كۆكلەيسەن
(غەزەل)
دەرياسىدا
مېھنەتنىڭ
ئاقالىساڭ
كۆكلەيسەن،
جاپالارغا
تىترىمەي
باقالىساڭ
كۆكلەيسەن.
ئۆزۈڭنىلا
ئويلىماي،
چىغىر
يولنى
بويلىماي،
ئەل
باغرىغا
باغرىڭنى
ياقالىساڭ
كۆكلەيسەن.
چوڭغا
ھۆرمەت
كۆرسىتىپ،
سەبىي
كۆڭلىن
ئۆستۈرۈپ،
ئىززىتىڭنى
ئۆز ئۆزۈڭ
تاپالىساڭ
كۆكلەيسەن .
لوقما
چىشلەپ
ھالالدىن،
چىقىپ
سېھرىي
قامالدىن،
شەيتانلارغا
مۇشت پەشۋا
ئاتالىساڭ
كۆكلەيسەن.
ۋىجدان
ئۈچۈن جان
بېرىپ،
«غۇرۇر»
دېسە، قان
بېرىپ،
رەزىللىكنى
ئاستىڭغا
باسالىساڭ
كۆكلەيسەن.
جۇدۇنلاردىن
ھېيىقماي،
شاماللارغا
چېلىقماي،
تۈن
قوينىغا
نۇرۇڭنى
چاچالىساڭ
كۆكلەيسەن.
ئەقىدەڭگە
كۆيۈنۈپ،
ئۈمىدلەردىن
سۆيۈنۈپ،
ئارمانلارنى
ئارمانغا
قاتالىساڭ
كۆكلەيسەن.
بولۇپ
قەيسەر،
جەڭگىۋار،
غەيۇرلۇقنى
تۇتۇپ يار
مەغرۇرانە
كۆكتە پەر
قاقالىساڭ
كۆكلەيسەن.
مىنىپ
ئېرپان
ئېتىغا، كىرىپ
سىرلار
قېتىغا،
قۇلۇپىنى
تىلسىمنىڭ
چاقالىساڭ
كۆكلەيسەن .
ئىجىللىققا
رام بولۇپ،
دوستلار
ئۈچۈن شام
بولۇپ،
ئىناقلىقنىڭ
سازىنى
چالالىساڭ
كۆكلەيسەن.
ھەقىقەتتىن
چەتنىمەي،
چىنلىققا
ئوق
بەتلىمەي،
ئادالەتكە
رىشتىڭنى
چاتالىساڭ
كۆكلەيسەن.
غاپىللىققا
گۆر قېزىپ،
دولقۇن
يېرىپ يول
ئېچىپ،
زامان
بىلەن
بەسلىشىپ،
چاپالىساڭ
كۆكلەيسەن.
(ئاپتور:
مەكىت
ناھىيىلىك
ئىنتىزام
تەكشۈرۈش
كومىتېتىدا)
|