ھاياتلىقتا
«بۇ تاغدىن
ئۇ تاغ
ئېگىز» دەپ
گاڭگىراپ
قېلىشتىن
ھەزەر
ئەيلەڭ
رېئال
تۇرمۇشتا،
ئۆزىنىڭ
ھازىرقى
خىزمىتىدىن،
ھازىرقى
ھالىتىدىن،
ھازىرقى
تەقدىرىدىن،
ھازىرقى
ئورنىدىن،
ھازىرقى
كىرىمىدىن
رازى
بولىدىغانلار
بەك ئاز. بۇ
ئىشنى
قىلىۋاتقانلارنىڭ
ئۇ ئىشنى
قىلغۇسى
كېلىدۇ، ئۇ
ئىشنى
قىلىۋاتقانلارنىڭ
بۇ ئىشنى
قىلغۇسى
كېلىدۇ،
ۋەھاكازالار.
بۇ خىل
ئەھۋالنى «بۇ
تاغدىن ئۇ
تاغ ئېگىز
كۆرۈندى»
دەپ
ئوخشاتساق
مۇۋاپىق
كېلىدۇ.
ھاياتلىقتا،
ئەمگەك ۋە
خىزمەت
ئىجتىمائىي
مەۋجۇتلۇقنىڭ
بىردىنبىر
ئاساسى، شۇنداقلا،
كىشىلەرنىڭ
بۇ دۇنيادا
ياشىشىدىكى
زۆرۈر شەرت
ھەم
كىشىلەرنىڭ
ياشىشىنى
ئىقتىساد
ياكى
ماددىي
نېمەتلەر
بىلەن
تەمىن
ئېتىشتىكى
زۆرۈر
ۋاسىتىلەرنىڭ
بىرى.
شۇنداق
بولغاچقا،
كىشلەرنىڭ
مەيلى
ئەقلىي
ئەمگەك
ياكى
جىسمانىي
ئەمگەك
بىلەن
مەشغۇل
بولۇشى ئۆز
مەۋجۇتلۇقىنىڭ
ۋە
جەمئىيەت
تەرەققىياتىنىڭ
مۇقەررەر
تەقەززاسى.
ئەمما،
ئىجتىمائىي
ئىش
تەقسىماتى
كۆپ
ھاللاردا
كىشىلەرنىڭ
رايىچە
بولۇۋەرمەيدۇ.
شۇنداق
بولغاچقا،
رېئال
تۇرمۇشتا،
ئۆزىنىڭ
ھازىرقى
خىزمىتىدىن،
ھازىرقى
ھالىتىدىن،
ھازىرقى
تەقدىرىدىن،
ھازىرقى
ئورنىدىن،
ھازىرقى
كىرىمىدىن
رازى
بولىدىغانلار
بەك ئاز
ئۇچرايدۇ.
بۇ ئىشنى
قىلىۋاتقانلارنىڭ
ئۇ ئىشنى
قىلغۇسى
كېلىدۇ، ئۇ
ئىشنى
قىلىۋاتقانلارنىڭ
بۇ ئىشنى
قىلغۇسى
كېلىدۇ،
ۋەھاكازالار.
بۇ خىل
ئەھۋالنى «بۇ
تاغدىن ئۇ
تاغ ئېگىز
كۆرۈندى»
دەپ
ئوخشاتساق
مۇۋاپىق
بولىدۇ.
يۇقىرىقىدەك
روھىي
ھالەت
زامانىمىزدىكى
بىر قىسىم
كىشىلەرنى
تىنىمسىزلىق
كېسىلىگە
مۇپتىلا
قىلدى.
تىنىم
تاپماي
ئىنتىلىپ
تۇرۇشنىڭ
ئىجابىي
تەرەپلىرىمۇ
بار،
سەلبىي
تەرەپلىرىمۇ
بار. ئۆز
ئىقتىدارىنى
تېخىمۇ
ياخشى جارى
قىلدۇرۇش
يولىدا
تىنىمسىز
ئىنتىلىپ
تۇرۇش
ياخشى
نەتىجىلەرگە
ئېرىشتۈرىدۇ.
ۋەھالەنكى،
ئۆز
ئىقتىدارىنى،
ئۆزىنىڭ
قولىدىن
قانچىلىك
ئىش
كېلىدىغانلىقىنى
توغرا
مۆلچەرلىمەي،
جەمئىيەتتىكى
بەزىبىر
ئادىلسىزلىقلاردىن
قاخشاش،
بىرەر
تاسادىپىي
ئىلتىپاتقا
ئېرىشىپ
قالسىلا،
بىراقلا
ئىختىساس
ئىگىسىگە
ئايلىنىپ،
ھال -
كۈنىنىڭ
بىراقلا
ياخشىلىنىپ
كېتىشىنى
ئارزۇ
قىلىش
رىۋايەتلەردىكى
چۆچەكلەر
دۇنياسىدا
ئىشقا
ئاشامدىكىن
- تاڭ،
ئەمما،
بۈگۈنكى
رىقابەت
دەۋرىدە
ئىشقا
ئاشمىقى
تەس. ئەمدى،
تۆۋەندىكى
ھېكايەتنى
مۇلاھىزە
قىلىپ
كۆرۈڭ:
باغۋەننىڭ
بىر ئېتى
بار ئىكەن،
ئۇ ئۆزىنىڭ
قىلىدىغان
ئىشىنىڭ
بەك
كۆپلۈكىدىن، ئەمما يەم -
خەشىكىنىڭ
بەك
ئازلىقىدىن
قاقشايدىكەن.
شۇڭا ئۇ
خۇدادىن
ئۆزىگە
باشقا بىر
خوجايىن
تېپىپ
بېرىشنى
تىلەپتۇ.
خۇدا
ئاتنىڭ بۇ
ئارزۇسىنى
ئىجاۋەت
قىپتۇ.
باغۋەن
ئاتنى
كوزىچىغا
سېتىپ
بېرىپتۇ،
ئات
ناھايىتى
خۇشال
بوپتۇ.
ئاتنىڭ
ئويلىمىغان
يېرىدىن
چىققىنى
شۇكى،
كوزىچىنىڭ
قېشىدىكى
ئىش بۇ
ئاتقا
تېخىمۇ
ئېغىر
كەپتۇ. ئات
يەنە
پېشانەم
ئوڭ
كەلمىدى
دەپ
ۋايساپ،
خۇدادىن
باشقا بىر
ياخشىراق
خوجايىن
تېپىپ
بېرىشنى
تىلەپتۇ.
ئاتنىڭ بۇ
ئارزۇسىمۇ
ئىشقا
ئېشىپتۇ.
كوزىچى
ئاتنى
تېرىچىگە
سېتىپ
بېرىپتۇ.
ئات
تېرىچىنىڭ
ھويلىسىدىكى
ئات
تېرىلىرىنى
كۆرۈپ:
‹
ھەي شور
پېشانەم،
ئەسلىدىكى
خوجايىنىمنىڭ
خىزمىتىدە
بولۇۋەرسەم
بوپتىكەن،
قارىغاندا
بۇ خوجايىن
ئىش
قىلغۇزماي،
بەلكى
تېرەمنى
سويىدىغان
ئوخشايدۇ ›
دەپ نالە
قىپتۇ.
بۈگۈنكى
جەمئىيىتىمىزدە،
ئاشۇ ئاتقا
ئوخشاش بۇ
خىزمەتتىن
ئۇ
خىزمەتكە
يۆتكىلىدىغان
ياكى
يۆتكىلىشنى
ئويلايدىغان
كىشىلەر
ئاز ئەمەس.
ئاشۇ
ئاتقا
ئوخشاش،
بىر يەردە
كۆتى
ئىسسىمايدىغان
كىشىلەر
ئۆز
كەسپىدە
مۇكەممەللىشىش
ئۇياقتا
تۇرسۇن،
ئاخىر
بېرىپ
يەۋاتقان
نېنىدىنمۇ
ئايرىلىپ،
تىلەمچى
بولۇپ
كوچىغا
چىقىپ
قېلىشى
مۇمكىن.
زامانىمىزدا،
ئىش
تۈرلىرى
كۆپەيدى،
ئىش
تەقسىماتى
بارغانسېرى
ئىنچىكىلىشىپ
بارماقتا،
ئىشنىڭ
سۈپىتىگە
بولغان
تەلەپ
بارغانسېرى
قاتتىقلاشماقتا.
بۇ ھال
ھەرقانداق
ئىش بىلەن
شۇغۇللانغۇچىنىڭ
مەدەنىيەت،
كەسپىي
ساپاسىغا
كەسكىن جەڭ
ئېلان
قىلماقتا.
بۇ تەرەققىياتنىڭ
تەلىپى،
ئىلغارلىقنىڭ
مەھسۇلى.
بۇنداق
مۇقەررەرلىككە
ئۆتمۈش
زاماندىكى
قاششاقلىق
بىلەن،
ھازىرقى
زاماندىكى
قاقشاش
بىلەن
تاقابىل
تۇرغىلى
بولمايدۇ.
پەقەت
ئۆزىمىزنى
ئۈزلۈكسىز
مۇكەممەللەشتۈرۈشلا
بىردىنبىر
چىقىش يولى.
مەن
خىزمەت
ئىزدەۋاتقان
بىر قىسىم
ستۇدېنتلار
بىلەن ۋە
ئۆز خىزمەت
ئورنىدىن
كۆڭلى سۇ
ئىچمىگەن
بىر قىسىم
كىشىلەر
بىلەن
پىكىر
ئالماشتۇرۇپ
كۆرگەنىدىم.
ئۇلارنىڭ
خىزمەت
تاللاشتىكى
ئوي -
پىكىرلىرى
ئاجايىپ
ئىكەن. ئۇنى
مۇنداق ئۈچ
جەھەتكە
يىغىنچاقلاشقا
بولىدىكەن:
1. مەمۇرىي
ئورۇنلار.
بۇنداق
ئورۇنلاردا
مائاش،
ئۆي،
تۇرمۇش
تەمىناتى
كاپالەتكە
ئىگە. يەنى
ئىلگىرى
دېيىلىپ
كېلىۋاتقان
«تۆمۈر
تاۋاق»قا
ئېرىشكىلى
بولىدىغان
ئورۇنلار.
بىراق،
ئۇنداق
ئورۇنلاردا،
ئەمەل سانى
چەكلىك،
ئۆسۈش تەس.
كەسپىي
ئۇنۋان
كۆرسەتكۈچى
يوق.
ھازىرقى
ۋاقىتتا،
ئەمەل ياكى
كەسپىي
ئۇنۋان
ئۆسمىسە،
تەمىنات
تۆۋەن
بولىدۇ.
چوڭراق
ئۆي،
يۇقىرىراق
مائاشتىن
ئۈمىد يوق.
پارا
يېسىڭىز،
تۇتۇلۇپ
قالسىڭىز
جازالىنىسىز.
بەزىلەر،
مەمۇرىي
ئورۇنلاردا
ئىشلەشنى
پويىزغا
چىقىپ
ئۇزۇن
سەپەرگە
ئاتلانغاندەك
ئىش،
بىخەتەرلىك
كاپالەتكە
ئىگە،
ئەمما
ئىختىيارلىقىڭ
چەكلىمىگە
ئۇچرايدۇ،
ئۆزۈڭنىڭ
ئىجادىي
ئىقتىدارىڭنى
جارى
قىلدۇرمىقىڭ
تەس،
باشلىقلارنىڭ
رايى
بويىچىلا
چۆرگىلەيدىغان
گەپ، دەپ
قارايدىكەن.
2. كارخانا
ئورۇنلىرى.
شىركەت،
زاۋۇت -
فابرىكىلار.
بەزىلەر،
بۇنداق
ئورۇنلاردا
ئىشلەشنى
پاراخوتقا
چىقىپ
دېڭىز
ساياھىتىگە
چىقىشقا
ئوخشاش،
دەپ
قارايدىكەن.
پاراخوتتىكى
ساياھەتچىلەر
دېڭىزدا
تەيفېڭ
بورىنى
چىقىپ
پاراخوتنى
موللاق
ئاتتۇرۇۋېتىشتىن
ئەنسىرىگەندەك،
شىركەتلەرنىڭ
رىقابەتنىڭ
شىددەتلىك
دولقۇنلىرىدا
ئۆڭتۈرۈلۈپ
كېتىشىدىن
ئەنسىرەپ،
دەككە -
دۈككىدە
ياشايدىكەن.
ئىلاجى
بولسا «پاراخوت»تىن
«پويىز»غا،
ھېچبولمىغاندىمۇ
«ماشىنا»
ياكى «ئايروپىلان»غا
ئالمىشىۋېلىشنى
ئارزۇ
قىلىدىكەن.
3. كەسپىي
ئورۇنلار.
بۇنداق
ئورۇنلاردىكى
خىزمەت
ئورنى
پويىز
بىلەنمۇ،
پاراخوت
بىلەنمۇ،
ئايروپىلان
بىلەنمۇ،
ماشىنا
بىلەنمۇ
سەپەرگە
ئاتلىنىشقا
بولىدىغان،
بىپايان
مەنزىل
يوللىرىغا
تۇتاشقان
بېكەتلەرگە
ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭ
راھىتىمۇ
بار، خەۋپ -
خەتىرىمۇ
بار. ئۇنىڭ
قايسى
خىلىغا
چىقالىشىڭىز،
ئىقتىدارىڭىزغا
ۋە
تەلىيىڭىزگە
باغلىق.
ئوقۇتقۇچىلىق،
دوختۇر -
سېسترالىق،
نەشرىياتچىلىق،
تېلېۋىزىيە،
رادىئو،
گېزىت -
ژۇرنال
ئاخباراتچىلىقى
مانا بۇ
ساھەلەر
كىشىلەر
ئەڭ كۆپ
سىغدالغان
بەيگە
مەيدانى. بۇ
ساھەلەردە
جان
بېقىشمۇ
ئاسانغا
چۈشمەيدىغان
بولۇپ
قالدى.
بۈگۈنكى
ئىسلاھات
ۋە
تەرەققىيات
دولقۇنىدا،
بۇ
ساھەدىكى
كىشىلەر
يېڭى
يۈزلىنىشلەرگە
دۇچ
كەلمەكتە:
ھازىر
ئوقۇغۇچىلار
ئوقۇتقۇچىنى
تاللايدۇ،
بىمارلار
دوختۇر -
سېسترانى
تاللايدۇ؛
قايسى
گېزىت -
ژۇرنالنى،
كىتابنى
ئوقۇش،
قايسى
پروگراممىنى
كۆرۈش ۋە
ئاڭلاش
ئوقۇرمەن،
كۆرۈرمەن،
ئاڭلارمەنلەرنىڭ
ئۆز
ئىختىيارلىقىدا.
دېمەك،
سىز
ئۆزىڭىز
مۇلازىمەت
قىلىدىغان
ئوبيېكتلارنىڭ
ئېھتىياجىنى
قاندۇرالمىسىڭىز،
بازىرىڭىز
كاساتلاشسا
شاللىنىپ
كېتىش كۆز
ئالدىڭىزدىكىلا
ئىش. بۇنداق
رىقابەت
مېخانىزمىنى
ھېچكىم
سىزگە
تاڭمىدى،
بەلكى
زامان
تەرەققىياتى،
ماكان
تارلىقى،
ئۇچۇر
تېزلىكى،
بىلىمنىڭ
يېڭىلىنىشى،
ئېھتىياج
تەلىپىنىڭ
يۇقىرى
ئۆرلىشى
مۇقەررەر
ھالدا
ئېلىپ
كەلدى. بۇ
مۇقەررەرلىك
ھەربىر
كىشىنىڭ
ساپاسىغا
كەسكىن جەڭ
ئېلان
قىلدى.
ئىلگىرىكىدەك،
شتاتلىق
بولۇۋالسىڭىز
جان
بېقىشتىن
غەم
قىلمايدىغان،
باشلىقلارغا
تەستىقلىتىۋالسىڭىز،
بىرەر
ئورۇنغا
ئاسانلا
ئورۇنلىشىپ
ياكى
يۆتكىلىپ
كېلىپ،
ئۆمۈرلۈك «تۆمۈر
تاۋاق»قا
ئىگە
بولىدىغان
ئىشلار كۆپ
ئازىيىپ
كەتتى. بۇ
جەمئىيەت
ئادىللىقى
ۋە
تەرەققىياتى
ئۈچۈن
ئاكتىپ
ئامىل.
بۇنداق
ئۆزگىرىش
ئالدىدا،
ئىقتىدارلىقلار
ياشنايدۇ،
ئىقتىدارسىزلار
قاقشايدۇ.
كىمدە
كىم «بۇ
خىزمەتكە
قىزىقمايمەن»،
«ئۇ خىزمەت
ماڭا ماس
كەلمەيدۇ»
دەۋەرسە،
ئاخىرى بۇ
جەمئىيەتتە
ئۇ كىشىگە
ماس
كېلىدىغان
خىزمەت
تېپىلماسلىقى
مۇمكىن.
ھەربىر
كىشى خىزمەت
تاللىغاندا،
ئۆزىنىڭ
ئىقتىدارى
ۋە مىجەز -
خاراكتېرىنى
تولۇق
ھېسابقا
ئېلىشى
لازىم.
ھەقىقەتەن
بۇ
خىزمەتتە
ئۆز
ئىقتىدارىڭىزنى
تولۇق جارى
قىلدۇرالمىسىڭىز،
ئۆز
ئىقتىدارىڭىزغا
لايىق
خىزمەت
تېپىشقا
جۈرئەت
قىلسىڭىز
بولىدۇ.
ئەمما،
خىزمەتنىڭ
جاپاسىغا
چىدىماي، پۇلى كۆپ،
جاپاسى ئاز
خىزمەت
ئىزدەيمەن
دېسىڭىز،
بۈگۈنكى
رىقابەت
دۇنياسىدا
بۇ پەقەت
خام
خىيالدىنلا
ئىبارەت
بولۇشى
مۇمكىن. «ياز
بولسا، قىش
بولمىسا،
پۇل بولسا،
ئىش
بولمىسا»
دەيدىغان
لەقۋالار
پەلسەپىسىنىڭ
زامانىمىزدا
بازىرى
كاسات.
ھېكمەت
شۇكى، قەلب
ئېتىزىڭىزغا چىدام
كۆچەتلىرىنى
تىكىڭ،
ئۇنىڭ
يىلتىزى
ئاچچىق،
ئەمما
مېۋىسى
تاتلىق.
|