‏«نىياز كۇڭزى»نىڭ شەرىپى

(ھېكايە)

 

سۈيدۈڭدىكى خەمىت بايۋەچچە شۇنداق ھېكايە قىلىدۇ:

ئەلقىسسە، بامدات نامىزىدىن يانغان جامائەتنىڭ بىرسىمۇ تارقىماستىن ھاكىمنىڭ ئانىسىنىڭ يەتتە نەزىرىگە ماڭدى 

چوڭ جامەنىڭ جامائىتى ئىمام ھەم خاتىپ مەجىد قارىھاجىمنىڭ مېيىپلار ھارۋىسىغا ئەگىشىپ چوڭ يولغا سىغىشماي بىربىرىنى قىستىشىپ، پۇتلىشىپ دېگۈدەك كەلمەكتە ئىدىلەر. ئەرلەر نامازغا كەتكەندىن كېيىن، ئۆيىدە نامىزىنى ئوقۇپ بولغان خوتۇنقىزلار ھويلائاراملارنى سېرىپسۈپۈرۈپ سۇ چېچىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئاپئاق ساقاللىرى كۆكسىگە چۈشكەن، يۈزلىرىدىن پاكىزلىق نۇرى يېغىپ كۆزلىرى بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك سۈرلۈك چاقناپ تۇرىدىغان، ئۇزۇن قاشلىرىمۇ ئاقىرىپ كەتكەن، مەجىد قارىھاجىم باشچىلىقىدىكى جامائەتنى يىراقتىنلا كۆرۈپ، ھەممىسى دېگۈدەك قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشتى. خالتا كوچىلاردىكى مەھەللە مەسچىتلىرىنىڭ ئىماملىرىغا ئەگەشكەن جامائەت يان كوچىنىڭ ئاغزىدا ساقلاپ تۇرۇشقان بولۇپ، چوڭ جامەنىڭ جامائىتى كوچا ئاغزىغا كەلگەن ھامان سالاملىشىپ، چوڭ دەرياغا قوشۇلغان جىلغا سۇلىرىدەك قوشۇلۇشتى. يولدا كېتىۋاتقان ماشىنا، تراكتۇر، ۋېلىسىپىت، ھارۋا دېگەنلەر جايىدا توختاپ، جامائەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن يوللىرىغا راۋان بولۇشتى. جامائەتنىڭ ئۆتۈپ بولۇشىنى ماراپ بوسۇغىسىدىن چىقالماي سۈپۈرگىسىنى تۇتۇپ تۇرغان قىزجۇۋانلار: «يا ئاللا، ھاكىمنىڭ ئانىسىنىڭ نەزىرىگە شۇنچىۋالا ئادەم كېتىۋاتىدۇ؛ ئون قازان پولۇ يېتەرمۇ؟ ئۆينىڭ نەرىگە سىغار بۇ خەق. ھاكىم ئۆزى ئۆلسە، مۇشۇنداق كاتتا نەزىر بىلەن ئىززەت تاپارمۇ» دېيىشىپ قېلىشتى. ھەرقايسى كوچا ئېغىزىدىن قوشۇلغان كىچىك مەسچىت جامائىتى مەجىد قارى ھاجىمغا چوڭقۇر ھۆرمەت، ئەقىدە، ئىخلاس بىلەن ئېگىلىپ سالام بەرگەندە، خىزىر سۈپەت سۈرلۈك بوۋاي بېشىنى بىلىنەربىلىنمەس ئىگىپ، ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ، يولىنى داۋام قىلماقتا ئىدى. قارىھاجىم ئىلىمسۆيەر، ھەققانىيەتچى ۋە مېھرىبانلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل كىشى ئىدى. جامائەت چوڭ يولدىن «ھاكىم مەھەللىسى»گە ماڭىدىغان كىچىك يول دوقمۇشىغا كەلگەندە تازا بىر قاملاشمىغان ئىشقا ئۇچرىدى: چوڭ يولنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا، تاشلىۋەتسە ئوغرى ئالمايدىغان رەزگى بىر ۋېلىسىپىتنى توغرا توختىتىپ قولىدا يېرىم بوتۇلكا ئەرزان ھاراقنى تۇتۇپ تۇرغان، ناھىيە بازىرىدا بۆشۈكتىنتۆشۈككىچە ھەممە ئادەمگە نامى پۇر كەتكەن زابوي  «نىياز كۇڭزى» تۇرغانىدى. ئۇنىڭ بۆكىنى ئىت ئەپقاچقانمىكىن، چاچلىرى چۇۋۇق، توپا، ئاغزىدىن ئاققان شالى بىلەن بۇرنىدىن ئاققىنى بىرلىشىپ ئۆسۈپ كەتكەن ساقىلىغا چاپلىشىپ قالغان؛ تېشىدىكى ئىشتىنى يوتىسىغا سېرىلىپ قالغان بولۇپ كېيىن ئېتەلمىگەن بولۇشى چوقۇم ئىدى. ئىشتاننىڭ ئېغىدىن باشلانغان ھۆل پۇشقىقىدىن ئاياغلىرىغىچە 

 ئىم، ماۋۇ نەس باسقان كۇڭزا ئەتىگەندە ئىچىپ مەست بولۇۋاپتا!

 ياق. ئەتىگەندە ئەمەس، ئاخشام ئىچكەنچە ئۆيىگە كىرمىگەن گەپ.

 ھۇ، گۆرۈڭگە ئوت كەتكۈر توڭگۇز!

 مەن يولنىڭ ئوتتۇرىدىن چىقىرىۋېتەي.

 بولدى يانداپ ئۆتۈپ كېتەيلى.

 بولمايدۇ. ئۇنىڭ زۇۋانى، بەدىنىدىن چىقىۋاتقان ئېچىپ كەتكەن چۇخەينىڭكىدەك پۇراق جامائەتنىڭ دېمىقىغا ئۇرۇلسا تاھارەت سۇنۇپ، كىيىملەر مەكرو بولىدۇ. غۇسلى تاھارەت ئېلىپ، كىيىملەرنى يەڭگۈشلىمەك لازىم بولىدۇ.

 ئانداق بولسا جامائەت بۇلغانمىسۇن، بۇلغانساق بىرسىمىز بۇلغىنايلى.

كەلكۈندەك ئاقما بولۇپ كېلىۋاتقان جامائەت، يولدا توغرا تۇرۇۋېلىپ بۇ دۇنيادا ئۆزىلا باردەك، خۇددى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغاندەك خاتىرجەم تۇرغان نىياز كۇڭزىدىن نەپرەتلىنىپ توختاپ قېلىشتى. غۇتۇلداشلار ۋاراڭچۇرۇڭغا ئايلاندى.

 كىم ئۇ نەس باسقان كۇڭزىنى يولنىڭ چېتىگە تارتىۋېتىدۇ؟

 مەن تارتىۋېتەي،بىر ياش ئالدىغا چىقتى.

 توختا بالام 

مەجىد قارىھاجىم ھارۋىدىن قىمىرلاپ ئورنىدىن تۇردى. ھارۋىنى ئىتتىرىپ ماڭىدىغان ئىخلاسمەن شاگىرتى ئۇنى قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزدى. جامائەت ۋارقىرىشىپ كەتتى.

 ھاي، قارىھاجىمكا، سىلى قوزغالمىسىلا. بىز بارايلى.

كىشىلەر بەسبەستە ئىنتىلدى. ئەمما مەجىد قارىھاجىم جامائەتنى توسۇپ قويدى.

 ھېچقايسىڭلار قوزغالماڭلار، مەن ئۆزۈم باراي.

مەجىد قارىھاجىم ئىخلاسمەن شاگىرتىنىڭ يۆلىشى بىلەن نىياز كۇڭزىغا قاراپ ماڭدى.

 ھەي، ماۋۇ ئىش بولمىدى. شۇنچە ئادەم قاراپ تۇرۇپ يۇرتتىكى ئەڭ كاتتا ئۆلىما، مۆتىۋەر زات بىر زابوينى يۆلىسە قانداق بولىدۇ؟ ئۆلۈكى تالادا قېلىپ نامىزىنى چۈشۈرىدىغان ئادەم چىقارمۇ بۇ بەدبەخنىڭ؟ قارىھاجىمكام سۈيدۈڭنىڭ كاتتا ئۆلىماسى. يۇرتىمىزدىلا ئەمەس ئالمائاتا، تاشكەنت، بۇخارا، ھەرەملەردىمۇ قارىھاجىمكامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا تىك تۇرىدىغان نىنى ئالىملار بار دەيمەن، سەت تۇرىدۇ، توسۇۋالايلى.

جامائەت مەجىد قارىھاجىمغا يالۋۇردى، ھەتتا بىرقانچىسى ئېتىلىپ بېرىپ نىياز كۇڭزىنى كۆتۈرۈپ يولنىڭ چېتىگە تاشلىماقچى بولۇپ سۆرەشتۈردى. ئويلىمىغان يەردىن قارىھاجىم ھاسىسىنى شىلتاپ ئۇلارغا ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نىياز كۇڭزىنى تاشلاپ ئارقىغا ياندى. مەجىد قارىھاجىم نىياز كۇڭزىغا ئاستا يېقىنلاشتى. جامائەت ئارىسىدا يەنە غۇتغۇت باشلاندى:

 نىنى كاتتا مەسچىتنىڭ ئىماملىرى، ئۆلىما، پازىللار سالام بەرسە، قارىھاجىمكام ئورنىدىن قىمىرلاپ قويمايدۇ. بۇ قەلەندەر مەستكە نېمانچە قىلىدىغاندۇ؟

ئارىدىن بىرەيلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

 سىلەر بىلمەيسىلەر، نىياز كۇڭزىنىڭ مۇشۇنداق بوپ قېلىشىدا قارىھاجىمكام ئۆزىنى ئەيىبلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى گۇناھكار سانايدىكەن.

 نېمىشقا؟

 نىياز كۇڭزى بالا ۋاقتىدا قارىھاجىمكامنىڭ تالىپى ئىكەن. كۇپۇر سۆزلەپ قالغاچقا، ئۇنى مەدرىستىن قوغلىۋېتىپتىكەن.

 قارىھاجىمكامدا ئوقۇغانغا ھاراقكەش بوپتىما؟ نىنى ئوقۇغانلار ساپلا ئىمام بولدىغۇ؟

 نېمە دەپ كۇپۇر سۆزلەپتىكەن بۇ ھاراقكەش؟

 نىيازنىڭ ئون بىر ياشلار ۋاقتى بولسا كېرەك. بىر كۈنى بالىلار تازا بېرىلىپ «ساۋاق» يادلاۋاتسا، نىياز مۇڭدىن سوڭ چىققاندەكلا «ئۇستازىم، سورايدىغان بىر سوئالىم بار» دەپتۇ. ھە «نېمە سوئالىڭ بار، نىياز بالام» دەپتىكەن، نىياز: «ئەركىشى ئۆلۈپ جەننەتكە كىرسە يەتمىش ئىككى ھۆرقىز شۇ ئەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىلەمدۇ، ئۇستازىم؟» دەپتۇ. «شۇنداق. ئەجەب بۇ گەپنى سوراپ قالدىڭغۇ؟» دېسە، بۇ ھارامدىن بولغان نېمە دەپتۇ دېمەمسىلە، «ئۇنداق بولسا دادام ئۆلسە جەننەتكە كىرمىسە بولغۇدەك. ھازىر دادامنىڭ ئىككى خوتۇنى ئۇنى بىربىرىدىن كۈنلەپ، دوزاخ ئازابى سېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئىككى خوتۇندىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە كىرسە، يەتمىش ئىككى خوتۇنغا تۇتۇلۇپ، بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيادا يەنە خوتۇنلارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلالمىغۇدەك. شۇڭا، خوتۇن يوق دوزاخقىلا كەتمىسە دادامغا ئاراملىق يوق ئىكەندە» دەپتۇ. جان ئىمانى چىققان قارىھاجىمكام شۇ چاغدا ئۇنى مەدرىستىن قوغلىۋېتىپتىكەن. نىياز مەدرىستىن بىر قاچقانچە شۆتاڭغا بېرىپ خەنزۇچە ئوقۇپتۇ. زېھنى ئوچۇق نېمە بولغاچقا، ئوقۇپ ئەلاچى بوپتىكەن. ئۇ قەدىمكى خەنزۇ تىليېزىقىنىمۇ ئوبدان بىلگەچكە، ھۆكۈمەت ئۇنى تۇڭچىتىلماچ قىلىۋالدى. ھۆكۈمەت نەچچە قېتىم ئالماشسىمۇ، ئۇ يەنە تىلماچ بولۇۋەردى. ئۆيىنىڭ ھەممە يېرى ماتېرىيال. تېخى تورۇسقا تەڭ دۆۋىلەپ تام قىلىپ ياسىۋالغان كونايېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرى بار. نىنى باشلىقلار بىلمىگەن گەپنى ئۇ بىلىدۇ. نەدىن سورىسا ھېلىقى كىتابقا قاراپ سۇدەك جاۋاب بېرىدۇ. شۇڭا، خەق ئۇنى كېيىنچە «نىياز كۇڭزى» دەيدىغان بولدى.

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بالام، نىياز ئاخۇن  مەجىد قارىھاجىم سالام بەردى.

 ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قارىھاجى دادا، جامائەتنى باشلاپ نەزىر يېگىلى مېڭىپلادە؟

 ئەقلىھوشى، گەپسۆزى جايىدىغۇ بۇ زابوينىڭ؟  دېيىشتى ئەتراپتىكىلەر.

 ئاۋۋال ئىشتىنىڭنى كىيىۋال، ئەل جامائەت ئالدىدا 

 بولار ئىش بولدى، دەپ كەيمىگەنتىم، سىلى دېگەندىكىن كىيىۋالاي، قارىھاجى دادا.

نىياز كۇڭزى يېرىم بوتۇلكا ھاراقنى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپسالالماي ھەپىلىشىۋاتقاندا، ھاراق يەرگە چۈشۈپ چېقىلدى. بەدبۇي ئەتراپقا تارالدى. مەجىد قارىھاجىم باشچىلىقىدىكى پۈتۈن جامائەت ئاغزىبۇرنىنى ئېتىۋالدى. نىياز كۇڭزى خىرىلداپ كۈلۈپ ئىشتىنىنى تارتىپ سۆڭگىچىگە پەقەت چىقىرالمىدى. مەجىد قارىھاجىم ئۆزىنى يۆلەپ تۇرغان شاگىرتىغا ئىشارەت قىلدى. شاگىرتى سەسكىنىپ تەتۈر قاراپ تۇرۇپ، نىيازنىڭ ئىشتىنىنى ئۈستۈن قىلىپ ئېتىپ قويدى.

 سەن بىزنىڭ جامائەتكە قوشۇلساڭ ئوبدان بولاتتى نىياز بالام، ئەللىك يىل ئىچتىڭ، ئەمدى نەۋرەڭ ئېڭىكىڭگە تاقاشتى.

 مەنمۇ جامائەتكە قوشۇلاي دەيمەن، يەنە شۇ ھاراققا چىدىيالمايدىكەنمەن. ئىچىپ كۆنۈپ قاپتىمەن  يەنە خىرىلداپ كۈلدى نىياز.

 جامائەت، نىياز ئاخۇننىڭ ئىنسابىغا، ئىمانىغا دۇئا قىلايلى.

مەجىد قارىھاجىمنىڭ دەۋىتى بىلەن پۈتۈن جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈردى. ئۇنىڭ يامان يولدىن يېنىشى، كەيپساپانى تاشلاپ ئىمانئېتىقادلىق، دۇرۇس ئادەم بولۇشى ھەققىدە تىلەكلەر بىلدۈرۈلدى. نىياز بولسا خىرىلداپ كۈلگەنچە قاراپ تۇردى.

 نىياز بالام. ئەگەر ھازىر ماڭغۇدەك ھالىڭ بولسا جامائەت بىلەن نەزىرگە بىللە بارغىن؛ بولمىسا جامائەتنىڭ ئالدىدا توغرا تۇرۇۋالما 

 سىلە دېگەندىكىن جامائەتكە يول بېرەي. ئەمما ھاكىمنىڭ نەزىرسىنى يېگىلى بارغىنىمدىن ھارىقىمنى ئىچىپ يۈرگىنىم ئوبدانمىكىن، ئۇستاز. چۈنكى «نەزىر» دېگەن يېتىميېسىر ھەققى. يېتىمنىڭ ھەققىنى يېگەندىن ئۆزۈمنىڭ پۇلىغا ئېلىپ ئىچكەن ھاراق ئوبدانمىكىن دەيمەن 

نىياز كۇڭزى شۇنداق دەپ ۋېلىسىپىتىنى چەتكە تارتىپ خىرىلداپ ھىجىيىپ تۇردى.

مەجىد قارىھاجىم ئۈندىمەستىن بىردە نىياز كۇڭزىغا، بىردە جامائەتكە قارىدى 

 شاگىرتى مېيىپلار ھارۋىسىنى ئالدىراپ ئىتتىرىپ كېلىپ قارىھاجىمنى ئولتۇرغۇزۇپ، نىياز كۇڭزىنىڭ ھارىقى تۆكۈلگەن يەردىن يانداپ تېز ئۆتۈپ كەتتى. جامائەتمۇ ئاغزى بۇرنىنى يۆگەپ ئۆزئارا غۇتۇلدۇشۇپ ئۆتۈپ كەتتى.

***

ئەلقىسسە، تەقدىرنىڭ ئىرادىسى بىلەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەجىد قارىھاجىم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ كېسىلى خېلى ئېغىر ئىدى. يېشى توقساندىن ئاشقان خىزىر سۈپەت بوۋاينىڭ ئەمدى بولالمايدىغانغا كۆزى يەتتى. رەھىمسىز ئەجەلنىڭ سايىسى قارىھاجىمدىكى ئامانەت جاننى نىشانلاپ، يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. قۇلاقتىن قۇلاققا خەۋەر يېتىپ يۇرتمەھەللە، پۈتكۈل ناھىيە، غۇلجا تەۋرەپ كەتكەندەك توپتوپ كىشىلەر قارىھاجىمنى يوقلاپ ئۆيگە، ھويلىغا، ھەتتا يولغا پاتماي قالدى. تۇغقانلار، ئىخلاسمەن شاگىرتلىرى، يۇرتيۇرتتىن كەلگەن موللائۆلىمالار قارىھاجىمغا بولغان ئىخلاسىنى بىلدۈرۈپ ۋىدالاشقاچ يادنامەتەۋەررۈك تىلەپ، بىرلىرى سەللىسىنى، بىرلىرى ھاسسىسىنى سوراشتى  قارىھاجىمنىڭ تەۋەررۈك قىلغۇدەك ھەممە نەرسىسى ئىخلاسمەنلىرىگە تارقىتىپ بېرىلىپ، ھېچنەرسىسى قالمىغان بولسىمۇ، ئىخلاسمەنلەر ئېشىپ قالدى. جان بار يەردە قازا بار، ھەرھالدا تەييارلىق قىلماق كېرەك. ئاخىرەتلىك، مېيىتنى يەرلىكىدە قويۇش ھەققىدە پىلانلار تۈزۈلدى. قارىھاجىمنىڭ مېيىتىنى يۇيۇشنى تالىشىپ بىرمۇنچە ئىخلاسمەنلەر قىزىرىشىپ چىڭقىلىشىپ قېلىشتى. ئاخىرى مېيىت يۇيۇشقا قائىدىنى بۇزۇپ، يىگىرمىدەك ئادەم كىرىدىغان، جىنازىنى ئىككى يۈزدەك ئادەم مەخسۇس كۆتۈرىدىغان بولۇشتى. ھازا ئېچىپ ماڭىدىغاندا، سەپنىڭ ئالدىدا كىم ماڭىدۇ، كىم قانچىنچى رەتتە تۇرىدۇ، يەرلىككە كىم قويىدۇ دېگەنلەرمۇ بېكىتىلدى. ئەڭ نازۇك بىر ئىش  ئون بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى ئارىسىدا كىم مەجىد قارىھاجىمنىڭ مىيىت نامىزىنى چۈشۈرىدۇ، دېگەن مەسىلىگە كېلىپ توختىدى. چۈنكى مەجىد قارىھاجىمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن كىشىنىڭ يۇرتجامائەت ئارىسىدا ئىززەتھۆرمىتى ئاشىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. قارىھاجىم كىمنى ئۆزىنىڭ مىيىت نامىزىنى چۈشۈرۈش سالاھىيىتى بار دەپ ھۆرمەت قىلسا، شۇ ئادەمنىڭ نامى يىراقيىراقلارغا تارقىلاتتى. شۇڭا ئون بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى نەچچە كۈنلەردىن بېرى كېچىلىرى سوۋغاسالاملار بىلەن ئايرىمئايرىم كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىلىمپەزىلەتلىرىنى قارىھاجىمغا سۆزلەپ، ھەربىرى ئۆزىنى مىيىت نامىزى چۈشۈرۈشكە بېكىتىشنى مەجىد قارىھاجىمغا ئىلتىماس قىلغان، لېكىن مەجىد قارىھاجىم كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئۈندىمەستىن ياتقانىدى. مانا ئەمدى ھەممىسى بىربىرىگە ئاغزىدا يول قويۇشسىمۇ، «قارىھاجىم قايسىمىزنىڭ ئىسمىنى ئاتار» دېگەن ئۈمىدتە، بىربىرىنى بېقىپ ئولتۇراتتى. چۈنكى، كىمنىڭ مىيىت نامىزىنى چۈشۈرىدىغانلىقى ھازىر ۋەسىيەت قىلىنماقچىدى.

 ئىچىم سىقىلىۋاتىدۇ. مېنى ھويلىغا ئەپچىقىڭلار، جامائەت بىلەن ۋىدالىشىۋالاي،دېدى بوۋاي ئوغلىنىڭ قۇلىقىغا.

تۇغقانلار ئوپۇرتوپۇر بولۇشۇپ بوۋاينى ھويلىدىكى تال باراڭنىڭ ئاستىغا قويۇلغان كارىۋاتقا ئەپچىقىپ يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇشتى. ئىمام ئاخۇنۇملار ئەتراپىدا تۇرۇپ ئۈزۈلدۈرمەي «ياسىن» ئوقۇشتى. كەڭ ھويلا ئادەملەر بىلەن گويا قويۇق ئورمانزاردەك لىققىدە تولۇپ، ئەرئايال، چوڭكىچىكلەر قىستىلىشىپ تۇرغانىدى. بەزى بالىلار تامغا، ئۆگزىگە، دەرەخكە يامىشىپ چىقىۋېلىشقان، ئادەملەر كۆزلىرىدە ياش. قارىھاجىم ھەممەيلەنگە بىرمۇبىر كۆز يۈگۈرتۈپ كۆز ئىشارىسى بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭ كۆزى بىردىن جامائەت ئارىسىدا دۈگدىيىپ قول باغلاپ تۇرغان نىياز كۇڭزىغا چۈشتى. ئۇ پاكىزە، رەتلىك كىيىنگەن بولۇپ، قارىغاندا خېلىلا تۈزۈلۈپ قالغانىدى. قارىھاجىم نىياز كۇڭزىنى يېنىغا كېلىشكە ئىشارەت قىلدى. نىياز كۇڭزى ئەيمىنىپتارتىنىپ ئاران كەلدى.

 سەن  سەنمۇ كەلدىڭمۇ؟

 ھەئە  ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ كەلگەن، ئۇستاز.

 سەن  جامائەتكە 

 مەن كەيپنى تاشلاپ جامائەتكە قوشۇلدۇم ئۇستاز. ئادەم دېگەن ئازغۇچى ئىكەن. ھېلىقى بىر كۈندىن كېيىن مەن كۆپ ئويلاندىم، جامائەتنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈش  دۇنيادا ياشىمىغانغا باراۋەر ئىش ئىكەن. جامائەتنىڭ تەلىپى ھەم ئۈمىدى مېنى ئويغاتتى

 ھە  ماشائاللا  مېنى بەكرەك يۆلەڭلار. جامائەتكە سۆزلەيمەن  جامائەت  مەندىن ئۆتكەن، دىلىڭلارنى چەگكەن  رەنجىتكەن يەرلىرىم بولسا  كۆڭلۈڭلەردىن چىقىرىۋېتىڭلار، ماڭا رازىلىق بېرىڭلار 

 بىز رازى. ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا رازى.

 مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋەسىيىتىم بار   مەجىد قارىھاجىم بىردىنلا ساقىيىپ قالغاندەك جانلىنىپ سۆزلەپ كەتتى:

 مېنىڭ مىيىت نامىزىمنى  شاگىرتىم نىياز ئاخۇن چۈشۈرسۇن!

 نىياز كۇڭزى؟

 زابوي!

 ئەللىك يىل ھاراق ئىچكەن مەست؟

بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە ھەممەيلەن ھەيرانلىقتىن داڭ قېتىپ قالدى.

 ھۆرمەتلىك  تەخسىر 

 دادا  ئەسھوشىڭىز 

مەجىد قارىھاجىم ئوغلىنىڭ گېپىدىن تېرىكتى.

 مېنىڭ ئەقلى ھوشۇم جايىدا  «ناماز چۈشۈرۈش» دېگەن ئەلجامائەتنىڭ ئۆلگۈچىنى ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىدىغان بىر رەسمىيىتى. ناماز چۈشۈرگۈچى ئەھلى مۇسۇلمان بولسىلا بولدى. ئۆلگۈچىنىڭ قىلغان ئەمەلئىبادەتلىرىنىڭ ھېسابىنى ياراتقان ئىگىسى ئۆزى قىلىدۇ. ناماز چۈشۈرگۈچىنىڭ گېپى بىلەن ساۋابى كەملەپ ياكى ئېشىپ قالمايدۇ  كۆڭلۈڭلەرگە كەلسىمۇ مېنى كەچۈرۈۋېتەرسىلە. مۇشۇ سۈيدۈڭ تەۋەسىدە مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمنىڭ بىرى مۇشۇ نىياز ئاخۇن. چۈنكى ئۇ ھۆكۈمەتتە تىلماچلىق قىلىش جەريانىدا ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە ھۆججەت سىياسەتلىرىنى زىرزەۋىرىگىچە ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆمۈر بويى ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز ئون بىر كىشىنىڭ ناھەق ئەنزىسىنى ئاغدۇرۇپ تۈرمىدىن ئازاد بولۇشىغا يول ماڭدى؛ بەش مىڭدىن ئارتۇق ئىشتىن ھەيدەلگەن ياكى ئۆيلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ سۈرگۈن بولغان ئادەمنىڭ دەردىگە يېتىپ، ئەرزىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياردەم قىلدى؛ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا سەۋەب بولدى. ناۋادا ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆرمىسە، كۆرسىمۇ بىز كۆزى ئوچۇق قارىغۇلاردەك بىلمىگەن بولسا؛ كۆرسىمۇ، كۆرمەسكە، بىلسىمۇ بىلمەسكە سالغان بولسا شۇنچە ئادەمنى قۇتقۇزالامتى؟  ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى بىزنىڭ ئىبادەتنىڭ ساۋابىدىن ئاشسا ئاشىدۇكى، كەم ئەمەس. بىلەمسىلەر، ساۋابنىڭ ئەڭ كاتتىسى ناشايان ئىشتىن قول ئۈزۈپ، ئۆمۈر بويى ئىلىم، ھۈنەر ئۆگىنىش، ئىشلىتىش؛ ناتىۋان قۇلنى ئازاد قىلىش ۋە دىشۋارچىلىقتا قالغان جاننى قۇتقۇزۇشتۇر. شۇڭا نىياز ئاخۇن مېنىڭ مىيىت نامىزىمنى چۈشۈرۈشكە ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئەلنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىكى تۆھپىسى ھەممىمىزنىڭكىدىن ئارتۇقتۇر. ئامىن.

جامائەت بىربىرىگە قارىشىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. نىياز كۇڭزى ھودۇقۇپ كېكەچلەپ كىچىكلەپ كەتكەندەك بولدى ۋە:

 ئۇ  ئۇستازىم  مەن بىلمەيمەن  دېيەلىدى.

 نىياز ئاخۇن بالام، بىلمىسەڭ مانا ئۆگىتىدىغانلار يېنىڭدا بار ئەمەسمۇ. تەس ئەمەس، بىردەمدىلا ئۆگىنىۋالىسەن. جامائەت رازىمۇ سىلەر؟

 رازى  بىز رازى.

خەمىت بايۋەچچە ھېكايىسىنى شۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: نىياز كۇڭزى ئاغزىدا كۈلكە، كۆزىدە ياش ھالدا جامائەتنىڭ يەنە بىر قېتىملىق دۇئاسىنى ئالدى. ئەمما نىياز كۇڭزى مەجىد قارىھاجىمنىڭ مىيىت نامىزىنى چۈشۈردىمۇچۈشۈرمىدىمۇ، بۇنى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن 

2004-يىل 6-يانۋار، ئۈرۈمچى

 

(ئاپتور: شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى)


D)fp" e)4@)" : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks