قەھرىمان
ئانا
(بىر
قىسىم ياش
سەنئەتكارلارغا
بېغىشلايمەن)
قىزىم
جان
قىزىم،
ناخشائۇسسۇل
پەرۋانىسى
دىلنار
قىزىم،
يۇرت
ئارا،
ئالەم ئارا
ئالىي
شەرەپكە
يار قىزىم.
ساپ،
سەبىي
قەلبىڭگە
ئالتۇن
تامغا «ئەللەي
ناخشىسى»،
شۇ
ناۋا
قىلغان
ئەمەسمۇ
كۈيخۇمار،
خۇشتار،
قىزىم؟
بۇ
جاھاندىن
سايرىتىپ
ئۆتتى
ئاتاڭ
مۇڭلۇق
غېجەك،
شۇ
غېجەكنىڭ
تارىدا
ئارمانلىرى
ئىزھار،
قىزىم.
لەرزىگە
كەلگەي
يۈرەك
سەھنەمدە
پەرۋاز
ئەيلىسەڭ،
كۈيلىرىڭ
ئەتكەي
كۆڭۈل
سەھراسىنى
گۈلزار،
قىزىم.
جان
سۆيۈنگەي
شانشەرەپ
قۇچقانچە
سەن
ئەليۇرت
ئارا،
بول
ئامان،
خەلقىم
يېڭى
غەلىبەڭگە
تەشنازار،
قىزىم.
ئەي
پەرى
زوق
بىلەن
تەرىپلىشەر
مەجنۇن
گادايدىنبايغىچە،
قاينىغان
ئاستانىدىن
خىلۋەت
ئارامگاھسايغىچە.
تەر
ئىزىڭ،
تەرىپلىرىڭ
دوستانە
سۆھبەت
تېمىسى،
كەڭتاشا
زالدىن
بازاررەستە،
زىياپەتچايغىچە.
لاپ
ئەمەستۇر
مەن دېسەم
سەن
ئوينىساڭ
تەڭ
ئوينىغاي
قارلىغاچتورغاي،
قوزائوغلاق،
قۇلۇندىن
تايغىچە.
ئەل
ئارا
كىيگەندە
سەن ئالىي
شەرەپشان
تاجىنى،
چاچتى
گۆھەر
چاچقۇلار
ئالتۇن
زېمىندىن
ئايغىچە
ساقلىقىڭ
بەختبايلىقىڭ،
ئاسرا،
قەدىرلە
تۇرسۇنئاي،
ئوينىماي
ماغدۇر
تۈگەپ كۆز
تورلىشىپ
باش
قايغۇچە.
ئاپىرىن
يارۇ
سىرداش
بولمىغان
كىم شاھ
سەنەم
پەريادىغا،
دەردۇ
ھىجران
ئالىمىدە
ياڭرىغان
ئاھدادىغا؟
شاھ
سەنەم
بىرلە
ۋىسال
باغىدا
كۈلگەن ھەر
كىشى،
بەختى
كاج
غۇنچەمنى
ئالماس نە
ئۈچۈن
ئەسيادىغا؟
كۈلپىتى ھىجراندا «ئاھ!»
دەپ كەتتى
چىنمودەن
يەنە،
يادىگار
ئەيلەپ
قىساس
ئوقياسىنى
ئەۋلادىغا.
ئۆتتى
قانلىق ياش
تۆكۈپ
تاشۋايغا
ئاشىق
لەيلىمۇ،
خۇددى
شېرىن
يەتمىگەندەك
ئاشىقى
پەرھادىغا.
جان
مۇقامغا
بارىنى
بەخش
ئەيلىگەن
خانىش پەرى،
‹ئەلۋىدا!›
دەپ ناخشا
ئېيتىپ
ماڭدى تىك دار
ئالدىغا.
قايتىدىن
ئالەمگە
كۆز ئاچتى
كروران
پەرىسى،
مەڭگۈلۈك
شاھىد
بولۇپ
تارىخى پاك
ئەجدادىغا
ئاپىرىن
شۇ نامى
ئۆچمەسلەرنى
ئېكران،
سەھنىدە،
غەلىبىلىك
ئەتكەن
نامايان
گۈلباھار
ھامۇدىغا.
قەھرىمان
ئانا
مىڭ
جاپا،
يۈزمىڭ
جاپاكۈلپەت
ئىدى
چاغلىق ساڭا،
ئاھ،
ئەجەبمۇ
سالدى
چاڭگال
بىداۋا
ئاغرىق
ساڭا.
يارقەدىردانىڭ،
ئەزىز
پەرزەنتلىرىڭ
مېھرىڭگە
زار،
تەقدىرىبەختى،
خۇشاللىققايغۇسى
باغلىق
ساڭا.
ھەر
سۆزۈڭلەۋزىڭدە
ئوت،
چېھرىڭدە
كۆكلەم
جىلۋىسى،
بەردى
بىر
ئالەمچە
كۈچ
ئەۋلادقا
ئامراقلىق
ساڭا.
«بىر نەپەس بولسام
ھايات،
دەپسەن،
چاچاي بىر
زەررە نۇر»
ھەممىدىن
ئەۋزەل
غۇبارسىز
روھىي
ساغلاملىق
ساڭا.
سەن
ئېسىل قار
لەيلىسى،
يەڭگەن
زىمىستان
قەھرىنى،
قالدى
ھاڭتاڭ
شەھرىزات
ھەتتا
داۋانتاغلىق
ساڭا.
قەلبىگە
ئەيلەپ
نەقىش پاك
خىسلىتىڭنى
ياش نەسىل،
ئالغا
يۈرگەي
سىلكىتىپ
ھۆرمەتتە
قول،
ياغلىق
ساڭا.
قەھرىمانى
سەن
كېسەلگە
قارشى جەڭ
مەيدانىنىڭ،
ئېيتقىنا،
كىمدىن
مىراس بۇ
مەنىۋى
بايلىق
ساڭا؟
2003-يىل
12-ئاينىڭ 9-كۈنى
(ئاپتور:
ئاپتونوم
رايونلۇق
ئوپېرا
ئۆمىكىدە)
|