‏ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك سۆزلىرى

 

2003-يىللىق 6-سان ژۇرنالنى تاپشۇرۇۋېلىپ، مۇقاۋا ۋە ئىچ بەتلىرىگە قىزىقىپ قالدىم؛ ئۇنىڭدىكى بارلىق ماقالەئەسەر ۋە بەت ئاستى چىمەنزارىنى باشتىنئاخىر زوقمەنلىك بىلەن ئوقۇپ لەززەت ئالدىم.

دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىياسىيقانۇن مەھكىمىسىدىكى يولداش دوڭ ۋۇنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپئادىتىگە ھەقىقىي تۈردە ھۆرمەت قىلىش كېرەك» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپئادىتىگە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ماقالىدىكى «مىللىي ئۆرپئادەتكە ھۆرمەت قىلغانلىق  مىللەتنى ھۆرمەت قىلغانلىق» دېگەن جۈملىگە سېلىشتۇرۇپ، بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلاندىم. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىزچىل تۈردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى يېڭى جۇڭگو مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، نۇرغۇن كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر يۈرۈش قائىدەقانۇن ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆرپئادىتىنى تېگىشلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلدى». لېكىن ئايرىم كىشىلەر، بولۇپمۇ قانۇنسىياسەتلەرنى ئۆگەنمەيدىغان ۋە بىلمەيدىغان قىسمەن رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆز خاھىشى بويىچە قاراپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپئادىتىگە دەخلىتەرۇز يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەسىلەن، ئالدىنقى يىلى مەلۇم بىر ناھىيىدىكى بىر ئىدارە باشلىقى بارلىق ئوقۇتقۇچىئوقۇغۇچىلارنى باش كىيىمسىز (يالاڭۋاشتاق) يۈرۈشكە پەرمان قىلغان. ئۇنىڭ پەرمانى شۇ ھامان ئىجرا قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئورۇننىڭ رەھبىرى ئاممىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن كېلىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلغاندا، ھېلىقى ئادەم «مەدەنىي بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ گەپنى دېگەنىدىم، تۆۋەندىكىلەركېڭەيتىۋېتىپتۇ» دەپ ئىللەتنى تۆۋەندىكىلەرگە ئىتتىرىپ قويغان  گەرچە بۇ مەسىلە شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە تۈزىتىلگەن بولسىمۇ، جاراھەتلەنگەن جايدا تارتۇق ئىزى قالغاندەك، ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرى ھازىرغىچە سۆرىلىپ كەلمەكتە.

قازاق مىللىتىدىن چىققان يازغۇچى ئەكبەر مىجىتنىڭ «ۋاڭ مېڭ ۋە ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ 1963-يىلى ئائىلىسى بىلەن بېيجىڭدىن شىنجاڭغا، كېيىن ئىلىنىڭ بايانداي دېگەن يېرىگە كېلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن بىرگە ياشاپ، ئۇيغۇر تىليېزىقىنى ئەسەبىيلەرچە قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئالغانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر يېزىقىدا ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرىغا دەرس بەرگەنلىكى؛ ئۇيغۇرچە تىليېزىقتىكى شېئىر، ھېكايە، رومانلارنى ئوقۇپ، ئاخىرىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى بولۇپ يېتىلگەنلىكى تەسىرلىك سۆزئىبارىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا «شۇ چاغدا ۋاڭ مېڭ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىلنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى، ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىشنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلەش، ئاڭلاش، ئوقۇش ۋە يېزىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى» دەپ يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەرگەن. مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم، پەخىرلەندىم. ئەمما ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىمەيۋاتقان، بۇزۇۋاتقان، ئىملانىمۇ توغرا بىلمەيدىغان كىشىلەردىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.

نۆۋىتى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاخباراتتەشۋىقات ئورگانلىرى ئۈچ سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان «ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون» دېگەن تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسىدىكى «ئۇچرىغان» دېگەن بىر سۆزنى چىقىرىۋېتىپ، «ئاپەت رايونى» دەپ ئاتاۋاتىدۇ. بۇ قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنى گرامماتېكىلىق تۈزۈلۈش ۋە لوگىكىلىق مەنە جەھەتتىن ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايمىز. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئىشلاردا ھەممەيلەن ئۆز تىلىمىزنى قوغداش، ئاسراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

 قاغىلىق ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن: ئىدرىس قادىر

 

مەن «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 6-سانىغا بېسىلغان بارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىققاندىن باشقا، بۇ سان ژۇرنالدىكى ئۆمەرجان سىدىق ئەپەندىنىڭ «بەرگەن ۋەدىمىز ۋەدە»، ماخمۇت مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ «ئانىلىرى ۋە بالىلىرى»، ئەنۋەر مەتسەيدى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا تازىلىق»، قۇربان داۋۇت شاھىدى ئەپەندىنىڭ «كۈلكىسىدە كۆكلىسۇن بالىلار » ناملىق ماقالىلىرىنى ھەمدە ئادىل مەتنىياز ئەپەندىنىڭ «خەقلەر نېمە دەيدۇ؟» ناملىق ھېكايىسىنى قايتاقايتا ئوقۇپ چىقىپ، بۇ سان ژۇرنالدا مىللىتىمىزنىڭ پسىخىك روھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ماقالەئەسەرلەرنى تاللاپ بېرىشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مۇنداق ماقالەئەسەرلەرنىڭ بېرىلىشى مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىنى تونۇۋېلىشىغا پايدىلىق؛ ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئىلغارلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، ناچار، قالاق پسىخىك ھادىسىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىدە رولى چوڭ. چۈنكى ئۇزاق مۇساپىلىق روھىيىتىمىزدە جەۋھەرلەرمۇ، شاكاللارمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بىز بۇلارغا بەزىدە زەن قويۇپ، بەزىدە سېزىپ، بەزىدە سەزمەي، ھېس قىلماي، سەزسەكمۇ ئانچە جىددىي قارىماي كەلدۇق ياكى كۆپ چاغلاردا مادارا قىلىپ، ئەپۇ قىلىپ كەلدۇق.

نۆۋەتتىكى كەسكىن رىقابەت ۋە تەرەققىيات تەلىپى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ۋۇجۇدىمىزدىكى جەۋھەرلەرنى تېخىمۇ چاقنىتىپنۇرلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆرنەك قىلىپ، خۇنۈكلۈكنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئىخچام، مەزمۇنى چوڭقۇر ماقالەئەسەرلەرنى تەقدىم قىلغان تىرىشچان مۇئەللىپلەرگە ۋە بۇ ماقالەئەسەرلەرنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقلىنىشىغا تاللاپ سۇنۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن مۇھەررىرلەرگە تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىگە، مېھنەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

 ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1ئوتتۇرا مەكتەپتىن: ئابدۇقادىر ھەسەن خالىس

 

2003-يىللىق 6-سان ژۇرنالدىكى قۇربان داۋۇت شاھىدىنىڭ «كۈلكىسىدە كۆكلىسۇن بالىلار» ناملىق ماقالىسىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ئالاھىدە ۋە ئۆزگىچە بولدى. مەن بۇ ماقالىنى قايتاقايتا ئوقۇپ چىقتىم. ھەتتا مۇۋاپىق ۋاقىتلىرىمدا ئوقۇتقۇچى كەسىپداشلىرىمغىمۇ ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ماقالە ھەققىدىكى خىلمۇخىل ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىدىم.

ماقالىدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئىنچىكە كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە مول بىلىمى، ئوقۇتقۇچىلىق تەجرىبىسى، مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلاش ئەقىدىسى، كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئاچچىق رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بارلىق «روھ ئىنژېنېرلىرى»غا ۋەزنى ئېغىر بىرقاتار سوئاللارنى قويۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئەمگىكى توغرىسىدا سەۋرچانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشقا چاقىرغان. ئوقۇتقۇچىلارغا بالىلارنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا چۆكۈپ بېقىشنى؛ بالىلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس دەردلىرىنى بايقاپ دەرمان بولۇشنى؛ بالىلارغا چىن، سەمىمىي، ئىنسانىي خىسلەتلەرنى تەقدىم قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

تولىمۇ ئاچچىق رېئاللىق شۇكى، مەكتەپلىرىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇستازشاگىرتلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ، ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەسلىدە، بالىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار باراۋەرلىك ئاساسىدىكى تەلىمتەربىيە ئوبيېكتلىرى ئىدى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەرگىزمۇ باشقۇرغۇچى، باشقۇرۇلغۇچى؛ بويسۇندۇرغۇچى، بويسۇندۇرۇلغۇچى؛ ۋەزىپە تاپشۇرغۇچى، ئىجرا قىلغۇچى  ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلار  تەربىيىلىگۈچى، ئوقۇغۇچىلار  تەربىيىلەنگۈچى ئىدى. ماقالىدىكى بىر قاتار مۇلاھىزە، مىساللار كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بۇ ماقالە ماڭا چەكسىز كۈچمادار، جاسارەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.

مېنىڭمۇ تەكىتلەيدىغىنىم: بالىلارنى چىن، ئىنسانىي خىسلىتىمىز بىلەن سۆيەيلى. ئۇلار پاراسەتلىك، جۇشقۇن، جەسۇر ئەۋلاد بولۇپ يېتىلسۇن!

 كۇچار ناھىيە چىمەن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن:ھوشۇر ھۈسەيىن

 

بۇ يىل مەن 30 ياشقا كىردىم. بۇ مېنىڭ نەۋقىران چېغىم، ئۆزگىلەرگە مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىدىغان پەسلىم! مۇشۇ ئالتۇن پەسلىمدە مېنى ئالغا ئۈندىگەن، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتكەن «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا ئالاھىدە رەھمەتتەشەككۈر بىلدۈرىمەن!

كىتاب ئوقۇشنى، يېزىشنى باشلىغان 13 يىلدىن بۇيان، بۇ ژۇرنال ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. دۇنيانى، جەمئىيەتنى، مىللەتنى چۈشىنىشىمگە، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك بىلىم قۇرۇلما ھاسىل قىلىشىمغا پۇختا ئاساس ھازىرلاپ بەردى. مەزكۇر ژۇرنالنى ئۆزۈمگە دوست تۇتقان 13 يىلدىن بۇيان، مېنىڭدە 78 سان ژۇرنال تولۇق ۋە يېڭى پېتىچە ساقلاقلىق تۇرۇپتۇ. مەن ئۈچۈن ھەربىر سان ژۇرنال يېڭى بىر دۇنيا! ئۆزۈمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنى، تىرىشچان ئاپتورى، قەدىرلەپ ساقلىغۇچىسى بولۇپ قېلىشىغا ئىشەنچىم كامىل! ھەتتا مۇشۇ ژۇرنالنى بايلىق سۈپىتىدە بالىلىرىمغا سوۋغا قىلىمەن! چۈنكى مۇشۇ ژۇرنال قولۇمدا بولغىنى ئۈچۈنلا، مەن يىراق سەھرا قوينىدىمۇ، شەھەرلىك زىيالىيلار بىلەن بەسمۇنازىرە قىلىشالايمەن؛ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىپ، ۋەزىيەتنى، جەمئىيەتنى چۈشىنەلەيمەن.

قىسقىسى، مېنىڭ ئايرىلماس سىردىشىم بولغان مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەيمەن!

 يوپۇرغا ناھىيە تېرىم يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتتىن: تۇرغۇنجان ئابلا تېرىمى


  : wDn40'" _ykyc'W'f Do]E)f


nurdiyar@21cn.,com     . (r)3 'QydyjDoF wDyd3)ddyf nZ`n6 zWnWnl NydyW i%u" &CDn3 zjD)cD)H)"

CopyRight 2004-2006 Seltenet.com All Rights Reserved. Designed by seltenet studio. thanks