2004- يىللىق 1 -
ساندىكى «ھەق
ۋە ھوقۇق
مەرىپىتى
ئۇيغۇر
مەۋجۇتلۇقى
ۋە
تەرەققىياتىنىڭ
مەڭگۈلۈك
ئۇل تېشى»
ناملىق
ماقالىنى
مەمنۇنىيەت
بىلەن
ئوقۇپ
چىقتىم. «مىللىي
تېررىتورىيىلىك
ئاپتونومىيە
قانۇنى»
ئېلان
قىلىنىپ
يولغا
قويۇلغانلىقىنىڭ
20 يىللىق
خاتىرىسىگە
بېغىشلانغان
بۇ نادىر
ماقالىنىڭ
سەۋىيىسى،
چىنلىقى ۋە
ئوقۇشچانلىقى
يۇقىرى،
تەربىيىۋى
ئەھمىيىتى
چوڭقۇر
بولۇپ،
مېنىڭ
قارىشىمچە
ئاپتور بۇ
ماقالىسىنى
ئۆز
خەلقىنىڭ
ئوتىدا
كۆيۈپ،
سۈيىدە
ئېقىشتەك
يۈكسەك
بۇرچ
تۇيغۇسى
بىلەن
يېزىپ
چىققان.
ئاپتور
«جۇڭخۇا
خەلق
جۇمھۇرىيىتىنىڭ
ئاساسىي
قانۇنى»، «جۇڭخۇا
خەلق
جۇمھۇرىيىتىنىڭ
مىللىي
تېررىتورىيىلىك
ئاپتونومىيە
قانۇنى»دىن
ئىبارەت
ئىككى
بۈيۈك
قانۇن ۋە
باشقا
قانۇنلارنى
ئەستايىدىللىق
بىلەن
ياخشى
ئۆگىنىپ
ئۇنى
ئەمەلىيەتكە
تەتبىقلاپ
ئىجرا
قىلىپ
ماڭغاندىلا،
ئاندىن ھەق
ۋە ھوقۇق
بىلىملىرى
بويىچە
مەرىپەتلىك
بولۇپ
ياشاش
مەقسىتىگە
يەتكىلى
بولىدىغانلىقىنى
خەلقچىللىق
مەيدانىدا
تۇرۇپ
ئىنتايىن
توغرا
شەرھلەپ
بەرگەن.
ئاپتور
ماقالىسىدە
يەنە
خەلقىمىزنىڭ
ھەق ۋە
ھوقۇق
بىلىملىرى
بويىچە
تەلەپتىكىدەك
مەرىپەتلىك
بولۇپ
ياشاش
مەسىلىسىدە
سادىر
بولۇۋاتقان
تۆت تۈرلۈك
كەمچىلىكلىرىمىزنى
سەمىمىيلىك
بىلەن
ئوچۇق
كۆرسىتىپ
بەرگەن.
مەن
شۇنداق
ئويلايمەن:
كومپارتىيىمىز
«دۆلەتنى
قانۇن
ئارقىلىق
ئىدارە
قىلىش»نى
دائىم
تەكىتلەۋاتىدۇ
ۋە يولغا
قويۇۋاتىدۇ.
شۇنداق
ئىكەن،
قولىمىزدا
قانۇن
دەستۇرىمىز
تۇرسا
نېمىشقا
ئۇنىڭغا
تايانمايمىز؟
يەنە
نېمىدىن
قورقىمىز؟
ئەگەر بىز
قانۇننى
ياخشى
ئۆگىنىپ،
قانۇن
بىلەن
تولۇق
قوراللىنىدىغان
بولساق،
ھەق ۋە
ھوقۇق
بىلىملىرى
بويىچە
مەرىپەتلىك
بولۇپ
ياشاشتىن
ئىبارەت
توغرا
يولنى
تاللىيالايمىز.
نادانلىق
ۋە
زەبۇنلۇقتىن
خالاس
بولۇپ دەۋر
بىلەن تەڭ
ئىلگىرىلىيەلەيمىز
ئەمەسمۇ!
قەشقەر
يېڭىشەھەر
ناھىيىلىك
ئوقۇتقۇچىلار
بىلىم
ئاشۇرۇش
مەكتىپىدىن:
ئابلىمىت
ئىبراھىم
‹ ھەق ۋە
ھوقۇق
مەرىپىتى
ئۇيغۇر
مەۋجۇتلۇقى
ۋە
تەرەققىياتىنىڭ
مەڭگۈلۈك
ئۇل تېشى ›
ناملىق
ئەسەر مېنى
چوڭقۇر
ئويغا
سالدى. مەن
بۇ ئەسەرنى
ئوقۇغاندىن
كېيىن،
ئۆزۈمنىڭ
ئالىي
مەكتەپ
ئوقۇغۇچىسى
تۇرۇقلۇق
قانۇن
بىلىملىرىنى
ئانچە
بىلمەيدىغانلىقىمنى،
ئۇنىڭدىن
ياخشى
پايدىلانمايدىغانلىقىمنى
ھېس قىلدىم.
يەنە «قانۇن
مېنىڭ
كەسپىم
بولمىغاندىكىن
ئۇنى
ئۆگىنىپ
نېمە
قىلىمەن»
دەپ
ئويلىشىمنىڭ
مۇتلەق
خاتا
ئىكەنلىكىنى
تونۇپ
يەتتىم.
ئاپتور
بۇ
ئەسەردە،
بۈگۈنكى
ئۇيغۇر
جەمئىيىتىدە
ساقلىنىۋاتقان
بەزى
ئەھۋاللارنى
يەنى
پۇقرالارنىڭ
ئۆزلىرىنىڭ
كىشىلىك
ھاياتتىكى
ھەق ۋە
ھوقۇقلىرىنى
تازا
بىلمەيدىغانلىقىنى،
بىلسىمۇ
ئۇنىڭدىن
جايىدا
پايدىلانمايدىغانلىقىنى،
ئەدناسى
كۈندىلىك
تۇرمۇشتا
ھەقلىق
ھوقۇق - مەنپەئەتلىرى
يولسىزلارچە
دەخلى -
تەرۇزگە
ئۇچرىسىمۇ،
ئۇنىڭغا
پەرۋاسىزلارچە
قاراپ
تۇرىدىغان
ئەھۋاللارنىڭ
مەۋجۇتلۇقىنى
مىسال
قىلىش
ئارقىلىق،
نۆۋەتتە
خەلق
ئاممىسى
ئالدى
بىلەن
زىيالىيلار
ئىچىدە،
ھەق ۋە
ھوقۇق
مەرىپىتى
بويىچە
ساۋاتلىق
بولۇشنىڭ
تەخىرسىز
بىر
زۆرۈرىيەت
بولۇپ
قالغانلىقىنى
شەرھلەپ
كۆرسەتكەن.
مەن
مىللەتنىڭ
كەلگۈسى
تەرەققىياتىغا
كۆڭۈل
بۆلگەن،
بىزنى مانا
مۇشۇنداق
ئېسىل
ئەسەر
بىلەن
تەمىنلىگەن
بۇ
ئاپتورنىڭ
بارلىق
ئىشلىرىغا
مۇۋەپپەقىيەت،
قەلىمىگە
بەرىكەت،
تېنىگە
سالامەتلىك
تىلەيمەن.
مەركىزىي
مىللەتلەر
ئۇنىۋېرسىتېتى
ئۇيغۇر،
قازاق،
قىرغىز
تىللىرى
فاكۇلتېتىنىڭ
2001- يىللىق
ئوقۇغۇچىسى
ئايشەمگۈل
ئېلى
2004- يىللىق
1 - سان
ئۆزىنىڭ
رەڭدار
سەھىپىلىرى
ئارقىلىق
مېنى
ئۆزىگە
تولىمۇ
جەلپ قىلدى.
بۇ
ساندىكى
تۈمەنجان
ئۇيغۇرنىڭ
«ھەق ۋە
ھوقۇق
مەرىپىتى
ئۇيغۇر
مەۋجۇتلۇقى
ۋە
تەرەققىياتىنىڭ
مەڭگۈلۈك
ئۇل تېشى»
ناملىق
ماقالىسى،
ھەبىبۇللا
رەجەپنىڭ «ئېتىزغىمۇ
كىتاب
ئوقۇپ چىق»
ناملىق
ئەدەبىي
خاتىرىسى،
ئۆمەرجان
سىدىقنىڭ «ياشىسۇن
ئۇلۇغ ‹ئەخمەقلىق›»
دېگەن
ماقالىسى،
مۇھەممەتجان
راشىدىننىڭ
«كەپتۇدەك»
ناملىق
ساتىراسى،
شاۋكەت
ئابدۇرېھىمنىڭ
«مىللىي
خاسلىقتىن
ئايرىلغان
سەنئەتنى >مىللىي
سەنئەت<
دېيىشكە
بولامدۇ؟»
ناملىق
ماقالىسى،
ئۆمەر
مۇھەممەتئىمىننىڭ
«بۇ
ئادەملەرنىڭ
ئىشى يوقمۇ؟»
ناملىق
ماقالىسى
مەنىۋىيىتىمنى
مول روھىي
ئوزۇق،
مەسلىھەت،
تەجرىبىلەر
بىلەن
تەمىنلىدى؛
ئۆزۈم،
مىللىتىم،
جەمئىيەت،
كىشىلىك
تۇرمۇش،
ئەخلاق ۋە
قانۇن
ئېڭىمىز
توغرىسىدا
قايتا
ئويلىشىمغا،
ئۆز -
ئۆزۈمنى
تېخىمۇ
مۇكەممەللەشتۈرۈشۈمگە
تۈرتكە
بولدى.
ئاپتورلارغا
رەھمەت!
ئاتۇش
شەھىرى
ئۈستۈنئاتۇش
يېزا
قايراق
ئوتتۇرا
مەكتەپتىن:
ئىسھاق
مۇھەممەت
‹جۇڭگو
مىللەتلىرى›
ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى
ئىزچىل
تۈردە
مىللىيلىككە،
جەلپكارلىققا،
قاراتمىلىققا،
روشەن
خاسلىققا
ئىگە
بولغان
ھالدا
ياخشى
لايىھىلىنىپ،
كۆركەم،
جۇلالىق
چىقىرىلىۋاتىدۇ.
جۈملىدىن 1 -
سان
ژۇرنالنىڭ
مۇقاۋا 1 - ، 2 - ، 4
- بەتلىرى
شۇنچە
جەزبدار،
بىر قاراش
بىلەنلا
ئوقۇرمەنلەرگە
ھەقىقىي
ئېستېتىك
زوق ئاتا
قىلالىغۇدەك
دەرىجىدە
ياخشى
چىقىرىلىپتۇ.
شۇڭا
مۇھەررىر
ۋە
رەسساملارغا
ئالاھىدە
تەشەككۈرۈمنى
بىلدۈرىمەن.
مەكىت
ناھىيىلىك 1 -
ئوتتۇرا
مەكتەپتىن:
ياسىنجان
ئوسمان
1- ساندىكى
بىرمۇنچە
ئەسەرلەردىن
ئۆزگىچە
لەززەت
ئالدىم. «ئالىيجاناب
غەزەپنىڭ
گۈلدۈرمامىسى»
ناملىق
قىسقىغىنە
ئوبزورمۇ،
شائىر
مۇھەممەتجان
راشىدىننىڭ
«دەپتۇدەك»
ناملىق
ساتىراسىغا
بېرىلگەن
ناھايىتى
ياخشى باھا
بوپتۇ. مەن
ژۇرنالدا
مۇشۇنداق
ئەسەرلەرگە
يېزىلغان
باھالارنىڭ
كۆپرەك
بېرىلىشىنى
ئۈمىد
قىلىمەن.
چۈنكى، «جۇڭگو
مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى «ئوقۇرمەنلەر
ساداسى»
ئارقىلىق
ئۆزىنىڭ
ئوقۇرمەنلەر
كۆڭلىدىكى
ئورنىدىن
خەۋەردار
بولسا،
ئاپتورلارمۇ
ئۆز
ئەسەرلىرىگە
يېزىلغان «باھا»لار
ئارقىلىق
ئەسىرىنىڭ
قانچىلىك
قىممەت
يارىتالىغانلىقىنى
بىلىۋالالايدۇ.
شۇنىڭدەك
ئەسەرلەرگە
بېرىلگەن
باھا ۋە
ئوبزورلار
كۆپرەك
بېرىلگەندە
يېڭى
ھەۋەسكارلارنىڭ
ئىجادىيەت
ئېلىپ
بېرىشى ۋە
پىكىر
يۈرگۈزۈشى
ئۈچۈن زور
ياردىمى
بولىدۇ.
مەن
مەزكۇر
ژۇرنالنىڭ
«مىللەت
ساپاسى
ھەققىدە
سۆھبەت»
سەھىپىسىدە
مائارىپنى
گۈللەندۈرۈشكە،
ئاياللارنىڭ
ساپاسىنى
ئۆستۈرۈشكە
ئائىت
ئەسەرلەرنىڭ
ۋە ئايال
ئاپتورلارنىڭ
ئەسەرلىرىنىڭمۇ
كۆپرەك
بېرىلىشىنى
سەمىمىي
ئۆتۈنىمەن.
چەرچەن
ناھىيىلىك 3 -
ئاھالىلەر
ئولتۇراق
رايونىدىن:
شېرىنگۈل
مۇسا
‹ جۇڭگو
مىللەتلىرى
›
ژۇرنىلىنىڭ2004-
يىللىق 1 -
سانىنى
تاپشۇرۇۋېلىپ
كۆڭلۈم
ۋاللىدە
يورۇپ
كەتتى.
ھەربىر
ئەسەرنى
ئوقۇپ
قانمىدىم.
بۇ
ئەسەرلەرنىڭ
ھەربىرىدە
ئۆزىگە خاس
ئىدىيە،
ئۆزىگە خاس
ئۇسلۇب ۋە
ئۆزىگە خاس
بەدىئىي
دىت
ئىپادىلەنگەن
بولۇپ،
جەمئىيىتىمىزدىكى
ناچار
ئىللەتلەر
ئۆتكۈر تىل
ۋاسىتىسى
ئارقىلىق
ئېچىپ
بېرىلىپ،
بىلىمسىزلىك،
نادانلىق
ۋە بىكار
تەلەپلىكتەك
يامان
ئادەتلەر
كۈچلۈك
قامچىلانغان؛
ئەخلاق -
پەزىلەت،
ۋاپادارلىق،
جەسۇرلۇق،
مەردانىلىك،
گۈزەل
ئىنسانىي
خىسلەتلەر
مەدھىيىلەنگەن.
مەن بۇ
ئەسەرلەرنىڭ
ئاپتورلىرىغا
ۋە
مۇھەررىرلەرگە
رەھمەت
ئېيتىمەن.
گۇما ناھىيە
زاڭگۇي
يېزىلىق
دوختۇرخانىدىن:
ئابلىمىت
مىجىت
1- ساندىكى
«مىللىي
خاسلىقتىن
ئايرىلغان
سەنئەتنى ‹مىللىي
سەنئەت›
دېيىشكە
بولامدۇ؟»
دېگەن
ماقالە
دىققىتىمنى
ئۆزىگە
ئالاھىدە
تارتتى.
ماقالىدا
ئۇيغۇر
سەنئىتىمىزدە
قولغا
كەلتۈرۈلگەن
نەتىجە -
ئۇتۇقلارنى
مۇئەييەنلەشتۈرۈش
بىلەن
بىرگە،
سەھنىلىرىمىزدە
كۆرۈلۈۋاتقان
ھەم جىددىي
ھەل
قىلمىسا قەتئىي
بولمايدىغان
مەسىلىلەر
ھەققىدە
توختالغان
بولۇپ، بۇ
مەسىلىلەر
كەڭ
جامائەتچىلىكنىڭ،
بولۇپمۇ
سەنئەت
ساھەسىدە
خىزمەت
قىلىۋاتقان
سەنئەتكارلارنىڭ
دىققىتىنى
تارتىشى
تولىمۇ
زۆرۈر.
دەرھەقىقەت
بىر
مىللەتنىڭ
ئۆرپ -
ئادىتى،
ئېتىقادى،
خاراكتېرى،
روھىي
ھالىتى،
سۆيگۈ -
نەپرىتىنى
ئىپادە
قىلىدىغان
مىللىي
سەنئىتىمىز
ئەمەلىيەت
جەريانىدا
ئەنئەنىۋى
ئەخلاق
قارىشىمىزنى
ئۆزىگە
خۇرۇچ
قىلغان
بولۇشى
كېرەك.
ئىلى
ئوبلاستلىق
ناخشا -
ئۇسسۇل
دراما
ئۆمىكىدىن:
تۇرغان
ئوسمان
1- ساننىڭ
«گۈلدەستە»
سەھىپىسىدىكى
مۇھەممەتجان
راشىدىننىڭ
«كەپتۇدەك»
دېگەن
شېئىرى
بىلەن
مۇقاۋىنىڭ
تۆتىنچى
بېتىدە
بېرىلگەن
تۇرغۇن
يىلتىزنىڭ
«ئۇيغۇر
ئۇسسۇلى»
ناملىق
سۈرەت
كىرىشتۈرۈلگەن
شېئىرى
مېنى جەلپ
قىلىۋالدى
ۋە ماڭا
ئېستېتىك
زوق ۋە
مەنىۋى
ئوزۇق
بېغىشلىدى.
سۈرەتتىكى
ئۇيغۇر
ئۇسسۇلىنىڭ
رەڭدار
كارتىنىلىرى
كۆزنى
قاماشتۇرىدۇ.
ئۇلاردىن
باشقا
ژۇرنالىست
ئىدرىس
بارات ئاكا
تەييارلىغان
«ھاياتلىق
ھېكمەتلىرى»
بىلەن «گۈلدەستە»
سەھىپىسىدىكى
«جەننەت
مۇكاپاتى»
ناملىق
مىكرو
ھېكايە
مېنى بەكلا
قايىل
قىلدى.
ئاخىرىدا
ئىدرىس
بارات
ئاكىنىڭ «روھىي
دۇنيانىڭ
چوڭقۇر
قاتلىمىدىكى
ئاچ كۆزلۈك»،
«يوقالغان
قانائەت»،
«زايە
كەتكەن
ۋاقىت»، «جاھىللىقتىن
كەلگەن
توسالغۇ»،
«جەننەت
ئىشىكى
ئالدىدا»
قاتارلىق
ھاياتلىق
ھېكمەتلىرى
بىلەن
يۇغۇرۇلغان
ئىخچام
ئەسەرلىرىگە
تەشنامەن.
كۆزۈم
سەندە
«جۇڭگو
مىللەتلىرى».
ئونسۇ
ناھىيە
تاغلاق
چارۋىچىلىق
فېرمىسى
ئوتتۇرا
مەكتىپىدىن:
ياسىنجان
توخنىياز
شېئىر
يېزىشنى
يۈكسەك
بۇرچ -
مەسئۇلىيەت
تۇيغۇسى ۋە
پاك ۋىجدان -
غۇرۇر ئىشى
دەپ
بىلىدىغان
ئەل شائىرى
مۇھەممەتجان
راشىدىننىڭ
«جۇڭگو
مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى 2004-
يىللىق 1 -
سانىنىڭ «گۈلدەستە»
سەھىپىسىگە
بېرىلگەن «كەپتۇدەك»
ناملىق
ساتىراسى
شائىرنىڭ
ساتىرا
ئىجادىيەت
ئىستىلىدىكى
ئىزچىللىقىنىڭ
يەنە بىر
يارقىن
نامايەندىسىدۇر.
‹كەپتۇدەك›
ناملىق
ساتىرادا
قەلبى بار
تۇرۇپ
ھەقىقەتنى
سېزەلمەيدىغان،
كۆزى بار
تۇرۇپ
ھەقىقەتنى
كۆرەلمەيدىغان،
قۇلىقى بار
تۇرۇپ
ھەقىقەتنى
ئاڭلىيالمايدىغان،
تىلى بار
تۇرۇپ
ھەقىقەتنى
سۆزلىمەيدىغان
بىر قىسىم «مۇپەتتىش
ئۆمىكى»دىكى
خادىملارنىڭ
ئۆزىگە
يۈكلەنگەن
ۋەزىپىنى
ھەقىقىي،
ئادىل
ئورۇندىماي،
خەلقنىڭ
ئارزۇسىنى
ئەمەلگە
ئاشۇرماي،
ئەكسىچە
ئۆزىنىڭ
پەس ئارزۇ -
ھەۋەسلىرى،
ئۇچىغا
چىققان
قۇۋلۇق -
شۇملۇقلىرى
بويىچە
يۇقىرىغا
يالغان
مەلۇمات
يوللاپ،
ناتوغرا
يوللار
ئارقىلىق
يۇقىرى
دەرىجىلىك
رەھبەرلەرنىڭ
كۆزىنى
بويايدىغان
مەسئۇلىيەتسىز،
پەزىلەتسىز،
ناچار
خىزمەت
ئىستىلىنى
ئۆتكۈر
ھەجۋىينىڭ
كۈچلۈك
يالقۇنىدا
ئۆرتەپ -
كۆيدۈرگەنلىكى
بىلەن
تولىمۇ
ئەھمىيەتلىك.
قىسقىسى،
شائىر
مۇھەممەتجان
راشىدىننىڭ
«كەپتۇدەك»
ناملىق بۇ
ساتىراسى
شائىر
قەلبنىڭ
چوڭقۇر
قاتلاملىرىدىن
ۋولقاندەك
پارتلاپ
چىققان
غەزەپ -
نەپرەت
بولۇپ،
يارىماس،
ناچار
ئىللەتلەرنى
ئوقۇرمەنلەرنىڭ
روھىنى
لەرزىگە
سالغۇدەك
دەرىجىدە
قامچىلاپ،
يورۇتۇپ
بېرەلىگەن
ئۆلمەس
نادىر
ئەسەردۇر.
غۇلجا
شەھەرلىك 2 -
ئوتتۇرا
مەكتەپنىڭ
ئوقۇتقۇچىسى
ئابدۇرېشىت
ئوسمان
بۈگۈنكى
شېئىرىيەت
گۈلزارلىقىمىزدا
ئۆزگىچە
خۇشپۇراققا
ئىگە نادىر
شېئىرىي
گۈلدەستىلىرى
بىلەن
خەلقىمىز
قەلبىدىن
چوڭقۇر
ئورۇن
ئېلىپ
كېلىۋاتقان
تالانتلىق،
ئەل سۆيگەن
شائىرىمىز
مۇھەممەتجان
راشىدىن «جۇڭگو
مىللەتلىرى»
ژۇرنىلىنىڭ
بۇ يىللىق 1 -
سانىدا «كەپتۇدەك»
ناملىق
ساتىرىك
شېئىرىنى
ئېلان
قىلىپ، كەڭ
ئوقۇرمەنلەر
قەلبىدە
كۈچلۈك
ھاياجان،
ئالقىش،
بەس -
مۇنازىرىنى
مەيدانغا
چىقاردى.
بۇ
ساتىرا
كۈچلۈك
قاراتمىلىققا،
ئىجتىمائىيلىققا،
تەربىيىۋىلىككە
ئىگە، تىلى
ئاممىباب،
مەزمۇنى
چوڭقۇر بىر
دەستە «تىكەنلىك
گۈل»
بولۇپ،
بىزنى
چوڭقۇر
ئويغا
سېلىپ،
ئەتراپىمىزدا
بولۇنۇۋاتقان
بىر قىسىم «تەكشۈرۈش
ئۆمەكلىرى»دىكى
ناچار
ئىللەتلەرگە
«قامچا»
ئۇرۇشىمىزغا
دالالەت
قىلىدۇ.
مەن
مۇھەممەتجان
راشىدىنغا،
جان كۆيەر
مۇھەررىرلەرگە
چىن
كۆڭلۈمدىن
رەھمەت
ئېيتىمەن.
بىز «كەپتۇدەك»كە
ئوخشاش
رېئالىستىك
نادىر
ئەسەرلەرگە
تولىمۇ
ئىنتىزار.
قەشقەر
يېڭىشەھەر
ناھىيىلىك
ستاتىستىكا
ئىدارىسىدىن:
راخمانجان
ئىمىر
1- سانغا
بېرىلگەن «قىپچاق
دالاسىدىكى
ئويلار»نى
قايتا -
قايتا
ئوقۇپ،
تولىمۇ
خۇشاللاندىم.
بۇ
سېلىشتۇرما
زىيارەت
خاتىرىسى
ماڭا
چوڭقۇر
تەسىر
قىلدى.
چۈنكى
سېلىشتۇرمىغىچە
پەرقنى
تاپقىلى
بولماس
دېگەندەك،
بۇ
سېلىشتۇرما
پاكىتلار
ئارقىلىق
دىيارىمىزدىكى
گۈزەل
جايلارنىڭ
مۇھىت
گۈزەللىكىنى
ئاسراشتا
زۆرۈر
بولغان
بىلىملەرنى
بىلىپ
يەتتىم.
قىسقىسى،
بۇ زىيارەت
خاتىرىسى
ئۆزىنىڭ
چىنلىقى
بىلەن
قەلبىمگە
تولىمۇ
ياقتى.
‹ھاياتلىق
ھېكمەتلىرى›
دېگەن
قىسقا
مەزمۇنلۇق،
چوڭقۇر
مەنىلىك،
ئۇنىڭ
ئۈستىگە
چۈشىنىشكە
ئەپلىك
بولۇش
ئۈچۈن،
قىسقىچە
خۇلاسىسى
يېزىلغان
ئۈچ
ھېكمەتمۇ
ماڭا چوڭقۇر
تەسىر
قىلدى.
بۇلارنىڭ
تەربىيىۋى
ئەھمىيىتى
ھەقىقەتەن
يۇقىرى
بولۇپ، بىز
مۇشۇنداق
ھېكمەتلەرنى
قىزىقىپ
ئوقۇيمىز.
بىزگە
شۇنداق
ھېكمەتلەر
لازىم.
خوتەن
ناھىيە
باغچى
بازارلىق
ئوتتۇرا
مەكتەپتىن:
ئوشۇر
ئەمەت
|