بايرامئالىدىكى
ئۇيغۇرلار
مۇھەررىر
ئىلاۋىسى:
مەزكۇر
ماقالە
مەركىزىي
مىللەتلەر
ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ
تۈركىي تىل
ئەدەبىيات
دوكتورى
مۇنەۋۋەر
ھەبىبۇللانىڭ
3002يىل
ئۆكتەبىردە
بېيجىڭدا
چاقىرىلغان
«جۇڭگو
ئۇيغۇر
تارىخ،
مەدەنىيەت
تەتقىقاتى ئىلمىي
جەمئىيىتى 3نۆۋەتلىك
مۇھاكىمە
يىغىنى»دا
ئوقۇغان
ئىلمىي
ماقالىسى
ھەم شۇ
نۆۋەتلىك
يىغىندا
مۇنەۋۋەر
ئىلمىي
ماقالە
بولۇپ
باھالىنىپ،
مۇكاپاتلانغان
ئون پارچە
ماقالىنىڭ
بىرى.
ئاپتور
تۈركىي تىل
ئەدەبىياتى
ساھەسىدىكى
نوپۇزلۇق
ئالىم
بولۇش
سۈپىتى
بىلەن «بايرامئالىدىكى
ئۇيغۇرلار»
ناملىق بۇ
ماقالىسىنى
1991-،1997-، 1998- ۋە 2001-يىللاردا
كۆپ قېتىم
تۈركمەنىستانغا
بېرىپ تىل
تەتقىقاتى،
ئوقۇتۇش
تەتقىقاتى،
خەلقئارالىق
ئىلمىي
مۇھاكىمە
يىغىنلىرى
قاتارلىق
ئىلمىي
پائالىيەتلەردە
بولۇش
جەريانىدا،
تۈركمەنىستان
جۇمھۇرىيىتىنىڭ
بايرامئالى
شەھىرى
قاتارلىق
جايلاردا
ياشايدىغان
ئۇيغۇر
قېرىنداشلىرى
بىلەن
ئۇچرىشىپ،
تەكشۈرۈش
ئېلىپ
بېرىش
ئارقىلىق
يازغان. بۇ
ماقالىدە
تۈركمەنىستان
جۇمھۇرىيىتىنىڭ
مورغاپ
دەريا
ۋادىسىدا
ياشاۋاتقان
ئۇيغۇر
قېرىنداشلارنىڭ
يەتتەسۇ
ۋادىسىدىن
كۆچۈپ
بېرىشنىڭ
سەۋەبلىرى،
ئۇلارنىڭ
كەچۈرمىشلىرى
ۋە ھازىرقى
ئەھۋالى
قىسقىچە
تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئوقۇرمەنلىرىمىزنى
شۇ يەردە
ياشايدىغان
ئۇيغۇر
قېرىنداشلارنىڭ
ئەھۋالىدىن
خەۋەردار
قىلىش
ئۈمىدى
بىلەن، بۇ
ماقالىنى
ئېلان
قىلدۇق.
ئاپتورلىرىمىزنىڭ
دۇنيانىڭ
ھەرقايسى
جايلىرىدا
ياشاۋاتقان
ئۇيغۇرلار
ھەققىدە
يېزىلغان
نادىر
ئەسەرلىرىنى
داۋاملىق
ئەۋەتىپ
تۇرۇشىنى
ئۈمىد
قىلىمىز.
يەتتەسۇ
ۋادىسىدا
ياشايدىغان
2000 دىن
ئارتۇق
ئۇيغۇر
بۇنىڭدىن
يۈزنەچچە
يىل
ئىلگىرى
مورغاپ
دەرياسى
ۋادىسىغا
كۆچۈپ
بارغان.
مورغاپ
دەرياسى
تۈركمەنىستان
جۇمھۇرىيىتىنىڭ
جەنۇبىدىكى
ئەڭ چوڭ
دەريانىڭ
بىرى ئىدى.
تارىختا
يىپەك يولى
ئارقىلىق
قەدىمكى
مىسىر،
بابىل،
پېرسىيە،
كاۋكاز ۋە
يىراق
شەرقنىڭ
ھەرقايسى
جايلىرىنى
ئۆزئارا
تۇتاشتۇرۇپ
تۇرىدىغان
قەدىمكى
مەشھۇر
شەھەر «مەرۋى»
ئەنە شۇ
مورغاپ
دەرياسى
ۋادىسىدا
گۈللەپ،
تەرەققىي
قىلغان. 2500
يىلدىن
كۆپرەك
تارىخقا
ئىگە بۇ
قەدىمىي
شەھەر
مىلادىدىن
ئىلگىرىكى 7-ئەسىردىن
باشلاپلا
ئىنسانلار
ئولتۇراقلاشقان
جايلارنىڭ
بىرى بولۇپ
كەلگەنىدى.
كېيىنچە،
مورغاپ
دەرياسىدا
سۇنىڭ
ئازلاپ
كېتىشى
بىلەن،
جىلغىلار
قاغجىراپ،
ئېكىنزارلىق
ۋە
باغۋارانلىقلار
قۇملىشىپ
كەتكەن.
تاكى 19-ئەسىرنىڭ
ئاخىرلىرىغا
قەدەر
چارپادىشاھ
بۇ يەرنى
ئۆزىنىڭ
خۇسۇسىي
زېمىنى
سۈپىتىدە
باشقۇرۇپ
كەلگەن
بولۇپ،
مورغاپ
دەرياسىدىن
سۇ چىقىرىپ
دېھقانچىلىق
قىلىش
مەقسىتىدە،
2000 دىن
ئارتۇق
ئۇيغۇر
دېھقاننى
بۇ يەرگە
كۆچۈرۈپ
كەلگەن.
شۇنىڭدىن
ئېتىۋارەن
مورغاپ
جىلغىسىنىڭ
ئىككىنچى
قېتىملىق
ھاياتى
باشلانغان.
***
تۈركمەنىستاندىكى
ئۇيغۇرلار
ئاساسلىقى
مورغاپ
دەريا
جىلغىسىدىكى
بايرامئالى،
مېرۋ،
يۇرتان ۋە
باشقا
رايونلاردا
ئولتۇراقلاشقان.
1990-يىلدىكى
ستاتىستىكىدىن
قارىغاندا،
يۇقىرىقى
جايلاردا 250
ئۆيلۈك
ئۇيغۇر، 1392
نوپۇس بار
بولۇپ،
ئۇلارنىڭ 90
پىرسەنتى
بايرامئالى
شەھىرىگە
توپلانغان.
ئۇ
يەرلەردە
ياشاۋاتقان
ئۇيغۇرلارنىڭ
نوپۇسى ئاز
بولسىمۇ،
يەنىلا
ئۆزلىرىنىڭ
ئانا
تىلىنى ۋە
ئەنئەنىۋى
ئۆرپئادەتلىرىنى
ساقلاپ،
ئۆز
تارىخىنى
داۋاملاشتۇرۇپ
كەلگەن.
بايرامئالىدىكى
ئۇيغۇرلارغا
مۇناسىۋەتلىك
خەۋەر
دەسلەپتە،
1960-يىللارنىڭ
باشلىرىدا
«كوممۇنىزم
تۇغى»
گېزىتىدە
بېرىلگەن. 1962-يىلى
تاشكەنت
ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ
دوتسېنتى
نىكىراسكايا
تەكشۈرۈش
ئېلىپ
بېرىپ،
ئۇيغۇرلارغا
مۇناسىۋەتلىك
بىرنەچچە
پارچە
ماقالە
ئېلان
قىلغان. 1963-يىلى
قازاقىستان
پەنلەر
ئاكادېمىيىسى
ئۇيغۇرشۇناسلىق
تەتقىقات
ئورنىنىڭ
مەسئۇلى
سەئىدۋاققاسوف
بايرامئالىدىكى
ئۇيغۇرلار
توغرىسىدا
تەكشۈرۈش
ئېلىپ
بارغان. 1961-، 1964-يىللىرى
ئارىلىقىدا
ئېسيوپ
بايرامئالىدىكى
ئۇيغۇرلارنىڭ
تارىخى ۋە
ھازىرقى
ئەھۋالى
توغرىسىدا
تەكشۈرۈش
ئېلىپ
بارغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ
ئوتتۇرا
ئاسىياغا
كۆچۈشى
18-ئەسىرنىڭ
ئوتتۇرا ۋە
ئاخىرقى
باسقۇچلىرىدا
جەنۇبىي
شىنجاڭ
دېھقانلىرى
چىڭ
خاندانلىقى
ھۆكۈمرانلىرىنىڭ
زۇلۇمىغا
چىداپ
تۇرالماي
قوزغىلاڭ
كۆتۈرگەن.
دېھقانلار
قوزغىلىڭى
مەغلۇپ
بولۇپ،
ۋەھشىيانە
باستۇرۇلغاندىن
كېيىن،
جەنۇبىي
شىنجاڭدىكى
ئۇيغۇرلاردا
ئارقائارقىدىن
ئوتتۇرا
ئاسىيانىڭ
ھەرقايسى
جايلىرىغا
قېچىش
دولقۇنى
كۆتۈرۈلگەن.
مەسىلەن، 1830-يىلى
ئوتتۇرا
ئاسىيادىكى
قوقەند
خانلىقىغا
قېچىپ
بارغان
ئۇيغۇرلارنىڭ
سانى10
مىڭدىن 12
مىڭغىچە
بولغان؛ شۇ
يىلنىڭ
ئاخىرىغىچە
يەنە 70 مىڭ
ئادەم
كۆچۈپ
كەلگەن. 1857-يىلى
جەنۇبىي
شىنجاڭ
تەۋەسىدىن 15
مىڭدىن 20
مىڭغىچە
ئۇيغۇر
ئاھالىسى
قوقەند
خانلىقى
تەۋەسىگە
قېچىپ
كېلىۋالغان.
تولۇقسىز
مەلۇماتلارغا
قارىغاندا،
18-ئەسىرنىڭ
ئاخىرى ۋە 19-ئەسىرنىڭ
باشلىرىدا
قەشقەردىن
ئوتتۇرا
ئاسىيا (ئاساسلىقى
پەرغانە
جىلغىسىغا
كەلگەن)غا
قېچىپ
بارغان
ئۇيغۇرلارنىڭ
سانى 85
مىڭدىن 120
مىڭغىچە
بولغان. 4881يىلى
ئىلى
تەۋەسىدىن
ۋېرنا (بۈگۈنكى
ئالمائاتا)
ئوبلاستىغا
45 مىڭ 373
ئۇيغۇر
قېچىپ
بارغان. 1881-يىلىدىن
1883-يىلىغىچە
يەتتەسۇ
ۋادىسىغا
كۆچكەن
ئۇيغۇرلار
ۋە
تۇڭگانلار
ئاساسلىقى
ياركەنت،
ئاقسۇ،
كەتمەن،
مەرۋى،
كورام،
قاراسۇ
پىشپەك (بېشكەك)
قاتارلىق
جايلاردا
ئولتۇراقلاشقان
بولسا،
يەنە بىر
قىسىم
ئۇيغۇرلار
سىر دەريا
ئوبلاستىغا
تەۋە
جامبۇل،
پەرغانە
ئوبلاستىغا
تەۋە ئوش
قاتارلىق
جايلاردا
ئولتۇراقلاشقان.
ئەينى
چاغدا
ئۇلارنىڭ
كۆپ قىسمى
ھاممال،
ھارۋىكەش (مەپىچى)،
كاھىشچىلىق
(خۇمدانچىلىق)
قاتارلىق
ئېغىر
جىسمانىي
ئەمگەكلەرگە
تايىنىپ
كۈن
كەچۈرگەن.
شىنجاڭ
تەۋەسىدىن
ئوتتۇرا
ئاسىياغا
كۆچكەن
ئۇيغۇرلارنىڭ
سانى 20-ئەسىرنىڭ
باشلىرىدا 194
مىڭدىن 215
مىڭغىچە
بولۇپ
ستاتىستىكىلانغان.
ئۇلار
ئوتتۇرا
ئاسىياغا
قېچىش
جەريانىدا
ئازابئوقۇبەتلەرنى
كۆپ
تارتقان،
نۇرغۇن
كىشىلەر
ئاچلىق ۋە
سوغۇق
دەستىدىن
يول
ئۈستىدە
ئۆلۈپ
كەتكەن.
ئاشۇ
كۆچمەنلەر
ئۈچۈن بوز
يەر ئېچىپ،
ئۆزلىرىنىڭ
يېڭى
ھويلائاراملىرىنى
قۇرۇپ
چىقىش
تېخىمۇ
مۈشكۈل
بولغان.
بولۇپمۇ
يوقسۇل،
ئاجىز، ئۆي
سالغۇدەك
قۇربىتى
يوق
كەمبەغەللەر
نەچچە
يىللاپ
گەمىلەردە
ۋە
كەپىلەردە
يېتىپ كۈن
ئۆتكۈزگەن.
شۇ
چاغلاردا
چارپادىشاھنىڭ
ئۇلارغا
تەقسىملەپ
بەرگەن
يەرلىرىنىڭ
ھەممىسى
دېگۈدەك
ئۈنۈمسىز،
سۇ كەمچىل
بولغان چۆل
بولۇپ،
ئۇلار ئەنە
ئاشۇنداق
جاپالىق
شارائىتتىمۇ
قانتەر
ئاققۇزۇپ،
جاپالىق
ئىشلەش
ئارقىلىق،
ئاشۇ
پايانسىز
چۆلجەزىرىلەرنى
گۈزەل
ئېكىنزارلىققا
ئايلاندۇرغان.
چارپادىشاھنىڭ
ئۇيغۇرلارنى
كۆپلەپ
ئوتتۇرا
ئاسىياغا
كۆچۈرۈپ
كېلىشىمۇ
ئالدى
بىلەن ئۆز
مەنپەئەتىنى
ئويلاشتىن
بولغان.
بىرىنچىدىن،
ئۇلار
ئوتتۇرا
ئاسىياتۈركىستاندىكى
مۇسۇلمانلارنىڭ
ئالدىدا
مۇسۇلمانلارغا
ھېسداشلىق
قىلغۇچىلار
قىياپىتىگە
كىرىۋالغان.
ئىككىنچىدىن،
ئوتتۇرا
ئاسىياتۈركىستاندىكى
بوز يەر
ئاچقۇچىلارنىڭ
سانىنى
كۆپەيتىشنى
مەقسەت
قىلغان.
ئۈچىنچىدىن،
تەرەققىي
قىلىۋاتقان
روسىيە
سانائەت
كارخانىلىرى
ئۈچۈن
تېخىمۇ كۆپ
ئەرزان
باھالىق
ئەمگەك
كۈچلىرى
بىلەن
تەمىن
ئېتىشنى
مەقسەت
قىلغان.
ئوتتۇرا
ئاسىياغا
قېچىپ
بارغان
ئۇيغۇرلاردىن
باشقا، ئۇ
يەردىكى
ئۇيغۇرلار
ئارىسىدىكى
يەنە بىر
قىسىم
كىشىلەر
قەشقەردىن
ئوتتۇرا
ئاسىياغا
ئىشلەمچىلىككە
ۋە تىجارەت
قىلىشقا
كەلگەنلەر
بولۇپ،
كېيىنچە
ئۇلارمۇ
ئولتۇراقلىشىپ
قالغان. 19-ئەسىرنىڭ
90-يىللىرىغا
كەلگەندە
شىنجاڭ
تەۋەسىدىكى
ئۇيغۇرلاردىن
ئوتتۇرا
ئاسىياغا
كۆچىدىغانلارنىڭ
سانى
ئازىيىشقا
باشلىغان.
بايرامئالىغا
مۇساپىر
بولۇش
تارىخىي
ھۆججەتلەرگە
ئاساسلانغاندا،
مىلادى 1883-يىلى
تۈركمەنىستانلىق
يۈسۈپخان
بىلەن
ئۇنىڭ
ئانىسى
گۈلجامالخان
ساينت پېتېربۇرگقا
بېرىپ
چارپادىشاھقا
سوۋغات
تەقدىم
قىلغان. بۇ
ئىككىيلەن
شۇ قېتىم
بايرامئالى
شەھىرىنىمۇ
سوۋغات
سۈپىتىدە
چارپادىشاھنىڭ
قىزىغا
ھەدىيە
قىلغان.
شۇنىڭدىن
باشلاپ بۇ
يەر
چارپادىشاھنىڭ
خۇسۇسىي
زېمىنى
بولۇپ
قالغان. 1884-يىلى
مورغاپ
دەريا
ۋادىسى
روسىيە
ئىمپېرىيىسىگە
تەۋە
قىلىنغان.
ئىمپېراتۇر
ئالېكساندېر ۋە ئۇنىڭ
ئەمەلدارلىرى
بۇ يەردىن
پايدىلىنىپ
روسىيە
ئۈچۈن يېزا
ئىگىلىك
مەھسۇلاتلىرىنى،
ئاساسلىقى
پاختا
ئىشلەپچىقىرىش
پىلانىنى
تۈزۈشكەن.
چارروسىيە
دائىرلىرى
يەتتەسۇ
ۋادىسىنى
تەكشۈرۈش
ئارقىلىق،
ئۇيغۇرلارنىڭ
«دېھقانچىلىق
ۋە
باغۋەنچىلىك
ئىشلىرىغا
ماھىرلىقىغا
بۇ يەردىكى
ھېچقانداق
مىللەتنىڭ
يېتەلمەيدىغانلىقى»نى
بايقىغان.
شۇنىڭ
بىلەن 1890-يىلى
چارپادىشاھنىڭ
مورغاپ
ۋادىسىنى
ۋاكالىتەن
باشقۇرغۇچىسى
پولكوۋنىك
لودسوف
يەتتەسۇ
ۋادىسىدىن
بۇ يەرگە
بىر تۈركۈم
ئۇيغۇر
ئاھالىسىنى
كۆچۈرۈپ
كېلىش
لايىھىسىنى
ئوتتۇرىغا
قويۇپ،
پادىشاھنىڭ
ماقۇللۇقىنى
ئالغان.
1889-يىلى
باھاردا،
پولكوۋنىك
لودسوف
ۋېرنا (بۈگۈنكى
ئالمائاتا)غا
كېلىپ، شۇ
يەردىكى
ئۇيغۇرلارنىڭ
بايلىرىدىن
زەينىدىن
ئاخۇن،
ئىمىر
ھەمزە ۋە
نۇردۇنلار
بىلەن
ئۇچرىشىپ،
ئۇلارنى
سېتىۋالغان. بۇلارنىڭ
ئارىسىدىن
زەينىدىن
ئاخۇن
مورغاپ
ۋادىسىغا
بېرىپ
قايتىپ
كەلگەندىن
كېيىن، ئۆز
قېرىنداشلىرىنى
تۈركمەنىستانغا
كۆچۈپ
بېرىشقا
بارلىق
چارەئاماللار
بىلەن
رىغبەتلەندۈرگەن.
ھەتتا ئۇ
كىشىلەرنى
ئالداپ «مورغاپ
دەرياسىنىڭ
بويلىرى
بەئەينى
جەننەت
ئىكەن، ئۇ
يەردە خورمىلار
يىل بويى
مەي باغلاپ
پىشىپ
تۇرىدىكەن،
ئېگىزرەك
دۆڭ
ئۈستىگە
چىقىپ
قارىسىلا،
مەككىنى
كۆرگىلى
بولىدىكەن؛
ئەگەر
بېرىشنى
خالىساڭلار،
ھەممىڭلار
ھاجى
بولالايسىلەر»
دېگەن. مانا
شۇنىڭ
بىلەن
چارپادىشاھنىڭ
ئاھالە
كۆچۈرۈش
پىلانى
ئاسانلا
ئەمەلىيلەشكەن.
ئۇلار
پىلانلىرىنى
ئىجرا
قىلىشتا
تۈرلۈك
شەرتلەرنى
ئوتتۇرىغا
قويۇپ،
ئوتتۇرا
ئاسىياغا
ئەمدىلەتىن
كۆچۈپ
بارغان،
تېخى
تۈزۈكرەك
يەرلىشىپ
كېتەلمەيۋاتقانلارنى
مورغاپ
ۋادىسىغا
كۆپرەك
كۆچۈپ
بېرىشقا
قىزىقتۇرغان.
بىرىنچى
تۈركۈم
ئۇيغۇر
كۆچمەنلىرى
1890-يىلى
باھاردا
كاسپىي
دېڭىزى
قىرغىقىغا
قاراپ
كۆچۈش
سەپىرىگە
ئاتلانغان.
ئۇلار
جەمئىي 272
ئائىلىلىك،
1303 ئادەم (كۆپ
قىسمى
بويتاق
نەۋقىران
ياشلار)
بولۇپ،
ئالتە ئاي
يول يۈرۈپ
سەمەرقەنتكە
يېتىپ
كەلگەن.
ئۇلار
داۋاملىق
ئالغا
ئىلگىرىلەپ،
تاشكەنتكە
يېتىپ
كەلگەندە،
يەرلىك
كىشىلەر
ئۇلارنى
توسۇپ،
ئۇلارنىڭ
شۇ يەردە
تۇرۇپ
قېلىشىنى
ئۈمىد
قىلىدىغانلىقىنى
بىلدۈرۈشكەن
بولسىمۇ،
لېكىن
ئاچيالىڭاچ،
جۇلدۇر
كىپەن
ھالەتتىكى
بۇ كىشىلەر
بايرامئالىگە
بېرىش
ئىرادىسىدىن
يانماي،
مەككىنى
تاۋاپ
قىلىۋېلىشنى
بۇ يەردە
قېلىشتىن
ئەۋزەل
كۆرۈشكەن.
ئۇلار
بارار
جايىغا
يېتىپ
بېرىشقاندىلا،
ئەھۋالنى
كۆرۈپ،
لودسوفنىڭ
ئەرزان
باھالىق
ئەمگەكچىلەرگە
ئېرىشىش
ئۈچۈن
قۇرغان
قاپقىنىغا
دەسسىگەنلىكىنى
ئاندىن
بىلىپ
يېتىشكەن.
ئۇلارغا
بارغان جاي
پايانسىز
قۇملۇق
بولۇپ،
ئاچارچىلىق
ۋە تومۇز
ئىسسىقنىڭ
دەردىنى
يەتكۈچە
تارتىشقان.
ئۇلار شۇ
يەردە سۇ
ئامبىرى
ياساشقان،
ئۆستەڭ
قېزىپ سۇ
باشلىغان،
بوز يەر
ئېچىپ
دېھقانچىلىق
قىلغان.
خۇمداندا
خىش
پىشۇرۇپ
ئۆي سېلىپ،
ئۇيغۇرلارنىڭ
يېڭى بىر
يۇرتماكانىنى
بەرپا
قىلىشقا
كىرىشكەن.
مەسىلەن،
بايرامئالىدىكى
مەمەيۇزى،
دادامتۇ،
توققۇزتارا،
چاپچال دەپ
ئاتىلىدىغان
ئۇيغۇر
مەھەللىلىرى
ئەنە
شۇلارنىڭ
مىسالىدۇر.
يۈز
يىلدىن
كۆپرەك
ۋاقىتتىن
بېرى،
بايرام
ئالىدىكى
ئۇيغۇرلار
يەرلىكتىكى
باشقا
مىللەتلەر
بىلەن
بىرلىكتە
يۇرتماكانلىرىنى
قۇرۇش ۋە
قوغداش
ئۈچۈن زور
تۆھپىلەرنى
قوشقان.
مەسىلەن،
تۈركمەنىستاندىكى
ئەڭ چوڭ
قانال
بولغان
قاراقۇم
قانىلىنى
قېزىش
ۋەزىپىسىنى
ئاساسلىقى
ئۇيغۇرلار
زىممىسىگە
ئېلىپ
پۈتتۈرگەن.
قۇرۇلۇشنىڭ
باش
ئىنژېنېرلىقىنىمۇ
بايرامئالىدىكى
ئۇيغۇرلار
ئارىسىدىن
چىققان سۇ
ئىنشائاتلىرى
مۇتەخەسسىسى
مەمەتخان
غازىتوپ
ئۈستىگە
ئالغان.
سابىق
سوۋېت
ئىتتىپاقى
دەۋرىدىكى
ۋەتەننى
قوغداش
ئۇرۇشىغا
بايرامئالىدىكى
ئۇيغۇرلاردىن
150 نەۋقىران
يىگىت
قاتنىشىپ،
ئۇلاردىن 53
نەپىرى
ئۇرۇشتا
قۇربان
بولغان.
بايرامئالىدىكى
ئۇيغۇرلار
جاپالىق
شارائىت
ئاستىدا،
ئۆزلىرىنى
قۇدرەت
تاپقۇزۇش
ئۈچۈن،
پەنتېخنىكا
بىلىملىرىنى
تىرىشىپ
ئۆگەنگەن. 1990-يىللاردىكى
ستاتىستىكىدىن
قارىغاندا،
ئۇلاردىن 49
كىشى ئالىي
مەكتەپ، 73
كىشى
ئوتتۇرا
تېخنىكوم
مائارىپ
تەربىيىسىنى
ئالغان
بولۇپ،
ئۇلارنىڭ
ئىككى
نەپىرى
كاندىدات
دوكتورلۇق
ئۇنۋانى
ئالغان، 26
كىشى
ئىنژېنېرمۇتەخەسسىس
بولغان، 42
ئادەم
مائارىپ
خىزمىتى
بىلەن
شۇغۇللانغان،
ئۈچ ئادەم
ھۆكۈمەت
تارماقلىرىدا
مەمۇرىي
رەھبەرلىك
خىزمىتىنى
ئۆتىگەن.ئۇلاردىن
باشقا بىر
قىسىم
ئۇيغۇرلار
تېبابەتچىلىك
ۋە تىجارەت
ئىشلىرى
بىلەن
شۇغۇللانغان.
1919-يىلى
بايرامئالىدىكى
پېشقەدەم
مائارىپچى
مەرۇپ
مەمەتوف
يەرلىك
ھۆكۈمەتنىڭ
قوللىشى
ئارقىسىدا،
تۇنجى
قېتىم
يەتتە
يىللىق
ئوقۇش
تۈزۈمىدىكى
ئۇيغۇر
مەكتىپىنى
قۇرۇپ
چىققان.
تاكى 1937-يىلى
ستالىننىڭ
چەكلىشى
بىلەن
مەكتەپ
تاقالغانغا
قەدەر،
بايرامئالىدىكى
ئۇيغۇرلارنىڭ
كۆپ قىسمى
مەرۇپ
مەمەتوف
ئاچقان
مەكتەپتە
ئوقۇپ
كەلگەن.
مەكتەپ
تاقالغاندىن
كېيىن،
مەرۇپ
مەمەتوف
تاشكەنتكە
بېرىپ
داۋاملىق
بىلىم
ئاشۇرغان.
كېيىن ئۇ
ئىلگىرىئاخىر
بولۇپ
ئۆزبېكىستان
تاشقى
ئىشلار
مىنىستىرلىكىنىڭ
مىنىستىرى،
رادىئوتېلېۋىزىيە
كومىتېتىنىڭ
رەئىسى
قاتارلىق
ۋەزىپىلەرنى
ئۆتىگەن.
ئۇنىڭ ئۈچ
قىزى
ئايرىمئايرىم
ھالدا
تېببىي
پەنلەر
دوكتورى،
فىزىكا
ئىلمى
كاندىدات
دوكتورى،
تارىخ
پەنلىرى
دوكتورى
بولۇپ،
مەرۇپ
مەمەتوفنىڭ
ئائىلىسى
بايرامئالىدىكى
ئۇيغۇرلارنىڭ
پەخرى
بولۇپ
قالغان.
1990-يىلى
4-ئايدا
بايرامئالى
شەھىرىدە
داغدۇغىلىق
مەرىكە
ئۆتكۈزۈلۈپ،
ئۇيغۇرلارنىڭ
بايرامئالىغا
كۆچۈپ
كەلگەنلىكىنىڭ
100 يىللىقى
خاتىرىلەنگەن.
شۇ قېتىم
قازاقىستان،
ئۆزبېكىستان،
قىرغىزىستانلاردىكى
ئۇيغۇر
مەدەنىيەت
ئۇيۇشمىلىرىنىڭ
مەسئۇللىرى
ۋە
دۇنيانىڭ
ھەرقايسى
جايلىرىدىن
كەلگەن
ئۇيغۇر
ۋەكىللىرى
بايرامئالىغا
كېلىپ
مۇراسىمىغا
قاتنىشىپ،
بايرامئالىدىكى
قېرىنداشلىرى
بېسىپ
ئۆتكەن بىر
ئەسىردىن
كۆپرەك
جاپالىق
تارىخىي
كەچۈرمىشلەرنىڭ
ئەسلىمىسىگە
داخىل
بولغان.
(يولۋاس
مۇھەممەتئىمىن
تەرجىمە
قىلدى)
|