلىمىغان ئوخشايسىز. ئاتا - ئانىڭىزنىڭ سىزگە تاپا - تەنە قىلىشىنىڭمۇ سەۋەبى بار. يىگىت دېگەن ۋاقتىدا ئۆيلىنىپ، بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈپ چېنىقىشى كېرەك. ئويلاپ باقمامسىز: ئادەم ھېرىپ قالغاندا، ئۆشنىسىدىكى يۈكنى تېگىدە قويۇپ، ئۈستىدە ئارام ئالسا بولىدۇ ئەمەسمۇ!

 

سوئال: ھازىرقى كۈندە ھەقىقەتنىڭ كۈچى چوڭمۇ ياكى پۇل بىلەن ھوقۇقنىڭ كۈچىمۇ؟ (تۇرسۇنجان ئەرشىدىننىڭ سوئالى)

 

جاۋاب: يوقسۇل ۋاقتىڭىزدا پۇلنىڭ، پۇل تاپقان ۋاقتىڭىزدا ھوقۇقنىڭ، پۇل بىلەن ھوقۇقنىڭ قۇلىغا ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا ھەقىقەتنىڭ كۈچى چوڭ بولىدۇ.

 توقسۇ ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىن: بېشىرجان

 

سوئال: ئېشەك بىر قېتىم پۇتى كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچىلەپ ئۆتكىلى ئۇنىمايدىكەن. ئەمما ئادەم «بىر قېتىم پۇتى كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈك»تىن ئون قېتىملاپ ئۆتسىمۇ كۆڭلى تىنمايدىكەن. ئويلىنىپ قالدىم: زادى ئادەم ئەقىللىقمۇ ياكى ئېشەكمۇ؟ (مامۇت توختىنىڭ سوئالى)

 

جاۋاب: بۇنىڭغا غاچچىدە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئاشۇ كۆۋرۈكتىن ئىككىنچىلەپ ئۆتكىلى ئۇنىمايدىغان ئېشەكنىڭ ئەتراپىدا «مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم!» دەپ دەي - دەيگە سالىدىغان ئاغىنىلىرى يوق!

 توقسۇدىن: بېشىرجان

 


  : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks