قامچىلا
ئۆمەر
ئىسمائىل
ئەي
بۇرادەر،
لەۋزىدە
تۇرمىغاننى
قامچىلا،
قاغا
تۇرۇپ
بۇلبۇلنى
دورىغاننى
قامچىلا،
ۋىجدانىنى
پۇل ئۈچۈن
بۇلغىغاننى
قامچىلا،
دوستنى
زۇلمەت
غارىغا
باشلىغاننى
قامچىلا،
دىيانەتنى،
ئىنساپنى
ئۇنتۇغاننى
قامچىلا.
ئاتا
- ئانا ساق
چاغدا
يەتمەي
ئۇنىڭ
قەدرىگە،
دىل
باغرىنى
خۇن قىلىپ،
كىرىپ
كۆڭۈل
كەينىگە،
رو
چىۋىندەك
چاپلىشىپ
خروئېنغا -
نەشىگە،
ھازا
قىلىپ
نەچچە كۈن
كىرگەن
چاغدا
قەبرىگە،
‹
ئەمدى
قانداق
قىلاي › دەپ
زارلىغاننى
قامچىلا.
پەرىزاتتەك
سەتەڭلەر
رېستوراندا
ئاتسا قاش،
يۆگۈمەچتەك
يامىشىپ
ئايىغىغا
قويۇپ باش،
نان
بېرىشكە
چىدىماي
پەرزەنتلىرى
تۆكسە ياش،
‹ئالۋاستى›غا
قۇل بولۇپ
كۆڭلى قارا
باغرى تاش،
قەدىناسنى
«تالاق»
دەپ
تاشلىغاننى
قامچىلا.
بېرىپ
يالغان
ۋەدىلەر
گىلدىڭلىتىپ
بېشىنى،
ھاڭغا
قىستاپ
ئەمانى،
سەمرىتىشچۈن
ئۆزىنى،
‹يوقلاپ
تۇرغىن پات C
پات›دەپ
داپتەك
قىلىپ
يۈزىنى،
قاپاق
تۈرۈپ
ھۆكۈرەپ
ياغلىمىسا
گېلىنى،
نەپ
بەرمىسە
تامغىنى
باسمىغاننى
قامچىلا.
ئويلاپ
قويماي ئاچ -
يېلىڭ
يۈرگەن
تالاي
پۇقرانى،
ماكان
قىلىپ
قىشمۇ - ياز،
رېستوراننى،
باغلارنى،
بۇزۇپ
- چېچىپ
غازاڭدەك
دېھقان
تاپقان
پۇللارنى،
ئېغىز
- بۇرۇن
يالىشىپ
ئۇنتۇپ
شەرمى -
ھايانى،
بەزمىلەردە
مەي ئىچىپ
يايرىغاننى
قامچىلا.
قولتۇقىدىن
چۈشۈرمەي
سۇنۇپ
كەتكەن
تەخسىنى،
تەمەخورنى
خۇش قىلىپ
توشۇپ
سوۋغا -
زەللىنى،
ئات
چاپتۇرۇپ
چۈشىدە
كۆزلەپ
يىراق
چەللىنى،
‹يۆلەنچۈكۈم
كۈچلۈك›
دەپ بۇزۇپ
ھەتتا
پەيلىنى،
شۇنچە
كەڭرى
جاھانغا
پاتمىغاننى
قامچىلا.
ھەسەتخورلۇق
تاجىنى
كىيىپ راسا
غادىيىپ،
باينى
كۆرسە
چىشىنى
غۇچۇرلىتىپ
ئالىيىپ،
ئوتتا
كۆيگەن قىل
كەبى ئىچ -
ئىچىدىن
زارلىنىپ،
چايان
قاتراپ
ئىچىدە،
پىتنە -
ئىغۋا
تارقىتىپ،
ياخشىلارغا
تۆھمەتلەر
چاپلىغاننى
قامچىلا.
ياشاۋاتساق
ئۇچقاندەك
ئۆرلەۋاتقان
دەۋردە،
بولدى
مەپتۇن
بەزىلەر
شۈكۈر
بىلەن
سەۋرگە،
باغلاپ
ھەممە
ئىشلارنى
پېشانىگە،
تەقدىرگە،
‹رىزقىمنى
كەڭ قىل›
دەپ ئېچىپ
قولىنى
تەڭرىگە،
چۆچەك
ئاڭلاپ
بۇلۇڭدا
ئۇخلىغاننى
قامچىلا.
سۆزلەپ
ھەقنى
شائىرلار
قامچىلىسا
ئىللەتنى،
چۇقان
سالسا
توختىماي
ئويغىتىشچۈن
مىللەتنى،
قىلماي
مىزان
ئۆزىگە
ئەدەپ -
ئەخلاق،
خىسلەتنى،
لايغا
پېتىپ
تېخىمۇ
ئالماي
قانچە
ئىبرەتنى،
يامان
يولدىن
ئارقىغا
قايتمىغاننى
قامچىلا.
(ئاپتور:
يەكەن
ناھىيىلىك
ئەدەبىيات -
سەنئەتچىلەر
بىرلەشمىسىدە)
|