‏بىزدىكى‹ يانفون ئەخلاقى ›

 

‹ يانفون ئەخلاقى › دېگەن بۇ ئۇقۇمنى قوللىنىشىمنىڭ مۇۋاپىق بولغان - بولمىغانلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئەمما، بۇ يازمام ئارقىلىق قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان مۇددىئايىم نۇقتىسىدىن ئالغاندا، شۇنداق ئاتاش مۇۋاپىق بولسا كېرەك.

نۆۋەتتە، بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىزدا، ياشاش ئۇسۇلىمىز ھەم تۇرمۇش قارىشىمىزدا، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. توغرىدىن توغرا ئېيتقاندا، ماددىي تۇرمۇشىمىزدىكى تەرەققىيات ۋە باياشاتلىشىشنىڭ سۈرئىتى مەنىۋىيىتىمىزدىكى يۈكسىلىشتىن تېز بولماقتا. بۇنىڭ بىلەن نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىدىيە ھەم ياشاش ئۇسۇلىمىزنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ، «ئۇيغۇر جەمئىيىتى»دىن ئىبارەت مىللىي گەۋدىمىزگە ئاجايىپ سىن ۋە مۇستەھكەم مەۋجۇدىي ئاساس بېرىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مىللىي ئەخلاقىمىز، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنىڭ بەزى تەرەپلىرى ھەم بەزى قاراشلىرىمىزغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ ياكى ئۇنىڭ تەسىرى تەدرىجىي سۇسلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتىكى «يانفون ئەخلاقى»مىز بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى. قارايدىغان بولساق، ھازىر شەھەر - بازارلاردا 5 - 6 ياشلاردىكى بالىلاردىن تارتىپ 60 - 70 ياشلاردىكى خانىم، مويسىپىتلارغىچە ئومۇمەن يانفون ئالاقىسى بىلەن تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەر ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن يانفون ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى چوڭ قۇلايلىق ئېلىپ كېلىپ، تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاقە قورالىغا ئايلانغان بولسا، ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ بەزى ياشلار ئۈچۈن ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ئەخلاقسىزلىق ۋە تېتىقسىزلىقنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

ئارىمىزدىكى پەزىلەتلىك كىشىلەر ۋە سەرخىل زىيالىيلار تەرىپىدىن بارلىققا كېلىپ، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» بىلەن قېرىنداشلىق مېھىر ۋە يېقىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان ياش «يانفون ئەخلاقى»مىز، ئاتالمىش «ئەركىنلىك»تىن ئىبارەت ئەبجەش «كۈنلۈك» بىلەن ئۆزىنى قۇياش نۇرىدىن قاچۇرىدىغان بىر قىسىم ئەخلاقسىز ياشلىرىمىزنىڭ سەۋەبىدىن كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان ھەم بىزار قىلىدىغان يامان ئادەتنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالدى.

بىر كۈنى ئەتىگەن كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن خىزمەتكە كېتىۋاتاتتىم. ئاپتوبۇستا ياشقا چوڭ مويسىپىت ئەر - ئاياللارمۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سەبىي ئوقۇغۇچىلىرىمۇ؛ ئانا - بالا، ئاچا - سىڭىل، قېرىنداشلارمۇ بار ئىدى. قايسىدۇر بىر بېكەتتىن ساغرىسىغا مۇشتلاپ تۇرىدىغان ئۇزۇن تاسمىلىق سومكا ئېسىۋالغان 20 - 21 ياشلاردىكى بىر قىز چىقتى. ئۇ ئاپتوبۇسقا چىقىشىغىلا ئۇنىڭ يانفونى سايراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېلېفوندا ئوغۇل دوستى بىلەن (ئۇنىڭ گەپ ئورامىدىن تېلېفون قىلغۇچىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ) قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئاي - ھاي، ھېلىقى قىز شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا قايسى بىر كۈنىدىكى ئولتۇرۇشنىڭ قىزىقارلىق ئەھۋالىدىن تارتىپ، شۇ كۈنى كېچىسى ئۆيگە قايتالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىدىن ئاڭلىغان تىل - نەسىھەتلىرىگىچە؛ ئامېرىكا فىلىملىرىدىكى كۆرۈنۈشلەردىكىدەك قىلىقلىرىدىن تارتىپ، ئوغۇل دوستىنىڭ ئەرلىك شىجائىتىگىچە  ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ۋالاقلاپ  كەتتى. گەرچە ئاپتوبۇستا باشقىلار ئانچە تونۇمايدىغان ئەر بولساممۇ، بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خىجىل ۋە بىئارام بولدۇمكى، شوپۇرنىڭ بەرگەن سىگنال ئاۋازى ھېلىقى قىزنىڭ سۆزىنى بېسىپ چۈشكەندە ئاندىن ئەركىن نەپەس ئالالىدىم  ئاپتوبۇستىكى چوڭلار ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، ئېغىر تىنىشاتتى؛ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ سۆزىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىپ، بىر - بىرىنى نوقۇپ كۈلۈشەتتى؛  پەرىزىمچە ئۆزئارا تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بار قېرىنداشلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، ئوڭايسىزلىقتىن پارىڭى توختاپ قالاتتى؛ ھېلىقى قىزنىڭ يېنىدا تۇرغانلار بىر - بىرىنى قىستىشىپ باشقا يەرگە سۈرۈلىشەتتى  شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۇ قىزنىڭ پەرۋايى پەلەك، تېتىقسىز پارىڭىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. مەن ئاپتوبۇستىن چۈشكىچە 10 نەچچە مىنۇت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ گېپى تۈگىمىدى ياكى باشقا تېمىغا يۆتكەلمىدى 

مەن ئاپتوبۇستىن چۈشكەندىن كېيىنلا ئاندىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان ئوڭايسىزلىقتىن، بىئاراملىقتىن قۇتۇلدۇم.

ئەلۋەتتە بۇنداق تېتىقسىز، شەرمەندە يانفون سۆھبىتىنى ئىلگىرى ئاشخانىلاردا، كوچىدا، بېكەتتە  نۇرغۇن قېتىم يولۇقتۇرغانىدىم. بۈگۈنكى ئىش مېنى يەنە چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويدى 

ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتمەي ئەگىپ ماڭىدىغان، ھەتتا توختاپ تۇرىدىغان نومۇسچان قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ نىسبىتى ھازىر قانچىلىكتۇ؟! «كەچۈرۈڭ، ھازىر سۆزلىشىش بىئەپ، سەل تۇرۇپ سۆزلىشەيلى» دېيەلەيدىغان ئەقىل ئىگىلىرىچۇ؟!

مەن ئۇ قىزنى سىرتتىن بىلىمەن، ئۇ، بىر دۆلەت خىزمەتچىسى، ئىلگىرى دائىم ئاپتوبۇستا ئىشقا ماڭغىنىنى كۆرەتتىم. تەشكىلنىڭ قوينىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، تەربىيە كۆرگەنلەرنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا، قاۋاقخانىلاردا مۇلازىمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداقتۇ؟

ئىشتىن يانغىنىدا ئاتا - ئانىسىغا 3 - 4 زىخ كاۋاپ ئېلىپ كېلىشكە، ھەتتا ئۆزى ئوبدانراق تاماق يېيىشكە چىدىمايدىغانلارنىڭ ئەنە شۇنداق تېتىقسىز، شەرمەندە سۆھبەت ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدىغانلىقى مېنى قاتتىق ئېچىندۈردى.

كۆز ئالدىمغا يەنە يانفوننىڭ نۇرغۇنلىغان ئادىمىي بېزەكلىرى كەلدى 

يانفوننى ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغان ياكى يانفون ئۇنى ئۆزىنىڭ نامايەندە بۇيۇمى قىلىۋالغان كىشىلەر تۇرمۇشتا بىزگە دائىم يولۇقۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، سىز بىرەر توي ياكى مەرىكىدە، يانفونىدا باشقىلار بىلەن ھېچبىر زۆۈرىيىتى بولمىغان پاراڭلارنى سېلىشقاچ، سالاملىشىۋاتقان ئادەمنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماي تۇرۇپ مېھمانلار بىلەن (مەيلى ئۇ ئۆزى دېمەتلىك ياكى ئاتا دېمەتلىك بولسۇن، يېقىنلىرى ياكى ناتونۇشلار بولسۇن) قول ئېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچراتقانسىز؛ ياكى سىز بىرەر تونۇشىڭىز بىلەن كۆرۈشۈشىڭىزگىلا، ئۇ سىز بىلەن مۇنداقلا بىر سالاملىشىۋېتىپ، دەرھال بىرەرسىگە تېلېفون ئۇرۇپ، بىمەززە پاراڭلىرىنى باشلىۋەتكەندۇ؟  سىز بەلكىم بىرسى بىلەن خوشلىشىۋېتىپ: «خۇداغا ئامانەت، يەنە كۆرۈشەرمىز » دېگىنىڭىزدە، ئۇ جاۋاب قايتۇرماي، يانفون بىلەن باشقا بىرسىگە سۆزلىگىنىچە قالغاندۇ؟  سىز بىرەر مۇھىم يىغىندا ئولتۇرغىنىڭىزدا، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ قايتا - قايتا: «يانفونلىرىڭلارنى ئېتىۋېتىڭلار  !» دەپ جېكىلىشىگە پەرۋا قىلماي، يېنىڭىزدىكى بىرسى قۇسۇشقا ئولتۇرغان مەستتەك بېشىنى چاترىقىغا تىقىۋېلىپ، يانفون بىلەن بىر نېمىلەرنى بىلجىرلاپ ئولتۇرغاندۇ؟ 

بۇنداق كىشىلەر باشقىلارغا ئۆزىنىڭ «ناھايىتى ئالدىراش»، «مۇھىم ئەرباب» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمۇ ياكى ئۆزىنى مىللىتىمىزنىڭ خۇشخۇي، مېھماندوست پەزىلىتىدىن ھەم قىزغىن، ئوچۇق - يورۇق خاراكتېرىدىن قاچۇرماقچىمۇ؟!

ئاخىرقى سۆزۈم شۇكى، كىشىلىك قەدىر - قىممەت ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ ئېتىزىدا ھۇسۇلغا كىرىدۇ، سىزنىڭ ئادەملىكىڭىز مىللىي ئۆرپ - ئادىتىمىز ھەم ئەخلاقىمىز بىلەنلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. تۇرمۇشىمىزدىكى گۈزەللىك ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكىمىز ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەدەپ - ئەخلاق بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ؛ مىللىي بىرلىكىمىز بولسا  ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق - پەزىلىتىمىزگە بولغان سادىقلىق، ۋارىسلىق بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ!

دوستلار، قېرىنداشلار، بىزنىڭ يانفونلىرىمىز بىزدىكى ئۇيغۇرچە پەزىلەت بىلەن قىممەتلەنسۇنكى، بىزدىكى كىشىلىك پەزىلەت ھەرگىزمۇ «يانفون»لار بىلەن پەسلەشمىسۇن!

 

(ئاپتور: خوتەن ناھىيە باغچى بازىرى چالۋاش ئوتتۇرا مەكتەپتە)


DxC'W ixCDxC)W : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks