‏تۇرمۇش زادى نېمىگە ئوخشايدۇ؟

 

بەزىلەر «تۇرمۇش خۇددى بىر پارچە كىيىمگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىرلىشىدۇ، يىرتىلىدۇ. لېكىن سىز ئۇنى يۇيۇپ - ياماپ، تېرىپ - تۈشەپ يۈرۈپ ئاخىرىغىچە كىيىسىز» دەيدۇ.

يەنە بەزىلەر «تۇرمۇش گويا خوتۇنخەققە ئوخشايدۇ. ئۇ بىرئاز ھۇرۇن بولۇشى، سەترەك بولۇشى مۇمكىن. لېكىن سىز يەنىلا ياۋاشلىق بىلەن ئۇنى سۆيۈشىڭىز، ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇشىڭىز كېرەك» دەيدۇ.

ئەگەر سىز ئۇچىڭىزغا قارا كىيىم كىيىۋالسىڭىز كىر بولۇپ كەتسىمۇ، يىرتىلىپ كەتسىمۇ، باشقىلار ئاسانلىقچە بايقىۋالالمايدۇ. ئانچە كۆڭلىگىمۇ ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن سىزنىڭ كۆزىڭىز ھەمىشە ئاشۇ پاسكىنا ۋە يىرتىق يەرگە تىكىلىپ، كۆڭلىڭىز بىئارام بولۇپ يۈرىسىز.

ئەگەر سىزنىڭ خوتۇنىڭىز كۆرۈمسىز ھەم كاج بولسا، سىز باشقىلارغا ئۇ توغرىسىدا دەرد تۆكسىڭىز، باشقىلارغا ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ تويۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن سىز دائىم ئۇنىڭ كەمچىلىكىنىلا ئويلاۋەرگەچكە، ئۆيدە تۇرسىڭىز تۈرمىگە كىرىپ قالغاندەك پۇشايمان قىلىسىز.

دۇنيا ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىۋېرىدۇ. ئادەمنىڭ بېشىغا تۈرلۈك - تۈمەن قىسمەتلەر كېلىدۇ. ھەممە ئىشنى تۈجۈپىلەپ، ئىنچىكىلەپ ئويلاپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ شۇڭا مەن تۇرمۇشنى سىز غىڭشىپ ئېيتىدىغان ناخشىغا ئوخشىتىمەن، سىز ئۇنىڭ تېكىستىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزمۇ، ئاھاڭىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزمۇ مەيلى. لېكىن سىز دائىم كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بۇ ناخشىنى توختىتىپ قويماي ئېيتىۋېرىڭ.

(سىرداش دوست تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2003- يىل 10- سانىدىن نۇرگۈل ھېيت تەرجىمىسى)


iyMktr o}c : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks