مۇھەببەت
ئىزھار
قىلىش
بىر
يىگىت
كوچىدا
كېتىۋېتىپ،
بىر قىزنىڭ
كەينىگە
كىرىپلىۋاپتۇ:
سىزنى
بىر
كۆرۈپلا
ياخشى
كۆرۈپ
قالدىم،
مۇھەببىتىمنى
قوبۇل
قىلسىڭىز،
سىزدىن
ئۆتۈنۈپ
قالاي!
مەن
سىزگە
زادىلا
قىزىقمايمەن،
ماڭا تولا
چاپلىشىۋالماڭ.
مەن
راست گەپ
قىلىۋاتىمەن،
مېنىڭ
نەرىمنى
ياقتۇرمىدىڭىز؟
مەن
ئۆزگەرتىۋالاي.
مەنمۇ راست
گەپ
قىلىۋاتىمەن،
سىز مېنىڭ
نەرىمنى
ياقتۇرۇپ
قالدىڭىز،
مەنمۇ
ئۆزگەرتىۋالاي.
دېرىزە
پەردىسى
بىر
جۈپ ئەر -
خوتۇن ئۆي
سېتىۋېلىش
ئۈچۈن بىر
بىناغا
بېرىپ ئۆي
كۆرۈشكە
باشلاپتۇ.
ئايالى
بىناغا
بىرلا
قاراپ
ئېرىگە
مۇنداق
دەپتۇ:
بۇ ئۆيلەر
ماڭا
ياقمىدى،
قارىمامسىز،
بۇ
ئۆيلەرنىڭ
ھېچقايسىسىنىڭ
دېرىزە
پەردىسى
يوق ئىكەن.
مەن
يۇيۇنغان
چاغدا
قولۇم -
قوشنىلار
كۆرۈپ
قالسا
قانداق
قىلىمەن؟
ئېرى
تۇلۇمدەك
سەمىرىپ
كەتكەن
خوتۇنىنىڭ
كېلەڭسىز
بەدىنىگە
قاراپ
قويۇپ
مۇنداق
دەپتۇ:
ھېچقىسى
يوق، قولۇم -
قوشنىلار
سېنىڭ
يۇيۇنۇۋاتقان
چاغدىكى
ھالىتىڭنى
بىرلا
قېتىم
كۆرسە،
دەرھال
ئۆزلىرىنىڭ
ئۆيىگە
دېرىزە
پەردىسى
سېتىۋالىدۇ.
مودا
بىر
خانىم بىر
پارچە
رەسىم
سېتىۋالماقچى
بولۇپ،
رەسىم
دۇكىنىغا
كىرىپتۇ
ھەمدە خېلى
ئۇزاق
تاللاپمۇ
يارىغۇدەك
رەسىم
تاپالماي،
رەسسامدىن
سوراپتۇ:
نېمە ئۈچۈن
ئاياللار
تەسۋىرلەنگەن
رەسىملەرنىڭ
ھەممىسى
يالىڭاچ؟
ئاياللارنى
كىيىم
كىيگەن
ھالەتتە
سىزساق
بىرنەچچە
يىلغا
قالمايلا،
ئۇلارنىڭ
ئۇچىسىدىكى
كىيىملەر
مودىدىن
قالىدۇ،
شۇڭا،
مەڭگۈ
مودىدىن
قالمىسۇن
دەپ
ئاياللارنى
مۇشۇنداق
يالىڭاچ
سىزىمىز،
دەپ جاۋاب
بېرىتپۇ
رەسسام.
ئاسما
چىراغ
بىرەيلەن
ساراڭلار
ساناتورىيىسىنى
ئېكسكۇرسىيە
قىلىۋېتىپ،
بىر
ساراڭنىڭ
تورۇسقا
ئېسىلىۋېلپ
ھەدەپ
كۈلۈۋاتقانلىقىنى
كۆرۈپتۇ -
دە، يەنە
بىر
ساراڭدىن
سوراپتۇ:
ئۇ
نېمە دەپ
بۇنداق
قىلىدۇ؟
ئۇ ئۆزىنى
ئاسما
چىراغ دەپ
شۇنداق
قىلىدۇ.
سىلەرنىڭ
دوختۇرخاناڭلار
بەك
مەسئۇلىيەتسىز
ئىكەن،
نېمە ئۈچۈن
ئۇنىڭغا
نەسىھەت
قىلىپ
چۈشۈرۈۋەتمەيسىلەر؟
ئۇنداق
قىلساق،
چىراغ يوق
بولۇپ
قېلىپ
ئەتراپ
قاپقاراڭغۇ
بولۇپ
قالمامدۇ؟
يىراقنى ئويلاش
پاراخوتتا
كېتىۋاتقان
ئايال
ئېرىنىڭ
ئۆزىنىڭ
كىيىملىرىنى
كىيىۋالغانلىقىنى
كۆرۈپ،
ناھايىتى
ھەيران
بولغان
ھالدا
ۋارقىراپ
كېتىپتۇ:
ساراڭ
بولدىڭىزمۇ؟
نېمە دەپ
مېنىڭ
كىيىمىمنى
كىيىۋالىسىز!
دەرھال
سېلىۋېتىڭ.
بوشراق
گەپ قىل،
دەپتۇ
ئېرى،
مېنىڭمۇ
ئويلىغان
يېرىم بار،
پاراخوت
چۆكۈپ
كەتسە،
قۇتقۇزغىلى
كەلگەنلەر
دائىم
ئالدى
بىلەن
ئاياللارنى
قۇتقۇزىدۇ
ئەمەسمۇ!
دوست
ۋە دۈشمەن
ئىككى
تەييارتاپ
پاراڭغا
چۈشۈپتۇ:
ئا:
پۇل دېگەن
مېنىڭ
دوستۇم،
يېنىمدا ئۇ
بولسا
ھېچنېمىدىن
غەم
قىلمايمەن.
ب:
پۇل دېگەن
مېنىڭ دۈشمىنىم،
يېنىمدا ئۇ
بولسا
دەرھال
خەجلەپ
تۈگىتىۋېتىمەن،
يەنى
دۈشمىنىمنى
ئۈزۈل -
كېسىل
يوقىتىۋېتىمەن.
دوختۇر
بىلەن
پراكتىكانت
پراكتىكانت
دوختۇر
مۇدىر
ۋراچتىن
سوراپتۇ:
بىمارلارغا
دىئاگنوز
قويغاندا
نېمە ئۈچۈن
ئۇلارنىڭ
نېمە
يەيدىغانلىقىنى
سورايسىز؟
بۇ ناھايىتى
مۇھىم، مەن
ئۇلارنىڭ
قانداق
غىزالىنىدىغانلىقىغا
قاراپ،
ئۇلاردىن
قانچىلىك
داۋالاش
ھەققى
ئالسام
بولىدىغانلىقىنى
بىلىۋالىمەن.
(قاھار
ئوسمان
تەرجىمە
قىلدى)
|