ھاياتلىقتا
چاكىنىلىقنى
رەت قىلىڭ
‹ئادەم
ھاياتلا
بولىدىكەن،
ئۈزلۈكسىز
رەۋىشتىكى
چاكىنىلىشىش
جەريانىنى
باشتىن
كەچۈرۈپ
تۇرىدۇ›
دېگەن
سۆزنى
ئۆزۈم
دېگەنىدىم.
بۇنداق
دېسەم،
ھەممەيلەن
ئەجەبلىنىپ
كېتىشكەنىدى.
كېيىنچە
ئىنچىكە
ئويلىنىپ
باقسام،
بۇنىڭ
ھېچقانداق
ئەجەبلەنگۈدەك
مەسىلە
ئەمەسلىكىنى
ھېس
قىلىپلا
قالماي،
بۇنى
ئىسپاتلايدىغان
نۇرغۇن
سەۋەبلەرنىمۇ
تېپىپ
چىقالىدىم.
ئۆزىمىز
ھەققىدە
ئويلىنىپ
باقساملا،
ئەھۋال
شۇنداق
ئىكەن:
كىچىك
چاغلىرىمىزدا
قەلبىمىز
تولىمۇ كەڭ
ئىدى، چوڭ
بولغاندىن
كېيىن
دۇنيانىڭ
ناھايىتى
كىچىكلىكىنى
ھېس
قىلدۇق؛
كىچىك
چاغلىرىمىزدا
تەسەۋۋۇرىمىز
چەكسىز
ئىدى، چوڭ
بولغاندىن
كېيىن
رەھبەرلەر
ۋە
خوجايىنلارنىڭلا
گېپىنى
ئۇقالايدىغان
بولدۇق؛
كىچىك
ۋاقتىمىزدا
ئاتائانىمىز
ۋە
قەھرىمانلارغىلا
چوقۇناتتۇق،
چوڭ
بولغاندىن
كېيىن
ھوقۇق ۋە
پۇلغا
چوقۇنىدىغان
بولدۇق؛
كىچىك
چاغلىرىمىزدا
كۆڭۈل
كەيپىياتىمىزغا
بېقىپ
يىغلاپ
ئىچقارنىمىزنى
بوشىتىۋالالايتتۇق،
چوڭ
بولغاندىن
كېيىن
ئېھتىياجغا
قاراپ
ئېسەدەيدىغان
بولدۇق؛
كىچىك
ۋاقتىمىزدا
ئىشلار
ھەققىدە
ئويلاپ
باقاتتۇق،
چوڭ
بولغاندىن
كېيىن
ئادەملەر
ھەققىدە
ئويلىنىدىغان
بولۇپ
قالدۇق؛
كىچىك
ۋاقتىمىزدا
تەبىئەتنى
قىزغىن
سۆيەتتۇق،
چوڭ
بولغاندىن
كېيىن
كىچىككىنە
ھۇجرىغىلا
مەپتۇن
بولىدىغان
بولدۇق؛
كىچىك
چاغلىرىمىزدا
تۇرمۇشقا
تەلپۈنەتتۇق،
چوڭ
بولغاندىن
كېيىن جان
بېقىپ
ئۆتۈشنىڭلا
كويىدا
بولىدىغان
بولدۇق؛
كىچىك
چاغلىرىمىزدا
غايە ھەم
كۈرەش
نىشانىمىز
بار ئىدى،
چوڭ
بولغاندىن
كېيىن
بارلىق
ئارزۇئارمانلىرىمىز
بۇيۇملىشىپ
كەتتى،
ھەتتا
ھەقىقىتىمىزمۇ
«بىرگە
بىرنى
قوشسا ئۈچ
بولىدۇ»
دەيدىغان
خاتا
يەكۈنگە
ئۆزگىرىپلا
كەتتى.
قانچە
ئېگىز
ئۇچقانسېرى،
بىز
كۆرۈۋاتقان
شەيئىلەر
شۇنچە
زورىيىپ
غۇۋالىشىپ
كەتتى؛
ماڭغانتۇرغان
يېرىمىز
كۆپ
بولغانسېرى،
قەلبىمىزدىكى
تورلار
شۇنچە
زىچلىشىپ
كەتتى ۋە
شۇنچە
ئۇششاقلاپ
كەتتى؛
بىلىمىمىز
قانچە
كەسىپلەشكەنسېرى،
تەدبىرلىرىمىز
شۇنچە
قېلىپلىشىپ
كەتتى ۋە
شۇنچە
مېخانىكىلىشىپ
كەتتى؛
كەچمىشلىرىمىز
مول
بولغانسېرى،
ئىدىيىمىز
شۇنچە
سىرلىقلىشىپ،
بارغانسېرى
ئۆزىمىزنىڭ
گېپىنىمۇ
دېيەلمەيدىغان
بولۇپ
قالدۇق.
چى
لىنىڭ بىر
پارچە
ماقالىسىنى
ئوقۇغانىدىم.
ئۇنىڭدا: «كىشىلىك
ھاياتنىڭ
ھېچقانداق
ئەھمىيىتى
يوق. ئەمما
ئادەم
ياشىغانىكەن،
چوقۇم
كىشىلىك
ھاياتقا
مەنە ئاتا
قىلىشى
كېرەك»
دېيىلگەن.
بۇ تولىمۇ
ئەھمىيەتلىك
سۆز بولغان.
كىشىلىك
ھاياتنى
چاكىنىلاشتۇرۇپ
قويماسلىقىمىز
ئۈچۈن،
تۇرمۇشىمىزغا
نىشان،
ھاياتىمىزغا
غايە ئاتا
قىلىشىمىز
لازىم.
تۇرمۇشىمىزنى
شېئىرىي
تۈسكە ئىگە
بولسۇن
دېسەك،
تۇرمۇشىمىزنى
قىزىقارلىقراق
قىلايلى؛
تۇرمۇشىمىزنى
تەملىكرەك،
تەسەۋۋۇرغا
بايراق،
ئۆزگىرىشچانراق،
ئىنتىلىشچانراق
قىلايلى.
نۇرغۇنلىغان
چاكىنا ۋە
تېتىقسىز
ئىشلار
بىزنى
بارغانسېرى
چاكىنىلاشتۇرۇپ
ۋە
تېتىقسىزلاشتۇرۇپ
قويماقتا.
بىزدىكى
چاكىنىلىق
ۋە
تېتىقسىزلىقلارنىڭ
دەستىدىن
مول
مەزمۇنلۇق
ۋە جانلىق
بولغان
نىنى
ئىشلىرىمىزمۇ
چاكىنىلىشىپ
كەتتى ۋە
تېتىقسىزلىشىپ
كەتتى.
نېمە
ئۈچۈن
شۇنداق
بولۇپ
كېتىدۇ؟
مېنىڭچە،
بۇنىڭ
سەۋەبلىرى
بەلكىم
قەلبىمىزنىڭ
نۇرسىزلىقى،
ۋۇجۇدىمىزدا
مۇھەببەت
بولمىغانلىقىدىن
بولسا
كېرەك.
بىز
قەلبىمىزدىكى
ياخشىلىقنى
ئەمەس،
بەلكى
باشقىلارنىڭ
قانداق
قارىشىنى
ئۆلچەم
قىلىۋاتىمىز؛
چىن
قەلبىمىزدىكى
تەسىراتىمىزنى
ئەمەس،
بەلكى ساپ
ماددىي
نەرسىلەرنى
ئۆلچىگۈچ
قىلىۋاتىمىز؛
بىز
ئۆتۈپ
كەتكەن
ئىشلارنىڭ
جەريانىنى
ئەسلەشنى
ئەمەس،
بەلكى
مەقسەتكە
تېزلىكتە
يېتىۋېلىشنى
خۇشاللىق
دەپ
بىلىۋاتىمىز.
بىز
چاكىنىلىقنى
رەت
قىلىشىمىز
كېرەك.
ياشاشنىڭ
ئۆزى
سەۋەبتۇر،
ئەمما بىز
قانداق
ياشاشنى
جەزمەن
ئۆگىنىۋېلىشىمىز
كېرەك.
تاشلىۋېتىشنىڭ
ئۆزى
خۇشاللىق.
ۋەھالەنكى،
بىز قانداق
چاغدا
ھېرىسمەن
بولۇشنىمۇ
بىلىشىمىز
كېرەك.
ياشلىق
ئادەمگە
باقىمەندە
ئەمەس،
قېرىغاندا
قەيسەر
بولۇشمۇ
ئاسان
ئەمەس،
چېكىنىپ
پۇچەكلىشىپ
كېتىشتىن،
چاكىنىلىقتىن
قۇتۇلۇش
ئۈچۈن،
ئادەمنىڭ
قەلبىدە
نۇر چاقناپ
تۇرۇشى،
ۋۇجۇدىدا
مۇھەببەت
بولۇشى
كېرەك.
ئادەمنىڭ
قەلبىدە
نۇر چاقناپ
تۇرسا،
ئېتىقاد
ئاسمىنى
پارلاق
بولىدۇ،
كىشىلىك
ھايات
تۈنلىرىمۇ
پاك ۋە
سۈزۈك
بولىدۇ؛
ۋۇجۇدىدا
سۆيگۈ
بولسا،
ئۆلۈپ
كەتكەن
جانلارمۇ
ئويناقشىپ
بىز بىلەن
ئورتاق
شادلىنىدۇ.
بىز ۋاقىت
بىلەن
مۇھەببەتلىشىمىز،
ھالبۇكى
قوغلىشىش
مەڭگۈ
خورىماستۇر.
(تاللانغان
فېليەتونلار
ژۇرنىلى»دىن
ئۆمەرجان
ھەسەن
بوزقىر
تەرجىمە
قىلدى)
|