‏تۇنجى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى» ۋە «قازاق تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى» قۇرۇلدى

 

مەدەنىي ئىنسانلار دۇنياسىدا، مەيلى قايسى ئىرق ۋە قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، مۇئەييەن ساھە بويىچە تۇنجى قەدەم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلار ھامان ئاشۇ باش يول ئاچقۇچى بولغانلىقى شاراپىتى بىلەن، ئۆز خەلقى تەرىپىدىن مەڭگۈگە خاتىرىلىنىدۇ؛ ئۆز ساھەسىنىڭ ئىزباسارلىرى تەرىپىدىن سۆيۈنۈش تۇيغۇسى بىلەن تەرىپلىنىدۇ، يادلىنىدۇ. بۇ  2004 - يىل 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى» ۋە «قازاق تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى» قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى قاتناشچىلىرىنىڭمۇ ئورتاق تەسىراتى ئىدى.

ئەللىكتىن ئارتۇق تەتقىقاتچى، ئالىم قاتناشقان بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئاسپىرانتى يېتەكچىسى، پروفېسسور، دوكتور لېتىپ توختى ئەپەندى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ ئۆز سۆزىدە، مەزكۇر ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللىغان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىگە ۋە ھەر مىللەت ئالىملىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. شۇنداقلا، پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىي مائارىپ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنى چوقۇم ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدى ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك ياخشى ئىشلەش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە، جۇڭگو ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ سەردارلىرىدىن بىرى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تېكىستشۇناسلىقىنىڭ پېشىۋاسى  75 ياشلىق مويسىپىت ئالىم گېڭ شىمىن ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى چىن قەلبىدىن سۆيۈنۈش بىلەن قۇتلىدى.

ئاخىرىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەبىبۇللا خوجا ئەپەندى مەكتەپ رەھبەرلىكى نامىدىن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى بىلەن قازاق تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئايرىم - ئايرىم فاكۇلتېت بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە، كومپارتىيە مىللەتلەر باراۋەرلىكى سىياسىتىنىڭ، شۇنداقلا تىل - يېزىق باش بەلگە بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق قوللاش سىياسىتىنىڭ غوللۇق ۋە نەق نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. يېڭىلا قۇرۇلغان بۇ ئىككى فاكۇلتېتنىڭ خۇددى بۇنىڭدىن بۇرۇن قۇرۇلغان زاڭزۇشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، موڭغۇل تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە چاۋشيەن تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىغا ئوخشاشلا ئۆز خىزمەتلىرىدە، يېڭىدىن - يېڭى گۈللىنىش بەرپا قىلىشىغا ۋە مول نەتىجىلەر قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

سۆز ۋە سۆھبەتلەردىن مەلۇم بولدىكى، بۇ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئەسلىي يىلتىزى 1951 - يىلى سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات كافېدراسى بولۇپ، مەزكۇر كافېدرا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق ۋاقىت مابەينىدە، ئۆزىنىڭ ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمىچىلىكى بويىچە، يېتىشكەن مىڭلىغان خادىملارنى تەربىيىلەپ چىققان. دۆلىتىمىزدە، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 21 - ئەسىرگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، مەزكۇر كافېدرا دەۋر قەدىمى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش روھىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كەڭ بولغان ئىمكانىيەت بوشلۇقىغا ئىگە قىلىشنىڭ بەكمۇ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت، ئەڭ مۇھىمى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىكى ئوتتۇرىغا قويغان «دۇنيا بويىچە ھەر جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالىي بىلىم يۇرتى قۇرۇپ چىقىش» شوئارى ياراتقان ئادىل ۋە ئاقىل مۇھىت، ئاخىرىدا، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى قۇرۇلۇش ئىمكانىغا ئىگە قىلغان.

بۇ يەردە شۇنى بىلىپ قويۇش لازىمكى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، زاڭزۇشۇناسلىق فاكۇلتېتى بۇنىڭدىن ئون بەش يىل بۇرۇن قۇرۇلغان؛ موڭغۇل تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە چاۋشيەن تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ قۇرۇلغىنىغىمۇ ئون يىل بولۇپ قالدى. ھازىر زاڭزۇشۇناسلىق فاكۇلتېتى ئۆز دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تەرەققىي قىلىپ، «زاڭزۇشۇناسلىق ئىنستىتۇتى» بولۇپ قۇرۇلدى؛ موڭغۇل تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىمۇ موڭغۇلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بولۇش ئۈچۈن، پائال تۈردە ھەرىكەت قىلىپ، شەرت - شارائىت ھازىرلىماقتا. ھالبۇكى، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى باشقىلاردىن ئونلاپ يىللار كېيىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئايرىم فاكۇلتېت بولۇپ قۇرۇلالىغانلىقى، يەنى، ئاخىرقى ھېسابتا، باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن باراۋەر سەپكە ئۆتەلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى چوڭ نۇسرەت، ئەلۋەتتە.

شۇنداق، تۇنجى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى  دەۋرىمىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي ھاياتىدىكى بىر بۈيۈك ئىش؛ بۇ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا، ھازىر بىر يۈز ئەللىكتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بار. ئۇلار دۆلەت ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، «خەنزۇ تىلى»، «خەنزۇ تىلى گرامماتىكىسى»، «خەنزۇ تىلى يېزىقچىلىقى»، «قەدىمكى خەنزۇ تىلى»، «چەت ئەل تىلى»، «كومپيۇتېر قوللىنىش»، «قانۇنشۇناسلىق»، «شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادى» قاتارلىق دەرسلەردىن باشقا، «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتى»، «تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى»، «ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «ئۇيغۇر ئەل ئىچى ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر يېزىقچىلىقى»، «ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكى»، «چەت ئەل ئەدەبىياتى»، «ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقى»، «ئۇيغۇر تىلى ستلىستىكىسى» قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تىل - يېزىقى بىلەن ئېلىپ بارماقتا. بۇمۇ سۆيۈنۈش ۋە ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر قۇتلۇق ئىش. ئىشىنىمىزكى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر مەكتەپ پارتكومى ۋە مەمۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، باشلامچى بولۇپ، يول ئاچقۇچىلارغا خاس بولغان جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى باش بەلگە بولغان پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ بەرق ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى جەزمەن قوشالايدۇ!

2004- يىل 5 - ئىيۇن، بېيجىڭ

(ئاپتور: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا)


~yj']'gyd])3 /n"(DoC+'" : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks