سوئال:
خەلقىمىزدە
«ئالماقنىڭ
بەرمىكى
بار» دېگەن
گەپ بار.
سىزنىڭچە،
قان - قېنىغا
نەپسانىيەتچىلىك
سىڭىپ
كەتكەن
بەزى
كىشىلەرنىڭ
بىزلەرگىمۇ
قايتۇرىدىغان،
بېرىدىغان
چاغلىرىمۇ
بولارمۇ؟ (تۇردى
ئوبۇلنىڭ
سوئالى)
1- جاۋاب:
ئەلۋەتتە
قايتۇرىدىغان
چاغلىرىمۇ
بولىدۇ. چۈنكى،
خەلقىمىز
ئارىسىدا «تۇغۇلۇپ
ئۆلمىگىنىڭنى
كۆرەي،
قەرزدار
بولۇپ
بەرمىگىنىڭنى»
دېگەن
گەپمۇ بار
ئەمەسمۇ.
مەكىت
ناھىيىلىك 1 -
ئوتتۇرا
مەكتەپتىن:
ياسىنجان
ئوسمان
2- جاۋاب:
ئۇلاردىن «يېگەن
-
ئىچكەنلىرىنى»
قەي
قىلدۇرۇشنى
تەلەپ
قىلالىغۇدەك
ئەزىمەتلەر چىققاندا
چوقۇم ‹ياندۇرىدۇ›.
گۇما
ناھىيە
مۇجى
يېزىلىق
ئامانەت -
قەرز
كوپىراتىپىدىن:
مامۇت
توختى
3- جاۋاب:
كەلگەنلەر
كېتەر،
ئالغانلار
بېرەر،
بىز
كۆرەلمىسەك،
بالىلار
كۆرەر.
باردۇر
قىسمەتتە
بەلكىم
مۆھلىتى -
تاقەتسىزلىنىپ
يۇتمىغىن
زەھەر.
پىچان
ناھىيىلىك
سىياسىي
كېڭەش
ئىشخانىسىدىن:
ئابدۇل
ھەمدۇل
4- جاۋاب:
نەپسى
بالادىن
نەرسە
تەلەپ
قىلماڭ
ئوبۇل،
ھەتتا
ئال دەپ
بېرىپ
قالسىمۇ
قىلماڭ
قوبۇل.
ئىتتىن
سۆڭەك
تەلەپ
قىلىپ
چىدامدۇ
غۇرۇر؟
مېھنەت
قىلىپ
تېپىپ
يېگەن
ھەقىقىي
ئوغۇل.
قاراماي
كەسپىي
تېخنىكا ئىنستىتۇتى
ئاھالىلەر
كومىتېتىدىن:
تۇرسۇن
تۇردى
سوئال:
«كۆڭۈل
ياتقان
يەردە ئىت
ياتماپتۇ»
دەيمىز.
ئەمما
ھازىر ئىت
ياتقان
يەرلەردىمۇ
يېتىۋېرىدىغان
كۆڭۈل
ئىگىلىرى
خېلى كۆپ.
بۇنى
قانداق
چۈشىنىش
مۇمكىن؟ (ياسىنجان
ئوسماننىڭ
سوئالى)
1- جاۋاب:
ئەجەبلەنمەڭ،
بۇ
ئۇلارنىڭ
دارۋېننىڭ
«تەدرىجىي
تەرەققىيات
نەزەرىيىسى»نىڭ
«كەم»
قىسمىنى
ئەمەلىيەتتىن
ئۆتكۈزۈۋاتقىنى.
ئاقسۇ
شەھەرلىك 9 -
باشلانغۇچ
مەكتەپتىن:
رەخىم
راخمان
سوئال:
ھازىرقى
كۈندە
ھەقىقەتنىڭ
كۈچى چوڭمۇ
ياكى پۇل
بىلەن
ھوقۇقنىڭ
كۈچىمۇ؟ (تۇرسۇنجان
ئەرشىدىننىڭ
سوئالى)
1- جاۋاب: سىز
قايسى
تەرەپتە
تۇرسىڭىز
شۇنىڭ كۈچى
چوڭ.
گۇما
ناھىيە
مۇجى
يېزىلىق
ئامانەت -
قەرز
كوپىراتىپىدىن:
مامۇت
توختى
2-جاۋاب:
ھەقىقەت
گويا ئاي،
ھارارىتى
يوق،
ئۆزىنى
داڭلاشقا
ماھارىتى
يوق.
ئىگىلىپ
- ئىگىلىپ
تۇرىدۇ
دائىم -
پۇل
بىلەن
ھوقۇقتەك
جاسارىتى
يوق.
ھەقىقەت
«قاپاق»تۇر،
پۇل - ھوقۇق
باراڭ،
ھەقىقەت
ئىزدىگەن
سانىلار
ساراڭ.
كىم
كۈچلۈك،
كىم ئاجىز
ئادەمگە
باغلىق،
كۆز
ئېچىپ
ئەتراپقا
زەن سېلىپ
قاراڭ.
پىچان
ناھىيە
سىياسىي
كېڭەش
ئىشخانىسىدىن:
ئابدۇل
ھەمدۇل
|