‹ نان قېپى
›
(فېليەتون)
ئالىي
مەكتەپنى
پۈتتۈرگىنىمگە
ئۈچ يىل
بولدى.
بۈگۈن
بولمىسا
ئەتە، ئەتە
بولمىسا
ھامان بىر
كۈنى
ھۆكۈمەتتىن
«پالانى
كۈنى ئىشقا
چۈشىدۇ،
ئىش ھەققى
مانچە يۈز
سوم» دېگەن
ئۇقتۇرۇش
كېلىدۇ. بۇ
دېگەن بىر
ئۆمۈر
يېتىپ
يېسەممۇ
تۈگىمەيدىغان
ئالتۇن
تېغىم
بولىدۇ. شۇ
چاغدا «ھۇ
نان قېپى،
كارغا
يارىماس»
دېگەنلەرگە
ئۆزۈمنى
كۆرسىتىپ
قويمايدىغان
بولسام،
خەپ
****
كۈنلەرنىڭ
ئۆتۈشى
بىلەن
كۈندە
مايلاپ
تارىلىدىغان
چېچىم
ئىككى - ئۈچ
كۈندە بىر
قېتىم
تارغاق
كۆرىدىغان
بولدى.
پىچاق
تىغىدەك
تىك
قىرلانغان
ئىشتىنىمنىڭ
تىزى
بۆكتەك
پۇسكۇيۇپ
چىقتى. توپا
قونمايدىغان
پارقىراق
ئايىقىم «ماي»
دېگەن
نەرسىنىڭ
بارلىقىنى
ئۇنتۇپ
قالغاندەك،
ئەمدىلىكتە
رەڭگىنىمۇ
تونۇغىلى
بولمىغۇدەك
ھالغا
كېلىپ
قالدى.
مەكتەپ
پۈتتۈرۈپ
يۇرتقا
كەلگەن
دەسلەپكى
كۈنلەردە
كۆزۈمنىڭ
ئىچىگە
ئۈمىد
بىلەن
قارايدىغان
قىزلارنىڭمۇ
رايى
يېنىپ،
ھازىر
ئۇلار
بىردىن
بالىنىڭ
ئانىسى
بولۇپ
قالدى.
تەڭتۈشلىرىم
بولسا، «پىلانلىق
تۇغۇت
شەرەپ
گۇۋاھنامىسى»گە
ئېرىشىپ
بولدى.
كىچىكلەر
مېنى «قولىدىن
ئىش
كەلمەيدىغان
قېرى يىگىت»
دېيىشىپ،
قارىماستىن
ئۆتۈپ
كېتىشتى.
ئۆيدىمۇ
مېھمانلىنىپ
- چىمانلىپ
بولدۇم.
ئانامنىڭ
قىز
مېلىنىمۇ
ساتتۇرۇپ
پۈتۈن
ئائىلىنى
قاقسەنەم
قىلىۋەتكەن
تۇرسام،
ئۆيۈمدىكىلەرگە
قايسى
يۈزۈم
بىلەن
قاراپ،
قايسى
ئېغىزىم
بىلەن
نېمىمۇ
دەيمەن؟
لېكىن
ئامال يوق،
بەرگەننى
يەپ تۇردۇم (كۆڭلۈمدە
يېمەكچى
بولغانلىرىمنى
يېيەلمىسەممۇ).
ئالىي
مەكتەپتە
تۆت يىل
مەخسۇس
تارىخ
ئوقۇدۇم.
ئۇيغۇرنىڭ
دەمدۇ،
جۇڭگونىڭ
دەمدۇ، چەت
ئەلنىڭ
دەمدۇ،
قەدىمقىنى
دەمدۇ،
يېقىنقىنى
دەمدۇ
قوغۇرسۇر
ئالتۇندىن
تارتىپ كۇڭ
زى،
ئەپلاتۇنغىچە
بىلمەيدىغىنىم
يوق. ئالتۇن
دەۋر،
قانلىق
يىللار
ھازىرچە
بىرى
مەندىن
سوراپمۇ
قويمىدى،
سورايدىغان
بولسا،
يىپىدىن
يىڭنىسىغىچە
شارىلداپ
ئاققان
سۇدەك
راۋان دەپ
بېرەتتىم.
قورسىقىمدا
باشقىلارغا
ئوخشاش
يېگەن ئاش -
ناندىن
باشقا
بىلىم
دېگەن
تولۇپ
يېتىپتۇ.
سەھرايى
قىيامەتنىڭ
ئادەملىرى
كور،
نادان، ئۇ
خەق
ئالتۇننىڭ
قەدرىنى
نېمە
بىلسۇن؟
ئالتۇننىڭ
قەدرىنى
زەرگەر
بىلىدۇ. مەن
مۇنداق
قالمايمەن.
كۈنلەر
ئۆتۈۋەردى.
ئۈمىدىم
كۆپۈككە،
زېرىكىش -
تېرىكىشكە
ئالماشتى.
مۇنداق
يېتىۋەرسەم
بولمايدىكەن.
يەۋەرسەم
ئۇيۇلىدىكەنمەن.
يېمىسەم
ئۆلىدىكەنمەن.
بىلگەن
«تارىخ»ىم
بىلەن نېمە
قىلالايتتىم؟
دادامغا
ياردەملىشىپ
دېھقانچىلىق
قىلماقچى
بولدۇم. 16 يىل
ئوقۇپ
كەتمەن
دېگەندىنمۇ
چىقىپ
قاپتىمەن.
قوللىرىم
قاپىرىپ،
بەللىرىم
سىرقىراپ
بولالماي
قالدىم.
ئىنىمنىڭ
ياغاچچىلىق
ھۈنىرىگە
ياردەملەشمەكچى
بولۇپ
باردىم - يۇ،
توقماق
بىلەن
بىرنى
قويۇپ، سول
قولۇمنى خېلى
قاتتىق
سوقۇۋالدىم.
ماشىنا
ئېلىپ
كىراكەشلىك
قىلىشنى
ئويلىدىم.
لېكىن
ئۇنىڭغا
پۇل نەدە؟
ماگىستىرلىق
كىنىشكام
ماشىنا
ھەيدەشكە
ئەسقاتمايدۇ.
باققالغا
قاراپ
باقتىم،
ياماقچىغا
قاراپ
باقتىم،
مەن بىر
باكالاۋر،
ئۇنداق
ئىشلارنى
قىلسام
قانداق
بولغىنى؟
ئۇنىڭدىنمۇ
رايىم
ياندى.
بازار كۈنى
كوچىدا
ساپايە
سوقۇپ «ھەق
ئاللا»
دەۋاتقان
سائىلغا
قاراپ
ھەيران
قالدىم:
ئۇنىڭ
ئاۋازى
ياڭراق،
سۆزلىرى
يېقىملىق،
يۈرەكنى
ئېزىدۇ.
ئۇنىڭ
خالتىسى
توشاي دەپ
قالغان،
قاپقارا
قاتاڭغۇر
قولىدا بىر
تۇتام پۇل.
ئۇنىڭغا
نان، پۇل،
مېۋە ئىشقىلىپ
ئۈسكەندىن
چۈشكەن
ئۈگۈتتەك
ئۈزۈلمەي
كېلىپلا
تۇرىدۇ. ئۇ
نېمە دېگەن
تەلەيلىك
ھەم
بەختلىك؟
مەن
ئەدناسى شۇ
ساپايىنىمۇ
سوقالمايمەن
- دە!
16 يىللىق
ئۆمرۈم
دەرسخانىلاردا
كىتاب -
دەپتەر
بىلەن
ئۆتتى. مۇشۇ
كەمگىچە
مەن
يادلىمىغان
كىتاب، مەن
توۋلىمىغان
شوئار
ئازمۇ؟
مەن
مۇئەللىم
نېمە دېسە
شۇنى
قىلدىم. «قىلما»
دېگەننى
ھەرگىزمۇ
قىلمىدىم.
ئويلىسام
ئۇ
چاغلاردا
مەن قۇلىقى
يۇمشاق،
پەزىلەتلىك،
رايىش بالا
ئىدىم.
ھەممە مېنى
«ئەخلاقلىق،
ئەقىللىق
بالا» دەپ
ماختايتتى.
لېي فېڭچە،
لېينىڭچە
ئۆسمۈر
بولۇپ
ئالغان
مۇكاپات،
تەقدىرنامىلىرىممۇ
خېلى بار.
ئاتا -
ئانام،
قولۇم -
قوشنىلارنىڭ
«شۇنداق
بولسۇن دەپ
ئەگكەندەك،
قايچىدا
قىرقىغاندەك،
تاناپ
تارتقاندەك
ئوڭلۇق
بالا» دەپ
ماختاشلىرى،
پەخىرلىنىشلىرىچۇ؟
ساردىن
چىققان
قارچۇغا،
سەھرادىن
چىققان
ئۆلىما
ئىدىم.
ئىلگىرى
ھەممە
زوقلىنىپ
ماڭا
قارىشاتتى.
ئەمدى مەن
ئۇلارغا،
ئۇلارنىڭ
قولىدىكى
ئىشىغا،
يەۋاتقان
نېنىغا،
قولىدىكى
پۇلىغا
تەلمۈرۈپ
قاراپ
قالدىم.
جاھاننىڭ
تەڭشەلگىنى
مۇشۇ
ئوخشايدۇ.
قازانچىنىڭ
شاگىرتى
ئۇستىسىنىڭ
قازاننى
قانداق
قۇيغانلىقىنى
كۆرمىسىمۇ،
ئىككى
يىلدا
مۇكەممەل
ئۆگىنىپ
بولارمىش.
مەنچۇ، مەن
16 يىلدا نېمە
ئۆگەندىم؟
مائارىپ
ماڭا نېمە
ئۆگەتتى؟
50 يىل
مابەينىدە
ياش،
ئوتتۇرا
ياشلىقلار
ئىچىدە
ساۋاتسىزلىقنى
تۈگىتەلمىسە،
مەن 6 يىلدا «باكالاۋر»
بولدۇم.
قاراپ
باقسام،
بىرىنچى
يىللىقتا
ساۋات
چىقىرىپ
ھايات
مۇساپەمدە
يېڭى ئىرا
باشلىغان
بولساممۇ 11 يىلدا، 16
يىلدا شۇ
بىر
ئوقۇرنى
ئايلىنىپتىمەن.
ئەمدى
مېنىڭدە
ساۋاتتىن
ئۆزگە
قالغىنى
نېمە؟
ئادەمگە
تەلەي قىيا
باقىدىغان
كۈنلەرمۇ
كېلىدىكەن.
ئۈمىدىم
ئۈزۈلەي
دېگەن
كۈنلەردە
ھۆكۈمەت
ئورگىنىغا
كاتىپ،
تەرجىماننى
نەق
مەيداندا
تاللاپ
ئالىدىغانلىقىنى
ئاڭلاپ
ئۇدۇل ناھىيىگە
چاپتىم.
ئەمدى
نېمىسىنى
ئېيتاي،
ئۇلار «چوقۇم
ئىش ئورنى
بولغان،
ياش، ئالىي
مەلۇماتلىقلاردىن
بولۇشى
كېرەك»كەن.
چالمام
سۇغا چۈشتى.
ئۇزاق
ئۆتمەي
ئوقۇتقۇچى
ۋە مەمۇرىي
خادىملىققا
جەمئىيەتتىن
تاللاپ
ئىشقا
ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىق
خەۋىرىنى
ئاڭلىدىم.
بۇ دۆرەم
ئىشلىرىم
خېلى ئوڭغا
تارتىپ
دەخلىسىز
تىزىملاش
شەرىپىگە
ئىگە
بولدۇم.
دۆلەت
تىلى،
ئەدەبىيات،
ماتېماتىكا
پەنلىرى
ئىمتىھانىدىن
ئۆتسەك،
ئاندىن
كەسىپتىن
ئىمتىھان
بېرىدىغان
گەپكەن.
ئاتا -
ئانامدىن
راسخوت
ئۈچۈن
ئاران پۇل
ئېلىپ
ئىمتىھانغا
قاتناشتىم.
«تىل -
ئەدەبىيات»
ئىمتىھانلىرى
بىر ئويۇن
ھېسابىدا
ئۆتتى.
ئەزەلدىن
مەن ئۆچ
كۆرگەن «ماتېماتىكا»
بار ئۆچىنى
ئالدى. ئۇنى
دېمىسىمۇ
سەككىز يىل
مابەينىدە
كەسپىمگە
مۇناسىۋەتسىز
دەپ قاراپ،
ماتېماتىكا
كىتابىنى
قولۇمغىمۇ
ئېلىپ
باقمىغان
تۇرسام. مىڭ
ئۆلۈپ،
مىڭبىر
تىرىلدىم.
ئومۇمىي
نومۇرۇم
تەلەپكە
يەتكەن
بولسىمۇ، «ماتېماتىكا»
تەلەپكە
يەتمەي
قۇرۇق قول
قايتىشقا
مەجبۇر
قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك
ئىدارىدىكىلەرگە
ئەھۋال
قىلدىم.
ئۇلار
تۇلۇمدىن
توقماق
چىققاندەك
جاۋاب
بېرىشتى:
ئالىي
مەكتەپتە
ئوقۇدۇم
دەيسىز،
ئىمتىھان
ئالدۇق،
ئۆتەلمىدىڭىز
ئاۋۋال
كەسىپتىن
ئالسۇن.
كەسىپتىن
ئۆتەلمىگەندە
ئاندىن
ئۇ
ئۆزىڭىزنىڭ
ئىشى.
مەن
16 يىل
ئوقۇدۇم،
ئەمدى نېمە
قىلىمەن؟
ئىختىيارىڭىز.
ئوقۇتقان
كەسىپ
تارىخ
تۇرسا
ئوقۇتقان
كەسىپ شۇ
تۇرسا؟!
ئۆزىڭىز
ئوقۇغانسىز
چاقىرىق
كېلىپ،
ئوقۇتقاندا
ئوقۇدۇم.
ئوقۇغان
بولسىڭىز،
بىلىم
ئالغانسىز؟
ئالدىم.
ئەمدى ئۇنى
نېمە
قىلىمەن؟
ئىختىيارىڭىز.
سىزدەكلەردىن
13 مىڭى بار.
قولىڭىزدىن
كەلسە ئىش
تېپىڭ.
مەن
قانداق
تاپىمەن؟
تازا
مەتو،
دەلدۈشكەنغۇ
بۇ؟ ئىش
تاپالمىساڭ
خالاغا
بېلەت سات!
ھۇ، نان
قېپى
بىر
تاغار دەرد -
ئەلەم
بىلەن
ئۆيگە
قايتىپ
كەلدىم.
16 يىل ئوقۇپ
خالاغا
بېلەت
ساتسام،
باشقا ئىش
ئۈچۈن
قانچە يىل
ئوقارمەن؟
خەيرىيەت،
يېزىدا
خالاغا
بېلەت
سېتىلمايدۇ.
شەھەردىكى
خالانىڭ
ئىگىسى بار. 13
مىڭ كىشى
بېلەت
ساتقۇدەك
يۇرتىمىزدا
قانچىلىك
شەھەر بار؟
«نان
قېپى !
نان قېپى!»
بۇ سۆزلەر
مېڭەمنى
قوچۇۋەتتى.
مەن
ئەزەلدىن
مۇشۇنداق «نان
قېپى»
يارالغاندىمەنمۇ؟
بىراۋ
شۇنداق
ياراتقانمىدۇ؟
سىلەر مېنى
نان قېپى
قاتارىغا
چىقاردىڭلار.
شۇ
ئورنۇڭلار،
شۇ
ئىمتىھان
نەتىجەڭلار
بىلەن.
سىلەر بىر
بولساڭلار
«ئىمتىھان
ئىمتىھان
بەرگۈچىنىڭ
شۇ سوئال
دائىرىسىدىكى
بىلىمىنى
كۆرسىتىپ
بەرسىمۇ،
شۇ كىشىنىڭ
پۈتۈن
بىلىمىنى
ئۆلچىمەيدۇ؛
شۇ كىشىگە
ۋەكىللىك
قىلالمايدۇ»
دەيسىلەر.
ئەمدى شۇ
بىر «ئىمتىھان»
بىلەنلا
يارىماس
قاتارغا
چىقىرىسىلەر،
زادى قايسى
گېپىڭلار
راست؟!
ئېيتىڭلار
قېنى،
مەندىن
ئالغان
ئاشۇ
ئىمتىھاننى
سىلەردىن
ئالسا،
سىلەر
قانداق
قىلارسىلەر؟
سىلەر
بىزنى مۇشۇ
ھالغا
كەلتۈرگەن
نان قېپى.
سىلەرمۇ،
مەنمۇ،
ئۇلارمۇ «نان
قېپى»
بولۇۋەرسە،
بۇ نان
قاپلىرىغا
كەلگۈسىدە
قايسى
ناننى
سالىمىز؟
بالىلارغا
شۇنى خىتاب
قىلغۇم
كېلىدۇ:
بالىلار،
ئاگاھ
بولۇڭلار،
ئۇ نان
قاپلىرى
سىلەرنىمۇ
مەندەك نان
قېپى قىلىپ
يېتىشتۈرمىسۇن.
سىلەر
ئۆزگىچە
ئادەم
بولۇڭلار!
مەن
بۈگۈن شۇنى
تونۇپ
يەتتىم.
باشقا ئىش
قولۇمدىن
كەلمىسىمۇ
كۆڭلۈمدىكىنى
دېيىش،
ۋارقىراش
بولسىمۇ
كېلىدۇ:
خالايلىق
ئۆيۈڭلاردىكى،
ئەتراپىڭلاردىكى
سەبىي
بالىلارنى
قۇتقۇزۇڭلار!
ئوقۇش -
ئوقۇتۇشنى
دەۋرگە،
زامانغا
لايىق
ئىسلاھ
قىلىڭلار.
ئەمدى
ئىسلاھات
قىلىش
پەيتى
يېتىپ
كەلدى.
ئەگەر
ئۇنداق
قىلمايدىكەنسىلەر،
كۈندە
دېگۈدەك
تۇغۇلۇپ
قاتارغا
قېتىلىۋاتقان
ساناقسىز
نان
قاپلىرى
قەيەرگە
سىغىدۇ؟
جېنىنى
قانداق
باقىدۇ؟
رىقابەتكە
قانداق
قاتنىشىدۇ؟
2004- يىل 1 - ئاپرېل
دامكۇ
(ئاپتور: چىرا
ناھىيە
دامكۇ
ئوتتۇرا
مەكتەپ
ئوقۇتقۇچىسى)
|