‏ئىچكىرىلىكلەر نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار

 

(ئەبجەش خاتىرە)

 

 :دىيارىمىزغا ئىچكىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار

«شىنجاڭ ھەقىقەتەن گۈزەلكەن»

«دوپپاڭلاردىن نومۇس قىلامسىلەر؟»

«بوي - بەستىڭلارغا ھەۋىسىم كېلىدۇ»

«بۇرۇت قويمىغىنىڭىز نېمىسى؟»

‹ ئۇيغۇرلار ۋە ئېۋېنكىلار ›

 

ئۆزۈم تەشۋىقات ساھەسىدە ئىشلىگەچكىمۇ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى تەبىئىي ھالدا كۆپ بولىدىغان گەپكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نامدار گېزىت رېداكسىيىلىرى، نەشرىي ئەپكارلار، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدىن ھەر مىللەتكە تەۋە مۇخبىر، مۇھەررىرلەر كېلىپ يۇرتىمىزنى، يۇرتىمىزنىلا ئەمەس ھەتتا ئىشخانامنىمۇ ئاۋات قىلىپ تۇرىدۇ.

ئاشۇ مۇخبىر، مۇھەررىرلەرنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئېتنىك مەنبەسى، ئۆرپ - ئادىتى، قائىدە - يوسۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، كىلىماتى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىشنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا مىللەت پسىخىكىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ قەلەمگە ئالىدىغانلارمۇ؛ تارىخىي ئىزلار، ئاسارئەتىقىلەر، ۋەسىقىلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى يېنىش - يېنىشلاپ كۆزىتىپ، تالاي ئەسىرلىك تارىخنىڭ سىر - ھېكمەتلىرىگە باي، ھارارەتلىك باغرىدا دۈملىنىپ ياتقان تەكلىماكان روھىغا سىڭىشكىنىچە، ئەجداد ھېكمىتى، ئەۋلاد خىسلىتى ۋە قىسمىتى ھەققىدە گادىرماچ تەپەككۇرغا ھامىلىدار بولۇپ، يېڭى تارىخىي ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئاچچىق تولغىقىنى يەۋاتقانلارمۇ؛ زىيارەت، ساياھەت، تىجارەت ۋە تاپاۋەتنى تەڭ پىلانلاپ «ئۆردەك يېگەندە غازنىڭ پېيىدا بولۇپ» قەلەم قورالىدىن «ماھىرلىق» بىلەن پايدىلىنىپ، شۇ باھانىدە ئاز - تولا بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن، قولىدىن ئىش كېلىدىغانلارنى ئىزدەپ، ئاق ئىشىك، كۆك ئىشىكلەرگە دوقۇرۇپ يۈرگەن جان باقتى قەلەمكەشلەرمۇ، قايسى بىر خەلق ناخشىسىدا: «خىيالىڭنى بىلىپ بولمايدۇ» دەپ ئېيتقىنىدەك، مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى كۆتۈرۈپ زادى قايسى مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى «بىلىپ بولمايدۇ»غانلارمۇ ئۇچرايدۇ 

2003- يىلى 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «كۈسەن لوڭقىسى مۇكاپاتلىق پروگراممىسىدىن شىنجاڭغا نەزەر» بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ79 نەپەر مۇخبىرى قاتناشقان كاتتا بىر پائالىيەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىي بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان گۈزەل يۇرت كۈسەن دىيارىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئۇ تەرىپى بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلىدە باھار ھۆسنىگە چۆمۈلۈپ تۇرىدىغان جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىز بويلىرىدىن، بۇ يېقى خېيلۇڭجياڭنىڭ ئەڭ سوغۇق بولىدىغان جامۇس، موخې شەھەرلىرىدىن، ھىنگان تاغ تىزمىلىرىنى قۇچاقلاپ ياتقان ئىچكى موڭغۇلنىڭ پايانسىز يايلاق - دالالىرىدىن، تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن مۇخبىر بۇرادەرلەر مول داستىخانلىرىمىزدىكى مەئىشەتلىك كۈز نېمەتلىرىگە ئېغىز تەگكەچ قىزىقىپ ئۇنى - بۇنى سورايتتى، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە بىلگەنلىرىنى، ئويلىغانلىرىنى كەڭ - كۇشادە بايان قىلىپ، بىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولاتتى. مۇخبىرلارنىڭ «كەسپىي كېسىلى» بولسا كېرەك، ئاغىزىمىزنى تاتىلاپ نېمىدۇر بىرنەرسىگە ئېرىشمەكچى بولاتتى. ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ يەتمەكچى بولغاندەك، ئاسماقچىلاپ سوئال سوراپ، ئىچ - باغرىلىرىمىزنى «ۋالاققىدە» تۆكۈشكە ئۈندەيتتى ھەم ئىلھاملاندۇراتتى. بىر ھەپتىگە يېقىن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت جەريانىدا خىزمەت ئېھتىياجى بويىچە باشتىن - ئاخىر ئۇلار بىلەن بىرگە بولدۇم. پائالىيەت كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، مەۋلانە ئەرشىدىن مازىرى، كۈسەن قەدىمىي شەھىرى، كۇچا خانىقاسى، لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى، قەدىمىي تۇر، سۇباش قەدىمىي شەھىرى، قىزىل قىيا جىلغىسى ساياھەت رايونى، كوناشەھەر مىللىي ئۆرپ - ئادەت كوچىسى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت قىلدۇردۇم. بۇ جەرياندا ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە بۇلۇنغان سوقا - سۆھبەتلەرگە، كەڭ - كۇشادە، كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەلقىنلەرگە بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلدىم. بۇ يازمامدا ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن ئاشۇ پاراڭخۇمار مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا بەرگەن باھاسىنى كىتابخانلارنىڭ ھۇزۇرىغا ئەينەن سۇنماقچىمەن. بۇنىڭ ئۆزىمىزنى قايتىدىن سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىپ، روھىيىتىمىزنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۆزىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا ئاز - تولا پايدىسى بولسا ئەجەب ئەمەس، ئەلۋەتتە.

 

‹ شىنجاڭ ھەقىقەتەن گۈزەلكەن ›

 

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى M ئەپەندى ئاپتونوم رايونىمىز ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : «شىنجاڭ ئاجايىپ گۈزەل يۇرتكەن، مەن بۇ تەرەپلەرگە بۇرۇن كېلىپ باقمىغان بولغاچقا، شىنجاڭ دېسە 360 كۈن قۇم - بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان، دەشت - باياۋان، چۆل - جەزىرىلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن. مېنىڭ تەسىراتىم شۇكى، ئادەم شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىنلا، ۋەتىنىمزنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى، زېمىنىمىزنىڭ نەقەدەر كەڭ، بىپايانلىقىنى، شىنجاڭلىقلارنىڭ نەقەدەر مېھماندوست، خۇشخۇي، چىقىشقاق، مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەن. قىسقىسى، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭلىقلار مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن پۇرسەت بولسىلا بۇ گۈزەل ماكانغا پات - پات كېلىپ تۇرىمەن».

 

«دوپپاڭلاردىن نومۇس قىلامسىلەر؟»

 

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى Q ئەپەندى دوپپىمىز ھەققىدە گەپ بولغاندا مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن بىر قېتىملىق پائالىيەتتە ماڭا دوپپا تەقدىم قىلىندى. دوپپىنى شۇ ھامان كىيىۋالدىم، قارىسام چىرايىمغا تولىمۇ خوپ يارىشىپتۇ، شۇنىڭدىن بېرى دوپپىنى بېشىمدىن چۈشۈرمەي كىيىپ كېلىۋاتىمەن (دەرۋەقە Q ئەپەندى كۇچادا بولغان كۈنلەردە باشتىن - ئاخىر دوپپا كىيىپ يۈردى  ئاپتوردىن). كوچىدا ماڭسام ئۇيغۇر قېرىنداشلار كۈلۈمسىرەپ سالام بېرىدۇ، بۇ، مۇشۇ دوپپىنىڭ خاسىيىتىمىكىن دەيمەن، لېكىن مېنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش، دوپپا كىيىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنى يېزىلاردا ئاندا - ساندا ئۇچراتقىلى بولسىمۇ، شەھەرلەردە كۆزگە چېلىقمايدىكەن، دوپپاڭلاردىن نومۇس قىلامسىلەر؟ يا دوپپا سىلەردىن چاندىمۇ؟ ياكى سىلەر دوپپىدىن چاندىڭلارمۇ؟ ھا  ھا »

 

«بوي - بەستىڭلارغا ھەۋىسىم كېلىدۇ»

 

چۇڭچىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن كەلگەن H ئەپەندى مۇنداق دېدى: «سىلەر ئۇيغۇرلار تولىمۇ قامەتلىك، تەتۈر ئۇستىخان كېلىدىكەنسىلەر، خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىگە بېرىپ ھەيران قالدىم، ئەرلەرغۇ بىر نۆرى، ئاياللاردىنمۇ ئاجايىپ بەستلىك ئاياللارنى ئۇچراتتىم، مېنىڭ بىلىشىمچە، ئادەمنىڭ بوي - بەستى تۇپراق، سۇ، ھاۋا (كىلىمات)غا، ئەڭ مۇھىمى گېنىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. دۇنيادا سىلەرگە ئوخشاش ساپ ئىرق، ساپ گېنلىق مىللەت ئاز ئۇچرايدۇ، ئاشۇنداق ساپلىقنى ساقلاپ قالالايدىغان مىللەت ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك. مېنىڭ بوي - بەستىڭلارغا تولىمۇ ھەۋىسىم كېلىدۇ».

 

«بۇرۇت قويمىغىنىڭىز نېمىسى؟»

 

پائالىيەتنىڭ 3 - كۈنى كۇچانىڭ جۈمە بازىرىغا توغرا كەلدى. مېھمانلارنى باشلاپ، كوناشەھەر مىللىي ئۆرپ - ئادەت كوچىسىنى ئايلاندۇردۇم، مۇخبىرلار ئۇچرىغان ھەربىر يايمىلارنى سىنچى كۆزلىرى بىلەن كۆزىتەتتى. مىسكەرچىلىك، خارەت، تۇماقچىلىق، مىمارچىلىق، نەققاشچىلىق دېگەندەك ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە ئائىت نەپىس بۇيۇملارنى قوللىرىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قاراپ كېتەتتى. ئاپپاراتلىرىنى، تېلېكامېرالىرىنى توغرىلاپ يېنىش - يېنىشلاپ سۈرەتكە ئالاتتى. ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئاۋات رەستىدە بىر قولىنى تۆت قىلىپ ئۆپكە - ھېسىپ، لەڭپۇڭ، قوغۇن - تاۋۇز سېتىۋاتقان، ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان پېتىر مانتىنى چىرايلىق تەخسىلەرگە ئالغاچ: «مانا بىر، مانا ئىككى، مانا ئون » دەپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان ھۆپپىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ سىرتىدا قالمىغانىدى. شۇ ئارىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ جايدا يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق ھايال بولۇپ قالىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى K ئەپەندىگە ساقال - بۇرۇتۇمنى ئىشارە قىلىپ دېدىم:

 ساقال - بۇرۇتۇمنى ئالدۇرۇۋالاي، سىلەر ئايلانغاچ تۇرساڭلار ھايال بولماي كېلىپ بولىمەن.

:K ئەپەندى

 بولدى تۈزۈت قىلماڭ، ساقلىتىپ قويمايسىز،  دېدى شالاڭ ساقال - بۇرۇتىنى سىلاپ قويۇپ.

مەن مەمنۇنلۇق بىلەن بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپلا، ئوتتۇز - قىرىق چامدام نېرىدىكى ساتىراشخانىغا يۈگۈردۈم. بۈگۈن بازار كۈنى بولغاچقا ساتىراشخانىدا ئۆچرەت ساقلاپ تۇرغان خېرىدارلار ئاز ئەمەسكەن. K ئەپەندىگە «ھايال بولماي كېلىپ بولىمەن» دېگەن بولساممۇ، ئامالسىز يېرىم سائەتچە ھايال بولۇپ قالدىم. ئالدىراپ - تېنەپ ئاپتوبۇس قېشىغا كېلىۋىدىم، ھەممىسى جايلىشىپ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. «ئاپلا، مېھمانلارنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويۇپتىمەندە!» خىجىلچىلىقتىن يۈز - كۆزۈم قىزىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئۆز ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇشۇمغا K ئەپەندى مېنى تەڭلىكتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولدىمۇ گەپ تاشلىدى:

 ھە، باشلىق ئەپەندىم، چاچ - ساقاللىرىڭىزنى ياسىتىپ ئون ياش ياشىرىپ كېتىپسىزغۇ؟ خانىمىڭىز تونۇيالماي قالمىغىيدى.

شۇ گەپ بىلەن تەڭ ئاپتوبۇس ئىچىدىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى. مۇخبىرلار ئايرىم ساندىكى تەرى سۆرۈن ئەمەلدارلاردەك سۈنئىي قېتىپ ئولتۇرۇۋېلىشنى ياقتۇرمايدىغان، ئىختىيارەنلىكنى، ئۆز سۆزلۈكنى ياقتۇرىدىغان، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشقا ھېرىس «ئەركىن» كىشىلەر بولغاچقا، گەپ خالتىلىرىنىڭ ئاغزى تۇشمۇتۇشتىن ئېچىلىشقا باشلىدى.

 ئەممازە بۇرۇتىڭىزنى چۈشۈرۈۋېتىپ يامان قىلىپسىز ئەمەسمۇ؟ (مېنى بۇرۇت قويۇۋالغان چىراي كۆرگەن بولسا كېرەك ).

 قۇشناچىمنى قاقشاتماي دېگەندۇ؟

 قۇشناچىمنىڭ گېپى چىقىپ، بۇرۇتۇڭنى ئالدۇرۇۋەتمىسەڭ خېتىمنى ئالىمەن دەپ جېدەل قىلدىمۇ - يە؟

 جېدەل قىلغان خوتۇننى قويۇۋېتىڭ بولمىسا، سىزنى باشقىدىن ئۆيلەيمىز.

 ھاھا  ھۇھۇ 

چاقچاق ئەۋجىگە چىقتى. مۇخبىرلار ئەسلىدىنمۇ گەپتە تەڭلىكى يوق كىشىلەر بولغاچقا، بىرسىنىڭ گېپىگە بىرسى پاس چىقىرىپ، ئاپتوبۇس ئىچىنى كۈلكە بىلەن كۆمۈۋەتتى. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرى سەل - پەل پەس كويغا چۈشكەندە زورىغا كۈلۈمسىرەپ دېدىم:

 بۇرۇتۇم بىر يەرگە قېچىپ كەتمىگەندىكىن، قېرىغاندا قويساممۇ ئۈلگۈرىمەن دېدىمغۇ؟

ئۇلار چاقچاقلىرىنى توختىتىپ، بىز ھەققىدە رەسمىي گەپكە ئۆتكەندەك قىلاتتى. ھە دەپ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، يۈرۈش - تۇرۇش مەدەنىيىتىمىز توغرىلىق بەس - مۇنازىرە، تالاش - تارتىش قىلاتتى. ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاۋېتىپ مۇنداق دېگەنلىرىنى ئاڭقىرىدىم: «شىنجاڭغا كەلمەستىن بۇرۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇچىسىغا يارىشىملىق ئەتلەس كۆڭلەك، بېشىغا چىمەن دوپپا كىيگەن، چېچىنى قىرىق كۇكۇلا قىلىپ ئۆرۈۋالغان ھالدا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەتتۇق. بۇ يەرگە كېلىپ قارىساق، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى پاسونىدا كىيىنىپ يۈرۈيدىغان قىزلارنى پەقەت سەھنىلەردە ئويۇن قويغان ئارتىسلار ئىچىدىنلا ئىزدەپ تاپقىلى بولىدىكەن، ھەتتا تويى بولغان قىز - يىگىتلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيمەيدىكەن. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەيلى سودا - تىجارەت قىلسۇن ۋە ياكى تۈرلۈك مۇراسىم، يىغىلىشلاردا بولسۇن، ئاساسەن دېگۈدەك مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىشىدۇ»، «بۇمۇ بەلكىم مەدەنىيەت، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىپ، ئۆزئارا بىر - بىرىگە سىڭىشىپ كىرىشىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك»، «ئۇنىسىغۇ راست، لېكىن ھەممە مىللەت بىر خىللا كىيىنىپ يۈرسە، ئۇنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتمەك تەستە! ئۇنداقتا مىللىي خاسلىق دېگەن گەپمۇ ئۆز مەنىسىنى يوقاتمامدۇ؟»

 

«ئۇيغۇرلار ۋە ئېۋېنكىلار»

 

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن كەلگەن Q ئەپەندى تولىمۇ خۇش چاقچاق، ئوچۇق - يورۇق ئادەم ئىكەن. بىر قېتىملىق كەچلىك زىياپەتتە ئۇ بىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى، كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر ئۇيغۇرلار تاماق دېگەننى گۈل كەلتۈرۈۋېتىدىكەنسىلەر، شۇنداق مەززىلىك، بولۇپمۇ پولۇ (خەنزۇلار ھەرقانداق تاماق يېگەندە چوكا ئىشلىتىدىغان، قول بىلەن تۇتۇپ يېمەيدىغان بولغاچقا، پولۇنى «قول بىلەن يەيدىغان تاماق» دەپ ئات قويۇۋالغان)نىڭ ئۆزى نوقۇل ھالدىكى تاماق بولۇپلا قالماي يېتۈك سەنئەتكەن، داۋالاش دەستۇرىكەن. ئاشۇ پولۇغا ئىشلىتىلگەن خۇرۇچ، ماتېرىيالغا قاراپلا ئۇيغۇرلاردا مىللىي تېبابەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە راۋاجلانغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. ئۈرۈمچىدە ئۇچراتقان مۇنداق بىر ئىش زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ: بىر كۈنى چۈشلۈكى بىرنەچچىمىز كوچا ئايلىنىپ، دۆڭكۆۋرۈككە كەلسەك، «پولۇ شاھى» دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر ئاشپۇزۇلغا كۆزىمىز چۈشتى، ئۇنىڭسىزمۇ ئۇ يەرگە كىرىپ چىقىۋاتقان خېرىدارلارنىڭ كۆپلۈكى، تاماقنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ئاشقازىنىمىزنى غىدىقلاپ، ئىختىيارسىز ئۆز قوينىغا چىللاپ تۇراتتى. ئوخشىتىپ ئېتىلگەن پولۇ ئاچقان يېرىمىزگە باردى. يەرلىك دورا - دەرمەك بىلەن دەملەنگەن خۇشپۇراق چاينى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشكەچ، بىرەر رومكىدىن باستۇرۇق قىلايلى دەپ، مۇلازىمغا مەي كەلتۈرۈشنى بۇيرۇدۇم، مۇلازىم گېپىمنى تەستە ئۇققاندىن كېيىن، شۇئان چىرايى ئۆڭگەندەك بولۇپ:

 بۇ يەردە ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ  ! دېدى گەپنى چورتلا ئۈزۈپ. بىز بىر - بىرىمىزگە مەنىلىك قارىشىپ قويۇپ، ئاشپۇزۇلدىن چىقتۇق. شۇ چاغدىكى ئويۇم بويىچە ئېيتقاندا، بىز توغرا قىلماپتىمىز: «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلار بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئىسلام دىنىدا ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، نەشە چېكىش، ئوغرىلىق قىلىش، قىمار ئويناش قاتارلىقلار ناھايىتى ئېغىر گۇناھ سانىلىدۇ. بۇ ھالدا بىز ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلماي، كۆزگە ئىلمىغاندەك كۈپ - كۈندۈزدە ، خالىراق جايدا ئەمەس، جامائەتنىڭ كۆزىچىلا ھاراق ئىچىپ، قىيا - چىيا قىلىشىپ ئولتۇرساق ئەلۋەتتە خاپا بولىدۇ - دە!» ئۆزىمىزنىڭ سەۋەنلىكىنى بوينىمىزغا ئېلىپ سالپايغىنىمىزچە ياتاققا قايتتۇق. قىزىق، ئەتىسى ئۈرۈمچىگە يېقىن بىر ساياھەت شەھىرىگە كېلىپ باشقىچە بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئويلىغانلىرىمدىن گۇمانلىنىپ قالدىم. قانداق دەمسىز؟ ئۇ يەردە ھاراق ئىچىدىغان سورۇن قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىكەن، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئوت - كاۋاپ بولۇپ، تەرلەپ - پىشىپ ھاراق ئىچىدىكەن. ھاراقنى كۆپ ئىچىشنى گاڭگۇڭلۇق، ئوغۇلبالىچىلىق، يىگىتلىك ھېسابلايدىكەن تېخى!! ھا  ھا 

:Q ئەپەندى ھاراق ئىچىپ قىزىشقانچە قىزىپ سۆزلەيتتى

«ھاراق خېلى كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ دائىملىق ئۈلپىتى بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا ئىچكىرىلەپ زەن سالسام، ئەرلەر تۈگۈل بەزى ئاياللارمۇ ھاراق ئىچەلەيدىغان، ئىچكەندىمۇ، مەن - مەن دېگەن ئەرلەرنى بېسىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە ئىچەلەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. ھاراق ئىچىش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر خىل مەدەنىيەت. ۋەھالەنكى، مەدەنىيەتمۇ ئۆز لايىقىدا بولۇشى كېرەك - تە. بىر مىللەتنى باشقا بىر مىللەتتىن ماھىيەتلىك پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغىنى شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان، ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تاۋلاش، تاللاش، شاللاش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدۇر. چۈنكى بىر مىللەت كىشىلىرى ئەجدادلىرى، دىنىي ئېتىقادى، تىل - يېزىقى، تارىخى، قىممەت قارىشى، ئۆرپ - ئادەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى باشقا مىللەتتىن پەرقلەندۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ شىنجاڭ تارىختا «يىپەك يولى»نىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان. قارىسام، بۇ خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئۆز دىۋارىدىن بارغانچە يىراقلىشىپ، مەدەنىيەت مەركىزىگە يېقىنلىشىش ئەمەس، مەركەزدىن قېچىش ھادىسىسى يۈز بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال مەدەنىيەتتە بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا سەكرەش ئاخىرى بېرىپ مەدەنىيەتتە شالغۇتلىشىشنى، مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شالغۇت مەدەنىيەت ئەقلىي تەپەككۇرنى كاردىن چىقىرىپ، روھىيەت دالاسىنى چۆللەشتۈرۈۋېتىدۇ. قىسقىسى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش، گۈللەندۈرۈش مۇھىمى مۇكەممەل ساقلاپ قېلىش  بىر مىللەتنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، ئۆز مەدەنىيىتىنى خارلىغانلىق ماھىيەتتە ئۆزىنى خارلىغانلىق، ئۆز - ئۆزىنى دەپسەندە قىلغانلىق 

ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەنلەرنى ئەيىبلەپ كېتىشلىرىمنى كەچۈرۈڭلار 

جۇڭگودا ئېۋېنكى دەيدىغان بىر مىللەت بار. ئۇلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەرياندا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى ياراتقان. ئۇلارنىڭ ئات ئۈستى مەدەنىيىتى ئىنتايىن گۈللەنگەن بولۇپ، ئوۋچىلىق، مەرگەنلىكتە ھەرقانداق بىر مىللەتنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئېۋېنكىلار ئەسىرلەردىن بۇيان مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالى بولغان خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى بويلىرىدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلىدە ھىنگان تاغ تىزمىسىنىڭ تاغ قاپتاللىرىدا، جىرالىرىدا، تىك قىيالاردا، بۈك - باراقسان ئورمانلىقلاردا قەھرىتان سوغۇق، يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلىپ ياشايدۇ. بۇ خىل ناچار مۇھىت، تەھدىت - تەھلىكە ئۇلارنىڭ جىسمانىيىتى ۋە روھىيىتىنى تاۋلاپ، ياشاشقا بولغان ئىشەنچ، ئۈمىدىنى ئاشۇرغان. قورقۇمسىزلىق، باتۇرلۇق، پىداكارلىق، مەردانىلىك، راستكۇيلۇق، خېيىمخەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى  ئېۋېنكى مىللىتىنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى، مىللەت روھى دېيىشكە بولىدۇ. ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئەنە شۇنداق جەڭگىۋار بىر مىللەت ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش دېگەنلىك  ئۆلۈپ تۈگىدى دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. دەرۋەقە نوپۇسى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ساپاسى تۆۋەنلەۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق جەڭگىۋارلىقىنى سۇسلاشتۇرغان، ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرغان، روھىنى كاردىن چىقارغان نەرسە  ھاراق. ئېۋېنكىلار ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە ئاز - تولا بېيىپ، چۆنتىكىگە پۇل كىرگەندىن كېيىن ھاراققا بېرىلىپ كەتكەن. بۇ يەردە مۇنداق بىر ئىشنى دېسەم ئارتۇقچە بولماس: مەن بىلىدىغان بىر ئېۋېنكى يىگىت بار ئىدى. ئۇ ئەينى چاغدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گۈزەل - سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تالانتى بىلەن بېيجىڭدا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ماي بوياق ۋە دۇغ بوياق رەسىملىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. «ئىنسان ئۈچۈن مەغلۇبىيەت ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس، قىيىنى مۇۋەپپەقىيەت ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» دېگىنى راست ئىكەن. ھېلىقى يىگىت ئاز - تولا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، نام چىقارغاندىن كېيىن، ئۆزىنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ  ئاخىرقى مەنزىلىگە يەتكەندەك ھېس قىلدىمۇ قانداق ھاراققا بېرىلىپ كەتتى. ئەتىگىنىمۇ مەست، كەچتىمۇ مەست، قىسقىسى ئەتىدىن كەچكىچە ھاراق ئىچىپلا يۈرەتتى. دوست - بۇرادەرلىرى، خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆيۈنۈش تەلەپپۇزىدا ئېيتقان نەسىھەتلىرى قۇلىقىغا كىرمەيتتى. كېيىنچە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماس بولدى. چۈنكى، ھەر ئادەمنىڭ ئۆزى تاللىغان ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ - دە، ھاراقنىڭ زىيىنىنى ئۆزى تونۇپ يەتمىسە بىزنىڭ دېگەنلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى، قىممىتى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ساق ۋاقىتلىرىنى ئاساسەن كۆرمەيتتۇق. ئاخىرى ئاشۇ ھاراق ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ھاراق كەم تېپىلىدىغان بىر ئىختىساس ئىگىسىنىڭ بېشىغا چىقتى. خوش، مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق سىلەرنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرنى «ھاراق ئىچمەڭلار» دەيدىغان ھوقۇقۇممۇ يوق. ھاراق ئىچىش - ئىچمەسلىك ھەركىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش، جۇڭگودا ھاراق ئىچىشنى چەكلەيدىغان قانۇن - نىزاممۇ يوق. مەن پەقەت بىر گەپنى، ھاراق ئىچىشمۇ لايىقىدا بولۇشى كېرەكقۇ دېگەننىلا ئىچىم كۆيۈپ، توغرا نىيەتتە چىن قەلبىمدىن تەۋسىيە قىلماقچىمەن »

ئۇ يەنە نۇرغۇن - نۇرغۇن گەپلەرنى دەيدىغاندەك قىلاتتى - يۇ، لېكىن ھاراق ئىچكەن بولسىمۇ خۇدىنى، ئەقلى - ھوشىنى يوقاتمىغان بولغاچقا، بىردىنلا سەزگۈرلىشىپ بوغۇزىغا كەلگەن كۆڭۆل سۆزلىرىنى تۇيدۇرماي يۇتۇۋەتتى 

 

«كۈسەن لوڭقىسى مۇكاپاتلىق پروگراممىسىدىن شىنجاڭغا نەزەر» زىيارەت ئۆمىكىدىكى مۇخبىرلار كۇچادىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ ھارارەتلىك ماكان بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ، ئۆز ئورۇنلىرىغا جۆنىدى. ئۇلارنىڭ دىيارىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى قايسى نۇقتىدىن چىقىپ تەشۋىق قىلىدىغانلىقى، بىز ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقى، كۈندىلىك خاتىرىسىگە نېمىلەرنى پۈتكەنلىكى، نېمىلەرنى يازغانلىقى ماڭا نامەلۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ زىيارىتى مەن ئۈچۈن كەم تېپىلىدىغان ياخشى پۇرسەت، ئېيتقانلىرى ئۆزۈم ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش، ئۆز - ئۆزۈمنى قايتا تونۇش مەزمۇن قىلىنغان بىر قېتىملىق قىممەتلىك دەرس بولدى.

ئۇلار كەتتى، كەتكەندىمۇ نۇرغۇن سوئال ۋە ئويلىنىشلارنى تاشلاپ قويۇپ كەتتى، بەزىلىرىگە دەماللىققا جاۋاب تاپقان بولساممۇ، بەزىلىرىگە ھازىرغىچە جاۋاب تاپالماي گاڭگىراپ يۈرمەكتىمەن. كۇڭ زى: «ئالدىڭدا تۇرغان ئۈچ ئادەمنىڭ بىرى جەزمەن سېنىڭ ئۇستازىڭ» دېگەنىكەن. ئوقۇرمەنلەر مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇستازىم. قەلەم تەۋرىتىپ يازغانلارنىڭ، باشقىلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇستاز بولۇشى ناتايىن، يازغانلىرىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلغانلارلا ئاندىن ئۇستاز بولۇش شەرىپىگە مۇناسىپتۇر. مەن ئويلىنىۋاتىمەن، «ئۇستاز بولالمىساممۇ، ھېچبولمىغاندا كەنجى شاگىرت بولۇشۇم كېرەك» دېگەننى كۆڭۈل دەپتىرىمگە پۈتكۈنۈمچە ئويلىنىۋاتىمەن. شۇڭلاشقا جاۋابسىز قالغان سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ۋەجىدىن ئۇشبۇ يازمامنى كىتابخانلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم، كۆڭۈلدىكىدەك جاۋابقا ئېرىشەلەيمەنغۇ دېگەن ئۈمىدتىمەن. يۇقىرىقى قۇرلارنى يېزىۋاتقان مىنۇتلاردا دارۋىننىڭ «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى»دىكى مۇنۇ ئىبارىلەر ئېسىمگە كېلىپ قالدى: «قەدىمقى زىراپىلەرنىڭ ئىندىۋىدلىرى  ئارىسىدا پەرقلەر ساقلانغان. بەزى زىراپىلەرنىڭ ئالدىنقى پۇتلىرى ئۇزۇنراق، بەزىلىرىنىڭ بوينى بىلەن ئالدىنقى پۇتلىرى قىسقىراق بولغان. مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك يەر يۈزىدىكى يېمەكلىكلەر تۈگەپ، ئېگىزدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يېگەن. بوينى ۋە ئالدى پۇتلىرى ئۇزۇن بولغان ئىندىۋىدلار ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولغاچقا، ھايات قالغان ھەمدە ئەۋلاد قالدۇرغان. بوينى ۋە ئالدى پۇتلىرى قىسقا بولغان ئىندىۋىدلار ئوزۇق تېپىپ يېيەلمەي ئاچ قېلىپ ئۆلگەن. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، بوينى بىلەن ئالدى پۇتلىرى قىسقا زىراپىلەر شاللىنىپ كەتكەن. بوينى بىلەن ئالدى پۇتلىرى ئۇزۇن بولغان ئىندىۋىدلار ئەۋلادمۇئەۋلاد كۆپىيىپ بارغان. ئۆزگەرگەن پايدىلىق بەلگىلەر (بوينى ئۇزۇن، ئالدى پۇتى ئۇزۇن) ئەۋلادمۇئەۋلاد توپلىنىپ، ئىنتايىن ئۇزاق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى زىراپىلەرگە ئايلانغان. مانا بۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەبىئىي تاللىنىشنىڭ نەتىجىسى». 21 - ئەسىر شەك - شۈبھىسىز ھالدا ئۆزىنىڭ رىقابەت (مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەبىئىي تاللىنىش) ئەسىرى بولىدىغانلىقىدىن ئاللىبۇرۇن بېشارەت بەردى. بۇ بىزگە ئۆزىمىز ھەققىدە كەڭ - كۆلەمدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشنىڭ سۇ ۋە ھاۋادىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرماقتا. دەرۋەقە، ھازىر ئۆزىمىز ھەققىدە ئۆزىمىزدىكى ئەۋزەللىك، ئۈستۈنلۈك، شۇنداقلا ساقلىنىۋاتقان يېتەرسىزلىك، نۇقسانلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانمىساق زادى بولمايدىغان جىددىي تەخىرسىز پەيتكە دۇچ كەلدۇق. بىز ھەر نە بولساق «بوينى ۋە ئالدى پۇتلىرى زىيادە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىپ - تىرمىشىپ پۇت - قوللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان ئىندىۋىدلار توپىغا مەنسۇپ. ئەمما، ‹ پۇت - قولىنى تەرەققىي قىلدرۇش › ھەرگىزمۇ ئۆز - ئۆزىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى 21 - ئەسىردە، ئۇيغۇر خەلقى دۇنيا مەدەنىيىتىگە قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ھېس قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ دەرۋازىسىنى دۇنياغا ئېچىۋېتىدۇ، ئەمما مەدەنىيەت پسىخىكىسى، تاشمايىللىق ئەندىزە ۋە ئېستېتىك تەلپۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھامىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەيدۇ».

( ئاپتور: كۇچا ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە )


Dy-u] 2)g@)" : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks